قېنى سەن ھەي گادىرماچ خىيال
ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات
ئۇيقۇسىز لىق ئەجەپكەن توۋا
بۈگۈن يەنە ئۇخلىيالمىدىم .
قايدىن كەلدىڭ گادىرماچ خىيال
سەندىن ھېچ بىر قۇتۇلالمىدىم .
مانا مەرھۇم دادام ئالدىمدا ،
تەببەسۇمدا باغرىغا باستى.
سېغىنىشنىڭ ھىجرانلىرىدىن
بۇلدۇق -بۇلدۇق ياشلىرىم ئاقتى .
يانا ئېلىپ كەلدىڭ ئۆيۈمگە ،
يالغۇز ،مىسكىن ئانام يېنىغا .
كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىللىق چېھرىنى،
كۇچ قوشۇلدى قايتا جېنىمغا .
نىچۈن ئەمدى باشلاپ مەكتەپكە ،
پەن بابىدا يانسۇن دېدىڭمۇ ؟
ياكى دىلدىن سۆيگەن شۇ قىزنىڭ ،
ئوت باغرىغا قانسۇن دېدىڭمۇ ؟
ئۇخلىيالماي قالغاندا بايام ،
سەندىن نېرى بولاي دېگەنتىم .
ئەمدى خوش بوپ مىننەتدارلىقتا ،
ساڭا گۈللەر سۇناي دېگەنتىم .
ئۆزۈڭ قېنى ، قاياندا ئەمدى ،
باشلا مېنى بالىلىقىمغا
ئوينىۋالاي غەمسىز ئېغىناپ،
يېزامدىكى توپىغا، لايغا.
قايتۇرۇپ كەل ياشلىقىمنى سەن ،
ئاتا -ئانام مېھرىگە قاناي.
چىن ئىخلاستا ئىگىلەي ئىلىم
پەۋاز قىلاي ،پەندە مەن ،چاقناي .
ئۆزەم سۆيگەن ئاشۇ لېۋەننىڭ،
ۋاپادارى ، مەشۇقى بولاي .
ماڭا سادىق بولسۇن-بولمىسۇن
چىن سۆيگۈمدىن گۈللەرنى سۇناي .
ھەممە شۇنداق خىياللار بىلەن ،
ئۆتۈپ كەتتى يىرتىپ كالىندار.
بۈگۈن كېچە ھېچ بىر ئۇيقۇ يوق،
ھەمرا بولدى ئاي ۋە يۇلتۇزلار .
ئاتا-ئانام ،يۇرتۇم ،سۆيگۈنۈم
قىلدى بۈگۈن دىللىرىمنى لال.
شۇنچە شېرىن بىلىندىڭ ماڭا،
قېنى سەن ھەي گادىرماچ خىيال.
2011-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ،يەكشەنبە ،ئاقسۇ،سەھەر سائەت 4.40مىنۇت ئۆتكەندە يېزىلدى .
|