يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2203|ئىنكاس: 3

بىر تال ئەتىرگۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              بىر تال ئەتىرگۇل
                                                  غەرىبى
                                             (مىكىرو ھېكايە)

   توي قىلىشقا پۇتۈشۈپ قويغان لايىقىم   بىلەن باغچىدا قولتۇقلىشىپ ماڭغاچ كەلگۇسىدىكى گۇزەل تۇرمۇشىمىز توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتاتتۇق.
  - مۇھەببەت دىگەن نىمە؟سوردى ئۇ خۇمارلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ.
  - مۇھەببەت دىگەن بىر تال ئەتىرگۇل.كۆڭۇلگە ياقىدىغان بىر ئېغىز تاتلىق گەپ.ساداقەت.ئىشەنچ.ئالەم سىغىقۇدەك كۆڭۇل،دېدىم .ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىدا سىلاپ تۇرۇپ.ئۇنىڭ بارماقلىرى سېزىلەرلىك ھالدا تىتىرەيتى.چىرايىدا رازىمەنلىك جىلۋىسى بالقىيتى.
  - گۇل ئېلىڭلار،گۇل ،ئەتىرگۇل.يېنىمزدىلا كىيملىرى جۇل جۇل، چاچلىرى ئۆسۇپ پاخپىيىپ كەتكەن  ئون ياشلار چاممىسىدىكى چىرايلىق بىر قىزچاق بىزگە قاراپ تۇراتتى.
  -گۇزىلىم ساڭا بىر تال ئەتىرگۇل سوۋغا قىلاي.كۆڭلۇمدە پەقەت سەنلا بار.ساڭا بىر ئۆمۇر ۋاپادار بولۇپ ئۆتىمەن.ماڭا ئىشەنگىن.دەپ گۇلدىن بىر تال ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم.ئۇ خۇددى مېنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك كۆزۇمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ:
  -رەھمەت،مەنمۇ سىزگە بىر تال گۇل سوۋغا قىلاي قەدىرلىكىم .مېنىڭ كۆڭلۇمدە پەقەت سىزلا بار.بىر ئۆمۇر ئانىڭىزنىڭ ئالدىدائەخلاقلىق كىلىن،سېزنىڭ ئالدىڭزدا ۋاپادار ئايال،باللىرىمىزنىڭ  ئالدىداكۆيۇمچان ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن.كەڭ يەلكىلىك مۇرەمگە بېشىنى قويغان بۇ گۇزىلمنى قايتىدىن كۆرۇۋاتقاندەك ئۇنىڭ ئوماق،سەبىلىكى تۆكۇلۇپ تۇردىغان ئاھۇدەك كۆزىگەقاراپ،ئۆزۇمنى ناھايتى بەخىتلىك ھېس قىلۋاتىمەن.چۇنكى تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان نۇمۇسلۇق،ئىپپەتلىك بىر قىز ئۆزىنىڭ كەلگۇسىدىكى جۇپتىگە قەسەم بېرىۋاتاتتى.
  - ئون يۇەن،دېدى چىرايلىق قىزچاق.
  بىر-بىرىمىزگە قاراشقىنىچە تۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ كۆزدىن ساداقەت ۋاپا بىلەن يېزىلغان ئائىلە شەجەرىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.باللىرىم پىلتڭلاپ ئالدىمغا يۇگىرەپ كىلىۋاتماقتا.ئايالىم دەرۋازا يېنىدا بىزگە كۇلۇمسىرەپ قاراپ تۇرماقتا.قۇياش كۆكتە سىخى نۇرلىرى بىلەن بىزنى قۇتلۇقلىماقتا.بەخىت ئاتلىق بوۋاي دەرۋازا سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ،بىزنى پەپىلمەكتە.
  - ئاچا،سەن نەچچە پۇل تاپتىڭ؟مەن ئوتتۇز يۇەن تاپتىم.يىگىرمە يۇەن تاپتىڭما؟ ھە،ياخشى بولدى.ئەمدى ئانىمزاغا دورا ئالالايدىغان بولدۇق.دادام بىلەن ئاكام قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەپ قانچىلىك پۇل تاپقاندۇ؟ ھەي،بىچارە ئانام!قاچانمۇ قۇتۇلار شۇ  كىسەلدىن؟ئەجەپ تارتتۇق يوقسىزلىقنىڭ دەردىنى.ئالدىرماي ماڭە مەن يىتشەلمىدىم.پۇتۇم بەك ئاغىرىپ كەتتى.
   ئالدىمدا ۋاپا ساداقەت بىلەن قۇرۇلغان ئائىلىدىكى كۆڭلىگە ئالەمچە مىھىر-مۇھەببىتى سىغىدىغان.ئىككى تال شەمشاد بالىسى قول تۇتۇشقىنىچە جەننەتكە قايتىۋاتاتتى.گۇزىلىم ئاللىبۇرۇن كۆز ياشلىرى بىلەن روھىنى پاكلاپ،ئوماق لەۋلىرىنى تىتىرەتكىنىچە:
   - ئارىسلانىم ئاڭلىدىڭىزمۇ؟مۇھەببەت ھەققى قەلىبتە بولىدۇ.كىتابلارنىڭ قېتىدا بولمايدۇ.مۇھەببەت ھەققى ئىمان-ئىتقادتا بولىدۇ.ئىتىقادسىز ئادەمدە مۇھەببەت نە قىلسۇن؟ئۇنداق ئادەملەر ئۆز قوۋىمىنىڭ ئاسىيلىرىدۇر.مۇھەببەت باي نامرات ئايرىمايدۇ.پەقەت ئالەمدەك كۆڭۇل كۆكىسى،دېڭىز-ئوكىيانلاردەك چەكسىز مىھىر-مۇھەببىتى بار ئادەمدىلا مۇھەببەت بولىدۇ.ئۆز دۆلىتىنى،ئۆز مىللىتىنى،ئۆزىنىڭ ئانا مەدەنيىتىنى قىزغىن سۆيگەن ئادەمدىلا ھەققى مۇھەببەت بولىدۇ.كىپىنەك كۆڭۇل ئادەمدە مۇھەببەت بولمايدۇ.
    كۆككە بوي سوزغان ئارچا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدىن چۇشكەن كۇن نۇرى نىمدىگەن چىرايلىق .ھە! ئۇ بىر گۇزەل جەننەتكە بارىدىغان يولنى يۇرتۇپ تۇراتتى.گۇزىلىم بىلەن ئىككىمز قول تۇتۇشقىنىمىزچە ھېلىقى شەمشاد باللىرى بىنا قىلغان جەننەتكە قاراپ  ماڭدۇق.

   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 10:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-6 18:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇلىمىسى بولۇپ قويدىكەن.بىراق قەلىپكە چوڭقۇرلاپ كىرەلمىگەندەك قىلىسىز.يەنىمۇ تىرشىڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-21 21:15:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشئەل يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 18:25
قۇرۇلىمىسى بولۇپ قويدىكەن.بىراق قەلىپكە چوڭقۇرلاپ كىر ...

مەشئەل ئەپەندى رەھمەت سىزگە.يەنىمۇ تىرىشاي.كۆپرەك كۆرسەتمە بەرگەيسىز.

ۋاقتى: 2013-10-22 12:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقەلىكنڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشتى تەبئىلىككە سەل يىراق بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش