بورىس ۋاسىلېيىف ۋاپات بوپتۇ
«بورىس ۋاسىلېيىف»دېگەن ئىسىمنى مۇنداقلا تىلغا ئالساق، كۆپلىرىمىز ئانچە تەئەججۈپلۈك ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن.« بورىس دېگەن كىم ئۇ، بىر ئورۇس ئادەمكەن ـ دە،ئۆلۈۋاتقان ئادەم ئازمۇ؟ بىزنىڭ نې نې سەرخىللىرىمىز كېتىپ بارسا، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگۈچى باشقىسى بىلەن كارى يوق، ئەجەپ بىر چەتئەللىكنىڭ ئۆلۈمىگە كۆڭۈل بۆلۆپ كېتىپتا؟..» دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما، بۇ كىشىنىڭ « بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭلاردا بەلكىم ئۇنداق ئويلىماسلىقىڭلار مۇمكىن.«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئىسمى جىسمىغا لايىق چىقىۋاتقاندا مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇرچە مەتبۇئات كۆرۈپ ناھايىتى كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان، كېيىن تېلېۋىزىيە فىلىمىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ۋادىسىدا گويا بۇ ۋەقە مۇشۇ يەردە بولغاندەك ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ فىلىمدىكى بىر توپ قىز ئەسكەرنىڭ ئاياللارغا خاس يوسۇندا ئەتكەن كۈرەش ۋە قەھرىمانانە قۇربانلىقلىرى كۆزۈمىزدە ياش سىرغىتقانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بولسا كېرەك. يازغۇچىنىڭ قەلىمى بىلەن قەلبىدىن پۈتكەن ئەسەر مۇشۇنداق بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ۋاپاتى ئەشۇ ئەسەرنى قايتا يادىمىزغا سالىدۇ. بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق سەرخل ئەسەرلەرنى قانچىلىك يازدۇق، بۇمۇ بىزنىڭ يانداش ئويلىرىمىزمۇ بولۇپ قالغۇسى.
بۇ كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خەنزۇچە توردىن كۆرگىنىمدە،« بۇ ئادەم تېخىچە ھاياتمىدى» دەپ ئويلىدىم، مېنىڭ بىلىشىمچە، يازغۇچى ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىكەن. بىزدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقانلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سانى ئوتتۇز مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ بۈگۈن بۇلارنىڭ ئاخىرقى تەۋەررۈكلىرىمۇ بارماقتا سانىغىدەكلا قالدى. مۇنداق ھېسابلىساق، 1940-يىللار ئۆتۈپ كەتكەنگە 70يىللارچە بولدى. شۇ چاغدا تۇغۇلغان داداممۇ بوۋاي بولۇپ ئارىدىن كەتتى.توردا بېرىلگەن قىسقا ئۇچۇردا ئۇنىڭ 1924-يىلى تۇغۇلغانلىقى ،تۈنۈگۈن كۆز يۇمغانلىقى، 89 يىل ئۆمۈر كۆرگەنلىكى دېيىلىپتۇ.دېمەك خېلى ئۇزۇن ياشاپتۇ. مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى دەپنە قىلىنىدىكەن. ئۆزىدىن بۇرۇن مەزلۇمەسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاشۇ مەلۇمىنىڭ يەرلىكىگە بىرگە دەپنە قىلىنغۇدەك.بىر يازغۇچى ئۇزاپتۇ. بىر يۇلتۇز كۆچۈپتۇ. يۇلتۇز دېسە، چولپان دېسە يازغۇچىنى دېسە بولىدۇ. يۇلتۇزلۇق دەرىجىسىگە يازغۇچىلار بەكرەك توشىدۇ. بىر توپ بىلەن گۈلگە ئورۇلۇپ، بىر ناخشىسى بىلەن چاۋاككا كۆمۈلگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يازارلىق دېگەن ھەقىقەتەن تەس ئوقەتكەن دەپ قالىمەن.
سىمۇلنىسكىيدە ھەربىي مۇھىتتا چوڭ بولۇپ،ۋەتەن ئۇرۇشىدا ياش جېنى يارىدار بولغان، كېيىن ھەربىي سانائەت كەسپىدە ئوقۇپ ئېنژېنىر بولۇپ، ئاخىر باشچىلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، تەسىرلىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۆمرىنى ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتكۈزگەن بۇ زات خۇسۇسىدا شۇنچە يىراقتىكى بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ كومپۇتېر كۇنۇپكىلىرىنى بېسىپ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ئەدەبىياتنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلكىنىڭ بىر ئىسپاتى بولسا كېرەك. مۇمكىن بولسا، ئەدىبنىڭ باشقا يەنە «كېيىن ئۇرۇش يۈز بەردى»،《后来发生了战争«ئاققۇنى ئاتماڭ»، 不要射击白天鹅》«تىزىملىكتىن قېلىپ قېلىش» 《未列入名册》 قاتارلىق باشقا ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يازمىنى تەمىنلىگۈچى: ئابلىكىم ھەسەن