يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 583|ئىنكاس: 1

يېڭى دەۋردىكى ئائىلە تەربىيە مەسلىسى ئۈستىدە ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى دەۋردىكى ئائىلە تەربىيە مەسلىسى ئۈستىدە ئويلىنىش

دىڭ زېچاڭ، سۈن يۆخوڭ

پاتىگۈل ساۋۇت تەرجىمىسى

ئائىلە تەربىيسى مەڭگۈلۈك تېما، شۇنداقلا مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئائىلە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بۆشۈك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈپ يېتىلىش، دەسلەپكى قەدەمدە بىلىم ئىقتىدار ئىگەللەش، بولۇپمۇ ئەخلاقى-پەزىلەت، ئادەت ۋە خاسلىق يىتلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئائىلىنىڭ ئىلھامى ۋە تەربىيسى بىلەن ئىلىپ بىرىلىدۇ.بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ جەميەتكە قەدەم قويغۇچە، كۆپ قىسىم ۋاقتى ئائىلىدە ئۆتىدۇ، جەميەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىنمۇ، ئائىلنىڭ تەسىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئائىلە تەربىيسىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور، ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىككە ۋە سىجىللىققا ئىگە ئۆمۈرلۈك تەربىيە. ئادەم تەربىيسى چوڭ جەھەتتىن، ئائىلە تەربىيسى، مەكتەپ تەربىيسى ۋە جەمئيەت تەربىيسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈچىدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ،بىراق ئائىلە تەربىيسى مەكتەپ ۋە جەميەتكە قەدەم قويۇشتىن ئىلگىركى تەربىيە بولغانلىقتىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئوبىكتىپ ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئائىلە قارىشى، تەربىيلەش ئۇسۇلى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئائىلە تەربىيسىدە ئىنتايىن زور پەرق مەۋجۇت. گەرچە ئائىلىلەردەبالىنىڭ تەربىيلىنىشىگە سلىنىدىغان مەبلەغ ئائىلە كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىسىمۇ، بۇ خىل ماددى جەھەتتىن سىلىنغان مەبلەغنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ئاز بولغانلىقتىن، ئائىلە تەربىيسىگە نىسبەتەن خاتا قاراشلار پەيدا بولماقتا.
بىرىنچى، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى
قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلە تەربىيسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىلىق مائارىپشۇناس سۇخۇمىلىنىسكى مۇنداق دىگەن: « مائارىپنىڭ ئۈنۈمى مەكتەپ ۋە ئائىلە تەسىرىنىڭ بىردەكلىكىگە باغلىق، ئەگەر بۇ بىردەكلىك ئىشقا ئاشۇرۇلمىسا، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى ۋە تەربىيە جەريانى قەغەزدىن ياسالغان ئۆيگە ئوخشاش ئۆرۈلۈپ كىتىدۇ.» بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئائىلە تەربىيسى باشقا تەربىيە شەكىللىرى ئىچىدە ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئائىلە تەربىيسى مەكتەپ تەربىيسى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كىرەك. كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئائىلە تەربىيسى ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا قىلغان تەربىيسىنىڭ تەسىرى،شۇنداقلا مەدەنىيەت، پىسخىكا، تىل، مۇھىت قاتارلىق ئۇنۋىرسال ئامىللارنىڭ بالىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولۇپ، ئاساس خاراكتىلىككە، ئۇزاق مۇددەتلىككە، تەسىر كۆرسىتىشچانلىققا ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە.ئائىلە تەربىيسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردىكى مەزمۇنى ئوخشاش ئەمەس، مەسىلەن: بالىلىق دەۋىردىكى ئائىلە تەربىيىسى بالىدا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى، ھەركەت ئادىتى ۋە ئۆگىنىش ئادىتى يىتلدۈرۈشنى كۆرسەتسە، ياشلىق دەۋىردىكى ئائىلە تەربىيسى،ۋەتەننى سۆيۈش ئىددىيسى، مىھرىبانلىق، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، سەمىمى بولۇش، ۋەدىسىدە تۇرۇش قاتارلىق تىخىمۇ كۆپ بولغان ئەخلاقى تەربىيگە ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى، ئائىلە تەربىيەسىكى ناچار كۆز قاراشنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەھلىل
      ئائىلە تەربىيسى بىر ئادەمنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ياخشى بولغان ئەخلاق پەزىلەت يېتىلدۈرىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.مەملىكىتىمز ھازىر جەميەت ئۆزگىرۋاتقان ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۋاتقاچقا، جەميەتتىكى تەرەققىيات قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ،جەميەتنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ.ئىختىساس ئىگىلىرى ئارىسىدىكى رىقابەت كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى يەنىمۇ يۇقىرلاپ بارماقتا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ جەميەتتە مۇقىم پۇت دەسسەپ تۇرالىشى ئۈچۈن، بالىلارغا كىتاۋى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە زىيادە ئەھمىيەت بىرىپ، ئائىلە تەربىيسىنىڭ بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىگە سەل قارىغانلىقتىن، بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك مەۋسىلىلەر كىلىپ چىقماقتا:
1) ئەقلى تەربىيەگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاقى تەربىيگە سەل قاراش.
ماقال-تەمسەللەردە مۇنداق دىيىلگەن:« ئەخلاق بىلىمنى قوزغىتىدۇ، تىرشچانلىق دۆتلۈكنى تولۇقلايدۇ».ئائىلە تەربىيسىدە بالىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بالىغا بولغان ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيسى ۋە خاسلىق تەربىيسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كىرەك. ئەمما، ھازىر كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئەقلى قابىليىتىنى ئىچىشنى مۇھىم دەپ بىلىپ، تەربىيدە بالىنىڭ ئەقلى قابىليىتىنى ئىچىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بالىنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت جەھەتتىن يىتلىشىگە، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا سەل قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىنىڭ ھەركەت ئادىتى،روھى دۇنياسى، غايىسى، قىزىقىشى، ئىرادىسى قاتارلىق ئەقىلى ئىقتىدارغا تەۋە بولمىغان ئامىللارغا كۆڭۈل بۆلمىگەچكە، بۇ جەھەتتە بالىدا كۆرۈلگەن مەسىلە بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا.
2)        مۇۋاپىق بولمىغان چېچىلاڭغۇ تەربىيە
ئاتا-ئانىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى بالىغا نىسبەتەن بىر ئەينەك. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيلىنىشى كەمچىل، ئەخلاقى –پەزىلەت كۆز-قارىشى ئاددى، شەيئىلەرنى تونۇش سەۋىيىسى چەكلىك ، مەسىلەن:بەزى ئاتا-ئانىلار شەخسىيەتچى، ئۆزىنىلا ئويلايدۇ؛ بەزى ئاتا-ئانىلار ھورۇن، تىرىشمايدۇ؛ بەزىلەرنىڭ ئادىتى ساغلام ئەمەس....بۇنداق ئاتا-ئانىلاردىكى ناچار ئىددىيە، سۆز-ھەركەتنى بالا ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەگەر بالا بۇنداق مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولسا، بۇ بالنىڭ توغرا بولغان دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تىكلىشىگە نىسبەتەن يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
3)        ھەددىدىن زىيادە قوغداش، ئەركىلىتىش تىپىدىكى تەربىيلەش قارشى
ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مىھرى بالىنىڭ پەزىلىتى ۋە خاراكتىرىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى، مىھرى-مۇھەببەت بولغاندا ئاندىن تەربىيە بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتى زۆرۈر بولغان چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىققا ئايلىنىپ، بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا كۆرۈپ،كەمچىلىكىگە سەل قارايدۇ، بالا ئەخلاقى جەھەتتە خاتالىق ئۆتكۈزسە، دەل ۋاقتىدا ھەل قىلماستىن، ئەكىسچە بالىغا يان باسىدۇ، ھەتتا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ، بالنىڭ ناچار قىلمىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى رىغبەتلەندۈرۈپ قويىدۇ؛ يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بالنىڭ ئۆزنىڭ ھەركەت قىلىشىغا ۋە ئالاقە قىلىشىغا، ئەمگەك قىلىشىغا يول قويمايدۇ،نەتىجىدە بۇنداق بالا پارنىكتا ئۆسكەندەك، ئەمەلىيەت بىلەن ئۇچىرشالمايدۇ.ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىش بالىنى ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، شەخسىيەتچى، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.
4) ئاددى، قوپال بولغان تەربىيە ئۇسۇلى
نۆۋەتتە، ئائىلە تەربىيسىدە ئىككى خىل ئاددى ۋە قوپال تەربىيە ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا . بۇنىڭ بىرى، ماددى جەھەتتىكى قىزىقتۇرۇش. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنى پۇل-مال ۋە ماددى نەرسىلەرگە قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق، بالنىڭ ساغلام پەزىلەت، خاراكتىر يىتلدۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ماددى جەھەتتىكى مۇكاپات ئارقىلىق بالىنىڭ ھەركىتىنى ئىلھاملاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى ماددى مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرىدۇ.يەنە بىرى، جازالاش. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى ئاددى ۋە قوپال بولۇپ، بالىلارنى تىللاش، ئۇرۇشتىن ئىبارەت قوپال ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنى جازالايدۇ؛ بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تەن جازاسى قوللىنىپ، بالىنىڭ كۆز-قارىشى ۋە ھەركىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ؛ بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ دوسىتلىرىنىڭ ئالدىدىلا بالىنىڭ غورۇرىغا تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ.پۇل-مالغا قىزىقتۇرۇشتىن ئىبارەت تەربىيە ئۇسۇلى بالىنى « ئاقكۆڭۈللۈك» ۋە « خالىسانىلىق» تىن ئىبارەت ئەخلاقى روھىغا ئىنتىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئەخلاق ھەرىكتنى مەنپەئەت خاراكتىرگە ئىگە ھەركەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ؛ تەن جازاسى بىرىشتىن ئىبارەت تەربىيە ئۇسۇلى بالىدا جەميەتكە قارشى تۇرۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
5) مەسئۇلىيەتنى مەكتەپكىلا ئىتتىرىپ قويۇشتىن ئىبارەت تەربىيە ئۇسۇلى
قىسمەن ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە كەسپى بىلەنلا بولۇپ كىتىپ، بالىنى قوغداش ۋە تەربىيلەشكە ۋاقىت ئاجىرىتالماي، بالىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنى پۈتۈنلەي مەكتەپكە ئىتتىرىپ قويىدۇ، ھەتتا يىل بويى بالا بىلەن ئىددىيە ئالماشتۇرمايدۇ، بالىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى تۇرمۇشىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، روھى تۇرمۇشىغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ . مەكتەپ گەرچە بالىنى ئەخلاقى جەھەتتىن يىتەكلەپ، تەربىيلەپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسى بالىنى تەربىيلىمىگەن، يىتەكلىمىگەن شارائىت ئاستىدا، مەكتەپمۇ تەربىينى مەكتەپ سىرتىغا، ئائىلىگە قەدەر ئىلىپ بارالمايدۇ، نەتىجىدە، ئائىلە تۇرمۇشى بىر ئەركىن بوشلۇققا ئايلىنىپ قىلىپ، ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ، ھەتتا جىنايەت يولىغا مىڭىپ قالىدۇ.
6) قائىدە-يوسۇننى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلى
ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئىددىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بىر قىسىم كونا ئەخلاق قارىشى ئارقىلىق بالىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ باراۋەر يوسۇندا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويمايدۇ، ھەتتا بىر قىسىم كونا قائىدە-يوسۇنلار ئارقىلىق بالىنىڭ ھەركىتىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ خىل تەربىيە بالىنىڭ ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، يەنە بالىدا ئۆزىنى كەمسىتىشتەك خاراكتىرىنى يىتىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئائىلە تەربىيسىدىكى بۇخىل ئۇسۇل بالىنىڭ ساغلام بولغان ئەخلاقى-پەزىلەت يىتىلدۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، يىڭى دەۋىردىكى ئائىلە تەربىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قانچە تەدبىرى
يىڭى دەۋردىكى ئائىلە تەربىيسى چوقۇم « ئىلمي تەرەققىيات قارىشى » نى يىتەكچى ئىددىيە قىلىپ، تەربىيلەش كۆز-قارىشى جەھەتتىن ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئەخلاقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت كۆز-قاراشتا چىڭ تۇرۇشى؛ تەربىيە مەزمۇنى جەھەتتىن ئاساسى تەربىيە ۋە خاسلىق تەربىيسىگە ئەھمىيەت بىرىشى؛ تەربىيە ئۇسۇلى جەھەتتىن ئەمەلى پائالىيەت ۋە مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
1.ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئەخلاقى تەربىينى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ئىددىيدە چىڭ تۇرۇش .
1) ئادەمنى ئاساس قىلىش. ئائىلە تەربىيسىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش دىگەنلىك، ئاساسلىقى بالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلىشىنى ئاساس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ھەر ئىككىلىسى بالىغا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە ئىلىپ بىرىشى،جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭى يىتلدۈرۈش، بىخەتەر ياشاش، ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، خەۋىپ-خەتەردىن ساقلىنىش قاتارلىق  ياشاش ئىقتىدارلارنى يىتلدۈرۈشى كىرەك. بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ بالىنىڭ خاسلىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ساغلام تەرەققى قىلىشىغا قارىتا قاراتمىلىق تەربىيە ئىلىپ بىرىش كىرەك .
2) ئەخلاقى تەربىينى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش. ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ھەر ئىككىلىسى بالىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتىنى كۈچەيتىدىغان،، غايە-ئىتىقاد، توغراھەرىكەت ئادىتى يىتلدۈرىدىغان، ئاساسى ساپانى يۇقىرى كۆتىردىغان تەربىيىنى كۈچەيتىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان ئىتتىپاق بولۇش، تىرىشچان، باتۇر ، توختىماستىن ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان مىللى روھنى شۇنداقلا  ئەمگەك ئىڭى، يىڭىلىق يارىتىش ئىڭى، ئۈنۈم ئىڭى، مۇھىت ئىڭى، ئىلگىرلەش ئىڭى، سەمىمىيلىك ئىڭى، دىموكىراتىك قانۇن-تۈزۈم ئىڭى قاتارلىقلارنى يىتلدۈرۈشى كىرەك، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئىددىيىۋى ئەخلاق ساپاسى، پەن- مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىپ، ئۇلارنى سوتسىيالىزىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلغان ، لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ.
1.ئاساسى تەربىيە بىلەن خاسلىق تەربىيسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئىللىق بولغان ئائىلە تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىش.
1)ئائىلىدىكى ئاساسى تەربىيە بىر بالىنىڭ كەلگۈسى تەرەقىىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئائىلىدىكى ئاساسى تەربىيە ئاساسلىقى بالىدا توغرا بولغان دۇنيا قارش، قىممەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تىكلەپ، ئۇلاردا ياخشى بولغان ئەخلاق-پەزىلەت، ھەرىكەت ئادىتى، ساغلام بولغان جىسمانى پىسخىك ساپا، مۇستەققىللىق ۋە ئۆزىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى يىتلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.  ئائىلە تەربىيسى جەريانىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خاسلىقغا ئاساسەن قاراتمىلىق ھالدا تەربىيە ئىلىپ بىرىش كىرەك. ئاساسى تەربىيە بىلەن خاسلىق تەربىيسىنى ياخشى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك تەرققى قىلغان، لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ.
2)بالىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ يىتلىشىگە پايدىلىق بولغان ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش.
ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىشتا، بىرىنجىدىن، ئائىلىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، پاكىز ۋە رەتلىك بولۇش، كۆركەم، مۇۋاپىق، ياخشى بولۇشتەك بالىنىڭ مىجەز-خۇلىقىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ماددى تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش. ئىككىنجىدىن، ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، سۆيۈش ۋە  كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، بەخىتلىك ۋە ئىناق شۇنداقلا بالىنىڭ ئەخلاقى ۋە خاراكتىرىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئىجتىمائى تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش. ئۈچىنجىدىن، باراۋەر، ئىناق، ئەركىن بولۇشنى مەقسەت قىلغان ، بالىنىڭ ئەخلاقى ۋە خاراكتىرىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ، ساغلام ئائىلە ئىكولوگىيە مۇھىتى بەرپا قىلىش.
      3)ئائىلە باشلىقلىرى سىردىشىش شەكلىدىكى تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك.
بالىلار يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا، جىسمانى ۋە پىسخىك جەھەتلەردىن تەدىرىجى پىشىپ يىتىلىشىگە، ئۆزلۈك ئىڭىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيشىگە ئەگىشىپ، باشقىلارنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرىنى خالىغانچە قوبۇل قىلماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ ئىددىيسى ۋە كۆز-قارىشىنى تەنقىد قىلىش نەزەرى بىلەن تاللاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار سىردىشىش  شەكلىدىكى تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بالىنىڭ غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆز-ئارا باراۋەر بولۇش ئالدىقى شەرتى ئاستىدا، بالا بىلەن باراۋەر ئاساستا سۆزلىشىپ، بالىنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلىنىشى كىرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، بالىنىڭ قەلىب روجەكلىرى ئىچىلپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەربىيسىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. كەلگۈسى جەميەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولىدىغىنى ئومۇميۈزلۈك تەرققى قىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى كۆز قاراشنى ئۆزلۈكسىز يىڭىلاپ، ئەقلى تەربىيگىلا ئەھمىيەت بىرىپ، ئەخلاقى تەربىيگە سەل قارايدىغان ئەنئەنىۋى كۆزقاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەخلاقى، ئەقلى، ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بىرىشى، مۇكەممەل بولغان كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ئىلمى بولغان تونۇش يىتلدۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بالىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئىناق، ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى ۋە كەيپىياتى بەرپا قىلىشى كىرەك.
4) ئائىلە تەربىيسى بىلەن مەكتەپ تەربىيسىنى ئۈنۈملۈك ھالدا بىرلەشتۈرۈش.
ئائىلە تەربىيسىدە مەكتەپ تەربىيسى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوقۇم كۈچەيتىش كىرەك. بالىنى تەربيلەش  پەقەت مەكتەپنىڭلا ياكى ئائىلىنىڭلا ئىشى ئەمەس، بالىنى تەربىيلەشتە مەكتەپ بىلەن ئائىلە چوقۇم ھەملارلىشىش كىرەك، ئائىلە تەربىيسى ئەمەلىيەتتە مەكتەپ تەربىيسىنىڭ مۇھىم بولغان داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى مەكتەپنىڭ دائىملىق تەربىيە ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىنى چۈشىنىشى، ھەمدە ئائىلە تەربىيسى بىلەن مەكتەپ تەربىيسىنىڭ ماس قەدەمدە تەرققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كىرەك. ئەلۋەتتە، مەكتەپ تەربىيسىمۇ بالىنىڭ ئائىلىدىكى ئاساسى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، پىسخولوگىيە، جەميەتشۇناسلىق، پىداگوگىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيسىنى ئىلىپ بىرىشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپ تەربىيسى بىلەن ئائىلە تەربىيسىنىڭ ياخشى بىرلىكىدىن ئىبارەت ئەخلاقى تەربىيە شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كىرەك.
قىسقىسى، يىڭى دەۋىردىكى ئائىلە باشلىقلىرى يىڭى كۆز قاراش ۋە ئۇسۇلغا ئىگە بولۇشى، ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيسىدىكى بىر قىسىم خاتا ئىددىيلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ يىڭى ئالاھىدىلىكى ۋە يىڭى تەلپىگە ماسلىشىپ، ئالدىقىلارنىڭ ئائىلە تەربىيسىدىكى ساۋاتلارنى يەكۈنلىشى، ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيە خەزىنىسىنى چوڭقۇر قىزىپ چىقىپ، بۇنىڭدىكى جەۋھەرلەرنى دەۋىرنىڭ تەلىۋىگە يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇشىمىز، سوتسىيالىستىك ئىناق جەميەت بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دەۋىرنىڭ قەدىمى ۋە جەميەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئائىلە بىلەن جەميەتنىڭ ئىناقىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.شۇنداقلا ئەخلاقى، ئەقىلى، جىسمانى، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرققى قىلدۇرۇش تەلىۋىگە ئاساسەن، ئەخلاقى تەربىينى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەقىلى تەربىيە ۋە ئىقتىدار تەربىيسگە تەڭ ئەھمىيەت بىرىشتە چىڭ تۇرۇش، ساغلام جىسمانىيىتى ۋە پىسخىك ساپاسىنى چىنىقتۇرۇش، مىننەتدارلىق ھىسسىياتىنى يىتلدۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، ئائىلە تەربىيسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلۈكسىز بىيىتىشى كىرەك.شۇنداق بولغاندا يىڭى دەۋىردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيسىدە ساقلىنىۋاتقان خاتا قاراش ۋە مەسىلىلەرنى توغرا تونۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، توغرا بولغان تەربىيە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە تەربىيسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى ھەقىقى تۈردە ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ ئەسەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەكتەپ ئىدىيىۋى-سىياسى تەربىيە تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «مەكتەپ ئىدىيەۋى تەربىيە تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 18:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-6-17 00:14:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن، ھازىر مۇشۇ نوقتىلار بەك تەكىتلىنىۋاتىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش