تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 8

ئەسئەت ئابدۇرېشىت _ ئەركەكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:38:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەكلەر



(ھېكايە)



ئەسئەت ئابدۇرېشىت



    تۈن يېرىم، تومۇز ئىسسىق تەپتى يەنىلا تارقىمىغان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي دېرىزىسىز بۇ پاكار ئۆينىڭ ئىشىكى ئىچىدىن نەچچە قەۋەت سىم بىلەن باغلىنىپ، ھىملەنگەن ئىدى. ئۆي ئىگىسى پاشا، كۇمۇتىدىن ياكى بولمىسا قىممەتلىك بايلىقىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم. ئۆي ئىچىنى قاڭسىق تەر ھىدى قاپلىغان ئىدى. يەردىن غېرىچ كۆتۈرۈلگەن سۇپا ئۈستىگە تىتىلىپ كەتكەن بىر پارچە كىگىز تاشلانغان ئىدى. كىگىزدە بىر قانچە گەۋدە يەرگە چېچىلغان چوكىلاردەك رەتسىز ياتاتتى. ئىشىكنىڭ ئاراچلىرىدىن قىسىلىپ چۈشكەن ئاي شولىسى يېرىم يالىڭاچ بۇ گەۋدىلەرنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. قىسقا، ئەنسىز خورەك، ئېغىر پۇشۇلداشلارغا ئىچكەركى ئۆيدىكى ئاتنىڭ پۇشقۇرتۇشىمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى. رەۋەيدۇللام چۆچۈپ ئويغاندى. ئۇ بىر-بىرىگە كىرىشىپ، چاپلىشىپ ياتقان بالىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاۋايلاپ پۇت ئالدى. ئۇ ئىچكەركى ئۆينىڭ ئىشىكىگە تارتىلغان كونا ئەدىيالنى ئەنسىزلىك بىلەن قايرىدى. يالىڭاچلانغان ئۆيدە باغلاقسىز تۇرغان ئات قۇلىقىنى يوپۇرۇپ پۇشقۇرتۇپ قويدى. رەۋەيدۇللام شۇ چاغدىلا خاتىرجەم بولۇپ، ئورنىغا − ئارغامچىدەك چىرمىشىپ كەتكەن بالىلىرى ئارىسىغا كىرىپ ياتتى. ئات ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ تۆت ئوغلىدەك قەدىرلىك ئىدى. مەھەللىدىكىلەرمۇ ئۇلارنى «ئەركەكلەر ئائىلىسى» دەپ تىلغا ئالغاندا ئاتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايتتى. رەۋەيدۇللام بۇ ئەتىۋارلىق «ئوغلى» ئۈچۈن ساراي ئۆينى بىكارلاپ بەرگەن ئىدى. ئۇنداق قىلمىغاندا مەھەللىدىكى «ئەسكى» ئەر ئاتنى ئوغرىلاپ كەتمىگەندىمۇ، زەھەر بېرىپ قەستلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنداق بولمىسا ئۆتكەندە نېمە ئۈچۈن ئابدۇرۇسۇل دېگەن ئادەم بىكاردىن-بىكارغا «ئېتىڭغا بەرگىن» دەپ يېرىم خالتا كېپەك ئەكىرىدۇ. ئەگەر شۇ چاغدا رەۋەيدۇللام سەگەكلىك قىلىپ ئۇنىڭ ئۇدۇل چىشىنى كاللا ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتمىگەن بولسا، قەدىناس ئېتىدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ قالغان بولاتتى. رەۋەيدۇللام شۇ خىياللار بىلەن ئۇخلىيالمىدى. ئۇ كىر بەدەنلىرىگە ئەيمەنمەي نەشتىرىنى تىقىۋاتقان پىت-بۈرگىلەرنى تۇتۇش بىلەن بەند بولدى. تۇتقانلىرىنى باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ كۈچەپ ئۇۋىلىدى. تاڭ سۈزۈلدى. ئەمدى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى قاتارىغا بېزەڭ چىۋىنلار قېتىلدى. ئۇ ئالىقانلىرىنى كەڭ كېرىپ، چىۋىنلارنى قارشى تەرەپتىن سېرىپ تۇتۇشقا كىرىشتى. قولغا چۈشكەنلىرىنى تامغا، كىگىز قايرىپ يەرگە ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇ ھەرىكەت دىمىق ئۆيدە ئۇنى تەرلىتىپ قويدى. غەزىپىنى باسالمىغان رەۋەيدۇللام چىۋىنلارنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىغاندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئابدۇللامنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بولدى. ئۇ يىلانلاردەك گىرەلىشىپ كەتكەن پاچاقلارنى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈپ، ئېغىزىنى بىرىنىڭ كاسسىسىغا چاپلاپ ياتقان ئابدۇللامنى تېپىۋالدى. بىرەر يۈزچە چىۋىن ئۇنىڭ ياش ئېقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە چاپلاشقان ئىدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، يەنى ئابدۇللام بەش ياشلار چېغىدا دادىسىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك، قوشنىلار بەرگەن ناننى يېگەنلىكى ئۈچۈن رەۋەيدۇللام ئۇنى قاتتىق ئۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئىششىپ، كۆزىدىن ياش قۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. قوشنىلار ئابدۇللامنى دوختۇرغا ئاپىرىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەندە، رەۋەيدۇللام غەزەپلىنىپ: «سىلەرنىڭ نېمە چاتىقىڭلار، ماڭا بالا تېپىپ بەرگەندەك گەپ قىلىشىسىلەرغۇ؟ بىلىپ قويۇش، بالامنىڭ سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ئۆلگىنىدىن كور بولۇپ قالغىنى ياخشى. سەن خەق ئەركەكلەرنىڭ دوختۇرخانىغا بارغىنىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭلاريا…» دەپ ۋارقىراپ، ئابدۇللامنى دوختۇرغا ئاپارمىغان ئىدى. رەۋەيدۇللام ئابدۇللامنىڭ كۆزىگە قونغان چىۋىنلەردىن تۆت-بەشنى بىر يولىلا تۇتۇۋالدى-دە، يەرگە كۈچەپ ئۇردى. ئۇ باشقىلارنى دۈشكەلەپ، ۋارقىراشقا باشلىدى.

− ئەبەيدۇللام! رەھمىتۇللام! خەيرۇللام! تۇرۇشمامسەن نان قېپىلار، ئۇيقۇدا ئەمدى ئاناڭنىڭ ھەققىمۇ قالمىدى. بول دەيمەن ھەي گەكسى!- ئۇ قايسىدۇر بىرسىنىڭ كۆتىگە كۈچەپ تەپتى. ئەركەكلەر كىگىز ئۈستىدىن چاچراپ تۇرۇشتى. بۇ بەش جاننىڭ كىيىملىرى ئوخشاشلا رەڭدە ئىدى. بېشىدا سېرىق شەپكە، ئۇچىسىدا قارا چىبەرقۇتتىن ئىشتان-چاپان، پۇتىدا ئۇزۇن قونچلۇق، ئوخشاش نومۇرلۇق قارا بوتەي بار ئىدى. ئۇلار بۇ «فورما» لىرى بىلەن كوچىدا سەپ تۈزۈپ ماڭغىنىدا، ئۇرۇشتىن قايتقان پىدائىيلارغىمۇ ئوخشىشىپ قالاتتى. مەھەللىدىكى ئۇششاقلار بەزىدە ئۇلارنىڭ يىراقتىن قارىسىنى كۆرۈپلا «ئەركەكلەر كەلدى، قاقىرلار كەلدى» دەپ چۇرقىرىشىپ ئۆيلىرىگە قاچاتتى. ھەممىلا بوتەينىڭ رازمېرى ئوخشاش بولۇشىغا قارىماي، ئەركەكلەر ئۆزلىرىنىڭكىنى تېپىۋالاتتى. ئۇنداق بولۇشى رەۋەيدۇللام بوتەيلەرنىڭ قونچىنى ئۆزلىرىنىڭ يېشىغا قاراپ چوڭ-كىچىك قىلىپ، ھالقا چىقىرىپ ئويۇپ قويغان ئىدى. ئەركەكلەر ئائىلىسىنىڭ «باش قوماندان» ى ئاتا بولۇپ، باشقا ئەزالار ئۇنىڭ سىزىقىدىن چىقمايتتى. ئىككى-ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بالىلارنىڭ ئاپىسى يېڭى كۆچۈپ كەلگەن قوشنىسى كىرگۈزگەن بىر تەخسە لەڭمەننى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئائىلىدىن قوغلانغان ئىدى.

− تۇردۇڭلارمۇ، ئەركەكلىرىم؟ بۈگۈن مۇنداق قىلىمىز، ئالدى بىلەن قوناقنىڭ ئىككىنچى سۈيىنى تۇتىمىز. كىم بىزدىن سۇ تالىشىدىكەن شۇنىڭ بىر چىشلەم گۆشىنى ئۈزۈۋالىمەن، ياق ئۈزۈۋالىمىز، شۇنداقمۇ؟

بالىلار تەڭلا:

− شۇنداق!- دەپ ۋارقىراشتى.

− ئاندىن ئىشىمىزنى قىلىمىز. يەنىلا دەيدىغىنىم. خەقنىڭ بىر چىمدىم ئۇنىغا، بىر بۇردا نېنىغا، ئىشقىلىپ، ئۇلار بەرگەن نەرسىلەرگە قارىمايمىز. سىلەر تېخى كىچىك، شۇڭا ئۇ ئادەملەرنىڭ نېمە كويلاردا يۈرگەنلىكىنى بىلمەيسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز دېگەن ئەركەك، ئۇ كۈنلەرگە قالغىنىمىز يوق تېخى!

    بۇ خىتاب سېپىلدەك تاملار بىلەن قورشالغان بۇ قورۇدا ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى بىر قېتىم جاراڭلايتتى. بالىلار ئادىتى بويىچە چاينى ئىچمەيلا سەپكە تىزىلدى. رەۋەيدۇللام كىچىك ئوغلى ئابدۇللامنى ھاپاش قىلدى. ئەبەيدۇللام، رەھمىتۇللام، خەيرۇللاملار ئۇنىڭ ئارقىسىغا تىزىلدى. ئەڭ ئارقىسىدىكىسىنىڭ قولىدا يايداق ئاتنىڭ بوينىدىكى شوينىمۇ بار ئىدى. ئورۇقلۇقىدىن قوۋۇرغىلىرى سىرتقا چىقىپ، قامچا ئۇرسا ئىگىسىگە ئالىيىپ ماڭىدىغان بۇ ئاتنى مەھەللىدىكىلەر «ياغاچ ئات» دەپ ئاتىشىۋالغان ئىدى. «ياغاچ ئات» مۇ باش قومانداننىڭ ھۆكۈمىگە تامامەن بويسۇناتتى. ئاتمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا باشقىلار بەرگەن نەرسىلەرنى يېيىش ۋە ئەتىگەنلىك «ناشتا» دىن مەھرۇم ئىدى. ئۇلار قاقىردەك سەپ تۈزۈپ، مەھەللىدىن قايرىلىپ ئېتىزلىققا قاراپ يول ئالدى. ئوخشاش نومۇرلۇق بەش جۈپ بوتەي ئېتىزلىققا كېلىپ توختىدى. بالىلارنىڭ ئالدى 15 نىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ، مەھەللىدىكى بىرمۇ بالىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار مەھەللىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەيتتى. رەۋەيدۇللام بۇلار ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا تىلماچلىق قىلاتتى. قاتتىق رېجىم ئاستىدىكى بۇ بالىلارغا تاشقى مۇھىتمۇ تەسىر قىلالمىغان ئىدى.

    رەۋەيدۇللام ئابدۇللامنى ئېتىزنىڭ قىرىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ياغاچ ئاتنىڭ شوينىسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئۆزى ئەتسىز، ئەمما ئۇستىخانلىق، كۈچلۈك گەۋدىسىنى قىرغا تاشلاپ يانپاشلىدى. بۇ قوشنا ئېتىزغا قاراپ ئېقىۋاتاتتى. ئەبەيدۇللام سۇغا چۈشتى. ئۇ ئالدى بىلەن ھىم ئېتىلگەن توسۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئاندىن ئوت-چۆپلەر بىلەن قارشى تەرەپتىكى تۇغاننىڭ ئېغىزىنى بوغدى. رەھمىتۇللام قوللىرى بىلەن توپا تاشلاپ چۈشۈرۈپ، توسۇقنى ھىملىدى. سۇ ئۇلارنىڭ قوناقلىقىغا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە، ئاياغ تەرەپتىن بىر ياشانغان كىشى كېلىپ، ئەبەيدۇللامنىڭ ئۇدۇلىدا توختىدى.

− ھوي بالام، ئۇنداق قىلمىساڭ بوپتىكەن، ئاز قالغان ئىدى.

ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان ئەبەيدۇللام ھېلىقى كىشىنىڭ كۆزىگە بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ۋارقىرىدى:

− دادا، ماياققا كېلە، ماۋۇ ئادەم نېمە دەيدۇ؟

رەۋەيدۇللام ئۈچ مېتىر يەرنى بىر چامداپ دېگۈدەك يۈگۈرۈپ كەلدى. ياشانغان كىشى سەل قورققاندەك بولۇپ:

− رەۋەيدۇللام، خاپا بولما، خاپا بولما، ئۇقماپتىمەن،- دېدى.

رەۋەيدۇللام جېدەللىشىش ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ كەلگەن چوقمىقىنى بوۋايغا شىلتىپ ۋارقىرىدى:

− بالىلارنى قورقۇتۇپ ئۇنداق سەت ۋارقىرىغۇچى بولما جۇمۇ! سەن خەقنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئەركەكلىرىمنىڭ كۆتۈرگۈچىلىكى يوق. توڭگۇزنى تىللاپ ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يانمايدىغان ئاۋۇ تىلىڭنىڭ زەھەرلىكىدىن ئەركەكلىرىمگە تىلىڭنى ئۆگەتمىگەنمەن. بولمىسا ھەر كۈنى قانجىق ئىتتەك تولا كاڭشىپ، ئەركەكلىرىمنىڭ قۇلىقىنى يارا قىلىۋېتەتتىڭلار. مەن ساڭا شۇنداق دەپ قوياي، سەن ئەمەس، ئاۋۇ دۈيجاڭمۇ مېنىڭ بالىلىرىمغا تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالمايدۇ. مەن زادى سەن خەقنىڭ دەردىدىن كۈن ئالىمەنمۇ-يوق؟ ھەي پوق ساقال قېرى، تولا جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتمەي ماۋۇ يەردىن تېز كەت، بولمىسا ئاچ قورساق تېرىكىپ تۇرغاندا…- رەۋەيدۇللام شۇنداق چېچىلغىنىچە ئالدىغا قەدەم ئېلىۋېدى، ئۇنىڭ تومۇرلىرى كۈۋەجەپ تۇرغان قوللىرى چوماقنى تېخىمۇ چىڭ قاماللىدى. بوۋاي قانداق تېز كەلگەن بولسا، شۇنداق تېزلىك بىلەن كۆزدىن غايىب بولدى. بوۋاي كېتىپ توغرا قىلدى. ئالدىنقى يىلىغۇ دەيمەن، بۇغداي پىششىقى مەزگىلى ئىدى. «ياغاچ ئات» ئوتتۇرىدا، ئۈچ بالا ئۈچ تەرەپتە مۈرىسىگە ئارقان ئېلىپ، توپىلىق يولدا بىر تاغار بۇغداي بېسىلغان چانىنى كۈچەپ سۆرەپ كېتىپ باراتتى. رەۋەيدۇللام ئەبەيدۇللامنى ھاپاش قىلغان بولسىمۇ تەرلەپ-پىشىپ چانىنىڭ كەينىدىن ئىتتەرمەكتە ئىدى. يول بويى ھېچكىم بۇ ھالەتكە قاراپ كۈلمىدى ياكى بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ، ئۇلارغا ئەقىل كۆرسەتمىدى. پەقەت كۆڭۈلچەك بوۋايلا نېمە كۆرسەم كۆرمەمدىم، دېگەندەك قىلىپ ئۆيىدىن ئېشەك ھارۋىسىنى ئەكەلدى ۋە بۇغداينى ھارۋىغا بېسىشنى ئىلتىجا قىلدى. ئەمما، غەزەپتىن تىترىگەن رەۋەيدۇللام ئابدۇللامنى دۈمبىسىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ قويۇپ، بوۋايغا گۆلەيدى:

