يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 555|ئىنكاس: 1

ئۆگەي ئانىنىڭ ھېسابات دەپتىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆگەي ئانىنىڭ ھېسابات دەپتىرى
                     ئەي فېي
             ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات تەرجىمىسى
          (1)         
    ئۇ ئۆز ئانىسىنى ئەسلىيەلمەيدۇ، ئانىسى كۆز يۇمغاندا ئۇ تېخى كىچىك، ئىككى ياش،بىر نەرسىنى يادىغا ئالغۇدەك ياشتا ئەمەس ئىدى.  دادىسى بىلەن بىللە ياشاپ بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئۆگەي ئانىلىق بولدى.باشقا ئوخشاش ئائىلىدىكىلەر بىلەن پەرقلىنىدىغان يېرى دادىسى ئۆگەي ئانىسىنى ئەمەس، ئۆگەي ئانىسى دادىسىنى ئالغان ئىدى.ئاڭلىماققا چۈشىنىش سەل قىيىنرەك بولسىمۇ،لېكىن شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئايانكى،دادىسى بىلەن ئۆزى ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئۆگەي ئانىسىنىڭ پۇلىسىنى خەجلەيدۇ.
   ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭدىن ئۈچ ياش چوڭ بىر ئوغۇل بالا بولۇپ،ئۇنى بوزەك قىلمايتتى، ھەم شۇنداق كەمدىن كەم گەپ قىلاتتى، بەزىدە ئۇنىڭغا كەمسىتىش نەزىرىدە قاراپ قوياتتى. ئانا بىر مېۋە-چېۋە دوكىنى ئاچتى،تاماق ئېتىپ بولۇپ قىزنىڭ دادىسى قايتىپ كەلمىگىچە تاماق يىيىلمەيتى،تېخى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاراقنى قىززىتىپ قوياتتى، دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياخشىدەك قىلاتتى. ئۇ چاغدا، دادا بىر زاۋۇتتا ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ،ئازغىنە مۇئاش ئالاتتى.
      ئۇ بىر ئىنتايىن كەمسۆز قىز ئىدى،ئۆگەي ئانىسى بىلەن بەك يېقىن دېگىلى بولمايتتى. ئۆگەي ئانىسى ئۇنى ئوقۇتاتتى،ئۇنىڭ ۋە دادىسىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇياتتى،تەڭ ياشتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەخىتلىك دېگىلى بولمىسىمۇ،خاتىرجەم ئىدى.شۇنداق قىلىپ ، خاتىرجەم تۇرمۇش، 10ياشقا كىرگۈچە يەنە دادىسى ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتا كونا تام ئۆرۈلۈش ۋەقەسى بولغىچە داۋام قىلدى،تام تۆت ئادەمنى بېسىۋالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزنىڭ دادىسىمۇ بار ئىدى.
   ئۇ دوختۇرخانىغا يىتىپ بارغان چاغدا، دادىسىنىڭ يۈزى ئاپئاق كىرلىك بىلەن يېپىقلىق بولۇپ، ئۆگەي ئانىسى بىر چەتتە ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇراتتى.  ئۇ ھاڭۋاققىنىدىن كېسەلخانىنىڭ سىرتىدىلا تۇرۇپ قالدى،ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ كەينىدىن ئىتتىرىپ« تېز بېرىپ داداڭغا قاراپ باقمامسەن ......» ئۇ ئېسىگە كېلىپ،جېنىنىڭ بارىچە ئېتىلدى،«ھۈ»دېگەن يىغا ئاۋازى بىلەنلا تەڭ دادىسىنىڭ ئۈستىگە يىقىلدى.
   دادىسىنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىدىغان كۈنى ، ئۇ گومۇشتەك مەرھۇمنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى،بىراۋنىڭ بۇ بالا نېمىدىگەن بىچارە ،كىم بىلىدۇ ئۆگەي ئانىسى ئۇنى ئۆيدىن چىقىرۋېتەمدۇ-يوق دېگەنلىرىنى ئاڭلىدى. شۇكۈنى كەچ،ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە ئوغۇل بالىلار ئۇنىڭغا تاش ئاتاتتى،تىللايتتى. ئويغانغاندىن كېيىن ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم قورقۇنۇنچ ھېس قىلدى.
سەھەردە ، ئۆگەي ئانا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك ئاۋالقىدەكلا تامىقىنى ئېتىپ ،ئۇنى ئويغۇتتى. ئۇنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى،ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا ئۆتۈندى:«بۈگۈن مەكتەپكە بارمىساممۇ بولامدۇ؟ دادامنى بەك سېغىنىپ كەتتىم.»
     ئۇ ئۆگەي ئانىسى قوشۇلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى،لېكىن ئانا  ئىپادىسىزلا ئۇنىڭغا :« بولمايدۇ! مەكتەپكە بارمىغانغا داداڭ تىرىلىپ قالامدۇ ؟ ئۇ ھايات بولغان بولسىمۇ ، نەچچە كاچات سالغان بولاتتى.»
ئۇ كۈنى،قىز تامىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ يىدى ، يەنە يىغلىغان پېتى سومكىسىنى ئېسىپ ئىشىكتىن چىقتى. ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن، ئانا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ :« جوۋ يۈ جىيا، ئېسىڭدە چىڭ تۇت، ئەتىدىن باشلاپ سېنىڭ يىغلىغىنىڭنى كۆرۈپ قالماي.»
                    (2 )
   شۇ كۈندىن بېرى، ئۇ يىغلاشقا پېتىنالمىدى. ئۇ يىغلاپ ئۆگەي ئانىسىنى رەنجىتىپ قويۇپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن قورقاتتى. يەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ،ئۆگەي ئانا ئۇنىڭغا پەقەت چىراي ئاچمىدى، ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندىمۇ ۋارقىرىپ جارقىرايتتى، دادىسى بار ۋاقىتتىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئۇ كۆڭلىدە ، بەرىبىر ئۆگەي ئانىسى بولغاندىن كېيىن ، تېزرەك چوڭ بولۇپ، بۇ ئۆيدىن كېتىشنى ، پەقەتلا قايتىپ كەلمەسلىكنى ئويلىدى.
     تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا،ئۇ تۇنجى قېتىم ھەيىز كۆردى. ئۇ قورقتى،ھودۇقتى، ئۆگەي ئانىسىغا دېگۈسى بولمىسىمۇ، لېكىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. ئۇ ئۆگەي ئانىسىغا ئەگىشىپ ئاشخانا ئۆيگە كىردى، بىردەم تىلىنى چاينىغاندىن كېيىن،پەقەت بىرلا ئېغىز:«مېنىڭ، مېنىڭ كىچىك تەرىتىمدىن قان كەلدى»دېيەلىدى. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بولمايلا، ئۆگەي ئانا ئۇنىڭغا بىر قۇر  سەپسالغاندىن كېيىن،ئۇنى ھۇجرا ئۆيگە باشلاپ كىردى، ئۇنىڭغا بىر پارچە تازلىق قەغىزىنى بېرىپ،سوغوقلا قىلىپ:« مۇنداق بولۇشى نورمال،بۈگۈندىن باشلاپ ،سەن ئەمدى بولدۇڭ.» دېدى.
   ئۇ تازلىق قەغىزىنى قولىدا تۇتتى، لېكىن قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى، ئۆگەي ئانىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىدى،يېتەكچىلىكمۇ قىلمىدى. ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:« جوۋ يۈ جىيا، نېمىلا ئىش بولسا باشقىلارغا تايىنىۋالماقچىمۇ ؟»
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،ئۇنىڭ ياشلىرى ھازىرلا ئېتلىپ چىقىغاندەكلا چاناقلىرىغا لىق تولغان بولۇپ، ئۇ چىشىنى چىشلەپ تۇردى،يىغلاشقا پېتىنالمايتتى. ئۆگەي ئانا شاپىلىقىنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىن ئېلىپ كەلدى،ئۇنى ئۇرمىدى،پەقەت :«قېنى بىر يىغلاپ باققىنە، سېنىڭ يۈزۈڭنى يېغىر قىلىۋەتمىگىنىمنى كۆر.»ئۇ ئاخىرى يىغلىمىدى،ھەم ئۆگەي ئانىسىنىڭ بۇندىن كېيىن ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ قىلىسەن، باشقىلار ياردەم قىلارمىكىن دەپ ئۈمىد كۈتمە دېگەنلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇش ،تاماق-ئېتىش،ئۆي-تازلاش،ئۇندىن باشقا  تۈگمە قاداش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگەندى.ئۆگەي ئانا دېگىنىنى قىلدى، ئۇنىڭ كېيمىنى بىر قېتىممۇ يۇيۇپ بەرمىدى،ھەم ئۇنى  ئۆينىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيغىلى سالمىدى.ھەقىقەتەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلدى، ئۆزى قىلالمىغاننى ،ئۆگىنىپ قىلدى.
                     (3 )   
   ئۆگەي ئانا جىق ئوقۇمىغان،ئوغلىنىڭ ئۆگىنىش نەتىنجىسىمۇ ئادەتتىكىچە ،تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇدى. لېكىن ئانا قىزغا بۇيرۇق قىلىپ،چوقۇم بىرىنچى بولۇشنى،بولمىسا قايتىپ كەلمەسلىكنى ئېيتتى.
   گەرچە ئۇنىڭ ئۆگۈنىشىنى ناچار دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ،لېكىن بىرىنچىلىكتىن تېخى خېلىلا يىراق ئىدى.ئۇنىڭ كۆڭلىدە نەپرەت بارئىدى،ئۇ بۇ تاش يۈرەك ئايالنىڭ شەپقەتسىزلىگىدىن نەپرەتلىنەتتى. ئۇنىڭچە، ئۆگەي ئانىسى ھەرنېمىلەرنى قىلىپ ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى ئىدى.لېكىن ئۇ بۇ ئۆيدىن ئايرىلسا بولمايتتى، ئۇ تىلەمچى بولسا بولمايتتى.شۇنىڭ بىلەن،ئۆگەي ئانىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىسا بولمايتتى،پەقەت،قېتم-قېتملاپ ئۇنى قارغايتتى،ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا ۋاپادارلىق قىلماي ،ئۇنى باقماي،ئۇنى تىلەمچىگە ئايلىنىپ قالغىيدى دەپ قارغايتتى.
   ئۆگەنمىسە بولمايتتى، ھەممە ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ،پەقەت ئۇنىڭلا چىرىقى يورۇق . بەزىدە شۇنداق چارچاپ كەتسە، ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپلا بىر ئاز ئۇخلىۋالاتتىيۇ،ئويغىنىپلا يۈزىنى يۇيۇپ، يەنە ئۆگىنىشنى باشلايتتى. ئۇ ئۆگىنىشتىن بىزارئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلەتتى،لېكىن باشقا ئامال يوق،چوقۇم بىرىنچى بولۇش كېرەك ئىدى.مەۋسۈملۈك ئىمتاھان نەتىنجىسى ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ ئىسمى ئالدىدىكى يىگىرمە نەچچە ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، سىنىپ بويىنچە ئۈچىنچى بولدى. ئىزچىل شۇنداق كەمسۆز كەلگەن قىزنىڭ ئۈچىنچى بولغىنى، ھەتتا سىنىپ مەسئۇلىنىمۇ ئازراق ھەيران قالدۇردى.ساۋاقداشلىرىمۇ ھەيرانلىقتىن ئۇنىڭغا قارىدى، ئەكسىچە قىز كالپۇكىنى چىڭ چىشلىگىنىچە تۇردى، چىرايىدىن ئازراقمۇ غەلبىنىڭ خوشاللىقى كۆرۈمەيتتى.
   ئۇ تاكى كەچ كىرگۈچە مەكتەپ مەيدانىنى نەچچە رەت ئايلاندى.ئۆگەي ئانىسى  ئۇنى راستىنلا ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرۋېتەمدۇ يوق، قانداق قىلىدىغىنىنى بىلمەيتتى.ئۇ ئىككىلىنىپ ئۆيىگە كىرگەن چېغىدا ،ئانا ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنچە كەچ قايتقانلىقىنى سورىمىدى،پەقەت تامنىڭ بىر بۇلۇڭىنى كۆرسىتىپ:« كارغا كەلمەيدىغان يارىماس،ماڭ بېرىپ تىزلان، بۈگۈن ئۇخلىشىڭغا رۇخسەت يوق.» ئەسلىدە،ئانا ئۇنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگىنىنى كۆرۈپ، قوشنا ئۆيدىكى ساۋاقداشلىرىدىن سورىغان، ئۇنىڭ ئىمتاھاندا بىرىنچى بولالمىغىنىدىنمۇ خەۋەر تاپقان ئىدى.
   ئۇ كۈنى ،قىز بىر كېچە تىزلاندى، تامغا قاراپ تۇردى ، بىر تامچىمۇ ياش تۆكمىدى، بىر ئېغىزمۇ يالۋۇرمىدى،ئۆگەي ئانىسى شۆلگەيلىرىنى چاچرىتىپ ئۇنى كارغا كەلمەيدىغان دېدى، ئۇ ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ،مەڭگۈ چىڭ تۇتىدۇ، مۇشۇ كارغا كەلمەيدىغان دېگەن گېپى ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە، ئۆتكەندىمۇ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نۇرغۇن پۇل تېپىشقا ،ئاندىن كېيىن تاپقان پۇللىرىنى ئۆگەي ئانىسىنىڭ يۈزىگە ئېتىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭدىن :«ئەينى ۋاقىتتا كىمنى كارغا كەلمەيدىغان دېگەن ئىدىڭ؟»دەپ سوراشقا قەسەم قىلدى.
   ئەتىسى،ئۇ ئورنىدىن ئاران تۇردى،پۇتلىرى بوشىشىپ،يەنە تىزلىنىپ قالدى.ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئوغلى ئىچ ئاغرىتىپ ،قولىدىكى چوكىنى قويۇپ،ئۇنى يۆلەشكە تەمشىلىۋېدى،ئانا ئۇنى توسۇپ قويدى:« ئۆزى تۇرسۇن،بۇ بىر ساۋاق،يەنە بىرىنچىلىكنى ئالمايدىكەن،يۇقالسۇن!»
                         (4)
   ئۆگەي ئانا ئۇنى قوغلاپ چىقارمىدى،چۈنكى ئۇ قىلالىدى،ھەر قېتىملىق ئىمتاھاندا بىرىنچىلىكنى ئالدى،ھەتتا مۇئەللىم ئاتا-ئانىلار ۋە ساۋاقداشلارنىڭ ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە ئىلگىرلىشىنى ئۆرنەك قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆگىنىش تەجرىبىسىنى يېزىشقا ، ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇشقا بۇيرىدى. ئۇ كۈنى ،ئۆگەي ئانىمۇ پەستە،چىرايىنى ئاۋالقىدەكلا قىلچە ئۆزگەرتمەستىن ئولتۇراتتى. يىغىندىن كېيىن،نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ئانىدىن بالىنى قانداق تەربىيىلىگەنلىكىنى سوراش ئۈچۈن ئۆگەي ئانىنى ئورىۋېلىشتى. ئانا بۇ نەتىنجىنىڭ بىرىنچىسى ئۇنى تىزلانغۇرغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى بولالمىسا تىزلىنىدىغانلىقى، بولمىسا ئۆيدىن قوغلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
   
   بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار يۈزلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن باشقىچە نەزەر بىلەن قىز ۋە ئۆگەي ئانىغا سەپسالاتتى. ئاشۇ ۋاقىتتا،ئۇنىڭ بىردىنبىر  ئۆزى پەخىرلىنىدىغان غورۇرىمۇ بەربات بولدى. ئۇ چىشىنى چىڭ چىشلىگىنىچە ،ئۆزى ئۆيىگە بالدۇر قايتتى،ئۇ ئاللىقاچان قانداقلا ئىش بولسا يىغلىماسلىق ۋە باشقىلارغا يېلىنمەسلىكنى ئۆگىنىپ بولغان ئىدى.لېكىن ئۇ ئىچىدىكى ئاچچىقىنى قانداق چىقىرىشنى بىلمەيتتى،ئۇ مۇشتۇمى بىلەن تامغا كۈچەپ بىرنى قويدى،بىر ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىنى ئاغرىتىپ، ئۆزىنى خېلى راھەت ھېس قىلدى.
   ئۇ ئاچچىقىنىمۇ چىقىرىپ بولۇپ، ئۆگەي ئانىسىنىڭ كەينىدە تۇرغانلىقىنى بايقىدى.ئانا ئىلگىرىكىدىن سەمىرىپ، بەدەنلىرى ئىششىپ كەتكەندەك، يۈز مۇسكۇللىرى تىترەپ ،بەتبەشرە ھالغا كىرىپ قالغان ئىدى.ئانا سوغوقلا قىلىپ :« شۇنچىلىك ئىشقا ئاچچىقلاپ مۇشۇنداق بولۇپ كەتتىڭما؟ بۇنىڭدىن كېيىن تېخى زەربىگە ئۇچرايدىغان ئىش تېخى نۇرغۇن، بۇ قېتىم تامنى مۇشتلىساڭ،كېيىنكى قېتىم ئېسىلىپ ئۆلىۋالامسەن ؟»
   ئانىنىڭ شالداملىرى ئۇنىڭ يۈزلىرىگە چاچرىدى:« مەن ساڭا دەپ قوياي، جوۋ يۈ جىيا، ئۆلگۈڭ بولسىمۇ، كېيىن پۇل تېپىپ، قەرزلىرىڭنىڭ ھەممىنى ماڭا تۆلەپ ئاندىن ئۆلگىن،سەنچە شۇنچە يىلدىن بېرى مەن سېنى بىكارغا باقتىممۇ ؟»
    ئۇ قەيەردىن كەلگەن غەيرەت ئىكەنلىگىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى، ئۆگەي ئانىسىنىڭ تىل-دەشنامىنى ئىشتىپ بولغاندىن كېيىن بىرگە بىرنى قىلىپ :« خاتىرجەم بولۇڭ،قەرزلىرىڭىزنى چوقۇم ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن.»
   ئېھتىمال ئانا قىزنىڭ بۇنداق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك،ئېغىزىنى ئېچىپ ھاڭۋېقىپلا قالدى، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن زەردە بىلەن:« ئاۋال نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئاندىن دېيىشەيلى،ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولسا سېنى ئوقۇتمايمەن، قاراپ باقاي پۇلۇمنى قانداق تۆلەيسەنكىن!»
                         ( 5 )
   ئانىنىڭ مېۋە-چېۋە دۇكىنىنىڭ سودىسى ئىلگىركىدك ياخشى بولمىدى.ئىلگىرى ئۇ پات-پات ئۆيگە ئۇششاق ئالمىلارنى ياكى ئاپلىسىن ياكى بولمىسا قارىداشقا باشلىغان بانانلارنى ئالغاچ كېلەتتى. لېكىن ھازىر كەمدىن كەم شۇنداق قىلاتتى. ئۇ ھەر كۈنى كارۋىتىدا ئولتۇرۇپ، بىردىن بىردىن پۇلنى سانايتتى،پۇلمۇ ئازىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.شۇنىسى ئۇنىڭغا ئايدىڭ ئىدىكى، ئۇ پەقەت تەڭرىنىڭ پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەيتتى،ئۇ پۇل تاپالمىسا قەتئىي بولمايتتى، ئۇنداق بولغاندا قىزنى ئوقۇتۇشقا ئامالسىز قالاتتى.
   ئاشۇ كۈنى ،قوشنا قورودا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشى قىزنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى، ئىشىكنى ئانا ئېچىپ بەردى،ساۋاقدىشى قىزغا :« جوۋ يۈ جىيا، مەندىن ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرغان پايدىلىنىش كىتابىنى كۆرۈپ بولدىڭىزمۇ، چارەكلىك ئىمتاھان باشلىناي دېدى ، مەنمۇ جىددىي ئىشلىتەتتىم.»
   پايدىلىنىش كىتابىنىڭ باھاسى ئەرزانمۇ ئەمەس، ئىككى توم بىر يۈرۈش بولۇپ ، بۇ قېلىن كىتاپ 50نەچچە يۈەن ئىدى.شۇڭلاشقىمۇ، ئۇ نەچچە قېتىم ئۆگەي ئانىسىغا ئېغىز ئاچماقچى بولدىيۇ ،لېكىن پېتىنالمىدى.لېكىن، ئەتىسى ئانا ئۇنىڭغا 100يۈەن بەردى. ئېنىقىنى ئېيتساق ،يۈز يۈەننى ئۇنىڭغا ئېتىپ بەردى،خۇددىي سەدىقە بەرگەندەك:« بېرىپ كىتاپ ئالغىن،باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشنى سېتىۋالغىن.»ئۇ پۇلنى تىرىپ ئېلىۋاتقاندا،ئەمدى ئىللىغان كۆڭلى ئۆگەي ئانىسىنىڭ سۆزلىرىدىن يەنە مۇز تۇتتى:«بۇ 100يۈەننى مەن ھېسابات دەپتىرىمگە يېزىپ قويىمەن، پۇل تاپقاندا ماڭا 200 يۈەن قايتۇرىسەن،ئۆزۈڭ ئېيتقان ،ھەسسىلەپ قايتۇرىسەن.»
   ئۇ نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقىتتا، ئۇ ئۆگەي ئانىسىنى ئۆزىنى ماختىمىسىمۇ،لېكىن ئەمدى ئۇنى ئۇنچە تۆۋەن كۆرمەيدۇ،چۈنكى ھەقىقەت ئۇنىڭ ھېلقى كۈندە ئويۇننىلا بىلىدىغان بالىلاردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى  ئىسپاتلىدى دەپ ئويلىغان ئىدى.ئەكسىچە ئانا پەقەت قىزنىڭ قوبۇل قىلىنغالىق ئۇقتۇرۇشىنى قولىدا تۇتقىنىچە ئوقۇش پۇلىنى بىرمۇبىر ھېساپلىغاچ،پات-پات بېشىنى كۆتۈرۈپ:« ۋۇ قەرزدار جىن، سېنىڭ ماڭا پۇلنى كېيىن قايتۇرىدىغانلىقىڭنىڭ يۈزىنى قىلمىسام ،سېنى ھەرگىز ئوقۇتمايتتىم.»
   ئۇ ئۆگەي ئانىسغا مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشنى مەسلەھەت سېلىۋىدى،ئانا قوشۇلمىدى،ئانا قىزنىڭ پىشانىسىنى نوقۇپ تورۇپ:«مەكتەپتە ياتسا پۇل كەتمەمدىكەن ؟» دېدى. ئۇ ئۆگەي ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئۇنىڭ كەڭرىۋاتقان يۈزلىرىگە قاراپ، يەنە سۆزلىگۈسى كەلمىدى،يۇۋاشلىق بىلەن ئۆيدىن بېرىپ ئوقۇدى. چۈنكى ئۇ پەقەت ئۈچ يىل چىدىسلا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
                           ( 6     )
   لېكىن ،ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ ئاشۇ قىپقىزىل ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىق ئوقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا يىغلىدى. ئۇ يىغلىمىغىلى ئۇزۇن بولغان، بىراق بۇ قېتىم چوقۇم يىغلىۋېلىشى كېرەك. ئۇ مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى،ئانا ئۇنىڭغا بەنشىر تۈگۈپ بەردى، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ئۇنى ئۇزۇتۇپمۇ قويمىدى،ئۇ ئېغىر يۈك تاقلىرىنى ئېلىپ نەزىرىدە ئۆي ھېساپلىمايدىغان ئاشۇ يەردىن ئايرىلدى. ئۆگەي ئانىسىنىڭ قىزىغا تۇتقان يوللۇقى يەنە شۇ كەينىگە ئۆرۈلگەندە كۆرۈنگەن سوغوق كۆلەڭگىسى بولدى.
   ئۇ ئەمدى بارا-بارا ئۆگەي ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلغا بېقىنمايدىغان بولدى،سرتتا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق ئىشىدىن ئىككىنى تاپقان بولۇپ،قىشلىق-يازلىق تەتىللەردىمۇ قايتمايتتى،تاپقان پۇلى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن يېتەتتى.ئانىمۇ ئۇنىڭغا پەقەت تېلفۇن قىلمايتتى،مەكتەپكە كۆرگىلىمۇ كەلمەيتتى. ئالىي مەكتەپتىكى رەڭگارەڭ تۇرمۇش، ئۇنىڭ ئۆزىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىپلا قالماستىن، ئۆگەي ئانىسىنىمۇ ئۇنتۇلدۇردى.
   ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىكى باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا، ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئوغلىدىن تېلفۇن كەلدى، ئۇ قىزغا پەقەت قايتىپ كېلىشنىلا ئېيتىپ ،باشقىنى دېمىدى.راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ قايتىپ بارغۇسى يوق ئىدى،نېمىشقا قايتىپ بارغۇدەك ؟ ھېچكىمىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئازراقمۇ مىھرى بولمىسا،ئۇنىڭمۇ ھېچكىمدىن ئەنسىرىشى،ھېچكىمگە قەرزى يوق، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنى پەقەت كىچىك ھايۋانلارنى باققاندەك ئاتالمىش«مېھرىبانلىق» خالاس. لېكىن ئۇ قەرزىنى قايتۇرىدۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،پۇل تاپسىلا ،ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن ئۆگەي ئانىسىنىڭ پۇلىنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،ئۇندىن كېيىن ئۇلار ئارىسدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت قالمايدۇ.
   قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، يەنەشۇ ئۆي،يەنە شۇ سەرەمجانلار، پەقەت ئازراق چۆلدەرەپ قالغان. ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئوغلى بىر چەتتە تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى.ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگەي ئانىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى سورىمىدى ،ئەمىليەتتە بۇ ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى ئەمەس ئىدى. ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئوغلى نەچچىنى چەكتىكىن ئۇلاپ خېلى كۆپ تاماكىنى چىكىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا بىر كونا كۈندىلىك خاتىرىنى تۇتقۇزدى.
   ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئېسىدە بار ،ئۇ دېگەن ئۆگەي ئانىسىنىڭ مەخسۇس قايسى يىلى قايسى ئايدا قىزنىڭ قانچە پۇل خەجلىگەنلىكىنى خاتىرلەيدىغان ھېسابات دەپتىرى، ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۆگەي ئانىسىنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي خاتىرىگە تولۇق يېزىپ ، خاتىرىنى يېپىۋىتىپ ئۇنىڭغا :« ئۆزۈڭچە نەچچە پۇل قەرز بولغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىما،مەن دېگەن بىرمۇ-بىر خاتىرلەپ مېڭىۋاتىمەن جۇمۇ!»دېگەن ئىدى.
   قىز سوغوق بىر كۈلۈپ قويۇپ،ئۇنىڭغا قاراپ:«نېمە ؟ مېنى ھازىرلا قەرز قايتۇر دېمەكچىمۇ ؟» دەپ سورىدى. خاتىرىدىن بىر تال چەك چۈشۈۋىدى ، قىز ئىككىلىنىپراق ئېچىپ باقتى،چەكتە 20،000 يۈەن پۇل بار ئىدى.
                          ( 7 )
   قىز ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ ھېسابات دەپتىرى ئەمەس، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى قەتئىي خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ، ئۆگەي ئانىسىنىڭمۇ كۆز يۇمغانلىقىنى ھەمدە ئۆينى سېتىپ ئۆي پۇلىنى ئوغلىغا ، مېۋە-چېۋە دۇكىنىنى ساتقان پۇلنى قىزغا قالدۇرغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
   ئۇ بەك ئازاپلىنىپ كەتمىدى ،ناھايىتى تەمكىن ئىدى. خاتىرىنى ئېچىپ، بىربەت-بىربەتتىن ۋاراقلاشقا باشلىدى،ئۇنىڭ قوللىرى تىترىمەكتە ئىدى، تىترىگەنسىرى قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ ، پۇتىغا تەگدى. ئۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى ، كۆزلىرىدىن ياشلىرىنىڭ ئېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى جەزىم قىلدى.
    ئانا خاتىرىسىدە:«لاۋجوۋ، خاتىرجەم بولۇڭ. ماڭا ئەمدى بولدى،يەنە كېلىپ ئەمدىلىكتە باشقا بىرىنىڭ كېلىپ ئالدىنقى ئىككى ئېرىمدىن بولغان بالام بىلەن مېنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن . مەن چوقۇم جىيايۈنى ياخشى تەربىيەلەيمەن،ئۇنى چوقۇم ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىمەن.»
    ئانا:«مېنى بالىغا قاتتىقلىق قىلدى دەپ ئاغرىنماڭ،جىيايۈ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى يوق، ئۇ چوقۇم قەيسەر، مۇستەقىل، چىداملىق، تىرىشچان بولىشى كېرەك!» ئانا يەنە :« جىيا يۈ، بىرىنچى بولالمىدى،مەن ئۇنى جازالاپ تىزلىنىشقا بۇيرۇدۇم،ئۇ سىز ئۈچۈن تىزلاندى،بىرىنچى بولالماي ئۇ ئەڭ يۈزكېلەلمەيدىغان ئادەم سىز.»
    ئانا:«لاۋجوۋ،مەن بىر سەھرالىق ، كۆپ ئوقۇمىغان،بالا تەربىيەلەشنى بىلمەيمەن،تەربىيەلەش ئۇسۇلۇمنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيمەن،لېكىن جىيا يۈ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى،تېخى نۇقتىلىققا دەڭە، ،ئۇ ئەمدى ئۆزىنى ئۆزى باقالايدىغان بولدى...... مەن يىغلا پمۇ باقتىم ،كۈلۈپمۇ باقتىم ،ئەمدى ئارام ئالىدىغان ۋاقتىممۇ بولدى، بەك چارچاپ كەتتىم.»
    ئانا:«جىيايۈ،سەن بەش ياشقا كىرگەن يىلى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ،مەن بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈردۈڭ،مېنىڭ ئۆز بالامدەكلا، سېنى ئۇردۇم ،تىللىدىم ،لېكىن ھەممىسى سېنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشۇڭ ئۈچۈنغۇ ،لېكىن نېمىشقا سەن مېنى كۆرگىلى كەلمەيسەن ؟»
    ئانا:«مېنڭ بۇ كونا جىگەر كېسىلىم بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، پەرىزىمچە يەنە نەچچە كۈنلۈكۈم قالدى، مىيت ئۇزاتقاندا ئىشلىتىدىغانغا بىر پارچە رەسىمىمنى قالدۇراي دېسەممۇ يوقكەن، ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا ئىش بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرۈپتىمەن،نېمىشقا رەسىمگە چۈشۈشنى بىلمىگەندىمەن؟»
    مەنبە: «ئاۋام ھېكايەتلىرى» ژورنىلى 2013-يىللىق 2-سان( كېيىنكى يېرىم ئاي )[
    دىن ئېلىندى. (4-5-6-7-8-9-10بەتلەر)
چ چ : 190955634
  

ئەسلىسى

继母的账本
   

                                         
文/艾 妃

    她对亲生母亲并没有印象,母亲离开家的那年,她还太小,两岁,是没有记忆的年龄。与父亲一起生活到5岁,便有了继母。与其他类似家庭不同的是,自己与父亲住在继母的房子里,花着继母的钱。  继母家里有一个大她3岁的男孩,并不欺负她,却也很少同她讲话,偶尔看她一眼,带着不屑的神情。继母开了一家水果店,同父亲的感情似乎很好,做好饭要等着父亲回家才可以吃,还要为他烫上二两酒。那时,父亲在一家工厂做临时工,领着很低的薪水。  她是个沉默寡言的孩子,与继母不算亲近。继母出学费供她上学,为她和父亲洗衣。与同龄孩子相比,算不上幸福,可也相安无事。就这样,平平淡淡地生活,直到10岁那年,父亲所在的工厂发生旧厂房坍塌事故,4个工人被压在下面,其中就包括父亲。她赶到医院时,父亲已经被纯白的单子盖住,身旁是号啕大哭的继母。她怔怔地站在病房门外,继母的儿子在身后推她,快去看看你爸爸啊……她回过神来,死命地扑过去,“哇”的一声哭倒在父亲身上。  父亲出殡那天,她呆呆地捧着遗像,听到有人说,这孩子多可怜,不知道会不会被后妈赶出门去。当晚,她梦见自己衣衫褴褛地沿着街头乞讨,不时地有男孩子向她身上扔石子,骂着。醒来后,生平第一次,她有了极强的恐惧感。  清晨,继母像平时一样做饭,唤她起床,仿佛一切从未发生过。她头很疼,低声乞求,我今天,可以不去上学吗?我想爸爸。  她以为继母会同意下来,可是,继母面无表情地说,不行!不去上学,你爸就能活过来吗?他要是活着也会打你几巴掌。  那天,她是哭着吃的饭,哭着背起书包出门的。出门前,继母在身后叫她的大名,周家玉,你记住,从明天开始,别再让我看到你哭。  从那天开始,继母几乎没有对着她笑过,说话时也是大吼大叫,与父亲在世时完全不同。她想,果然是后妈的作为,自己一定要快快长大,离开这个家,再也不要回来。  她读初一那年,第一次来了月经,她害怕,恐慌。继母知道了,扔给她一个卫生巾。  她捏着卫生巾不知如何使用,继母并不帮她,也不指导,斜着眼睛看着她,大声吼道,周家玉,什么事情都要靠别人去教你吗?  只是一瞬,她委屈的泪忽然涌了出来,她知道,从现在起,自己的事情自己做,不要指望任何人。  她开始学着洗衣,做饭,打扫卫生,还有缝扣子。继母说到做到,再没为她洗过一次衣服,也不需要她洗家里的衣服。       继母没有读过多少书,她的儿子学习成绩也一般,中学毕业后读了中专。可继母却命令她,必须拿第一,不然就别回来。  尽管她的学习成绩不算差,可与第一名还存在着很大的距离。她心中是有恨的,恨这个狠心的女人,对自己的苛刻,她觉得,继母是在千方百计找理由赶她出门,可她现在不能离开这里,她不能成为乞丐。  于是她不得不努力学习,万家灯火已熄灭后,唯独她的灯还亮着,有时候实在困了,就趴在桌子上睡一会儿,醒来洗洗脸,接着学习。她讨厌学习,但她知道,自己没有选择,必须拿第一。  期末考试成绩公布,她的名字向前跃了二十多名。排班级第三。连班主任老师都有些震惊,一向沉默寡言的她会忽然排到前三名里来。同学们也惊讶地望着她,她却用力咬着嘴唇,没有一丝胜利的喜悦。  放学后当她犹豫着走进家门时,继母指着墙角骂,不争气的废物,跪着去。原来,继母在她回来前就去邻居的同学家问过,知道她没有考得第一名。  那晚,她一直跪着,但面对着墙壁,没有落一滴眼泪,也没有说一句软话。为这句“废物”,她发誓要考上大学,重点大学,毕业后挣很多的钱,然后她要把钱摔在继母脸上,问她,你当年说谁是废物?
    继母水果店的生意大不如前。从前,她会偶尔拿回来一些较小的苹果、橘子,或者已经发烂的香蕉,但是现在却很少这样了。她每天坐在床上,一张一张地数钱,钱也变得少了起来。这些,她看得清楚,现在她只祈求上天保佑,继母千万别挣不到钱,那样就无法供她读书了。  那天,住在隔壁的同学来找她,是继母开的门,同学说,周家玉借我的参考书看完了没有?快中考了,我也着急用。  参考书的价格并不便宜,两本一套,厚厚的大开本,要五十多块,因此,她几次想向继母要钱买,都没有张开嘴。可是,第二天,继母就给了她100块钱,确切地说,是甩给她100块钱,像施合一样,说,去买书吧,买和人家一样的书。她捡起钱,心刚刚被温了一下,却立刻又被继母的话冷却回来,这100块我记在账上,你挣钱了得还我200块,你自己说的,加倍还我。  她真的考上重点高中时,以为继母即使不会表扬她,也会高看她一眼,事实证明,她比继母那个每天只知道玩的儿子强得太多了。而继母只是拿着那张录取通知单一遍遍地核算着学费,还时不时仰起头说一句,真是讨债鬼,要不看在你以后会还我的分上,我肯定不再供你。  她和继母商量打算住校,遭到反对,继母戳着她的额头,住校不用花钱是不是?她鄙夷地看着继母横向发展的脸,没再继续说下去,顺从地住在家里。因为她知道,自己只要再坚持3年,就真的胜利了。  3年后,当她拿到那一纸鲜红的录取通知书时,她还是哭了。她太久没有哭过了,可是这次,她必须哭一场。她去学校报到的前一天,继母给她包了饺子,没有说话,也没有送她,她背着厚重的行李离开了那个不算家的家。继母转过身去,给了她一个冰冷的背影。  渐渐地,她已经不再需要继母寄钱过来,自己在外做了两份家教的工作,包括寒暑假也不曾回去,挣来的钱虽不多,但也可以供自己读书和生活。继母也从不打电话给她,更不会来学校看她。大学的生活丰富多彩,她找回了自己的同时,逐渐把继母从脑海里抹去。四    大三那年春节前夕,她接到了继母儿子的电话。他只说让她回去一趟,没说其他。其实她极不情愿,为什么要回去呢?没有人对她存有感情,她对任何人也没有牵挂;亏欠的,也只是多年以来,像养只小动物一样的所谓“恩情”罢了。但她会还钱,她想,只要大学毕业,她挣了钱,会兑现她当年的承诺,加倍把钱还给继母,尔后,她们之间,再无关系。  回去后,还是那栋房子,还是那些摆设,只是,冷冷清清的,继母的儿子坐在一边抽烟。她没有主动问继母去了哪里,本也是不属于她关心的事情。继母的儿子不知抽了多少烟后,起身给了她一个破旧的日记本。  她当然认得,那是继母的账本,专门记她哪年哪月花了什么钱。有很多次她见到继母一丝不苟地在上边写着,见到她,就合上说,别以为你欠我多少我会忘了,我可都明明白白地记着呢!  她冷笑一声,拿起账本,抬头看了他一眼,问,怎么,现在就要我还钱?账本里,掉出了一个存折,她犹豫着打开,上边存有两万元。  她没有想到,那不是账本,而是继母的日记,更没有想到的是,继母已经去世了,并且把房子留给了儿子,把卖掉水果店的钱留给了她。  她没有觉得自己有多悲伤,有的只是震惊。打开日记,一页一页翻下去,她的手开始颤抖。继而,抖动得拿不住那个本子。掉了下去,砸到自己的脚上。她蹲下来,确定自己的眼里,有眼泪喷薄而出。  继母说,老周,你放心,我不会再找了,再说也不一定有人接纳我这个带着两个前夫孩子的女人。我一定会把家玉带大,让她做个有出息的人。  继母说,你别怪我对孩子狠,家玉不同别的孩子,她没有亲生父母,她必须坚强,自立,忍耐,刻苦!  继母说,家玉没有考第一,我罚她跪着,那是在跪你,她不考第一,最对不起的是你。  继母说,老周啊,我是从农村出来的,没读过多少书,我不会教育孩子,我不知道我的教育方式对不对,但是家玉考上大学了,重点的,她可以自己养活自己了……我笑了哭,哭了笑,我也该歇歇了,我累啊!  继母说,家玉,你从5岁那年来我家,跟着我生活,像我自己的孩子一样,我打你是打你,骂你是骂你,可总归是希望你有出息,你怎么就不能回来看看呢?  继母说,我这老肝病,越来越严重,估计也活不了几天了,想找张照片当遗像都没有,前些年只顾着干活了,怎么也不知道照张相呢…… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-9 17:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-9 23:14:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئۆگەي ئانىلارنى تاپماق تەس جۇمۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش