ئىككى شېئىر
ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
خوش
ياق، دوستۇم مەن كەتتىم ئەمدى كەلمەيمەن،
بىردەملىك ھېكايە بولسۇن ئۇ كۈنلەر.
تاماكا ئىسىنى پۈركۈپ ئاسمانغا،
يۇلتۇزلار بەھرىنى ياپتى تۈتۈنلەر...
تىللىدىم، كەتمەكتە ئاپتۇبۇس ئۇزاپ،
قەغەزدەك يەڭگىلمەن پاكىز پۈتۈنلەي.
كەپتەردەك ئۇچىمەن يۇرتۇمغا ئەمدى،
بەك بەلەن ئايرىلدۇق، خۇش بىز پۈتۈنلەي...
ياق، دوستۇم مەن كەتتىم كەلمەيمەن ئەمدى،
سىلەردىن ئايلانسۇن ئالتۇن قەدەھلەر.
جەنۇبقا ئۇچقان قۇش، خەير-خۇش دەڭلار،
كەلمەيدۇ جەم بولغان كۆڭۈللۈك كۈنلەر
1999-يىلى7-ئاي، ئۈرۈمچى
نازىم
ئايلىنىپ يۈرگەن بۇ تەنھا شەھەرنى،
سەۋدالىق چۆلىگە ھەيدەلگەن نازىم.
جانجىگەر دوستلىرىم قالدى يىراقتا،
بەيتۇللا مۇنارى مىنىڭ ئاۋازىم.
قانچە تاغ بىزلەرنى ئايرىپ تۇراركىن،
مەن ئاشۇ تاغلارغا قىلىمەن تازىم.
ئۇزىتاي قوش قوللاپ شادلىقىم بولسا،
ۋەتىنىم ۋەسلىڭنى قۇچسۇن پەرۋازىم.
شۇنچىلىك مەززىلىك مېنىڭ يۈرىكىم،
قۇرتتەك سۈمۈرۈپ ئالدىڭ قېنىمنى.
ئېھ، سېنىڭ رۇخسارىڭ خازان پەسلىدە،
سولدۇرۇپ بولدىغۇ سۆيگەن گۈلۈمنى.
مەن قانداق بولىمەن كېچىشكە ئىقرار،
جانجىگەر دوستلىرىم قالدى يىراقتا.
خالىساڭ شەھىرىڭنى تاشلاپ بېرىمەن،
يەتكۈزگىن نىگارغا چىن ئىشتىياقتا.
1999-يىلى9-ئاي، غۇلجا
شائىرنىڭ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012-يىل11-ئايدا نەشر قىلىنغان«ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-15 00:09