يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 801|ئىنكاس: 7

ئالاھىدە ئىقتىدار(ياپونىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
               ئالاھىدە ئىقتىدار
                        
                                                 شىڭ شىن يى (ياپونىيە)   
                  
                                                     ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات تەرجىمىسى
تېلىۋېزىيە ئىستانىسنىڭ خەۋەرلەر دېكتورى، بىر كۈنى، ئاۋالقىدەكلا خەۋەرنى ئاڭلىتىدىغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ،كۆزىنى يومۇۋېلىپلا سۆزلەشكە باشلىدى :
   « تۆۋەندە خەۋەر ئاڭلىتىمىز. بىر پارچە پارابېرىش- پارا ئېلىش دېلوسى بايقالغان. دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، k كارخانا قەرەللىك ھالدا باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا زور مىقداردا پارا بەرگەن ......»
   ئاڭلىتىش تۈگەپ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدا غوۋغا كۆتۈرۈلدى. بەزىلەر ئۇنىڭدىن :« سەن نېمىشقا ئەسلى ئارگىنالدا پەقەتلا يوق ئىشلارنى ئاڭلىتىسەن؟»
   « نېرۋاڭدىن چاتاق چىقتىمۇ؟ نۇمۇسسىزلىق، باشقىلار چوقۇم قارشى چىقىدۇ.  مۇشۇنداق جۆيلىسەڭ، تېلىۋېزىيە ئىستانىسىمىزنىڭ  ئابرويى يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.»
   تېلىۋېزىيە ئىستانىدىكىلەر قوررققىنىدىن چىرايىدا قان قالمىغان، ھېلقى دېكتورمۇ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىشنى كۈتۈپ تۇراتتى.شۇنداقتىمۇ، ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى ھېچكىممۇ تېلفۇن قىلىپ نارازىلىغىنى بىلدۈرمىدى.
   بۇنىڭدىن سىرت، تېلىۋېزىيە ئىستانىسى خەۋەردە ئىسمى ئاتالغان ئۇ بىر قانچە نەپەر ئەمەلدارلارنىڭ سەۋەنلىگىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ خىزمىتىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۋالدى. يەنە، بۇ خەۋەرگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىگەن ساقچى تەرەپ، k كارخانىنى تەكشۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا پارا ئالغانلىق ئىسپاتىنى قولغا چۈشۈرۈپ، گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپتى.
   تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدىكى كەيپىيات بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېكتور ئەتىگەندە پارتلاتقۇچ خاراكتىرلىك خەۋەر  ئاڭلاتتى، قوللاشلار ئەيىبلەشلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.
   « ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت، سىز بۇلارنى قانداق بىلدىڭىز ؟»
   «مەنمۇ ئانچە بىلمەيمەن. پەقەت بۇ ئىشلار مېڭەمدە بىر چاقنايدۇ دە، سۆز بولۇپ تىزىلىپ ئىختىيارسىزلا ئېغىزىمدىن چىقىپ كېتىدۇ. »
   « ئالاھىدە ئىقتىدارمۇ تېخى بىر نەرسە دېمەك تەس. سىزنىڭ خۇپىيانە ھالدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بايقىيالايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارىڭىز باركەن. بۇنىڭدىن كېيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن جارىي قىلدۇرۇڭ . تېلىۋېززىيە ئىستانىسىمىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىمۇ بىراقلا كۆپەيسۇن. »
   « لېكىن، مەن ئوڭۇشلۇق بولۇش بولماسلىقىنى بىلمەيمەن.»
   كېيىنكى كۈنىدىكى خەۋەر ئاڭلىتىش ۋاقتىدا، بۇ دېكتور يەنە جۆيلۈشكە باشلىدى:« ئۆتكەن يىللىق باج ئوغۇرلىغانلارنىڭ ئالدىنقى ئون نەپەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئاڭلىتىمىز. بىرىنجىسى......»
   شۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئۇ باج ئوغۇرلاش سوممىسىنىلا ئەمەس، يەنە تەپسىلىي قىلىپ ئۇلارنىڭ باج ئوغىرلاشتا قوللانغان ۋاستىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئاڭلاتتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ دېگىنى يەنە توغرا چىقتى.
   باج ئىشلىرى مەھكىمىسىدىكىلەر دەرھال ھەركەتلىنىپ ،ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئىسپاتنى قولغا چۈشۈردى.شۇنداق قىلىپ ، بۇ خەۋەرلەر پىروگراممىسى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، ئاڭلىغۇچىلار ۋە كۆرگۈچىلەر توختىماي تېلفۇن ئۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردى.
   « قالتىس، ئاممىنىڭ سەپدىشى! ئالاھىدە ماھارىتىڭىز بىلەن ، يامانلارغا قىلچىمۇ يۈز خاتىرە قىلماي ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىپ، بىز كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى خۇشھال قىلىڭ.»
    شۇنىڭ بىلەن بۇ دېكتور تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدا يېتىپ قوپوپ، كۈندە ئۈچ ۋاق خەۋەر ئاڭلىتىدىغان بولدى، ھەر بىر قېتىم ئاڭلاتقان پارتىلاتقۇچ خاراكتىرلىك خەۋەردىن بىرنى ئاڭلىتاتتى، بارا-بارا داڭق چىقتى.
   لېكىن ، بىر قانچە كۈن ئۇلاپ شۇنداق قىلىۋىدى، ئۇ بەرداشلىق بېرەلمىدى، ھەر ھەپتىدە بىر ئاماللارنى قىلىپ رۇخسەت سوراپ، ئۆيگە قايتماقچى بولاتتى.  لېكىن ئۆيگە قايتىش يولىدا ، كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى كۆرۈشى ھامان غىپپىدە تىكىۋېتەتتى.
   بەزەنلىرى بەلكىم شىركەتنىڭ كاماندىروپكا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار، قائىدىگە خىلاپ ماشىنىدا ئولتۇرغانلار، يالغاندىن كېسەل بولىۋېلىپ خىزمەتكە بارمىغانلار، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا ئىمتاھاندا كۆچۈرگەنلەر،ئىلگىرى ئاياللارنى ئالدىغانلار دېگەنگە ئوخشاش،ھەممىسىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاساسى بار ئىدى.ئۇلار تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ بۇ ئەڭ نوپۇزلۇق دېكتورى بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىمايتى، بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ چاۋىسىنىڭ چىتقا يېيىلىشىدىن ئەنسىرەيتى،ئۇنداق بولسا بەرداشلىق بېرەلمەيتى. شۇنىڭ بىلەن ،تەرپ-تەرەپكە قېچىشتى.
   ئۇنىڭ كەيپىياتى سولغۇن ، ئاخىرى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. لېكىن ،ئايالى ئۆيىدە كۆرۈنمەيتى، ئاڭلاشلاردىن قارىغاندا بىرقانچە كۈن بۇرۇنلا تىكىۋەتكەن ئىدى. ئۇمۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنىڭ چاڭگىلىدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.
   مەنبە: خۇنەن ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى2011-3-ئايدا تۇنجى نەشىر قىلغان «يۈز يىللىق كىلاسسىك مىكرو ھېكايىلەر»(چەتئەل تومى) دېگەن كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. 30 -،31-بەت.


تەرجىمان : ئاقسۇ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات
تېلفۇن:13657567811
   阿克苏市工商行政管理局  阿不都克依木.沙木沙克
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-9 18:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-9 19:53:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېكرو ھېكايىلەر توپلى،ىڭىزغا ئوغرى تەگسە بولغىدەك. خېلى پۇزۇر نەرسىلەر بەركىنا ئەينا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-9 19:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكران يوللىغان ۋاقتى  2013-3-9 19:53
مېكرو ھېكايىلەر توپلى،ىڭىزغا ئوغرى تەگسە بولغىدەك. خې ...

شۇنداقمۇ ، سىزگە يارىغان بولسا ئوغرىغا تېخىمۇ بەرمەي پات -پات بۇ يەرگە ئەكىلىپ تۇراي ،تەڭ بەھىرلىنەيلى .

ۋاقتى: 2013-3-9 20:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكزات يوللىغان ۋاقتى  2013-3-9 19:56
شۇنداقمۇ ، سىزگە يارىغان بولسا ئوغرىغا تېخىمۇ بەرمەي  ...

ماقۇل. مەن مېكرو ئەسەرلەرگە بەك قىزىقىمەن. پات-پات مۇنبەرنى تەمىنلەپ تۇرغايسىز ئىنىم.

ۋاقتى: 2013-3-9 22:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلار بولسا ئايىماي يوللاپ تۇرارسىز .

ۋاقتى: 2013-12-6 22:21:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز!!!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2013-12-6 22:21:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز!!!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2014-1-8 15:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ھەق گەپ قۇلاققا ياقمايدۇ، دەپ راست دەيدۇ ئەمەسمۇ، «ئالاھىدە ئىقتىدارلىق» كىشى ئەڭ ئاخىرىدا يالغۇز قاپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش