يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 2

ساخاۋەتچى قۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                ساخاۋەتچى قۇش
                چېن يوڭ لىن
                پاكزات تەرجىمىسى

كاسپىي دېڭىزىدا بىر كىچىك ئارال بولۇپ،ئۇ ئارال ساخاۋەت ئارىلى دەپ ئاتىلاتتى.ساخاۋەت ئارىلىدا نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچى قۇشلار بارئىدى.
   ساخاۋەتچى قۇشلار بالىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرەتتى. قۇش بالىلىرى تۇغۇلغاندىن باشلاپلا، ساخاۋەتچى قۇشلار ئەتىدىن كەچكىچە ئوزۇق-تۈلۈك تۇتۇپ بېرەتتى. قۇش بالىلىرى ئۇچۇرۇم بولۇپ ،ئۇچۇشنى بىلگەن چاغدىمۇ، ئۇچۇشنى ، ئوزۇق-تۈلۈك تۇتۇپ يېيشنى خالىمايتتى،ئاۋالقىدەكلا ھورۇنلۇق بىلەن ئۇۋىسىدا يېتىپ:« قۇرسىقىم ئاچتى،قۇرسىقىم ئاچتى»دەپ چۇرقىرىشاتتى. ساخاۋەتچى قۇشلار تېخىمۇ بەك جاپادا ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەيتتى. ساخاۋەتچى قۇشلار بالىلىرىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن،ئۆزلىرى يېيىشكە كۆزى قىيمايتتى. قۇش بالىلىرىنىڭ «قورسىقىم ئاچتى،قورسىقىم ئاچتى»دېگەن چۇرقىراشلىرى قورسىقى ئاچ ساخاۋەتچى قۇشلارنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋېتەتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەۋاتقان ساخاۋەتچى قۇشلار ، تىنىچ ئوكيانغا ئوزۇق تۈلۈك ئىزلەش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇرۇپ، ھارغىنلىقتىن، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتەتتى.
   ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،شۇ ئۇچۇشنى ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەشنى بىلمەيدىغان كىچىك ساخاۋەتچى قۇشلار يەنە ئاۋالقىدەكلا قورساق غەلۋىسى قىلىشاتتى:« قورسىقىم ئاچتى ،قورسىقىم ئاچتى،»باشقا ساخاۋەتچى قۇشلار ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ كېلىپ بېرەتتى.
   ساخاۋەت ئارىلىدىكى ئادەملەرمۇ ساخاۋەتچى قۇشلارغا ئوخشاش بالىلىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بالىلىرى چوڭ بولغاندىمۇ، ئۇلارنى ئىشقا سالمايتتى. ئۆزلىرى قېرىپ،ئىش قىلالماس بولۇپ قالغاندا ،بالىلىرى ئاندىن ئىشلەيتتى. نۇرغۇن ئادەملەر زىيادە چارچىغانلىقتىن قىران چېغىدىلا ئالەمدىن ئۆتەتتى.ئارالدىكىلەرنىڭ كۈنلىرى ناھاياتى جاپالىق بولۇپ، قورسىقىنى ئارانلا تويغۇزالايتتى.
   ئارالدا مون فرانك دەپ بىر ئادم بولۇپ،ئالتە يېشىدىلا ئاتا-ئانىسى كېسەلدىن ئۆلۈپ كېتىپ،ئۇ يېتىم قالغان ئىدى. كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ بوينىغا قارا شوينا چىگىپ قويغان ئىدى. ئارالدىكى كىشىلەر بوينىغا قارا شوينا چىگىلگەن مون فرانكنى كۆرسىلا،ئۇنىڭ يېتىم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى-دە،ئۇنىڭغا يەيدىغان نەرسە بېرەتتى. مون فرانك نەگىلا بارسا شۇيەردە قورسقىنى توقلىيالايتتى. ئۇنىڭ كىمنىڭ ئۆيىدە تاماق يېگۈسى بولسا شۇنىڭ ئۆيىدە تاماق يەيتتى، كىمنىڭ ئۆيىدە قونماقچى بولسا ،شۇنىڭ ئۆيىدە ئۇخلايتتى. ئەگەر كىم ئۇنىڭغا تاماق بەرمەي، ئۇنىڭ ئۆيىدە قونىشىغا يول قويمىسا،پۈتۈن ئارالدىكىلەر شۇ ئائىلىنى كۆزگە ئىلمايتتى.
   مون فرانك كىچىك بالىلار ئىچىدىكى تامىقى، كىيمى، ياتىقى ئەڭ ياخشى بالىلارنىڭ بىرى ئىدى،نۇرغۇنلىغان بالىلار ئۆزىنىڭ يېتىم بالابولۇپ قالمىغىنىدىن ئاغرىنىشاتتى.
   بېرىغا شۈكرى قىلمايدىغان مون فرانكنىڭ سرتقى دۇنيانى كۆرۈپ باققۇسى كەلدى.بىر كۈنى ئۇ بىر ساياھەت پاراخۇتىغا چىقتى، پاراخۇتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئارالغا كەتكەن ئىدى ، ئۇ پاراخۇتنىڭ تازلىق ئۆيىگە مۆكۈنىۋالغان ئىدى.
   پاراخوتتىكى بىر ياخشى نىيەت ئەنگىلىيىلىك كىشى مون فرانكنى بېقىۋالدى.
   مون فرانك لوندوندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى.
   لېكىن مون فرانكنىڭ كۆڭلى ئىزچىل ساخاۋەت ئارىلىدا ئىدى. مون فرانك ساخاۋەت ئارىلىنى ئۆزگەرتىشنى، ساخاۋەت ئارىلىدىكى ئادەملەرنى باي-باياشات تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈشنى ئويلايتتى.
   شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ، ساخاۋەت ئارىلىغا قايتىپ كەلدى.
   مون فرانك دەسلەپ ئارالدىكىلەرگە سرتتىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى،ياشلارنىڭ ئىش قىلماي ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋېلىشىنىڭ نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ، ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىشى لازىملىقىنى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ  قورامىغا يەتكەن بالىلىرىغا  ھەدىدىن زىيادە كۆيۈنۈشىنىڭ ئۆز بالىلىرىغا قىلغان زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى......   مون فرانك جىق سۆزلىدى، لېكىن ئارالدىكىلەر ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. ئارالدىكىلەر ھەممىسى مۇنداق دەيتتى:« ئۇلۇغ قۇشمۇ بالىلىرىغا شۇنداق كۆيۈنىدىغۇ، بىز شۇ ئۇلۇغ قۇشتەكمۇ بولالمامدۇق ؟» ساخاۋەت ئارىلىدكىلەر ساخاۋەتچى قۇشنى ئۇلۇغ قۇش دەپ ئاتىشاتتى.كىشىلەر بالىلىرىغا زىيادە كۆيۈنۈشنىمۇ ساخاۋەتچى قۇشتىن ئۆگەنگەن ئىدى.
   مون فرانك ئارالدىكى ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئاۋال ساخاۋەتچى قۇشنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى لازىملىقىنى،ساخاۋەتچى قۇشلارغا يەنە ئۇچۇرۇم بولغان بالىلىرىغا ئوزۇق –تۈلۈك بەرگۈزمەسلىكى ،بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇلار ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدىمىسە، ئاچلىقتىن ئۆلەتتى.
   ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن،مون فرانك مۇنداق بىر ئامال تاپتى.مون فرانك ئۈنئالغۇنى ئېلىپ دېڭىز ساھىلىدىكى چاتقاللىققا كەلدى،ساخاۋەتچى قۇشنىڭ ئۇۋىسى مۇشۇ چاتقاللىقتا ئىدى. تۈمەنمىڭلىغان، ئۇچۇرۇم بولۇپ بولغان ساخاۋەتچى قۇشلار ئۇۋىلىرىدا توختىماستىن«قورسىقىم ئاچتى، قورسىقىم ئاچتى»دەپ  چۇرقىرىشاتتى. مون فرانك ساخاۋەتچى قۇش بالىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىۋالدى، ئاندىن ياندىكى ئورمانلىققا كىرىپ ،ئۈنئالغۇنى ئاچتى، ئۈنئالغۇنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرىسىغا يۆتكىدى ھەمدە  ئاۋاز ياڭراتقۇنى ئاچتى.ئورمانلىقتىكى ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان تۈمەنمىڭلىغان قۇش بالىلىرىنىڭ چۇرقىراشلىرى چاتقاللىقتىكى ساخاۋەتچى قۇش بالىلىرىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ساخاۋەتچى قۇشلار تۇمشۇقىدىكى بېلىق-راك،سەدەپ قۇلۇلىسى ۋە دېڭىز قىسقۇچپاقىسى قاتارلىقلارنى ئورمانلىققا قارىتىپ ئاتاتتى.
   ساخاۋەتچى قۇشلار ئۇدا بىرقانچە كۈن ئورمانلىققا ئوزۇق-تۈلۈك تاشلىدى. يەردە قېلىن بىر قەۋەت بېلىق، راك، سەدەپ قۇلۇلىسى ۋە دېڭىز قىسقۇچپاقىسى دۆۋىلەندى.
   ئۇۋىسىدىكى كىچىك ساخاۋەتچى قۇشلار ئاچلىققا پايلىماي، ئۇچۇشنى، ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى.
   قۇش ئۇۋىسدا ئەمدى بىرەرمۇ چۇرقىرىشىپ ياتىدىغان ساخاۋەتچى قۇش بالىلىرى قالمىدى.
    مون فرانكمۇ ئۇنئالغۇسىنى ئىتىۋەتتى. ساخاۋەتچى قۇشلارمۇ بالىلىرى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدىمەيدىغان بولدى. فرانك ئارالدىكى ئادەملەرگە دېدى:« ئۇلۇغ قۇشنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمۇ ئۆزگەردىغۇ ؟ بىز ئادەملەرچۇ؟ ئوخشاشلا ئۆزگەرتسەك بولىدىغۇ؟ بىز ياشلارنىڭ كۈچىمىز بار ،ئىشلىشىمىز ، ئاتا-ئانىمىزنى بەختنىڭ پەيزىنى سۈرگۈزىشىمىز كېرەك......» فرانك ھاياجان بىلەن سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىر پاچە تاش ئۇچۇپ كېلىپ ،ئۇنىڭ دوقىسغا تەگدى،قان ئېتىلىپ چىقتى.
    شۇ ئاخشىمى، فرانك ئۆلتۈرۈلدى.كارۋىتىدا ياتقان فرانكنىڭ بەدىنىگە  كىمدۇر بىرى ئون نەچچە پىچاق سانجىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئاستىدىكى كىرلىكمۇ قان بىلەن بويالدى.
    ئىككىنچى يىلى باھار،ساخاۋەتچى قۇشلارنىڭ كۆپىيىش پەسلى يېتىپ كەلدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، قۇش بالىلىرى چوڭ بولدى،ئاۋالقىدەكلا ئۇۋىسدا يېتىپ قورساق غەلۋىسى قىلىشقا باشلىدى، ساخاۋەتچى قۇشلار يەنە ئەتىدىن –كەچكىچە ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ كېلىپ بەردى. ئالدى بىلەن بىر بوۋاي ئورمانلىقتا ساخاۋەتچى قۇش بالىلىرىنىڭ «قورسىقىم ئاچتى،قورسىقىم ئاچتى»دەپ چۇرقىراشلىرىنى دورىدى، ئاندىن يەنە بىر بوۋاي، ئۈچ، تۆت،نەچچە ئون بوۋاي كەلدى. ئۇلار ساخاۋەتچى قۇش بالىلىرنىڭ قورساق غەلۋىسى قىلىپ چۇرقىراشلىرىنى ناھايىتى ئوخشىتىپ دورىدى، چۇرقىراشلىرى ناھايىتىمۇ قايغۇلۇق ئىدى. سانسىزلىغان ساخاۋەتچى قۇشلار كېلىپ ئوزۇق-تۈلۈك تاشلىدى......
    ئۈچىنچى يىلى،ئۇۋىدكى قۇشلار ئۇچۇرۇم بولغاندىن كېيىن، ساخاۋەتچى قۇشلار بالىلىرىغا ئۇزۇق-تۈلۈك تېپىپ بەرمىدى. ئاچلىققا چىدىمىغان قۇش بالىلىرى ئامالسىز ئۇچۇشنى ،ئۇزۇق-تۈلۈك تېپىشنى ئۆگەندى.
    ......
    ئۇزۇن ئۆتمەي ،ئارالنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا مون فرانكنىڭ مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈردى.
   مەنبە: خۇنەن ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى2011-3-ئايدا تۇنجى نەشىر قىلغان «يۈز يىللىق كىلاسسىك مىكرو ھېكايىلەر»(جۇڭگو تومى) دېگەن كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. 78 -،79-بەت.
    

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +88 يىغىش سەۋەبى
ئەرتېكىن + 88

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-13 09:14:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بالىلار ھەم چوڭلارغا ماس كېلىدىغان ياخشى  تېمىكەن، تەربىيىۋى  قىمىتى  بەك يۇقىرىكەن

ۋاقتى: 2013-4-18 21:10:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكزاتنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. قەتئى بەل قۇيىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش