dilistan يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 15:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇنساگۈل!
ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنبەرنى ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك رۇقىيە:
ئالدى بىلەن ئۇ ئىككى پارچە شېئىرىڭىزنى ياقتۇرغىنىڭزدىن سۆيۈندۈم، ئەمما مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ئۇزۇندڭن بۇيان مۇنبەرگە كىرەلمەي دوستانە مۇھەببەتكە لىق تولغان ئىنكاسىڭىزنى ۋاقتىدا كۆرۈپ جاۋاپ يازالماي قالغىنىمدىن ھەم ئۆكۈندۈم ھەم خىجىل بولدۇم. خاتىرىڭىزگە يازغان ئۇ سۆزىڭىزنى مەنمۇ ياقتۇرغىنىم ئۈچۈن، توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقىنىڭىزغا بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ھەم ئوقۇرمەنلەرگە بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئۆزىڭىزگە يەنە بىر قتېىم ئەسلىتىش ئۈچۈن، شېئىرىڭىزنىڭ بېشىغا ئەپ قويغان ئىدىم.
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دوستلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىم بولماي قالىدىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە غۇلاچلىرىمىزنى كەڭ ئېچىپ ، قىزغىن كۆرىشىدىغان چاغلىرىمىزمۇ كەپ قالار. سىز ۋە بارلىق ئەزىىز دوستلارنىڭ، شۇنداقلا تېمىغا قاتناشقان، تەييارلىغان ئەسەرلەرنى ياقتۇرغان ۋە سەمىمىي تىلەكلەرنى قالدۇرغان بارلىق مۇنبەرداشلارغا چىن دىلىمدىن سەمىمىي سالام ئېيتىمەن!
ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت!
ئىزچىل قوللاۋاتقان، قاراشلىرىنى يەتكۈزىۋاتقان ۋە ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن !
ھۆرمەت بىلەن: تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى