كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
ئۇنۋېرسال تېمىلار رايونى
›
كارخانا ۋە مەدەنىيەت
›
مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئىستىمال - تۇردى لېتىپ
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
660
|
ئىنكاس:
3
مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئىستىمال - تۇردى لېتىپ
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
turdiletip
turdiletip
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-2-26 18:42:31
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئىستىمال
تۇردى لېتىپ
شۇنداق بىر خىزمەت ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ساۋاقدىشىم بولىدىغان، ئىشسىز يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئوخشاش خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان يەنە بىر خىزمەتدىشىنىڭ كەسپىگە ماس كېلىدىغان مەلۇم بىر كارخانا ئورۇنغا خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنداقلا ئۇمۇ خېلى بۇرۇنلا ھازىرقى كەسپىگە ماس كېلىدىغان مەزكۇر كارخانا ئورۇندا ئۆزىگە كېرەكلىك خىزمەت ئورنىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار ئىكەن. خىزمەت ئىزدەشتە ئوڭۇشلۇق بولۇش ئۈچۈن شۇ يەرگە ئۆزىدىن بۇرۇن خىزمەتكە چۈشكەن خىزمەتدىشىنى ئىزدەپ تېپىپ مەسلەھەت ئالماقچى بوپتۇ. كونا خىزمەتداش يېڭى خىزمەت ئورنىنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر دەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا «سەن ئەڭ ياخشىسى ئۇ يەرگە بارمايلا قوي، ئۇلار بەرىبىر سېنى خىزمەتچىلىككە قوبۇللىمايدۇ! چۈنكى سەن مىللىي» دەپتۇ.
خىزمەت جەھەتتە ئەزەلدىنلا ئۆزىنىڭ مىللەت ئايرىمىسىنى ئويلاپ باقمىغان بۇ ساۋاقدىشىم، كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولغان ھالدا، ماڭا شۇ گەپنى دەپ كەپتۇ. مەن دېدىم:
ــ ساڭىمۇ نېمە كەپتۇ، ئۆز غورورۇڭنى يەرگە ئۇرۇپ. ئەزەلدىنلا دوڭكۆۋرۈككە بېرىپ بىر تال پايپاق سېتىۋالمايدىغان، سەنشىخاڭزىدا بار نەرسىلەرنى ياراتماي ئېغىر كۆرمەي شىياۋشىمېنغا قاترايدىغان سەن ئۈچۈن ئۆز كىملىكىڭنى تېپىۋالمىساڭ بولماپتۇ.
ئۇ دەيدۇ:
ــ بىز خەق نېمە قىلالايتتۇق، يا بىزدە زاۋۇت بولمىسا، باشقىلار ئۆزلىرى ئىشلىگەندىكىن بىزدىن ئەرزان بولىدۇ-دە.
ــ ئۇنداق دەپ كەتمە، زاۋۇتنىڭ بولۇش بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، چۈنكى زاۋۇت بولۇپ زاكاز بولمىسا ئىش چاتاق، يەنى زاۋۇتنى باقىدىغان يەنىلا شۇ ئىستىمالچىلار، سودىگەرلەر، زاۋۇت دېگەن كىم زاكازنى كۆپ بەرسە شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ. باشقىلار سېنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىقلىقىڭنى بىلگەن ھامان، ساڭا ياقىدىغان نەرسىلەرنى زاۋۇتقا بۇيرۇتۇپ، مالنى ئۆيۈڭگىچە ئاپىرىپ ساتىدۇ.
كارخانا دېگەن دۆلەتنىڭ قانۇن پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتكە يېڭىچە ئىستىمال يۆنىلىشى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرگە خىزمەت ئورنى ئاتا قىلىدۇ. مانا ساڭا خىزمەت لازىم، ئۆزەڭ ئىستىمال قىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ قانچىسى ساڭا خىزمەت بېرەلەيدىغان كارخانىلارنىڭ قولىدىن ئۆتكەن؟
كارخانىمۇ بىر خىل مەدەنىيەت، ئۇنىڭدا ھامان قۇرغۇچىنىڭ بىر قىسىم ئارزۇ ئارمانلىرى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. مىللىي كىملىككە باشقىلاردا يوق بولغان مەدەنىيەت تۈسى يوشۇرۇنغان. بۇ پەقەت سەن بىلەن ئوخشاش مەدەنىيەت قارىشىدىكىلەرلا سېنى ئارىغا ئالىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
ياپونىيە كارخانىلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمدا، شۇنچە كۆپ جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ چىرايىم ئۇلارغا ئانچە ئوخشىماي ياپونىيەلىكلەرگە بەكرەك ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن باشقىلارغا مۇمكىن بولمايدىغان ئىمتىيازلاردىن بەھر ئالاتتىم. جۇڭگولۇق ئىشچىلار ئىشتىن چۈشۈپ زاۋۇت قوراسىدىن چىققاندا بىردەك يېنى ئاقتۇرۇلاتتى. ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ قىممەت پۇللۇق زاپچاسلارنى ئوغىرلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىناتتى. ھەتتا بىر قېتىم بىر يالغان چاچ ياسايدىغان زاۋۇتتا، كەچلىكى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ئىشتىن چۈشكەن ئايال ئىشچىلارنىڭ كېيىمى سالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈپتىكەن. كېيىن مۇشۇ توغىرلىق ئەرز قىلىشلار بولغان. مېنى ئەزەلدىن تەكشۈرمىگەننى ئاز دەپ ئىشىك باقار مېنى كۆرگەن ھامان ھەربىيچە چاس بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈتتى.
ياپونىيەلىكلەر قۇرغان زاۋۇتتا ياپونىيەلىكلەرنىڭ ھۆرمىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولاتتى. بەزى زاۋۇتلاردا ئىشچىلارنىڭ كېچىكىپ قالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىشقا چۈشۈشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن ياپونىيەلىك زاۋۇت باشلىقى ئىشىك تۈۋىدە قولىنى ئارقىغا تۇتۇپ گىدىيىپ تۇرىدىغان، كىرگەن بارلىق ئىشچىلار ئۇنىڭغا باش ئېگىپ تازىم قىلغاچ ئىشىكتىن كىرىدىغان ئىشلار بار ئىدى. ۋاقىت توشتىمۇ چوڭ ئىشىك تاقىلاتتى-دە، كېچىكىپ قالغانلارنىڭ كىرىشىگە بىردەك يول قويۇلمايتتى.
مانا كۆر، دۇنيادا مۇنداق ئىشلار ھەممىلا يەردە بار، بەلكىم پەلەستىنلىك ئىشچىلارمۇ ئىسرائىلىيىلىك سودىگەرلەرگە شۇنداق قىلماي ئامالى يوقتۇ.
سودىنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى بىل، كىمكى ئىستىمالچىلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالىسا زاۋۇت ئۈچۈن شۇنىڭ گېپى چوڭ بولىدۇ. بۇ يەرگە ماركا، كارخانا مەدەنىيىتى، ئوبرازى قاتارلىق بىر تالاي مەنىۋى نەرسىلەر يوشۇرۇنغان. سەن ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەي دەيدىكەنسەن بۇ خىل مەدىنىيەتنى قوللىشىڭ، سۆيۈشۈڭ، ھېمايە قىلىشىڭ كېرەك.
22- ئاۋغۇست ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-26 21:34
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
qasimjanosman
qasimjanosman
توردا يوق
جۇغلانما
1735
ۋاقتى: 2013-2-27 00:47:30
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:
يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
نەرگىس
نەرگىس
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-2-27 12:00:28
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ھەقىقەتەن مەۋجۇد. كىملىك ھەربىر قەدەم، ھەربىر نەپەسلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن بولىدىكەن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
رۇزى كېرەم يارى
رۇزى كېرەم يارى
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-2-28 18:49:06
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېئاللىق بىزنىڭ قۇبۇل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بۇلۇشىمىز ئەڭ مۇھىم .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش