چىغىرتماق گۈلى
ئەيبۇ ياقۇپ
ئۇ چاغ دەريا بويى ئىدى شۇنچىلىك گۈزەل،
قاراپ تۇرار ئىدىڭ دولقۇنغا، ماڭا.
ئاسمان سۈزۈك ئىدى قەلبىڭگە ئوخشاش،
گۈزەل بىر ھىجراننى سۆزلەيتتى ناخشا.
يىراقتا ئۇچار ئىدى بېلىقئالغۇچلار،
كارتىر بارار ئىدى دولقۇننى يېرىپ.
قەلبىم دالاسىدىن مىسكىن، ناتىۋان
بالقىپ كېلەر ئىدىڭ گۈللەرنى تېرىپ...
خىياللار سەپ ـ سەپ كېلەر كىرپىكىڭ ئۆزرە،
سايان كەتمەكتىمەن قامغاقتەك ئۇچۇپ.
بورانلىق ئۇ دالىدا ئۆتكەن ئىدىغۇ،
لەيلىقازاق گۈللىرى باغرىمنى قۇچۇپ.
* * * *
بالىلىق، ئېسىمدە ئۇندىكى باھار،
بۇقۇلداپ تۇراتتى ئالدىمدا بۇلاق.
بەخت ھەم تەقدىرنى نىشانە قىلىپ،
پادىچى بالىلار ئىزدەر تۆتقۇلاق.
مەيۇس ئوخچۇيتتى ئالدىمدا بۇلاق،
چىغىرتماق گۈللىرى سۆسۈن ھەم سۆسۈن.
جاھاندىن خەۋەرسىز بالا بولساممۇ،
پەقەت شۇ گۈللىرىمگە قوشاتتىم ھۆسۈن.
مەھەللەم ئاستىدا ئاقار بىر ئېقىن،
چەكسىز غېرىپلىق ئىچىدە تەكرار.
ھېچكىم، ھەرنىمە ئاڭا پەرۋاسىز،
موزايلار ئىزتىراپىغا كۈندە ئۇ ئەسرار.
* * * *
شاۋقۇنلۇق شەھەرگە ياۋىمەن ئەركەم،
قايتتىم بالىلىقىمغا سۆيۈشۈڭ بىلەن.
سازلىقتا پېتىپ قالغان موزاي سەن ئەمەس،
چىغىرتماق گۈلۈمدۇرسەن تىنماي ئىزدىگەن.
شەھەر كوچىلىرىدا موزاي سەن ئەمەس،
چىغىرتماق گۈلىنىمۇ كۆرمەيمەن ھەرگىز.
ئەينەكلەر بۇندا قەۋەت ـ قەۋەت بىنادۇر،
چاقناپ تۇرار يەنە ئۇندا كۆزىمىز.
ئاسىي بەندىدۇرمەن بەلكىم ئۇلارغا،
شەھەر ئاسمىنىدا كۆرۈنمەس قۇشۇم.
ئىھ، ئەشۇ مەنزىللەر ئۆتمۈشۈم تۇرسا،
ئەمدى ئاسمىنىدا يوقتۇر ئۇچۇشۇم.
زۇلمەتنىڭ باغرىغا ئەسىرسەن باغرىم،
ئەسىر ئەتكەندۇرسەن يورۇق كۈنلەرنى.
قۇياش چاقناپ تۇرسىمۇ بېشىم ئۈستىدە،
ئۆتكۈزمەكتىمەن ئۇزۇن تۈنلەرنى.
كېتەي مەيلى قانچە يىراققا،
دالامدا قالار يالغۇز چىغىرتماق گۈلى.
پۇشقۇرار موزايلار ھەمدە بۇلىقىم،
قەلبىمگە ئارام بېرەر ئۇلارنىڭ ئۈنى.
ئارتۇق ئىچكەندىمەن بىرنەچچە قەدەھ،
تاملارنىڭ ئاراچلىرىدا پەقەت سېنى دەپ.
چۈشۈمدە ئەينەكتەك دەز كەتمەكتىمەن،
مېنى موزايلىرىم يۈرۈپتۇ ئىزدەپ...
بەخت يەكلىمىسە بولاتتى بىزنى،
ئۆمۈچۈك تور تارتىپتۇ يوللارغا رەت ـ رەت.
كۆزلەر چەكسىزلىكىدە پاياندازلىق يول،
ئەتىكى ئاشىقلارغا قالدى شۇ نۆۋەت.
نىمە دەپ تەرىپلەي سېنى دىلى نۇر،
گۈزەل ئاھاڭلارنى تەكرارلىيالمايمەن.
قىيماسلىق قەلبىمدە قالدى چۆكمە بوپ،
مەڭگۈلۈك سۆيۈشكە ئەسىر بولايمەن.
قادىلىپ تۇرماقتىمەن كۆزۈمگە غەمكىن،
پەرۋاز ئېتىدۇ دەپ سېنى ئەينەكتە.
بەخت ۋە بەختسىز كۈنلەرگە ئورتاق،
مۇھەببەت قۇرۇتلىرى تەننى يىمەكتە...
گۈلخاندەك لاۋۇلداپ يانغان مۇھەببەت،
ئېچىنىش توزانىغا قالماس كۆمۈلۈپ.
يېنىش ئۈچۈن ھەم ياندۇرۇش ئۈچۈن،
قاق بولماقتىمەن باغرىڭدا ئۆلۈپ.
قان ھەم روھىمىزنىڭ يالقۇنىنى كۆر،
ھارارەت بارمەكتە زىمىنغا بۇدەم.
ئىستەك مەنزىللىرىدىكى شاخلارنى قاخشال
تىنىق ئۇچقۇنلىرىدا كۆيدۈرمەكتە ھەم.
بەخت يەكلىمىدى قىلچە، ئەزىزىم
يۈرەكلەر ئۇشبۇ دەم بەختكە غەرىق.
ئۇشبۇ دەم بارىدۇ مەڭگۈگە شەكسىز
سۈبھى كۆتۈرۈلمەكتە سۈزۈلۈپ شەرىق.
* * * *
بالقىپ كەلمەكتىدۇر چۈشۈمدە ئايىم،
سەپكۈن سېپىلىپتۇ ئوماق يۈزىگە.
بىلىمەن مۇكەممەللىك ھەم ئەبەدىيلىكنى
پەقەت بىر ماڭىلا سۆزلەر كۆزىدە ...
ــ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2005-يىل 4-سانىدىن ئېلىندى
15-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر
|