altigin يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 01:23 
بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامرىكىيۇ ئافرىقىدا
سەرىپ ئىتىپ ...
ئانا تىل
قۇتلۇق شەۋقىي
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
بۇئانا تىل بولسا گەر ئامرىكايۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.