كۆزلىرىڭگە بىر چۆكۈشنى ئۆلگۈچە ئارمان قىلاي،
ئاچقۇچە ئارمان چېچەك سېنەلىرىمنى قان قىلاي،
ئارمىنىم ئالقىنىدا خەستە يۈرەكنى دان قىلاي،
ئاچ كۆزۈڭنى! مەن كۆيۈكنىڭ دەردىنى چەندان قىلاي،
كىرپىكىڭنىڭ سايىسىدا تولغۇشۇپ ئەپغان قىلاي.
كۈن كۈلۈپ چولپان تۇغار ئاھۇ كۆزۈڭنىڭ تەكتىدە،
ئوت كۆيۈپ ئاتەش يانار لەبىڭ ھىدىنىڭ بەھرىدە،
تەركىلىك تاپتى تېنىم بىرلا نىگاھىڭ لەھزىدە،
بىر كۆزۈڭگە ئوت يېقىپ چاقماقلىرىمنىڭ لەرزىدە،
بىر كۆزۈڭدە تۇغدۇرۇپ ئاي، كېچىنى گۈلخان قىلاي.
چىدىماس مۇشتەك يۈرەك ئالامچە دەرتنى پاتقۇزۇپ،
دىلدا دەرتنى دەۋرىتىپ قويما مېنىمۇ ياتقۇزۇپ،
ئۇچلىناي ئۇپۇق ئارا تاڭلارنى بەرسەڭ ئاتقۇزۇپ،
بىر كۆزۈڭگە كۆزلىرىمنىڭ گەۋھەرىنى ئاققۇزۇپ،
بىر كۆزۈڭدە شادىيانە كۈيىگە خەندان قىلاي.
بەرمەيىن بەھرى بۇلى ۋەسلىم يولىنى تورۇدۇڭ،
قالدۇرۇپ قايغۇ ماڭا شاتلىق شىرىنى شورۇدۇڭ،
ئورمىچى بولدۇڭ ئۆزۈڭ قويماي جىمىنى ئورۇدۇڭ،
بىر كۆزۈڭدە كۆيدۈرۈپ ۋەسلىمنى كۆككە سورۇدۇڭ،
بىر كۆزۈڭدە ئاشىقى سەرگەشتىدەك جەۋلان قىلاي.
ۋەھدىتىم ۋەيلۇن بولۇر جەننەتكە سەنسىز كىركىچە،
ئال گۈلۈم بۇ جاننى سەن ھاڭلارغا تىك ئىتتىرگىچە،
ئورنۇغىن ئويۇمغا سەن جېنىم تېنىمدىن چىققىچە،
بىر كۆزۈڭدە شەھرىزات كۆز يۇممىسۇن مىڭبىر كېچە،
بىر كۆزۈڭدە ئىشقىمىزدىن مەن ئاڭا داستان قىلاي.
بارىدۇ سەنسىز مېنىڭ زۇلمى- سىتەمىم ئۇلغۇيۇپ،
يۈرگۈنىم ھىجىر چۆلى ناخۇش خىيالدەك سولتۇيۇم،
چىقتى ئاھ! چانىقىدىن خۇنسىز كۆزۈممۇ پۇلتۇيۇپ،
بىر كۆزۈڭدىن سىنچىلار كۆكسۈڭدىكى تاش سۇ بولۇپ،
بىر كۆزۈڭدە تاش ئەمەس، جاندىن ساڭا مارجان قىلاي.
مەن غېرىپنىڭ بېغىدىمۇ سايرىسۇن تاڭ كاككۇكى،
باشلىرىمدا بەزمە قۇرماي دەرت- ئەلەمنىڭ كالتىكى،
ياتا يولدا ياتمىسۇن ئەسلىسى ئەبجەق غالتىكى،
ئاچ كۆزۈڭنى! چاقنىسۇن چوغدەك ۋىسالنىڭ ئاپتىپى،
يۇم كۆزۈڭنى! بارلىقىمنى سەن ئۈچۈن گۇمران قىلاي!....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇخېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-11 00:44