نوبىل مۇكاپاتىنىڭ تۈنجى ساھىبى- سۇللى پرۇدھوم
ئائىشە قادىر
نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن شائىر سۇللى پرۇدۇم(Sully Prudhomme)
سۇللى پرۇدھۇم 1839-يىلى3- ئاينىڭ 16-كۈنى پارىژدا ئوتتۇرابۇرژىئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەن چاغدا دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولۇپ سۇلى ئانىسى،ھەدىسى بىلەن بىرلىكتە پارىژدا ياشىغان.«تايلاندئەدەبىياتنىڭ قوشۇمچە بېتى»دە يېزىلىشىچە،سۇللى كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىسمىنىڭ ئالدىغا قوشۇپ يېزىشقا ئادەتلەنگەن.
سۇلى پرۇدھۇم مەكتەپلەردە ئىزچىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇغان،كېيىن سانائەت پەنلىرى ئېنىستېتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن،ئەشۇ چاغلاردىكى ئەنسىزلىك سۇلىنىڭ مىخانىك بولۇش ئارزۇسىنى بەرباد قىلىپلا قالماستىن ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئىشەنمەسلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىدىغان بولۇپ قالغان.1860-يىللىرى پارىژدىكى مەلۇم بىر ئادوۋكاتلىق ئورنىدا خىزمەت قىلىپ بىرمەزگىلدىن كېيىن ئادوۋكاتلىق ئورنىدىن قايتىپ چىقىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى«داستانلار»1865-يىلى ئېلان قىلىنغان.1870-يىلىغا كەلگەندە سۇلىنىڭ ھاياتىدا ئۇنتۇلغۇسىز يەنە بىرئىش يۈزبەرگەن بولۇپ،ئۇنىڭ تاغىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ۋاپاتى سۇلىغا ئىنتايىن ئېغىر كەلگەن،روھىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىغان سۇلى خېلى بىرۋاقىتلارغىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەن.ھاياتىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ سۇلىغا بولغان تەسىرى شېئىرىي ئىلھام ئارقىلىق يېزىلىپ ،ئەينى دەۋردە ئالقىشلارغا ئېرىشكەن.سۇلى1907-يىلى9-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن سىڭلىسى ئۇنى يەرلىككە قويغان.
ئاساسلىق ئەسەرلىرى:«تەجرىبە»1866-يىلى
«يالغۇزلۇق»1869-يىلى
«زامانىمىز شېئىرلار توپلىمى»(بۇشېئىرلار توپلىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1866،1871،1876-يىللىرى نەشىر قىلدۇرۇلغان).
«تەقدىر»1872-يىلى نەشىر قىلىنغان
«كۆڭۈلچەك»1875-يىلى
«ھەققانىيەت»1878-يىلى
«بەخت»1888-يىلى
سۇلى1901 - يىلى «كۆزلەر»ناملىق شېئىرى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
|