«بەرگىيە» دېگەن ئىسىملارنى نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇچرىتىپ يۈرگەن بولساممۇ، ئەمما بەرگىيە بىلەن تېخى يېقىنقى يىللاردا تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. گەرچەئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرغان بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى تېخى يېقىنقى يىللاردا بىلدىم. شۇنداق تور ئەدەبىياتىنىڭ كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئۆزىمىز يىقىن بولساقمۇ، قەلبىمىزدە كۆيۈۋاتقان بىر ئوت بار بولسىمۇ، ئەمما، بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىشمەي ياشايدىكەنمىز. پەقەت بىر كۈنى تاسادىپىي مانا مۇشۇنداق تۇنۇشتۇرۇلسا ۋەياكى بىرەر يەردە ئۇچرىشىپ قالساق «بىزنىڭ يۇرتتىمۇ مەن بىلمەيدىغان ئادەم بەركەن» دەپ كۈلۈپ كېتىدىكەنمىز. مانا مەن شۇنداق بولدۇم. ئۇنىڭ بىلەن تور دۇنياسىدا، مەۋھۈملۈكتە ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يىقىن تۇتۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچكىنىمنى، بىر كوچىدا يۈرگىنىمنى، تاسادىپىي بىر دۇكاندا ئۇچرىشىپ قىزىقسىنىپ قارىشىپ قويغىنىمىزنىمۇ بىلمەي يۈرۈپتىمەن..
«تۇرسۇنئاي» دەپ تۇنۇغاندىن بېرى مەن ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما ئاشۇ تاغلىرى ئاپپاق، چوققىلىرى قىزىل يۇرتۇمدا كۆرۈشەش نىسىب بولمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، يەنە مۇشۇ مەۋھۈملۈكتە ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ تۇرغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ھەر ۋاقىت ئەڭ گۈزەل لېرىكىلارنى بىزگە سۇنىشىنى. توختىماي ئىزدىنىپ بىز كۈتكىنىمىزدەك بىر ئايال يازغۇچى بولۇپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
|