ياش يازغۇچى تۇرسۇن غوجىئابدۇللا 1971-يىلى 4- ئايدا خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ، 1986-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7- ئايغىچە باغچى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان . 1989-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 6-ئايغىچە ئۆز يېزىسىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1992-يىلى 7- ئايدا دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1995-يىلى 9-ئايدىن ئېتىبارەن تەۋەككۇل يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .
تۇرسۇن غوجىئابدۇللا « يېڭى قاشتېشى » ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «يېتىمنىڭ ئاھى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە «تارىم »، « يېڭى قاشتېشى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا «سائەت كۈنى» ، «ئەجداد ۋە ئەۋلاد»، « قاسىم قىزىل»، « پەزلاكام »، « باقما قىزلار »، «ئالدامچىنىڭ تەقدىرى» ، « ئون سەككىز مىڭ ئالەم » ، «تىرىكتاپ» ، « تۇنجۇققان سەھرا» ، « يار ئۈچۈن» ، « يۆلەنچۈك» ، « سالام بىزدىن يىراقلاشمىسۇن » ، « پۇل ۋە بىزدىكى مەنىۋى بوشلۇق » قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، نەسىرى ، ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى . 1999-يىلى « ئەجداد ۋە ئەۋلاد » ناملىق نەسىرى، 2003 -يىلى « ئۇنىڭ غېمى ـــ ئەلنىڭ غېمى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تەقدىرلەندى . 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى « كەپسىز ئېقىن » ناملىق ھېكايىلار توپلىمىنى ، 2009-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى « رەڭدار ھايات » ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدى . يېقىندا « قاۋانلار » ناملىق رومانىنى پۈتكۈزۈپ، نەشرىياتقا تاپشۇردى.
تۇرسۇن غوجىئابدۇللا ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.