− پاھ، پاھ، مۇشۇ سىلەرنىڭ دەردىڭلاردىن خاتىرجەم ياشىغىلىمۇ بولمامدۇ زادى-ھە؟ ھېي، بىلىپ قوي، بىز ئەركەكلەر سەندەك پۇتىغا تەپسە بېشى لىڭشىيدىغان ئۆلۈمتۈكلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئەمەس. ماڭە جۇگۇ، ئۆيۈڭگە بېرىپ ئەتكەنچېيىڭنى ئسسىقىدا ئىچ، بولمىسا…

بوۋاي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

− قاراڭ ئۇكام، بۇ توپىلىق يولدا چانا بىلەن…- بوۋاينىڭ گېپى تۈگە-تۈگىمەيلا رەۋەيدۇللام ئۇنىڭ گۆشى قېچىپ قالغان ئەتسىز يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدى. بالىلارمۇ رەۋەيدۇللامنىڭ يېنىغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، چۈجە خورازلاردەك ھۈرپىيىشكە باشلىدى. ئارقىسىغا سەنتۈرۈلۈپ كەتكەن بوۋاي ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، ھارۋىسىنى ھەيدەپ بەدەر قاچتى.

ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتتى. سۇ بىرەر موچە كېلىدىغان قوناقلىقنى قاندۇرغان ئىدى. ئاتا ئەركەكلىرىنى يىغدى.

− ئەركەكلىرىم، بىز ئەمدى ھېلىقى يەرگە بارىمىز.

− دادا، ھېلىقى يەر دېگەن بىز كۈندە بارىدىغان ھۆكۈمەتمۇ؟- سورىدى بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئابدۇللام گەرچە كۈندە بىر قېتىم شۇ يەرگە بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولسىمۇ.

− ھەئە، ئۇ دېگەن ھۆكۈمەت. ھۆكۈمەت دېگەن ماۋۇ لامزەللىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بىزگە ئۇن، نان بەرمەيدۇ. ئېتىزنىڭ بېشىغا بېرىۋالمايدۇ. سىلەرگە تۇل خوتۇندەك تولا گەپ قىلىپ، بېشىڭلارنى ئاغرىتمايدۇ. ئۇ پەقەت بىزگە پۇللا بېرىدۇ.

− دادا، ھۆكۈمەت دېگەن قانچىلىك ئادەم؟- سورىدى ئابدۇللام چۈشەنمەي.

− چىشىم چىقىپ مەنمۇ ھۆكۈمەتنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىر قېتىم بېشىم ئاغرىپ، ئېسىمنى يوقىتىپ قالسام باشقىلار، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، دەپ يېنىمغا كېلىشكە ئۇنىماپتۇ. ئەمما، ھۆكۈمەت مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپتۇ. ئىشقىلىپ، ھۆكۈمەت ياخشى ئادەم. جۈرۈڭلار…

     قارا كىيىم كىيگەن ئەركەكلەر سەپ تۈزۈپ، پايپاقسىز پۇتلىرىغا كىيگەن بوتەيلىرىنى كولدۇرلاتقىنىچە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قاراپ يول ئالدى. ئۇلارنىڭ ئايىغىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭ خېلىغىچە بېسىقمىدى. ھېچكىم ئۇلارنىڭ سېپىگە دەخلى يەتكۈزمىدى، رەۋەيدۇللام خۇددى يول باشلىغۇچى قېرى ئۆچكىلەردەك ئەركەكلەرنى يولنىڭ چېتى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. ئۇلار چوڭ دەرۋازىنىڭ بىقىنىدىكى كۆچەتلىك ئارىسىغا كىرىپ جايلاشتى. رەۋەيدۇللام دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ «ياغاچ ئات» قا تاشلاپ بەردى. ئۇلار شۇ ئولتۇرغانچە چۈش قىلدى-دە، يەنە كولدۇرلاپ، كەلگەن يولى بىلەن سەپلىرىنى بۇزماي ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. بۇ ئىشنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولغان ئىدى. خەير-ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىلتىپاتى مۇشۇ ھۆكۈمەتتە كاتىپلىق قىلىۋاتقان تۇرسۇن دېگەن يىگىتنىڭ قولى ئارقىلىق رەۋەيدۇللامغا تېگەتتى. تۇرسۇن ھەر قېتىم پارچە-پۇرات پۇللارنى ئېلىپ چىققىنىدا «ھۆكۈمەت ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بەردى، كېيىن تاپقاندا يەنە بېرىمەن. شۇڭا، بۇ يەرگە كېلىۋالماي ئۆينىڭ ئىشىنى خاتىرجەم قىلىۋەرسۇن، دېدى» دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتى. ئەمما، بۇ سۆزلەر رەۋەيدۇللامغا تەسىر قىلمايتتى. رەۋەيدۇللامنىڭ بار-يوقى ئاشۇ بىر موچە دېھقانچىلىق يېرىلا بار ئىدى. ئۇ يەرگە بىر يىلى قوناق تېرىسا، يەنە بىر يىلى بۇغداي تېرىيتتى. ئۇ يەرگە ياغاچ ئاتنىڭ تېزىكىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە چاچمايتتى. ئېتىزدىن چىققان مەھسۇلاتنى بالىلىرىغىمۇ يېگۈزمەي، «ياغاچ ئات» قا بېرەتتى. ئۆزلىرىنىڭ يەيدىغىنى بىلەن كىيىدىغىنىنى «ھۆكۈمەت» بەرگەن پۇلغا سېتىۋالاتتى.  

     كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. خېلى كۆپ نەرسىلەر ئۆزگەردى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا ئاسفالت ياتقۇزۇلدى. قوي قوتىنىغا ئوخشىشىدىغان كىنوخانىنىڭ ئەسكى تاملىرى چېقىلىپ، ئورنىغا خىش بىلەن قوپۇرۇلۇپ يازلىق كىنوخانا سېلىندى. بالىلارنىڭ بۇرۇتى خەت تارتىپ، ئەرلىك يېتىپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەركەكلەر ئائىلىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، قارا چىبەرقۇت كىيىملىرى، ئوخشاش رازمېرلىق بوتەيلىرى ۋە پاكار، زەي ئۆيلىرى ئۆزگەرمىدى. پەقەت بالىلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا سۆزلىشىدىغان ئايرىم «تىل» لار سەل مۇكەممەللەشتى.

رەۋەيدۇللام گەجگىسىنىڭ تۈكى چۈشكەن جېدەلخور خورازلاردەك، ئۆزىگە ئەقىل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، مەھەللىدىكىلەرنى ئۆزلىرىدىن تامام بەزدۈردى.

بىر كۈنى رەۋەيدۇللام ئېتىزدا ئىشلەۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ھاۋا تۇتۇلۇپ، يامغۇر تامچىلاپ ئۆتۈپ توختىدى. رەۋەيدۇللام ئېتىزدىكى ئىشىنى توختىتىپ، ئەركەكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە قايتتى. ئۇ دەرۋازا ئىچىدىن سىم بىلەن چىڭ باغلىدى. «ياغاچ ئات» بىلەن بالىلىرىنى كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئۆيىگە سولىدى. ئۆزى چاي قاينىتىش ئۈچۈن ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاستىغا تاش تىزىپ چوقچايتىپ قويغان پۇچۇق قازاننىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ يوغان داشقازاننى قايسى بىر يىلى «ھۆكۈمەت» بەرگەن ئىدى. ئۇ قازاننىڭ يېنىغا كېلىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى چەكچەيدى. قۇرغاق لەۋلىرى تىترىدى. ھۇ، ئاناڭنى، ئەمدى مۇشۇ ئىش قالدىما؟ مېنىڭ قازىنىمغا سىيگەن ھەزىلەكنىڭ قانچە بېشى باركىن؟ قېنى مەن بىر كۆرۈپ باقاي… رەۋەيدۇللام ئۇدۇل ئۆيگە كىردى-دە، سىلىقلىنىپ كەتكەن، بىلەكتەك ئۇزۇنلۇقتىكى چومىقىنى ئالدى. دەرۋازىنى ئېچىپ، كوچىغا قاراپ يولۋاستەك ھۆركىرەپ، بوراندەك يۈگۈرۈپ چىقتى. ئۇ يۈگۈرگەن پېتى چوڭ يولغا ئايلىنىدىغان دوقمۇشقا كېلىپ توختىدى. ئۇ يول ياقىسىدىكى دۇكاننىڭ ئالدىدا بىرنەچچە بالا ھاراق ئىچىپ ئولتۇراتتى. رەۋەيدۇللام تەرىنى بۇزۇپ ئۇلارغا خىرىس قىلدى. چالا كەيپ بالىلاردىن بىرى سورىدى:

− رەۋەيدۇللاكا نېمە بولدى؟

− نېمە بولدى دەيسەنغۇ ئىتنىڭ بالىسى. مېنىڭ قازىنىمغا بىرەر چىۋىننىڭ غەيرەت قىلىپ قونۇپ باققىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئەجەب سەن خەق بېرىپ ئۇنىڭغا سىيىپ قويۇشۇپسەنغۇ. مېنى بوزەك قىلمىساڭ يېگىنىڭ ھارام بولامدۇ سەن ھەزىلەكلەرنىڭ…

− مۇنداق دەڭ،- دېدى قىزىقچىلىق قىلىپلا يۈرىدىغان ئابدۇۋەلى ئىسىملىك ئورۇق، ئېگىز كەلگەن بالا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- بايا جاپپار توڭ مەن رەۋەيدۇللامنىڭ قازىنىغا سىيىپ قويدۇم، نوچى بولسا مېنى ئىزدىسۇن دەپ، ئاۋۇ تاۋۇز سېتىۋاتقان مەسۇمجاننىڭ يېنىغا كەتكەن.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەۋەيدۇللام چاپىنىنىڭ يېڭىنى بىلەككىچە تۈردى. ئاندىن كالتىكىنى يەرگە ئىككى قېتىم ئۇرۇپ قويۇپ، مەسۇمجاننىڭ تاۋۇز سېتىۋاتقان لەمپىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. تەتۈر ئۇستىخانلىق جاپپار توڭ لەمپە ئاستىدا ئېيىقتەك زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى. رەۋەيدۇللام شۇ بارغانچە ئۇنىڭ بېشىغا كالتەك بىلەن بىرنى سالدى. جاپپار توڭ ئالدىغا سەل مۈكچەيدى-دە، ئاندىن تېزلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى. رەۋەيدۇللام يەنە قولىنى كۆتۈرىۋىدى، جاپپار توڭ ئۇنىڭ كالتەك تۇتقان قوللىرىنى تۇتۇۋېلىپ، كاللا بىلەن يۈزىگە قاتتىق ئۈسۈۋىدى. رەۋەيدۇللام ئارقىسىدىكى سۇسىز ئېرىققا ئوڭدىسىغا چۈشتى. ئۇ خېلىغىچە كۆزىنى ئاچالمىدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان جاپپار توڭ بېشىدىن ئېقىۋاتقان قاننى سۈرتكەچ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىدى. ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئەمدىلا ئېسىگە كېلىپ مىدىرلاۋاتقان رەۋەيدۇللامنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ، مۇشت بىلەن يۈزىگە بىرنى قويدى. رەۋەيدۇللام بۇ قېتىم بايىقىدىنمۇ يىراقراق يەرگە ئۇچۇپ چۈشتى. ئاغزى-بۇرنىدىن ئاققان قان ئۇنى قورقۇنچلۇق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. جاپپار توڭ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالدى. رەۋەيدۇللامنى يۆلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە بىرەيلەن ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە سوغۇق سۇ سەپتى. رەۋەيدۇللام بىر سەسكىنىپ كۆزىنى ئاچتى. مەسۇمجان ئۇنىڭغا بىر جاۋۇر سۇ ئەكېلىپ بەردى. رەۋەيدۇللام يۈزىنى چالا-پۇچۇق يۇدى، ئاندىن ھېچكىمگە گەپ قىلماي چومىقىنى قولتۇقىغا قىسقىنىچە تالىشىپ يېڭىلىپ قالغان ئىتتەك ئۆيى تەرەپكە قاراپ سوكۇلدىدى. ئۆمرىنى باشقىلارنى ئۇرۇش، مۇتىھەملىك قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان رەۋەيدۇللامنىڭ بايىقى ھالىتىگە قاراپ بالىلار: «بۇنىڭ ئەدىپىنى مۇشۇنداق بېرىپ تۇرسا بولغۇدەك، ئاۋۇ تىل ئۇقمايدىغان ئەركەكلىرىمۇ مۇتىھەملىكتە دادىسىنىڭ ئىزىنى نەق بېسىپتۇ…» دەپ كۆڭۈلدىكىلىرىنى ئېيتىشتى. بۇ گەپ مەھەللىگە بىر تارالدى. ئەسلىي قازانغا ھېچكىم سىيمىگەن ئىدى. ئۇ ھېلىقى سىم-سىم يامغۇرنىڭ قازانغا يىغىلىپ قالغان سۈيى ئىدى. رەۋەيدۇللام خېلى ياۋاشلاپ قالدى. ئەمدى كوچىدا ئەركەكلەرنىڭ قاقىرلاردەك سەپ تۈزۈپ مېڭىشلىرى كۆزگە كەمدىن-كەم چېلىقىدىغان، رەۋەيدۇللامنىڭمۇ باشقىلارغا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قول سالىدىغان مۇتىھەملىكى يوقاپ قالغاندەك بولدى.

    رەۋەيدۇللام شۇ كۈندىن باشلاپ ئەركەكلەرنى ئۆيگە سولىۋالدى. ئۇنىڭ ھېسىپتەك كۆپكەن يۈز-كۆزلىرىدىكى ئىششىق سەل ياندى. ئۇ قورسىقى ئېچىپ چاپلىشىپ كەتكەن «ياغاچ ئات» قا تام تۈۋىدە ئۆسۈپ قالغان ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇپ بېرىۋاتاتتى. دەرۋازا ھالقىلىرى شاراقشىدى. ئۇ قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ، دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ئېھتىيات بىلەن قەدەم ئالدى. دەرۋازىنىڭ سىملىرىنى بوشاتتى. دەرۋازا ئالدىدا ئۇدۇل قوشنىسى سىراجىدىن توكۇر خۇددى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئوڭايسىز ھالەتتە تۇراتتى. بۇ كىشى ئادەتتە ئانچە ئاقساپ كەتمىسىمۇ، بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدىن كېيىن پۇتىنى سەللا ئاياپ ماڭغانلىقىغا قاراپ كىشىلەر شۇنداق ئاتىشىۋالغان ئىدى.

− قاراڭ، رەۋەيدۇللام، مۇنداق ئىش ئىدى، بۇلتۇمۇ سىزگە دەپ كۆرەيلى دېگەن ئىدۇق، بىراق سىزنى خاپا قىلىپ قويارمىزمىكىن دەپ…- گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە رەۋەيدۇللام سىراجىدىن توكۇرنىڭ گېپىنى بۆلدى:

− ھە، ئوچۇق گەپنى قىلىڭە؟ زادى نېمە گەپ ئىدى؟

− ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مانا ماۋۇ ئۆيلەر بەكلا كونىراپ كەتتى. شۇڭا، تامنى ئۆرۈپ، باشقىدىن ئۆي سالايلىمىكىن دېگەن ئىدۇق…- دېدى سىراجىدىن توكۇر دۈمبىسىنى رەۋەيدۇللاملارنىڭ ھويلىسىغا قارىتىپ تۇرغان كونا ئۆيلەرنى ئىما قىلىپ. رەۋەيدۇللامنىڭ گەرچە غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ «بولىدۇ» دېدى تولىمۇ تەسلىكتە. لېكىن، ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ئاخىرىدا:

− بىراق، ئۆيۈمگە ئوغرى چۈشسە، بالىلىرىم، ئېتىم زىيان-زەخمەتكە يولۇقسا بېشىڭىز بىلەن جاۋاب بېرىسىز، بولامدۇ؟- دېگەنلەرنى قوشۇپ قويدى.

    شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېلىشتى. رەۋەيدۇللام تام ئۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئىش بېشىدا تۇردى. بالىلار بىلەن «ياغاچ ئات» ئۆيدە سولاقلىق پېتى تۇرۇۋەردى. پەقەت ئىشلەمچىلەر ئىشتىن چۈشۈپ قايتقاندىلا بالىلار قاتتىق ناننى سۇغا چىلاپ يېسە، «ياغاچ ئات» ھويلىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدە ئۆسۈپ قالغان ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن قورسىقىنى ئەستەرلىدى. رەۋەيدۇللام كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ گىجىڭلىق قىلىپ، سىراجىدىن توكۇرنىڭ جېنىنى تالاي قېتىم ئېلىپ ياندا قويدى.

تام كۆتۈرۈلۈپ، تام بويى بولغان كۈنى چۈشتىن كېيىن رەۋەيدۇللام قۇرۇلۇش مەيدانىدا تۇراتتى، تۇيۇقسىز ئەركەكلەر ئۆي ئىچىدە چۇقان كۆتۈردى. رەۋەيدۇللام ئارقىغا بۇرۇلۇپ، غەزەپ بىلەن ئىشىكنى ئاچتى. ئەركەكلەرنىڭ چىرايىدا قان قالمىغان ئىدى.

− نېمە بولۇشتۇڭ؟ بالانى يەيدىغان ئاپەتلەر!

− دادا، ئات ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ.

− نېمە!؟

     رەۋەيدۇللام ئىچكەركى ئۆيگە كىردى. دېگەندەك، «ياغاچ ئات» پۇتلىرىنى كېرىپ، تىلىنى چىشلىگەن پېتى ياتاتتى. رەۋەيدۇللام ئاتنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى تۇتۇپ كۆردى. بىرەر قېتىممۇ تويغۇدەك ئوزۇقلىنىپ كۆرمىگەن «ياغاچ ئات» ئەركەكلەر ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ مەڭگۈلۈك ئارامگاھىغا كەتكەن ئىدى. ئەركەكلەر ئېغىر مۇسىبەتكە چۈشتى. ئۇلار «ياغاچ ئات» نىڭ ئۆلۈكىنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياتقۇزۇپ قويدى. رەۋەيدۇللام ئۆيدىن بىر پارچە ئاق لاتا تېپىپ چىقتى. ئۇ لاتىنى بەش پارچە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ، ئاندىن بالىلىرىنىڭ بېلىگە باغلىدى. ئەركەكلەر ئاتنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ھەسرەتلىك يىغلىدى. ئۇلار «مېيىت» نى بىر كۈن ساقلىغاندىن كېيىن، ئەتىسى باغنىڭ ئوتتۇرىسىغا «دەپنە» قىلدى. ئۆلۈم ھەممىدىن بەك رەۋەيدۇللامغا ئېغىر كەلدى. ئۇنىڭ تاياق زەربىسىدىن قىپقىزىل قان ئۇيۇغان كۆزى ياشتىن قۇرۇمىدى. ئۇ بىرنەچچە كۈن تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمىدى. گەرچە ئۇ، ئاتنىڭ ئۆلۈمىنى مەھەللىدىكىلەردىن كۆرسىمۇ، ئاۋۋالقىدەك كالتەك كۆتۈرۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ ئاتنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، سىراجىدىن توكۇرنىڭ ئۆيىنىڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى. ئۇ سەل سەگەكلەشكەندەك بولۇپ بولدى-دە، ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىراجىدىن توكۇرنىڭ ھويلىسىغا كىردى. ئۇنىڭ قان قاچقان چىرايىغا قاراپ قورقۇپ كەتكەن سىراجىدىن خاۋاتىرلىنىپ سورىدى:

− بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

− مەن ئۆيۈڭنىڭ قانداق پۈتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەپتىمە. ئەگەر مەن تەرەپكە پۇڭ ئۆتۈپ كەتسە جاۋابىنى بېرىسەن. جۈرە، ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ تەكشۈرىمىز.

     سىراجىدىن توكۇر ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشتى. ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشتىن كېيىنلا رەۋەيدۇللام قانائەت ھاسىل قىلدى. سىراجىدىن توكۇر ئۇھ دەپ ئۆيى تەرەپكە بۇرۇلدى. ئۆزىنىڭ ھويلىسى تەرەپكە چىقىرىلغان گەرنىزگە قاراپ رەۋەيدۇللام سەل تۇرۇپ قالدى ۋە بىر ئىش يادىغا يەتكەندەك بولدى-دە، ۋارقىرىدى:

− سىراجىدىن توكۇر، ھوي سىراجىدىن توكۇر، بۇياققا كەل!

سىراجىدىن توكۇر قايتىپ كەلدى. غەزەپتىن بويۇن تومۇرلىرى كۆپكەن رەۋەيدۇللام سۆزلەشكە باشلىدى:

− ھەي، مەن ئادەممۇ، ئەمەس، بىرىڭ بالىلىرىمغا كۈن بەرمىسەڭ، بىرىڭ مېنى ئۇرساڭ، بىرىڭ ئېتىمغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرسەڭ، ئەمدى كېلىپ سەن توكۇر گەرنىزىڭنى تامنىڭ تۈۋى بىلەن تەڭ چىقارماي، نېمىدەپ مەن تەرەپكە دىڭگايتىسەن؟ مېنىڭ يېرى يەر ئەمەسمۇ؟

سىراجىدىن توكۇر چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

− قاراڭ رەۋەيدۇللام، بۇ دېگەن بىر پاسونكەن، ناھايىتى سىز تەرەپكە كىرسە ئۈچ سانتىمېتىر كىرگەندۇ. يەنە كېلىپ ئۇ بىر بوشلۇقتا تۇرسا، سىز تەرەپكە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.

− نېمە ئۈچ سانتىمېتىر بولسىمۇ ئۇ دېگەن ماڭا قاراشلىق يەر، مۇشۇ يەرنىڭ ئاسمىنىمۇ مېنىڭ.

    سىراجىدىن توكۇر ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ قايىل قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى بولغاي، دەرھال بېرىپ ئۇستامنى چاقىرىپ كەلدى. ئۇستام يېرىم كۈن ھەپىلىشىپ، كېسەكلەرنى ئارقىغا تاتتى. تام بىلەن تۈپتۈز چىققان بۇ يېڭىچە گەرنىز كىشىلەرگە چېكىلىكى يوق شەپكىنى ئەسلىتىپ قويدى.

     ئۇيقۇسى قاچقان رەۋەيدۇللام ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئۇنىڭ خىيالى سىراجىدىن توكۇرنىڭ ئۆيىگە مەركەزلەشكەندە نېرۋىلىرى سەگەكلەشتى. راست، مەن بىر ئىشنى باشتىلا چالا قىلغان ئوخشايمەن. ئۇ بوتىيىنى كىيدى-دە، كالتە ئىشتان بىلەنلا تالاغا چىقتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى خۇددى ئىككى كانايغا لاخشىگىرنى سانجىپ قويغاندەكلا كۆرۈنەتتى. تولۇن ئاي ئەتراپنى تەكشى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ بېرىپ تامنىڭ ئۇلىنى كولىدى. ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك، ئۇ تاشلار ئۇنىڭ ھويلىسى تەرەپكە غېرىچچىلىك كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەركەكلەرنى ئويغىتىپ، تامنىڭ ئۇلىنى كولاشقا باشلىدى. ئۇلار تاڭ سۈزۈلگەنگە قەدەر ئاشۇ ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىدى. تام تۈۋىدىن كولىنىپ چىققان تاشلار يوغان بىر دۆۋە ھاسىل قىلدى. ئاستى ئوبدانلا كاۋاكلاشقان كېسەك تام تەۋرىنىپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى. بىر چاغدا گۈلدۈر قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر ئۆينىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ كەتتى. ئەركەكلەر قورققىنىدىن ھويلا تەرەپكە قاچتى. ئۇلار دادىسىنى ئازراق كۈتتى، ئەمما سادا بولمىدى. ئەركەكلەر تام ئۆرۈلگەن يەرگە كېلىۋېدى، رەۋەيدۇللامنىڭ كىيىملىرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرى كېسەكلەر ئارىسىدىن كۆرۈندى. ئۇلار كېسەكلەرنى ئېلىپ، دادىسىنى سۆرەپ چىقتى. بۇ چاغدا رەۋەيدۇللامنىڭ جېنى ئاللىقاچان چىقىپ بولغان ئىدى. ھەش-پەش دېگۈچە جامائەت يىغىلدى. ھويلىغا يىغىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى بۇ ھويلىغا قەدەم بېسىپ باقمىغانلىرى كۆپ ئىدى. جامائەت رەۋەيدۇللامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن پايپېتەك بولماقتا. ئەتىسى پېشىن نامىزىدىن كېيىن، رەۋەيدۇللامنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. جىنازا كۆتۈرگەنلەر ئارىسىدا ئۇدۇل چىشى يوق ئابدۇرۇسۇل دېگەن كىشى، ناھەق شاپىلاق يېگەن كۆڭۈلچەك بوۋاي، جاپپار توڭ ۋە باشقىلار بار ئىدى. ئەركەكلەر جىنازىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ مېڭىشتى. ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدىغان رەۋەيدۇللام بىلەن ئارقىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان «ياغاچ ئات» بولمىغاچقا، ئەركەكلەرنىڭ رېتى بۇزۇلدى. ئۇلار ئايىغى چىقىپ بۈگۈن − دادىسىنى يەرلەيدىغان كۈنى تۇنجى قېتىم ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن قەدەم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.

     مەھەللە جامائىتى مۇزاكىرە قىلىپ، ئەڭ ئاۋۋال ئەركەكلەرنىڭ ئانىسىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى. ئانا بالىلىرىنى پاكىز يۇيۇپ كىيىندۈردى. يېزىلىق دوختۇرخانا ئابدۇللامنىڭ كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى. مەكتەپ بالىلارنى مەكتەپكە قوبۇل قىلدى.





1995-يىل 6-ئاي.





1995-يىلى 7-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.





                                                                                                                                    ئەسكەرتىش:بۇ ھېكايە باش بەتكە «نىياز دېخان» ئىسىملىك توردىشىمىز تەرىپىدىن يوللانغان ئىكەن. بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ چىقتىم

http://uyghur.xjzjxh.com/Views1.aspx?Subid=3076



يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 23:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھېكايىدە بۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسئەتكامغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولسۇن ...
تامغان تامچە تاشنى تېشەر ...

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەت ئاكىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى تېخمۇ مول بولغۇسى!
كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 21:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ھېكايىنىڭ تەمى بىر ۋاقىتلارغىچە مېنى مەستخۇش قىلغاندى. يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ تولىمۇ سۆيۈندۈم.
مىللەتنى ئۇرۇش ئەمەس،سۈكۈت

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 16:09:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھېكاينى ئىلگىرى ئوقىمىغانكەنمەن.
ئەمدى كىچىكىپ بولسىمۇ بىر ئوقۇپ چىقتىم...

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 16:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئەركەكلىك...

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھېكايىدە بۇ مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئۇقۇغان يەنە بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم ئەسئەت ئابدۇرېشىت ئاكىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:44 , Processed in 0.082924 second(s), 10 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش