بەرگىيە ماڭا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن زامانداش يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قەلەم ئىستىداتىغا مەن ھەقىقەتەن قايىل. ئۇنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ، پېرسۇناژلار پىسخىكىسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بەرگەندەك ئوقۇرمەنلەرگە نامايەن قىلىشى ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى. پىسخىك تەسۋىرگە بەكرەك كۈچەيدىغانلىقى ئۇنىڭ ئۇسلۇبى دەپ چۈشەندىم. بەلكىم بۇ ئۇنىڭ شىئېرىيەت ۋە نەسىر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ ماس قەدەمدە شۇغۇللىنىشى پايدىلىق شەرت - شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن بولسا كېرەك.
بەرگىيە ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپىقىيىتى كۆپىنچە پىروزا ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. «مەن تۇل خوتۇن، لېكىن بۇزۇق ئەمەس»، «قانسىرىغان گۈل» ناملىق ئەسەرلەرنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ۋەقەلىك بىلەن تەسۋىرنىڭ، مۇھاكىمە بىلەن لىرىكىنىڭ گارمۇنىك بىرلىكىنى ھاسىل قىلغان بولسا، «ئىھ، خىرۇستال قىز» ناملىق ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ئۆزىنىڭ شۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ كەڭ تەپەككۈ بوشلۇقى ۋە ھېسسىيات پايانى يارىتىپ بەردى. 10 ئايدىن ئارتۇق ۋاقت سەرپ قىلىپ يېزىلغان بۇ ئەسەر كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئوقۇغانسېرى ئوقۇغىسىنى كەلتۈرىدۇ. ھەر بىر بۆلەك يۈرەكنى تىترىتىدۇ. بەزى بايان ۋە تەسۋىرلەردىن كۆزلەرنىڭ ئىختىيارسىز نەمدەلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنمۇ ھىس قىلىپ يېتەلمەيدۇ، ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ياشنىڭ تۇزلۇق تەمىنى تېتىيدۇ.
بەرگىيە ئەسەرلىرىدىكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك تەسۋىرلەردىن باشقا يەنە يېنىك مۇزىكىدەك رومانتىك لىرىكا بەرگىيە ئەرسەرلىرىگە خۇددى گۈل بەرگىدىكى شەبنەمدەك ھۆسىن قوشىدۇ. ئاشۇ شەبنەمدىن سىز يالتىراپ تۇرغان قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرەلەيسىز. ئەدەبىياتقا بولغان قۇياشتەك ئوتلۇق مۇھەببەت گۈل بەرگىدىكى شەبنەمدە نامايەن بولغان چاغدا، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ شەبنەمنى ئوتلۇق ھارارىتى بىلەن پارغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاخىرى پارلىنىپ يوقلۇق سەپىرىگە راۋان بولىدۇ. بىراق ئەنە شۇ قىسقىغىنە مەۋجۇتلۇق شەبنەم بىلەن گۈلنى مۇھەببەت ئارقىلىق بىر - بىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ. شەبنەم گۈلنىڭ باغرىغا سىڭىپ كېتىدۇ.
شەبنەمنىڭ گۈلنىڭ بەرگىگە سىڭىپ كېتىشى بىر قىسمەت. مۇھەببەتلىك قىسمەت. لىرىكىدىن كېيىن مۇھاكىمە بايراق كۆتۈرۈپ ئات سېلىپ كېلىدۇ. بەرگىيە ئەسەرلىرىدىكى مۇھاكىمە تولىمۇ قىممەتلىك. پەلسەپىۋىي ۋە ھېكمەتلىك پىكىرلەرگە تويۇنغان بەرگىيە ئەسەرلىرى كىشىگە ھېسسىيات جەھەتتىن ھوزۇر ۋە خۇشاللىق بېغىشلاشتىن باشقا تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە مۇھاكىمىلىرى بىلەنمۇ قىممەتلىكتۇر.
ئەلۋەتتە بەرگىيە ئەسەرلىرى نۇرغۇن ئۇتۇقلىرى بىلەن بىللە بەزى كەمچىللىكلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇ تەرەپلەرگە نىسبەتەن مەنمۇ جىق پىكىر يۈرگۈزۈپمۇ كەتمىدىم. راست گەپنى قىلسام جىق ھىس قىلىپمۇ كەتمىدىم. بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەرگىيەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەرىمە نادىرى، «ئىھ، خىرۇستال قىز»نى ئۇيغۇرچە يېزىلغان «ئۆكسۈش» دەپ قارىشى مېنىڭچە بىر تەرەپلىمىلىك. بەرگىيە يەنىلا بەرگىيە. «ئىھ، خىرۇستال قىز»مۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئەسەر. ئۇنىڭ ئۇسلۇبى پەقەت ئۆزىگىلا خاس.
چىراق تۈۋى قاراڭغۇ دەپ، يازغۇچىلار مۇنبىرىگە كۈندە كىرىپ تۇرۇپ بۇ تېمىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن دېسە.
تۇرسۇنئاي سىڭلىم، ئاكىڭىز سىزدىن يەنە نۇرغۇن ئىلھاملارنى، نەتىجىلەرنى كۈتىدۇ. «ئىھ، خىرۇستال قىز» نەشىردىن چىققاندا ماڭا ئوننى سوۋغا قىلارسىز، پۇلغا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇيغۇران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 21:30
|