يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 0

مۇھەببەت كۇلگەن زىمىندا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇھەببەت كۈلگەن زىمىندا

مۇھەممەتجان سادىق

تۇرىدۇ دەريالار ئېقىپ،
ئۇچىدۇ كەپتەرلەر قانات قېقىپ،
ئۆز ئوقىدا ئايلىنار يەر
كۈلسىلا مۇھەببەت گۈل ئېچىپ.
بولىدۇ كەچكى گۇگۇم مەزگىلى،
چولپان چىقىپ،
كەينىدىن كېلىدىغان
گۈلگۈن تاڭ-سەھەر
ئالەمگە چوغرەڭ نۇر چېچىپ...
بولىدۇ كۈندۈزدە قۇياش،
كېچىسى يۇلتۇز بىلەن ئاي.
مەجنۇنتال تېگىدە
سۆز سۆزلەر يۇرەكلەر...
قىشلىقى قار يېغىپ،
چىرايلىق كەلگەن باھاردا
ئۇچىدۇ غوڭۇلداپ نەۋرەم لەگلىكى.
چاچار خۇشپۇراق
گۈل ۋە پورەكلەر...
كۈلسىلا مۇھەببەت
بۇلار ناخشا،
بۇلار كۈلكە،
بۇلار توي-تۆكۈن
ياڭراپ«ھاي-ھاي ئۆلەن»
يەرۇ-كۆككە،
قونىدۇ بەخت قۇشى
ئۇچۇپ كىلىپ
شىلەپە،
  ئاق قالپاق
يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ سۆرىتىدەك
چىمەن دوپپا،بادام بۆككە؟...
بولىدۇ تاغ-داۋانلار
ئاستىدا ئايىغىمىزنىڭ.
يېتەر قولىمىز كۆك بارىڭىدىكى
مەي بولغان ئۈزۈمگىمۇ!...
كۆرۇنەر ھەر كېچە
رەڭمۇرەڭ ھەسەن-ھۇسەندەك
سېھىرلىك نۇر-
  شىۋى قەدىرى
بەخىت ئۇچقۇنلىغان كۆزۈمگىمۇ!...
ئايلىنىدۇ ھايات
ياشىساڭ ياشىغۇڭ كېلدىغان
بەخىت-سائادەتكە،
بىر كۆڭۈللۈك ئائىلە
ئۇ چاغدا يەر يۈزى...
تەگمىسەك چىشىغا تەبىئەتنىڭ،
بۇلغىمىساق سۇ،   
     ھاۋا،
       نازي-نىمىتىنى،
مەڭگۈلۈك بىر جەننەت
بۇ دۇنيا دالا-تۈزى!...
كۆيسە مۇھەببەت لاۋۇلداپ
بۇ مۇنبەت،
   بۇ سېخى،
     بۇ گۈزەل ئالەمگە
ھەي،ئۇنىڭ ھەربىر ئوغلى،
ھەربىر قىزىدا...
كۈلىدۇ رەڭمۇ-رەڭ گۈل چىچەك.
ئۈنچە-مارجان چېچىپ ئاققان-
سۈزۈك سۇ،
گۈل ھېدىغا تۇيۇنغان شاماللار
باسقان ئىزىدا...
مۇھەببەت بىلەنلا گۈزەل بۇ ئالەم:
كەتمەيدۇ ئوتقا ئايلىنىپ،
قار-مۇزلۇق يۇرتقا ئايلىنىپ،
ئۆز قەرەلىدە كېلىپ باھار،
كېلىپ ياز...
قىزىپ بەزمە-مەشرەپ
كۆڭۈللۈك باراڭلاردا،
كۈلدۈرەر ھەربىر يوپۇرماق،
  ھەر بىر گۈلنى
ياڭرىغان ناخشا-ساز...


مەرھۇم شائىر مۇھەممەتجان سادىق ۋاپاتىنىڭ بىر يىلىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنى ياد ئېتىپ  شائىرنىڭ بۇ شىئىرىنى يوللاپ قويدۇم.تورداش دوستلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-5 21:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش