|
ئۇنتۇلماس خاتىرە
# _% h9 [& M) d4 q1987-يىلى مارت ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. مەن يېڭىشەھەر ناھىيە قومۇشئېرىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن قەشقەر شەھىرىگە قاراپ يول ئالدىم. بۇمېنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولۇپ، «قەشقەر گېزىتى»،«شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئون نەچچە پارچە شېئىرىم ئېلان قىلىنىپ، مەكتەپتىكى «بالا شائىر» بولۇپ قالغان بولساممۇ تېخىغىچە ئەدەبىي ژورناللاردا ئەسەر ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدىم. شۇ چاغدىكى ئۇستازىم مۇھەممەد تۇراپ:
) ` y6 v( p3 _3 _, }( }) _-يازغانلىرىڭدىن بىر قانچىنى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا ئەۋەتىپ باق، بولسا ئۆز قولۇڭ بىلەن ئاپىرىپ ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن، تۇرسۇن نىيازلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ كەلگىن،-دېگەنىدى. * Y" S. D9 Z3 D* L
-، قانداق بولار مۇئەللىم، ئۇلار بەك يوغان يازغۇچىلار، كۆرۈشۈشتىن خىجىل بولۇپ قالارمەنمىكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەھرىر بۆلۈمنىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ بىلمەيمەن،-دېدىم مەن گەدىنىمنى قاشلاپ.
@9 a; ]. |* r% Y, T* {-ھەي، مۇشۇنىڭغىمۇ خىجىل بولساڭ مەڭگۈ شائىر بولالمايسەن، ئۇلار بەك ئوبدان ئادەملەر، تەھرىر بۆلۈمنىمۇ ئاسانلا تاپالايسەن، باغچىنىڭ ئالدىدىكى يېڭىشەھەر ئاپتۇبۇس بېكىتىدىن ئۇدۇل مېڭىپ يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، ۋىلايەتلىك كىنو-فلىم تارقىتىش-قويۇش شىركىتى بىناسىنىڭ 3-قەۋىتىگە چىقساڭ بولىدۇ.
) m O& d; G% X% m8 @مۇئەللىمنىڭ رىغبىتى بىلەن ئاخىرى تەھرىر بۆلۈمىگە بېرىپ كەلمەكچى بولدۇم. ئاپتۇبۇستا مېڭىشتىن تاكى تەھرىر بۆلۈم ئىشىكى ئالدىغا بارغۇچە ھاجى ئەھمەد، تۇرسۇن نىيازلار بىلەن قانداق كۆرۈشۈش، نېمىلەرنى دىيىش، ئەسىرىم بىر تېپىككمۇ يارىمايدىغان ناكەس ئەسەر بولۇپ قالسا قانداق خىجالەتچىلىككە قالىدىغانلىقىم، قايتىپ كەتسەم ساۋاقداشلىرىمنىڭ قانداق زاڭلىق قىلىدىغانلىقى، دادامنىڭ قانداق ئاچچىقلايدىغانلىقى، تەھرىر بۆلۈمدىن قانداق ئوسال ھالەتتە قايتىپ چىقىدىغانلىقىم...قاتارلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. «بولدىلا، كۆرۈشمەيلا كېتەي» دېگەننىمۇ نەچچە رەت خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. يەنىلا مۇئەللىمىمنىڭ«ئۇلارمۇ سەندەك چاغلىرىدا مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يازغان، تەھرىرلەرمۇ سېنىڭ ئۇستازىڭ، ساڭا ئەمەلىي بىلىم بېرىدۇ، خىجىل بولغىدەك ئىش يوق» دېگەن سۆزلىرى خىيالىمدىن كېچىپ كۆرۈشۈش ئىرادەم يەنىلا غالىپ كەلدى. 5 Y R6 m1 j( A9 w7 p
تەھرىر بۆلۈمنىڭ ئىشىكى قىيا ئېچىغلىق بولۇپ، ئىچىدىن قايسىبىر ئەسەر ھەققىدە ئەركىن پاراڭ بولىۋاتاتتى. مەن ئىشىكنى چېكىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي، ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا ئۆتۈمەن، بەزىدە ئارقامغا يېنىپ پەشتاقنىڭ يېنىدا بىرەر ئاپتۇرنىڭ كىرىپ قېلىشىنى ساقلايمەن، ئەمما، قېيىشقاندەك ھېچكىم يوق، باشقىلارغا ئەگىشىپ بىللە كىرىش ئۈمىدىممۇ بارا-بارا توزغاقتەك ئۇچۇپ كىتىدۇ. شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. مەن تەڭقىسلىق، خىجالەتچىلىك ئىلكىدە نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىرايمەن، نەچچە قېتىم كۆرۈشمەيلا قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ پەشتاقتىن پەسكە چۈشىمەن، نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم ئۇنىماي يەنە تەھرىر بۆلۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بارىمەن. مۇشۇنداق تېڭىرقاشلار ئىلكىدە يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي قالدىم. تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكا چىقىپ كەلدى. مەن بۇرۇن «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن بىر قاراپلا تونۇيالىدىم.
% u& U( `, m2 a& R# L5 {-ھە، يىگىت، كەپقاپسىزغۇ؟، ئەسەر ئەكەلگەنمۇ؟-دېدى ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن.
% p7 |+ B; `. `; w* Nمەن ھودۇققىنىمدىن «ھە-ھە»دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. 0 j6 j: X1 n7 a* i& _* q
-قېنى، قېنى، ئىشخانىغا كىرىڭ يىگىت،-ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكا مېنى ئىشخانىغا باشلاپ كىرىپ باشقىلار بىلەن كۆرۈشتۈردى،- ماۋۇ تۇرسۇن نىياز ئاكىڭىز، ماۋۇ دىلبەر ئاچىڭىز، ماۋۇ ئىنىمىز مۇختەرجان، ئا ئىچىدىكى ئاكىڭىز ئۇچقۇنجان بولىدۇ. + ^, T: O" R7 u6 V
مەن ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سالاملاشتىم. - G8 w: s3 Q$ n8 \; F
-نەدىن كەلدىڭىز ئىنىم؟-دەپ سورىدى ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكا مېنى سافاغا باشلاپ بولغاندىن كىيىن. " q' s. R+ B2 v( Y0 v% i8 p$ h3 k
-يېڭىشەھەر قۇمۇشئېرىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن.
( o. X7 Z$ `# j% K! T$ ^-ھە-، ھە، مەمەت تۇراپ شۇ يەردىغۇ تۇرسۇن نىياز؟) t! f0 o" k- O1 ], n- Q% D
-شۇنداق، شۇ يەردە، بىز ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ بارغان-،دېدى تۇرسۇن نىياز ئالدىدىكى ئورگىنالنى يېپىپ قويۇپ.
5 C' p6 q5 p' M/ v7 |4 y, p* X-مۇھەممەت تۇراپ مېنىڭ سىنىپ مۇدىرىم، مۇئەللىم مېنى سىلەر كۆرۈشۈپ كەلگىن دەپ ئەۋەتكەن،-دېدىم مەن خىجالەت ئارىلاش.1 x9 h' Y4 x6 G, n7 H6 R8 b* ?
-شۇنداقمۇ؟ بۇ يىل نەچچىنچى يىللىقتا ئوقۇيسىز؟# X( V# n( }# H1 I: q1 T/ q8 p, y. J
-تولۇقسىز 2–يىللىقتا.
% g2 Z+ u/ |0 U* T( \3 G" e-مۇنداق دەڭ، ئەكەلگەن ئەسىرىڭىز قېنى يىگىت؟: p: `( j( K8 y# d$ v
مەن قويۇن يانچۇقۇمدىن ئەسەر ئورگىنالىنى ئېلىپ تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكىغا ئۇزاتتىم.. @- t) ]/ ^+ A/ o6 N/ k
-بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، بىز ئاۋال ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى.& W7 g& |1 t: j
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ كەتتى. پىشانەمدىن بۇژۇلداپ تەر قۇيۇلغىلى تۇردى. مەن بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئوڭ تەرەپ پۇت بارمىقىمنىڭ چۇخىيىمنى يىرتىپ چىققانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن خىجالەتچىلىكتە بەدىنىگە چۈمۈلە يامىشىۋالغان ئادەمدەك زادىلا ئولتۇرالماي قالدىم.
4 t- {+ C* {$ J! n' C-مانا، مانا، يىگىت! تۇرسۇن نىياز قارىسىلا بۇ يىگىتنىڭ شېئىرلىرىغا!
9 L0 X# v {8 l5 t" } iكەتتىڭ سۈركىلىپ،4 A2 _- B6 P& r y _5 H* Y+ P4 H D
يۈرەك «شۈر» قىلىپ.4 x' J" B k: H& ^( e; p
سەن تەرەپكە تارتىلار،
: [) J, a6 r* |% yۋاي ئېسىتەي قاپتۇ ئۇ زەرەتلىنىپ...( U! Z S# N% D' |, D0 B# |, I
راستىنلا ياخشى شېئىر بوپتۇ!
' ^2 E/ t: `8 P$ c) @ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكا ئورگىنالنى تۇرسۇن نىيازغا بىرىۋىتىپ ئالدىمغا كەلدى. مەن شاققىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم.
9 v5 n+ _& |& K( q* m4 {! r-يىگىت، نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
$ t2 I [0 r0 f0 ]9 f" B0 N-ئون تۆت ياشقا كىردىم،-بۇ جاۋابىمنى ئۆزۈممۇ ئاران ئاڭلىيالىدىم.
) Y/ g2 x5 P2 |2 P4 ]-مانا، مانا، بەك تىرىشىڭ يىگىت،-ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكا شۇنداق دېگىنىچە ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن ئەركىلەتتى.
* D0 f0 @% x+ n5 Z% D9 ?# w-راست ياخشى يېزىپتۇ، بولىدىكەن،-دېدى تۇرسۇن نىيازمۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن.
0 k+ e& q% u* ]+ K5 V8 W# d-بۇ شېئىرلىرىڭىزنى بىز كېيىنكى سانلارغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، يەنە داۋاملىق ئەسەر ئەۋەتىپ تۇرۇڭ!
8 w" E( h- o, S G-مەمەت تۇراپقا سالام دەپ قويۇڭ،-دېدى تۇرسۇن نىياز.9 N1 o1 `/ V8 T
مەن قايناق بىر ھاياجان ئىلكدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم. خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمايتتى.باياتىنقى ئىچ سىقىلىشلىرىم تۈگەپ بەدىنىممۇ پەيدەك يەڭگىللەپ قالغانىدى. روھى ھالىتىممۇ ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. ئاشۇنداق ھاياجان ئىلكىدە مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ بولغان ئىشلارنى مۇئەللىمىمگە ۋە ساۋاقداشلىرىمغا سۆزلەپ بەردىم. راست دېگەندەك يېرىم يىلدىن كىيىن تۆت پارچە شېئىرىم بۇ ژورنالدا بېسىلىپ چىقتى. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىگە بۇ يىل توپ توغرا 25يىل بولۇپ قاپتۇ. مەن ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكىنىڭ ئاشۇ قېتىملىق رىغبىتى بىلەن ئىجادىيەتكە ئاجايىپ قايناق ھەۋەس بىلەن كىرىشىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە 200پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدىم. ئۇلار بىلەنمۇ پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا خوشلۇشۇش ئۈچۈن كىرسەم ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكا ناھايىتى خوش بولۇپ كەتتى. $ ~. D" f) G' F6 x
-يىگىتتەك ئىش قىپسىز، مانا ئەمدى ئەدەبىيات كەسپىدە بەش يىل ئوقۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇلىرىنى روياپقا چىقىرىدىغان بولدىڭىز ئىنىم! ھە راست، سىز تېخى ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەمەسقۇ دەيمەن؟! Q4 o6 t% O8 U: ?0 b
-شۇنداق ھاجىكا، مەن تېخى ئەزا بولمىغانتىم. # D9 v3 b- X% O3 \ d; G
- مۇنداق قىلايلى ئىنىم، ئەركىن ئەبەيدۇللا سىزگە يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزالىقى توغرىسىدا بىر ئىسپات يېزىپ بەرسۇن، رەسمىيەتنى كىيىن ئۆتىۋېلىڭ، بۇنى ئارخىپىڭىزغا سالسا سىزگە پايدىسى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن.
/ A2 Y# k, {" m9 T `-بولسا شۇنداق قىلىلى ھاجىكا.
) R) h7 n) r0 tھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكىنىڭ تاپشۇرىقى بويىچە ئەركىن ئەبەيدۇللا بىردەمدىلا بۇ ئىسپاتنى يېزىپ قولۇمغا تاپشۇردى.
$ r" ] t5 L7 P-ھە، راست، سىفەن داشۆ تەشۋىقات بۆلۈمىدە مۇھەممەت روزى دەيدىغان بىر ئاكىڭىز بار، تونۇشىۋېلىڭ، مېنى سالام ئېيتتى دەڭ!
6 J y& _3 ]% @$ z( t( {' a: B" ]بۇ ئىشتىن كىيىن مەن ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكىنىڭ يازغۇچىلىق پەزىلىتىگىلا ئەمەس، ئادەمگەرچىلىك پەزىلىتىگىمۇ يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم. ئۇنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مۇھەممەت روزى ئاكا بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن سىرداشقا ئايلاندىم. ھەتتا بىر قېتىم يازلىق تەتىلدە مۇھەممەت روزى بىلەن بىرلىكتە ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئاكىنىڭ كۆكئېرىقتىكى ئۆيىگە بىللە چىقىپ ئۇنىڭ ھەممەيلەنگە مەشھۇر بولغان شەخسى كۈتۈپخانىسىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە 800پارچىغا يېقىن ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، «تارىم»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «كىروران»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» قاتارلىق نەشرىي ئەپكارلاردا سۈرىتىم ۋە تەرجىمىھالىم بىلەن تونۇشتۇرۇلدۇم. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە ئەزا بولدۇم. شېئىرلار توپلاملىرىمنى نەشىرگە بەردىم. 2 I( a' m; H5 @' \! I+ P6 x/ D
ياخشىلارنىڭ قىلغانلىرىنى ھامان قەلبى ياخشىلىقنى سەزگۈچىلەر بىلىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئۆز قىممىتىنى تونۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن، ئالغا ئىلگىرلەش يولىغا خالىس شوتا بولالىغان، ھېچقانداق شەخسى غەرەزسىز ياردەم بەرگەن كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ. بۇنداق ئادەملەرنى ئۇنتۇپ قالسا ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان بولىدۇ. - Q- y, X! L' I! b
ئۆزبېكىستانلىق ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەققۇلۇف «بەزىلەر شائىرلىقنى كەسىپ دەپ بىلىشىدۇ، ياق، شائىرلىق قىسمەت، شائىر پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ تەقدىر ئادىمى، شېئىرىيەت ئىنسان قەلبىنى ھەقسىزلىق، زالالەت، زۇلۇم، ئومۇمەن، ئىنسان روھىيىتىنى بوغىدىغان، دۇنيادىكى ھەممە رەزىللىلەردىن ئاسرايدىغان شىجائەتلىك روھ. ئۇ باركى، دىل ئەلەملىك تۇيغۇلاردىن خالى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرلۇق ھېسلار، ئازاد پىكىرلەر، ئۆمۈرلۈك ئارزۇ خىياللار قۇچىقىدا ياش مۇمكىن» دەپ يازغىنىدەك، ئۇستاز ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن شائىرلىقتىن ئىبارەت بۇ چەكسىز كوچىدا تىمسىقلاپ مېڭىشتىن قەددىنى تىك تۇتۇپ مېڭىشقىچە بولغان ئارىلىقتا نى-نى قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. تەقدىرنىڭ رەھىمسىز بورانلىرى سوققان كۈلپەتلىك يىللاردىمۇ شېئىرىيەتكە جۈملىدىن ئەدەبىياتقا بولغان ئېتىقادى قىلچە تەۋرىنىپ قالمىدى. چىن ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە داغ تەككۈزمىدى. بىر قىسىم شامالغا قاراپ ئىش قىلىدىغان، ئىجادىيەتنى يوقىرى ئۆرلەشنىڭ، نەپ ئېلىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرىۋالغان قىزىل كۆزلەر بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغانمىدى. باشتىن-ئاخىر «شېئىر يېزىش-ۋىجدان ئىشى، ئۆز مىللىتىگە، ۋەتىنىگە مەسئۇل بولغانلىق» دەپ قاراپ ھاياتنىڭ داۋانلىرىدىن غالىپلارچە ھالقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان نۇرغۇن شېئىرلىرى ۋە بۇ شېئىرلاردىن تۈزۈلگەن توپلاملىرىنى ئەنە شۇنداق ئېتىقاد بىلەن شېئىرىيەتتىن ئىبارەت بۇ «ساھىپجامال»غا چىن يۈرىكىدىن كۆيگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ يالغۇز ئۇستىكار بىر شائىر، ئەدىپ بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەدەبىيات گۈلشەنىنى يەنمۇ باراقسان قىلغۇچى، «زاپاس قان» ئىشلەپچىقارغۇچى تېنىم تاپماس باغۋەنلىك مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، دىيارىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان قەلەم ساھىپلىرىنىڭ بىۋاستە ئۇستازى ۋە غايىۋى ئۇستازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىشىدە ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈردى.
% G1 i/ P! @& s6 J7 i& E! i4 x$ Eقىسقىسى، ئۇستاز ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ئىجادىيەتتىن ئىبارەت «جاننى ئىكەكلەيدىغان» بۇ ساھەدە تېنىمسىز ئىزدىنىپ، بارلىقىنى ئىجادىيەتكىلا بېغىشلاپ، بۇ ساھەگە ئۆزىنى تەقدىم قىلىشنىڭ ئۈلگىىسىنى تىكلەپ بەردى. ھەمدە، بىر-بىرىدىن ئىسىل مەنىۋى مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ، خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىياتقا زار قەلبىگە شەربەت سۇنالىدى. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئۆرۈلمەيدىغان تۆھپە مەڭگۈ تېشىنى تىكلىدى. مەن بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتتە ئۇستازىم ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىنگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن! ئۇنىڭ ئەزىز تېنىنىڭ سالامەت، ئىجادىيىتىنىڭ يەنىمۇ سەمەرىلىك، ئائىلىسىنىڭ يەنىمۇ بەختلىك بولىشىنى تىلەيمەن!# h* J6 [# T$ Y
|
|