كۆرۈش: 1070|ئىنكاس: 6

نۇرگۈل ئەبەي _ ئانا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(18- قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر)



ئانا



(ھېكايە)



نۇرگۈل ئەبەي



موماي كوچىلاردا خېلىغىچە مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈردى،كەچ كىرىپ ئەتراپنى خېلىلا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.ئاپلا!نامازشام ئۆتۈپ كەتكىلى تۇرۇپتىغۇ.موماي شۇندىلا ئېسىنى يىغىپ دەرھال نامىزىنى ئوقۇماقچى بولدى ۋە قەيەرلەرگىدۇر ئالدىرىدى،لېكىن ئالدىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە يەنە نەگە مېڭىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.كوچىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىلا چوڭ قىزىنىڭ ئۆيى،ئايىغىدا چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆيى بار ئىدى،سول تەرەپتىكى كوچىدا 3-ئوغلىنىڭ ئۆيى،ئاۋۇ بىنادا كىچىك قىزىنىڭ ئۆيى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.ئۇنىڭ بايىلا چەكسىز دەرد-ھەسرەت ئىچىدە پۇچۇلىنىپ يېنىپ چىققىنى ئۆزىنىڭ،توغرىسى 2-ئوغلىنىڭ ئۆيى ئىدى،ئۇ بۇ ئۆيگە ئەمدى ھەرگىزمۇ قايتىپ كىرمەيتى.موماي ئۈچۈن ھاياتلىقتا يەنە كۆڭلى تارتىپ ئۈسۈپلا كىرەلەيدىغان،قورقماي بارالايدىغان ھىچقانداق يېرىمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى.موماينى ئىختىيارسىز تىترەك باستى. كەچ كۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى ئۇنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن كۈچسىز تېنىگە زەھەردەك سانچىلاتتى.كوچىنى ئوراپ تۇرغان دەرەخلەردىن تۆكۈلگەن ساپسېرىق غازاڭلار موماينىڭ ئاياغلىرىدىن شىلدىرلاپ ئۆتۈپ،قاياقلارغىدۇر دەرمانسىز ئۇچاتتى،موماي يەر بېغىرلاپ ئۇچۇۋاتقان غازاڭلارغا،سۇلياۋ خالتىلارغا،يالىڭاچلىنىۋاتقان دەرەخلەرگە نەزەر تاشلىدى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىمۇ ئاشۇ شېخىدىن ئايرىلغان  غازاڭلاردەك،تاشلىۋېتىلگەن قەغەز پارچىللىرىدەك قەدىرسىز ھېس قىلاتتى.ئۇ چەكسىز ئازاب ۋە ئۈمدسىزلىك ئىچىدە نەزىرىنى ئاستا-ئاستا بىپايان كۆككە يۆتكىدى. ئاسماندا بۇلۇت ئارىسىدا مىسكىنگىنە ئاي ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئاينىڭ مىسكىنلىكى بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاب گويا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى...كۈڭۈلسىز مەنزىرىلەر موماينىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.چەكسىز ئازاب بىلەن بىللە ئۇنى ئۇزۇن يىل قىيناپ كەلگەن زىققى كېسىلى موماينىڭ تۇرغۇدەك، يەنە بىئىختىيار قەدەم ئالغۇدەك ھالىنى قويمىدى.ئۇ ئۆرتەپ كەلگەن پىغاندىن ھۆركىرەپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى بېسىپ ئاستا كەينىگە ياندى-دە،نەچچە قەدەملا پىيادىلەر يولىغا يانداش قويۇلغان ئۇزۇن ئورۇندۇقتا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.شامال كۈچۈيۈپ كەتتى،قاياقتىندۇر ۋەھىمىلىك ئاۋازلار كېلەتتى.ئاچچىق سوغوق موماينىڭ ئەتسىز بەدەنلىرىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلاتتى.موماي تىترەپ تۇرۇپ ۋاختى ئۆتۈپ كەتسىمۇ نامازشامنىڭ ئۈچ رەكەت پەرھىزىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيالى،ئانچە –مۇنچە ئىشارەت بىلەن ئوقۇۋالدى.ناماز ئاخىرلاشقاندا ئادىتى بۇيىچە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلماقچى ئىدى،سوغوقتىن دۈگدىيىشىپ،يۈگۈرۈشۈپ دىگۈدەك كېتىۋاتقانلاردىن سەل نۇمۇس قىلىپ قالدى.لېكىن قول كۆتۈرمەيمۇ چىن دىلىدىن دۇئا قىلىشقا باشلىدى:«ئاھ قۇدرىتى كەڭ ئاللا!بالىلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،دىيانەت ئاتا قىلغىن،ئۇلارنى ئىككىلا دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،مەن ئۇلاردىن مىڭ مەرتىۋە رازى...»موماي مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى.ئوغلىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك قەھىرلىك ئاۋازى، ھېلىلا ئۇنى يەنجىپ تاشلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا قولىدىكى تېزگىنەكنى قارس-قۇرس قىلىپ سۇندۇرۇپ، ساپا يېنىدىكى يۇمۇلاق ئورۇندۇقنى كۈچەپ تېپىشلىرى ھە دېسە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالدى.ۋەھىمە،ئۈمۈدسىزلىك،ھاياتتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئېزىپ-ئېزىپ پايخان قىلاتتى،يۈرۈكىنى مۇقۇپنەپىسىنى قىساتتى.

ـــ  ئەگەر ئۇ سىزگە ۋارقىراپ-جارقىرىسىلا ياقىسىغا ئېسىلىڭ، نوچى بولسا سىزنى بىرنى ئۇرۇپ باقسۇنچۇ قېنى! ئاندىن كۆرىدۇ كۆرگۈلۈكىنى... سىز دېگەن ئانا! ئانىدەك تۇرۇڭ!

بۇ كىچىك قىزىنىڭ سۆزى ئىدى. بىچارە قىز مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ، ئاچچىق ھەسرىتىدە ئانىسىغا ۋارقىراپ كەتكەن ئىدى. لېكىن موماي ئوغلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمىدى، ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى قەھىرلىك سۇندۇرۇپ، ئورۇندۇقنى زەرپ بىلەن تېپىشلىرىگە ئۈنسىز قاراپ تۇردى. يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، قورقۇنچلۇق ۋاپاسىزلىشىپ كەتكەن ئوغلىغا ئاجايىپ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى. «كەچۈرۈڭ ئانا! مەن ئەقىلسىزنى كەچۈرۈۋېتىڭ! مەن نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىمەن ئانا... مەن پۇشايمان قىلدىم» دېيىشىنى مىڭلارچە تەمە قىلىپ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇردى. ئۇ ھەرگىزمۇ يۈرەك پارىسىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايتتى، شۇ تاپتا خۇددى ئۆزىنى مىڭ پارە قىلىۋەتسىمۇ دەردى چىقمىغۇدەك دەرىجىدە تەلۋىلىشىپ كەتكەن ئوغلىنىڭ قولىنى ئۆزىگە تەگككۈزۈپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ «قارغىش»،«ئاسىي»، ئىككىلا دۇنيا قارا يۇز قىلىۋېتىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايتتى...

موماي شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتى.«نېمانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغاندىمەن؟» دەپ ئويلاپ كەتتى ئۇ.«ياشلىقىمدا قايسى قىلىپ قويغان گۇناھلىرىمغا مۇشۇ كۈندە قالارمەن؟ مېنىڭدىن خېلىلا كىچىك ئاياللارمۇ بىر-بىرلەپ ھەق دۇنياغا كېتىپ بولدى، بارار جايىدىن ئورۇنمۇ ئېلىپ بولدى...» لېكىن ئۇ 80 ياشقا كىرىپمۇ يەنە بۇ دۇنيادا سۆرۈلۈپ، مىڭ زىخنىڭ ئىچىدە قورۇنۇپ، تەمتىرەپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى. خۇدا بەندىسىگە ئۆلۈۋېلىشنى راۋا قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ قەدىناسى ھېلىم بوۋايغا ئەگىشىپ شۇ كۈنىلا قارا تۇپراققا كىرىپ كېتىۋالغان بولاتتى. لېكىن مۇقەددەس ئېتىقات بۇنىڭغا يول قويمىدى. بوۋاي 80 يېشىدا تۈگەپ كەتتى. مانا ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، مومايمۇ شۇ يېشىغا كەلدى. قانداقتۇر بىر چۈشىنىكسىز تۇيغۇ ئۇنىڭ يېشىنى 80 گە پۈتىۋەتكەندەك، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدىغاندەك ۋەھى قىلاتتى.

بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنى ئىدى.

ـــ سەن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنىدە تۇغۇلغان،شۇڭا ئىسمىڭنى قۇربانگۈل قويغان،ــ دەپ ھېكايە قىلىدىغان موماينىڭ مومىسى،ــ ئاناڭ رەھمەتلىك جىق ھەرەج تارتقان، داداڭ ھېيت نامىزىغا كەتكەن ئىدى، داداڭ نامازدىن قايتىپ، تۇغۇتچى ئايالنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگۈچە ئاناڭ قانسىراپ كەتتى. ساق-سالامەت تۇغۇلغىنىڭنى كۆرۈپ ئاناڭ رەھمەتلىك خۇشاللىقتىن يىغلاپ كەتكەن ئىدى. سېنى كۆتۈرۈپ ئېمىتمەكچى بولدى، لېكىن قوللىرى قېتىپ بوپتىكەن رەھمەتلىكنىڭ... ساڭا بىر يۇتۇم سۈت بېرەلمىگىنىگە ھەسرەتلىنىپ كۆزى ئوچۇق كەتكەن...

موماينىڭ ئېسىگە مومىسىنىڭ تالاي رەت ئېيتىپ بەرگەن ئانىسى ھەققىدىكى ھېكايىلەر كەلدى. موماي ئانىسىنى بىلمەيتتى. ئۇنى مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.«ئۆگەيلەيدۇ... » دەپ دادىسىنىڭ كېيىنكى خوتۇنىنىڭ ئالدىغا بىر ئاخشاممۇ بەرمەيتتى، ھەم ئۆزى بىر قوللۇق بېقىپ، تەربىيەلەپ 16 ياشقا كىرگەندە قوشنا مەھەللىنىڭ كۆزى بولغان ئىشچان يىگىت ھېلىمغا تاپشۇرغان ئىدى. موماينىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق، ئىچ كۆيەرلىك يېغىپ تۇرىدىغان مومىسى كەلدى. ئۆزىگە، ئاقارغان چاچلىرىغا، پېشانىسىدىكى يول-يول قورۇقلارغا ياشلىق چاغلىرىدەك ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قاراپ كېتىدىغان بوۋىيى كەلدى. قاياقتىندۇر ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقاندەك دادىسىنى كۆرگەندەك بولدى... ئۇ ئاچچىق ياشلاردىن تېخىمۇ خىرەلەشىپ كەتكەن گۇنسىز كۆزلىرى بىلەن قىلۋى تەرەپكە، چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىغا تىكىلدى، يۇلتۇزلار جىلمىيىپ، گويا ھازىرلا موماينىڭ بېشىغا ساقىپ چۈشىدىغاندەك تۇراتتى...

موماي چوڭ قىزىنى تۇغۇپ ياتقاندا، مەھەللىدە تۇيۇقسىز ئېغىر ۋابا پەيدا بولۇپ، دادىسى، مومىسى شۇ ئاپەتتە نۇرغۇن قېرى-ياش، ئۇلۇغ-ئۇششاقنىڭ قاتارى بولۇپ كۆز يۇمدى...

ـــ ئاۋۇ ئەڭ يورۇق تۇرۇۋاتقىنى موماڭ شۇ قارا... رەھمەتلىك ئەل ئۆمرىدە ساۋابلىقتىن باشقىنى بىلمەيتتى، شۇڭا ھەممىدىن بەك يورۇپ تۇرىدۇ. يېنىدىكى پارقىراق يۇلتۇز ئاناڭ ھەجەرقىز... ئاۋۇ نېرىدىكىسى داداڭ شۇ... قارا، ئۇلار مەخسۇس ئارىلىق ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى يۇلتۇز سىغقۇدەك ئورۇننى بىزگە قالدۇرۇپ قويۇپتۇ ئەنە... بىزمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېتىمىز، روھىمىز يۇلتۇز بولۇپ ئەۋلادلىرىمىزغا قاراپ تۇرىدۇ...ـــ بوۋاي شۇنداق دەپ مومىيىنىڭ كۆڭلىنى ياسايدىغان... بوۋاينىڭ دېيىشىچە، ئاسماندىكى ھەر بىر يۇلتۇز ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ  روھى ئىكەن. ھايات ۋاقىتلىرىدا ئاللاغا يېقىن تۇرغان ئىخلاسمەنلەرنىڭ يۇلتۇزى يوغان ھەم پارقىراق بولىدىكەن. ئاللاغا پۇت ئېتىپ، ئېتىقادى سۇسلىغان كۇپارلارنىڭ تولىمۇ خىرە، تۇتۇق، كىچك بولىدىكەن... موماي شۇندىن بېرى بوۋاي كۆرسەتكەن قىلۋى تەرەپتىكى 3 تال يورۇق يۇلتۇزنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىۋالدى. خۇددى مومىسىنىڭ، ئانىسى ھەم دادىسىنىڭ روھى ئۇنىڭغا ھامان قاراپ تۇرغاندەك، ئۇنىڭ ياخشى-يامان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، خۇشاللىقىغا جۆر بولۇپ، خاپىلىقىغا ياش تۆكۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا چۆمۈلەتتى.

موماينىڭ شۇ يېشىغىچە كۆرمىگەن كۈنى، تارتمىغان جاپاسى قالمىدى. نۇرغۇن داھىلار، پادىشاھلار يۇرت سورىدى. شۇ پادىشاھلار سورىغان ئەلنى، دەۋرنى، داۋالغۇش ھەم ئاسايىشلىقنى، ئاچ-زېرىنلىكنى، ھەق-ناھەقنى... ھەممىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق قىيىن مۈشكۈلات، قەھەتچىلىك، ۋابا... ھەممىسى ئۆتكۈنچى شامال ئىدى. ئۆتۈپ كەتمەيدىغان، ئىزىغا چۈشمەيدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات بولمايتتى. لېكىن... شۇ يېشىغا كەلگەندە كۆرۈۋاتقان بۇ غېرىبلىقنىڭ قاچان، قايەردە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالدى...

بوۋاي تۈگەپ كەتكەندە، مومايغا بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىدىن باغ-ۋارانلىق ھويلا، ئىشىكى تالاغا قاراپ ئېچىلىپ، چوڭ-كىچىكلىكى، زىننەتلىنىشىمۇ ئوخشاش 10 ئېغىزلىق دۇكان ئۆي قالدى. دۇكانلارنىڭ ئايلىق ئىجارىسىلا بەش مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتەتتى. بوۋاي بىلەن موماينىڭ بۇ دۇنيالىقتا تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىسىمۇ مۇشۇلار ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە موماينىڭ ياغلىققا تۈگكەنلىرىنىمۇ بوۋاي دۇكاننى زىننەتلەش ئۈچۈن پاك-پاكىز ئىشلىتىۋەتتى.

ـــ نېمىمۇ قىلارمىز قېرىغاندا بۇنچە جىق پۇل خەجلەپ؟...ــ دەپ كوتۇلدىغانتى موماي قۇرۇقدىلنىپلا قالغان تۈگكۈچلىرىگە ئاچچىق بولۇپ.

ـــ ھەي نادان خوتۇن، بىز كۆرگەن كۈن ئازمۇ؟ بالىلار بىز كۆرگەننى كۆرمىسۇن، بىز تارتقان جاپالارغا قالمىسۇن. ئوغۇل نەۋرىلىرمىزمۇ خېلى بار، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلارنىڭ بېشىغا كۈن كەلگەندە:«دادام بۇ دۇكاننى سېلىپ قويۇپتىكەن» دەپ بىر ھۈنەرنى قىلسىمۇ ياكى ئىجارىسىنى ئېلىپ خەجلىسىمۇ چىرىغىمىز يورۇيدۇ قارا، ئۆزلىرىمۇ غېرىب-مىسكىن بولۇپ يۈرمەيدۇ....

بوۋاينىڭ دېگىنى ھەق ئىدى. ئۇلارنىڭ بەش ئوغلى، ئىككى قىزى بار ئىدى. ئوغۇللارنىڭ روزىغارى ھەر ھالدا ئۆزىگە چۇشلۇق ئىدى.«ۋاي دادا، ۋاي ئانا» بولۇپ  ئۇلارنى چۆگلەپ كېتەلمەيتتى. بوۋاي ھايات ۋاقتىدىلا ئىككى قىزىنىڭ مىراسىنى ئايرىپ بەردى. ئۇ كۈيئوغۇللارنى بازار كۈنى ئەگەشتۇرۇپ چىقىپ، يارىتىپ تۇرۇپ 10دىن ساغلىق ئېلىپ بەردى. قىزلىرىنىڭ قولىغا بىر جۈپتىن ئالتۇن بىلەيزۈك ياسىتىپ بەردى.

ـــ ئوغۇللارغا ئويلىغىنىم بار،ـــ دېدى ئۇ ئۆزىگە قانداقتۇر ئاچ كۆزلۈك، تەمەخورلۇق بىلەن قاراپ قالغان ئوغۇللىرى ھەم كېلىنلىرىگە مۇنداقلا قاراپ. لېكىن بوۋاينىڭ قانداق ئويلىغىنى، كىمگە نېمىلەر قالدۇرماقچى بولغىنى پەقەت ئاللاھدىن باشقا ھەممەيلەنگە سىر بولۇپ قالدى. كېيىنكى ھەپتىسى بوۋاي جۈمە ئوقۇپ كېلېۋېتىپ تۇيۇقسىز يىقىلىپ كەتكەن بىلەن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا جان بەردى... بوۋاينىڭ كۆك يوپۇق يېپىلغان ھەيۋەتلىك جىنازىسى دەرۋازىدىن لەڭ ئۇرۇپ چىققاندا، موماي تىرىڭڭىدە كەينىگە ئۇچۇپ ھۇشىدىن كەتتى... بوۋاينىڭ قىرىق نەزىرىسىگە ئۇلاشمايلا ئوغۇللار، كېلىنلەر ئۆزلىرىنى بېسىشالمىدى.

ـــ دادام چوڭ دۇكان بىلەن ئاياقتىكى دۇكاننى ماڭا سەن ئاچقىن دېگەنتى،ــ دەپ گەپ تەشتى، يېشى 50 تىن ھالقىغان چوڭ ئوغلى كۈۋەجەپ.

ـــ دادام ئۇنداق گەپنى قىلمىغانغۇ؟ ساڭا قاچانلاردا شۇنداق دېگەنتى؟ چوڭ دۇكان بىلەن ئاياقتىكى دۇكاننىڭ ئورنىمۇ، سودىسىمۇ بەلەن... بۇ ئىككى دۇكاننى ئەجەب ساڭىلا بەرگۈسى كەپتىكەن ھە دادامنىڭ؟!ـــ ئاكىسىنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كىچىك ئوغلىنىڭ قېنى قىزىدى، ھويلىدا تېرەكتەك چوڭ ئوغۇللارنىڭ تاپا-تەنە، ئاچچىق قايناشلىرى ياڭرىدى:

ـــ بولدى قىلىڭلار، بۇنى قانۇنلا ئايرىسۇن!

ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان 2–كىلىن ئاخىرى پارتلاش ئالدىدىلا تۇرغان جىدەلنى شۇنداق دەپ بېسىقتۇرغان بولدى. مىراسنى ئېلىپ بولغان قىزلار مۇڭ ۋە ھەسرەتتىن پۇچۇلانغان ھالدا ئاپپاق لىچەك ئىچىدە جىمجىت يىغلاپ ئولتۇرغان ئانىسىغا ئوخشاش ئاكىلىرىغا تېڭىرقىغىنىچە قاراپ تۇراتتى. پۇل-بايلىق، مال-دۇنيا دېگەننىڭ قۇدرىتى ئاجايىپلا بولىدىكەن. موماي بىر-بىرگە يەۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا بوزۇرۇشۇپ كۆكۈرۈشۈپ، ھازىرلا ئېتىلىدىغاندەك ئەلپازدا  ئولتۇرغان ئوغۇللىرىغا  قاراپ ھەسرەتلىك تىندى. كىچىكىدىنلا ئانىسىغا سۇۋۇشۇپ، ئەركىلىشىپ، يۆلىنىپ، گېپىنى يىرماي جىمجىت ئاڭلاپ چوڭ بولغان بالىلار شۇ تاپتا كىچىككىنە بايلىق، مىراس ۋە مەنپەئەت ئالدىدا ئانىسىنى، ئانىسىنىڭ كېيىنلىكىنى، ئوي-پىكرى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۇنتۇدى. ئۇلار تالىشىۋاتقان باغ-ئورمان، ئايۋان-دۇكانلارنى دادىسى بەرپا قىلغاندا، ئاشۇ قېرى موماينىڭمۇ ئەجىر-ھالاۋىتى، قان-تەرى بار ئىدى. ئۇلار ئانىنىڭمۇ دادىسىغا ئوخشاش قارار قىلىش، ئائىلىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا قىلاتتى. شۇ تەرىقىدە ئوغۇللار، كېلىنلەر ئۆز ئىچىدە خېلى ئوپۇر-توپۇر بولۇشتى. ھەممىسى ئۆز نەپسىنىڭ كويىدا ئىدى. موماي خىيالىدا 40 نەزىردىن كېيىن ئويلاشماقچى بولغان ئىشلار شۇ كۈنلەردە كوچىغا، تونۇش-بىلىشلەرنىڭ ئاغزىغا يېيىلىپ كەتتى....

ـــ ئىمام ئاخۇنۇم، ئوغۇللارغا تېگىشلىك نېسىۋېسىنى ئايرىۋېتەي دىگەنتىم،ــ دېدى موماي بىر كۈنى ئەل بېسىققاندا قېرى  ئىمامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،ـــ ئەتە بىر نەچچە كىشىنى ئېلىپ كەچلىك تاماققا داخىل بولۇپ بەرگەن بولسىلا.

ئىشلار شۇنداق قارار تاپتى. ئەتىسى موماي ئوغۇللىرى، كېلىنلىرىنى چوڭ ئۆيگە يىغدى. قىزلىرى ئوخشىتىپ پولو ئەتتى.

ـــ داداڭلارنىڭ ۋەسىيتىمۇ، ئويلىغىنىمۇ شۇ ئىدى، بالىلىرىم. دۇكان ئوڭ قولدىن باشلاپ مىراس بولۇپ ئايرىلغاي، ئوڭ قولدىن باشلاپ سانىغاندا 1-،2-دۇكان قاسىمجانغا، 3-،4-دۇكان ئالىمجانغا، 5-،6- دۇكان...

موماي شۇ تەرىقىدە 10 دۇكاننى ئىككىدىن بەش ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. ئوغۇللار، كېلىنلەر سەل گۇدۇڭشۇپ، يۈزلىرى قىزىشقاندەك، چىرايلىرى ئۆڭگەندەك بولۇشۇپ، يەنە بىرلىرى خۇشال جىلمايغاندەكمۇ بولدى. ئەل-جامائەتتىن، ئۆزلىرىگە مىختەك قادىلىپ تۇرغان قېرى ئىمام ھاجىمدىن تەپ تارتتىمۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ھېچكىمدىن باشقىچە پىكىر تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىقمىدى.

ـــ ئانا، سىزگىچۇ؟... دۇكاننىڭ ھەممىنى ئاكىلىرىمغا بۆلۈپ بەرسىڭىز، سىزگە نېمە قالىدۇ؟ سىز نېمە خەجلەپ، نېمە يەيسىز؟ـــ كۆڭلى بىر ئىشلارنى تۇيغان كىچىك قىزى شۇنداق دەپ قالدى.

ـــ ئالىيە راست دەيدۇ، ئانام نېمە يەپ، نېمە ئىچىدۇ؟ـــ چوڭ قىزىمۇ ھۈپپىدە ئېسىلىپ، سىڭلىسىنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى.

ئارىنى دەقىقىلىق سۈكۈت باستى. ئىماممۇ، كىرگەن گۇۋاھچىلارمۇ، قىزلارمۇ، مومايمۇ ئۇدۇلىدا ھەيۋەت بىلەن قاتار ئولتۇرۇشقان ئوغۇللىرىغا بىر خىل ئىلتىجا بىلەن تەلمۈرۈپ قارىدى.

ـــ ئانام ئۆزىگە قالدۇرغان زېمىننى ساراڭغا بەرسىمۇ 100 مىڭ يۈەنگە ئالىدۇ. يەنە كېلىپ ھېچكىم ئۆيدىكى دادامدىن قالغان نەق پۇلنى ئايرىيمەن دېمىدىغۇ؟ـــ دېدى كىچىك ئوغلى يەڭگىلتەكلىك بىلەن سۆز قىستۇرۇپ.

ـــ ئاكا، نېمە دەۋاتىسەن؟ ئاپامدا نەدىمۇ پۇل بولسۇن؟ ھەممىمىز بىلىمىزغۇ، دادام بار-يوق پۇلنىڭ ھەممىنى دۇكاننى ئوخشاش زىننەتلەپ بېرىمەن دەپ خەجلەپ تۈگەتمىدىمۇ؟...توۋا؟ چوڭ ئاكا، سەن بىر ھەق گەپنى قىلە!

كىچىك قىزى چىدىيالماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ـــ ئالىيەنىڭ گېپى راست... دادام ھەممە پۇلنى ئىشلىتىۋەتتىم، دەپ ئۆز ئاغزى بىلەن دېگەن. ئاسىم، سەنمۇ بارغۇ-ھە؟ـــ 4-ئوغلى شۇنداق دېۋىدى، پۇلنىڭ ئىشى شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى.

ـــ سىلەرنىڭ خىيالىڭلارچە، ئانام دادامدىن قالغان ئۆينى خەجلەپ ياتسا بولىدىكەن-ھە؟.. ئانام جېنىنى جان ئېتىمەن دەپزە ماكانسىز قالىدىكەن-دە؟ـــ دېدى چوڭ قىزى دىمىقىنى قېقىپ.

ـــ ئۇنداق قىلىشقا بولامدىغان؟ بۇ ئۆي دېگەن چوڭ ئۆي، دادامنىڭ بەرىكىتى، روھى بار ئۆي بۇ! سېتىپ خەجلەپ دېگەنمۇ گەپمۇ؟...

چوڭ ئوغلى ئاۋازىنى قەستەن ئۈنلۈك چىقىرىپ، ھەممىنىڭ زۇۋانىنى ئەتتى.

ـــ مانا بىز دېگەن بەش ئوغۇل، قاراپ تۇرۇپ ئانامنى خەجسىز قويارمىزمۇ؟ شۇنداقمۇ ئۇكىلىرىم؟!..ـــ ئۇ ئىنىلىرىغا تەكشى قاراپ چىقتى.

ــــ شۇنداق،ـــ دەپ باش لىڭشىتتى قالغانلارمۇ.

چوڭ ئىش قارار تېپىپ، يېزىق شەكلىدىكى كېلىشىم پۈتۈلۈپ، مومايمۇ، ئوغۇللارمۇ، قىزلارمۇ قول قويۇشتى. مومايغا بوۋاي بىلەن تەڭ بەرپا قىلغان باغ-ۋارانلىق ھويلىلا چوڭ ئۆي بولۇپ  قالدى... بۇنىڭ بىلەن موماينىڭ دىلىمۇ سەل ئارام تېپىپ، تىنچلىنىپ قالدى. بايا ئوغۇللىرىنىڭ  ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆي، نەق پۇللاردىن ئېغىز ئېچىپ كېتىشى موماينىڭ يۈرىكىنى ئەلەملىك مۇجۇغان ئىدى. شۇ تاپتا تېگىشلىك نېسىۋېسىگە ئىگە بولۇپ:«خوش، ئانا...» دەپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئوغۇللىرى، كېلىنلىرىنى ئۇزۇتىۋېتىپ موماي بۇ مۇزدەك سوغۇق، ئاچچىق گەپلەرنى ئۇنتۇپ كەتتى.

بوۋاي كېتىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، موماينىڭ ئۆي-ۋاقلىرى، ئوغۇللارغا تەۋە بولۇپ كەتكەن دۇكان-رەستىلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۆكۈمەت بىناسى سېلىندىغان بولۇپ، پىلان ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆپ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ھەر بىر دۇكان ئۈچۈن ئوغۇللارغا  100كۋادراتلىق بىنا ئۆي بېرىلدىغان، موماينىڭ قورۇ جايى ئۈچۈن 80 كۋادراتلىق بىنا ئۆي بېرىلدىغان ۋە 20 مىڭ يۈەن نەق پۇل ياردەم قىلىندىغان بولۇپ كېلىشتى. ئىككى تەرەپلەر كېلىشىمگە قول قويۇپ ئەتىسىلا بوۋاي-موماينىڭ يېرىم ئەسىر يىغىپ تۈگۈپ سالغان دۇكانلىرى، ئۆي-ۋاقلىرى، باغ-ۋاران، ھويلا-ئاراملىرى ھەيۋەتلىك ئىتتىرىش، چېقىش ماشىنلىرى تەرىپىدىن يېرىم سائەتكە قالمايلا چېقىلىپ، ھەپتىگە قالمايلا تۈزلىنىپ، كولۇنۇپ يېڭى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۇل كولىنىپ بولدى. شۇ يىلى كۈزدە بۇ يەردە قەد كۆتۈرگەن ھەيۋەتلىك سەككىز قەۋەتلىك ھۆكۈمەت بىناسى بوۋاينى، موماينى ئەسلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئىزىنىمۇ قويمىدى. ئوغۇللار، كېلىنلەر بىنا ئۆينىڭ راھىتىنى كۆردى، مومايمۇ قەپەستەك كىچىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئەسلىدىنلا كەڭ ئايۋانلىق، باغ-ۋارانلىق ئۆيگە كۆنۈپ قالغان موماي دەسلەپتە بۇ تار قەپەستە دېمى كىسىلگەندەك، بۇرنىنى بىرى ئېتىۋېلىپ ئەركىن تىنالمايۋاتقاندەك بەكمۇ بىئارام  بولدى. ئىشىك، دېرىزىلەردىن خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ھىدىنى باشلاپ كىرىدىغان كەڭ، ئازادە ئۆيلىرىنى، خېلى كۆپ جامائەتنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغان كەڭ ئايۋانلىق، تال-باراڭلىق ھويلا-ئاراملىرىنى سېغىندى. بالىلىرىغا كۆرۈنمەي ئەتىگەن-ئاخشاملىرى كونا جايىغا، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن سوغوق بىناغا قاراپ يىغلاپ زارلاپمۇ چىقتى، لېكىن كۆنمەي بولمىدى. يەنە كېلىپ باشقا ئامال-چارىمۇ يوق ئىدى.

ۋاقىت بەيگە ئاتلىرىدەك چېپىپ، يەنە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. موماي نەۋرە قىزى بىلەن بىللە تۇرۇپ بۇ قەپەسكىمۇ خېلى كۆنۈپ قالغان  كۈنلەرنىڭ بىرىدە 2-ئوغلى ئاسىم  موتوتسىكىلىت بىلەن كەيپچىلىكتە يولدىن چىقىپ كېتىپ، پىيادىلەر يولىدا ئۆز خىيالى بىلەن كېتىۋاتقان خەنزۇ ئايالنى سوقۇپ قويدى. ئۆزىنىڭمۇ مۈرە سۆڭىكى سۇنۇپ جىددى ئوپېراتسىە قىلىندى. ئوپىراتسىيەمۇ ئۇڭۇشلۇق بولدى، لېكىن ئۇ سوقۇپ قويغان كىشى جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بىر ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىلا ئۆلۇپ كەتتى. پالاكەتچىلىك ئوغلىنى تەرەپ-تەرەپتىن قىسماققا ئالدى. پۈتۈن سەھۋەنلىك ئوغلىدا بولغاچقا، سوت مەھكىمىسى ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئاسىمغا ئارتىپ قويدى. يەنە كېلىپ ئاسىممۇ چوڭ ئوپېراتسىيەگە چۈشۈپ ئۇزۇن داۋالانغاچقا، يېنىدىن ئۆزى ئۈچۈنلا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك چىقىم بولدى.

ـــ ئانا، شۇ خەنزۇنىڭ ئورنىدا مەن ئۆلسەمچۇ كاشكى... ــ دېدى ئوغلى ئانىسىنى كۆرۈپ خۇددى كىچىك چاغلىرىدىكىدەك ئېسەدەپ. موماينىڭ يۈرىكى ئېزىلدى. سوت ئوغلىغا قارشى تەرەپكە 50 مىڭ يۈەن پىچىپ قويغان ئىدى.

ـــ قانداقمۇ تۆلەپ بولارمەن؟... رېمونتخانىنىمۇ ئېلىشىغا سېتىۋەتتىم، مەندە بارىمۇ شۇ ئىدى... يەنە خېلىلا كەم، ئانا... ھېلىمۇ رازىيەنىڭ مائاشى بولۇپ قاپتىكەن... بولمىسا قانداقمۇ قىلار ئىدىم؟..

ئانا كىچىك بالىلاردەكلا ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرغان ئوغلىغا چىدىمىدى. ئوغلىنىڭ ھەر قاچان بەگزادىلاردەك تىك تۇرىدىغان بېشى شۇ تاپتا يەردىن ئۈستۈنگە قارىمايتتى. سۇنۇق ئازاۋى، ئىقتىساتتىكى بېسىم، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنكى قورقۇش-ساراسىمە ئۇنىڭ ئاپتاپتەك كۈلۈپلا تۇرىدىغان نۇرلۇق كۆزلىرىنى چەكسىز مۇڭ ۋە ھەسرەتكە بىراقلا كۆمۈۋەتكەن ئىدى....

ـــ بالام، سىلەر قانداق ئويلاشقان ئىدىڭلار؟ـــ دەپ سورىدى ئۇ ئوغلىدىن بەكرەك سولۇشۇپ كەتكەن كېلىنى ۋە ئوغلىغا قاراپ، ئەر-خۇتۇن خېلىغىچە جىمىپ كەتتى.

ـــ مەن... ئۆينى سېتىۋېتەيمىكىن دەيمەن، ئانا، ئالىدىغان ئادەمنىمۇ ئۇقۇشۇپ بولغان... شۇنداق قىلمىسام بۇنچە كۆپ پۇلنى جايلىيالمىغۇدەكمەن... ئۆي تېپىۋالغۇچە سەن بىلەن... بىللە ئولتۇرۇپ تۇرايلىمىكىن دەپمۇ ئويلىغانتىم...

موماي ھېچنېمىنى ئويلىمىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىنى قاپساپ تۇرغان ئازابنى يېڭىش ھەممىدىن مۇھىم ۋە تەخىرسىز ئىش ئىدى.

ـــ مەيلى بالام، شۇنداق قىلىڭلار، شۇنداق ئويلاشقان بولساڭلار مەنمۇ يالغۇز، بىللە تۇرساق خۇش بولىمەن تېخى!

شۇنداق قىلىپ نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئوغلى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن ئانىسىنىڭكىگە كۆچۈپ كىردى. ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، كاللىسىنى ساقايتتى. رېمونتخانىسىنىمۇ قولىغا ئالدى، موماينىڭ ئۆيى يېڭى بولغان بىلەن بىساتلار، سەرەمجانلار كونا ئىدى.

ـــ ئانا، بىزنىڭ ئۆيدىكى نەرسىلەرنى يەر ئاستى ئۆيىگە دۆۋىلەپ قويغۇچە، ئاچىقىپ مۇشۇ ئۆينى تۈزىمەيلىمۇ ؟ــ دېدى بىر كۈنى كېلىنى ئاپتاپتەك كۈلۈپ.

ـــ مەيلى قىزىم، ئۆزىڭىز بىلىڭ... ـــ موماي بىر ئۆمۈر ئاسراپ، قەدىرلەپ كەلگەن سەرەمجانلىرنىڭ خۇددى بوينى باغلانغان مەھبۇسلاردەك غېرىب «چىقىپ» كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى ئېچىشتى. بالىلارغا بۇ ئۆي جاھازلار كونا، مودىدىن قالغان بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر جاھازنىڭ قىممىتى ئالتۇنغا تەڭ ئىدى. ھەر بىر جاھازدا بوۋاي بىلەن، ھەر بىر ئوغۇل-قىز  بىلەن مۇناسىۋاتلىك بىر ھېكايە بار ئىدى. لېكىن ھەممە نەرسىنىڭ يېڭىسىغا، مودىسىغا ئىنتىلدىغان كېلىنىنىڭ، ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويغۇسى كەلمىدى. موماينىڭ رازىلىقى بىلەن كونا سەرەمجانلار يەر ئاستى ئۆيىگە دۆۋىلىنىپ، ئورنىغا يېڭى، ئېسىل بىزەكلەر تىزىلدى. ھەتتا بەزىلىرىنى بازاردىن ئاتايىتەن سېتىۋالدى، موماينىڭ بىر ئېغىزلىق كىچىك ھۇجرا ئۆيىمۇ ئالاھىدە سەرەمجانلاشتۇرۇلۇپ خاس ھوجرا بولۇپ قالدى. موماي نېمىشقىدۇر بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ياسىداقلىشىپ قالغان ناتۇنۇش ئېسىل جاھازلارغا تولغان ئۆيىدىن ياتسىراپ قالدى...

تۇيۇقسىزلا  ئۆزگىرىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن «چوڭ ئۆي»گە قاراپ كىچىك قىزىنىڭ كۆڭلى نېمىلەرنىدۇر تۇيغاندەك ئانىسىغا قاتتىق تەگدى:

ـــ مۇشۇنداق قىلىپ سېنى ئاستا-ئاستا سىقىپ چىقارمىسىلا بولاتتىغۇ بۇلار؟... ئۆزۈمنىڭكىنى تۇتايلى، پۇل بۇزماڭلار... سىلەرمۇ ئىتتىكرەك ئۆي تېپىڭلار، مىنى ئازادە قويۇڭلار دېسەڭ بولماسمىدى، ئانا؟... قېرىغاندا ئەقلىڭ گاللىشىپ كېتىپتۇ سېنىڭ!

قىزىنىڭ بۇ گەپلىرى ئەسلىدىمۇ ياتسىراپ نېمىلەردىندۇر ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان مومايغا خېلىلا تەسىر قىلدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىمۇ، قىزىنىمۇ بەزلەشتىن باشقىغا يارىمايتتى.

ـــ ئۇنداق قىلمايدۇ، بالام. ئاكاڭ سىلەر ئويلىغاندەك ئىنساپسىز  ئەمەس... ئۇمۇ شۇ كۈنلەردە خوتۇن-بالىلىرى بىلەن ھەر قايسىڭلارنىڭ ئالدىدا قىسىلىپ ئارانلا تۇرىدۇ. توۋا دېگىن، بىچارە ئاكاڭنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننى ئاللاھ بەندىسىگە سالمىغاي.

ـــ قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل، ئانا... لېكىن بۇ ئۆي دېگەن سېنىڭ. شۇڭا ئۆي ئىگىسىدەك، قېيىن ئانىدەك تۇرغىن، بەك ۋاي دەپ كەتمە، چېكەڭگە قولىنى تەڭلەيدۇ بولمىسا كېلىن دېگەن...

ـــ خۇدا بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرەر...

شۇ تەرىقىدە تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى. موماي ئوغلى بىلەن تۇرۇۋاتاتتى، ئۇلار كۆچۈپ كىرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇ يەردە مۇنداق ئۆي باركان، بۇ يەردە مانچە پۇللۇق ئۆي باركەن، دەپ ئانچە-مۇنچە ئۆينىڭ غېمىنى قىلىشاتتى. لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆينىڭ گېپى تىمتاسلا بولۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ ئوغلى تۇرۇشقا قولايسىزكەن، دەپ ئۆي ئىچىنى بىرەر قۇر زىننەتلەپمۇ چىقتى. ھەر يىللىق پار پۇلى، توك پۇللىرىنى بىر قوللۇق تۆلەپ كەلدى. مومايمۇ قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ چىقىم قىلىۋاتقان ئوغلى ھەم كېلىنىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. لېكىن  يىللار ئۇزارغانسېرى ئوغلى موماينىڭكىدە ئەمەس، بەلكى موماي ئوغلىنىڭكىدە پاناھلىنىۋاتقاندەك، ئوغلى موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاش-تاماق بېرىۋاتقاندەك كېلىننىڭمۇ، ئوغلىنىڭمۇ گەپ-سۆزلىرىدە چۈشىنىكسىز تاپا-تەنىلەر كۆپىيىپ قېلىۋاتاتتى. مومايغا ئەڭ ئەلەم قىلىدىغىنى قىزلىرى ياكى باشقا ئوغۇللىرى موماينى يوقلاپ كەلسە، كېلىنىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ تۈرۈلۈپ، نەرسە-كېرەكلەرنى تاراق-تۇرۇق قىلىپ، قوڭلىرىنى چېقىپ كېتىشلىرى ئىدى. بۇ ئۆيگە كەلگەنلەرمۇ ئىختىيارسىز كېلىننىڭ  قاپاقلىرىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان، نەۋرە-چۆرىلەرلا ئەمەس، ئوغۇل-قىزلىرىمۇ بەكلا ئاز كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاكىسىنىڭ، يەڭگىسىنىڭ بۇ مۇتىھەملىكىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەلىمىنى يۇتالمىغان كىچىك قىزى، ھەتتا كېلىن بىلەن بىر قېتىم قاتتىق سوقۇشۇپمۇ قالدى:

ـــ ئىككىنچى بۇ ئۆيگە دەسسىمە!ـــ دەپ گۆلەيدى ئوغلى خۇتۇنىنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ.

ـــ بۇ سەنلەرنىڭ ئۆيۈڭمىدى؟! بۇ دېگەن ئانامنىڭ ئۆيى! سەنلەر يوقۇلۇش، ھۇ نوۇمۇسنى بىلمەيدىغانلار!

شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقمىغان تاپا-تەنە، زەھەر- زۇقۇملار قالمىدى. موماي ھېچقايسى تەرەپنى بېسىقتۇرالماي كۆڭلى ئاينىپ «تىرىڭڭىدە»ئۇچۇپ چۈشكەندە، ئۇرۇش-تالاش ۋاقىتلىق پەسكارىغا چۈشۈپ، ھەممىسى جىم بولدى... شۇندىن بېرى بۇ ئۆي ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك چۆلدەرەپ قالدى. قىزلىرىمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش پەقەت ئىككى ھېيتتىلا «چوڭ ئۆي» دەپ ئانىسىنى يوقلاپ قوياتتى... ياخشىراق تاماق قىلغانلىرىدا بولسا بالىلىرىنى ئەۋەتىپ ئانىسىنى ئېلىپ كېلەتتى. كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچلىرىنى تاراپ، بىرەر-ئىككى كېچە قوندۇرۇپ، «ئۆيىگە» ئاپىرىپ قوياتتى.

ـــ شۇمۇ كۈن بولدىمۇ سىزگە؟ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىڭ! ئۇ ئۆي دېگەن سىزنىڭ ئۆيىڭىز! ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئۆيىگە ئىگە بولالمىسىڭىز، سىزمۇ ئانا بولدىڭىزمۇ ئەمدى؟ قېنى سىزدىكى 80 يىللىق ئەقىل؟! قاراپ تۇرۇپ، ئۆلمەي تۇرۇپ، چوڭ ئۆينى توزۇتۇپ ئولتۇرۇۋاتىسىز! سىزنى دەپ قورقماي كىرەلمىسەك ئۇ ئۆيگە؟!

شۇ كۈنلەردە موماينىڭ قايسىلا بالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بارسا ئاڭلايدىغىنى مۇشۇ تاپا-تەنە ۋە ئازاب-دەشنام ئىدى...

ئۇ ئۆزىگە بارغانچە سوغوق مۇئامىلە قىلىپ كېتىۋاتقان ئاسىمغا:«ئەمدى ئۆي تېپىۋالغان بولساڭ...» دېمەكچىمۇ بولدى، لېكىن ئوغلىنىڭ زەھەردەك تۈرۈلگەن قاپاقلىرىدىن ئەيمىنىپ چىش يىرالمىدى.

ـــ ئۆزۈمگە چۇشلۇق پەس ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرايمىكىن... بىنا ئۆيگە كۆنەلمىدىم... ئاكاڭ ئۆينىڭ ئىجارىسىنى بەرسە...ـــ موماي چوڭ قىزىغا مىڭ قىسىلىپ شۇ مەسلىھەتنى سېلىۋىدى، قىزى چىچچاڭشىپ يەر تېپىپ كەتتى:

ـــ سەن ساراڭ بوپسەن! ئۇلار سېنى ئۆيدىن ھەيدىسە قاراپ تۇرۇپ ئۆيدىن چىقىمەن دېگىنىڭنى قارا! ئۇ ئۆي دېگەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ئانا!....توۋا؟! ئۆتكەندە ئاسىم دېگەن مۇناپىق بۇ ئۆينىڭ ئۇ يېرىنى ئوڭشۇدۇم، بۇ يېرىنى زىننەتلىدىم، 50 مىڭ يۈەندەك پۇلۇم كەتتى، دەپ سېى قارىتىپ قويۇپلا بىر تاغار پوقنى ساڭا ئارتىپ قويدى. بىلەمسەن، ئانا، بۇ دېگىنى:«بۇ ئۆي مېنىڭ، بۇ ئۆيدە 50 مىڭ كويلۇق ھەققىم بار!» دېگىنى ئۇلارنىڭ! سېنى ئالىيە بىلەن ئۆز ۋاقتىدا توسساق زادىلا گېپىمىزگە كىرمىدىڭ... مانا ئەمدى سېى ئۆيدىن قوغلايدىغان چېغى كەپتۇ ئۇلارنىڭ... نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن؟ جېنىمنى تىكىپلا قويارمىنا ئۇ نائەھلىلەرگە؟!

موماي قىزىدىن بىر مۇنچە تاپا-تەنە ئاڭلاپ، كارۋات ئايىغىدا خۇددى كىچىك بالىلاردەك كۆزىگە زورلاپ  ئولتۇراتتى.

ـــ چوڭ ئاكامنى، 5000 يۈەن پۇلۇمنى بەردى، دەپ كېتىپتىكەنسەن. نەدە بېرىدۇ؟... ئۇ پۇلنى ئالىمەن دېگىنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!ـــ قىزى مۇقامنى باشقىغا چالدى.

ـــ ئۇنىڭ ئوغلى ئەمدىلا تىجارەتكە كىرىشتى، بالام... ئەمدى تېپىپ بېرەر...ـــ دېدى موماي دۇدۇقلاپ. ،ئۇنىڭ ئېسىگە چوڭ ئوغلىنىڭ: «ئوغلۇم ئۆلۈك ئەمەس، ئانا! ئۇنچىلىك پۇلىڭىزنى بېرىدۇ، لېكىن ئوقەتلىرىنى يۈرۈشتۈرۈۋالسۇن-دە! ئۇنچىلىك پۇل ئاسىم ئىگىلىۋالغان يۈز نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئۆينىڭ ئالدىدا نېمىتى؟!» دېگەن ئاچچىق تەنىلىرى كەلدى، لېكىن ئۇ قىزىغا بۇلارنى دېيەلمىدى.

ـــ  ئەمىسە ئادىل ئاكامچۇ؟ قىزىنى ئوقۇتالمىدىم دەپ سىزنىڭ  پۇلىڭىزنى ئالداپ ئېلىپ، قىزىنى ماڭغۇزغان بىلەن، خوتۇنى ساراڭ ئۆتكەندە بىر چايدا:« ئادىل تېرە سودىسى قىلىپ مانچە پۇل تاپتى، ئۇنچە پۇل تاپتى... خەنزۇ سودىگەرلەرگە ياغاچ ئۇقۇشۇپ بېرىپلا 30 ئارىدىن مىڭ سوم پايدا ئالدى» دەپ بىزگە  شۇنداق بەك پوچىلىق قىلىپ كەتتى. مېنى سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلۋالغانلىقىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمۇ دەيمەن. «ئەمىسە ئانامنىڭ 3000 يۈەن پۇلىنى بەرسەڭلار بولمامدۇ؟» دېسەم، بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كېتىپ:«ئانام قېرىغاندا ئالجىپ قاپتۇ، بىز نەدىمۇ ئانامدىن  پۇل ئالىمىز؟» دەپ تېنىپلىۋالدى!

موماي قاتتىق تەڭقىسلىقتا قالدى. ئۇ شۇ يېشىدا قىزلىرىنى، ئوغۇللىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇشنى، ئۇلار بىلەن دادىسىنىڭ، بالىلىق چاغلىرىنىڭ، ئۆلۈپ كەتكەن قولۇم-قوشنا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ، بوۋاي بىلەن ئۆتكەن زاماننىڭ...  گېپىنى قىلىپ مۇڭداشقۇسى، دەرد- پىراقلىرنى تۆككىسى كېلەتتى. لېكىن بالىلىرىدىن ئاڭلايدىغىنى ئوخشاشلا تاپا-تەنە، خاپىلىق ئىدى. ئۇ قېرىپ كەتتى، پۇتلىرىمۇ، ھەرىكەتلىرىمۇ كالامپايلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۆزلىرى خېلىلا يېقىندىكى نەرسىلەرنىمۇ خىرە كۆرەتتى. بارغانچە نۇرسىزلىنىپ ياشاڭغۇراپلا تۇراتتى. يەنە كېلىپ ئۆتكەندە ئۇدا ئۈچ قېتىم ياتقان ئورنىغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى. ئۇ قانداقلارچە تەرەت قىلىپ قويغىنىنىمۇ بىلمەيلا قالدى... موماينىڭ «مەينەتلىكى»، ئۆينى سېسىق پۇراققا تولدۇرۋېتىشى كېلىنىنىلا ئەمەس، ئوغلىنىڭمۇ ئوغىسىنى قاينىتۋەتتى. نەۋرىلەر بۇرۇنلىرىنى ئېتىشىپ تالاغا قاچتى...

ـــ نىمانچە بەغرەز سەن؟! يوغان ئادەم  تۇرۇپ... كىمگە ئەركىلەيسەن، ئانا؟ بىزنى شۇنداق قىلىپ تويغۇزماقچىمۇ يا؟... مەنمۇ ساراڭ، مۇشۇنداق ئۆيگە بار تاپقان-تەرگىنىمنى تىقىۋېتىپ! نېمە دېگەن سېسىقچىلىق بۇ!

موماي بىلمەستىن قىلىپ سالغان ئىشىدىن ئەسلىدىمۇ قاتتىق نومۇس قىلغان ئىدى. ئوغلىدىن، كېلىنىدىن شۇ قاتارلىق زەھەر-زوقۇمنى ئاڭلاپ نەچچە كېچە ئاللاغا تىلاۋەت قىلىپ، سېغىنىپ چىقتى:«ئى ئاللاھ، قېرىغاندىكى مەينەتچىلىكتىن، خارۇ- زارلىقتىن، ئىپلاس-پاسىق كېسەللەردىن ساقلىغىن، ئاللاھ!... » ئۇ «جېنىمنى ئىتتىك ئالغىن » دېمەكچى ئىدى، لېكىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى... نىھايەت ئاللاھقا موماينىڭ زارى يەتتىمۇ، بۇ «مەينەتچىلىك» شۇ كەمگىچە 4- قېتىم سادىر بولۇپ قالمىدى ...

موماي ئىلگىرى دائىم نامىزىنى ئوقۇپ، تەسۋى سىرىپ ئۆيدە ئولتۇراتتى. شۇ كۈنلەردە قەلبى دەرد-ھەسرەتكە پاتمايلا قېلۋاتاتتى.  ئۆيدە دائىم تۇرۇۋېرىپ كېلىنىنىڭ كۆزىگە بەكلا سەت كۆرۈنۈپ، ھەممىسىنىڭ كۆزىگە سىغمايلا قېلۋاتاتتى. «نىمانچە ھاڭۋاقتى، كالامپايلىشى  ،پۇتلاشقاق بولۇپ كەتكەنسىز » دەپ بىرى شۇنداق دېسە، «نىمانچە چېچىپ تاماق يەيسىز؟ نىمانچە پۇراپ كەتتىڭىز؟...» دەيتى... ئۇ ئۆزىنى خالىماسلا بولۇپ قالغان بالىلىرىغا كۆرننمەي دەپ ئويلاپ، دائىم بىنا ئالدىدىكى گۈللۈكتە، تاش ئورۇندۇققا يۆلەنگىنىچە نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتەتتى.

ــ سىلى بەكلا دۆت خۇتۇنكەنلا، مايسىخان! ئەرلىرى سىلىگە قالدۇرغاننى بولسىمۇ چىڭ سىقىپ ياتسىلا بولماسمىدى؟ قاراپ تۇرۇپ ھەممە دۇكاننى ئۆزلىرىچە قانۇنغىمۇ مەسلىھەت قىلماي ئوغۇللارغا ئايرىپ بەردىلە، مانا ئەمدى ئۆيلىرىگىمۇ ئىگە قىلغىلى تۇرۇپلا؟... قاراپ تۇرسىلا، ئۆلمىسەم كۆرىمەن، ئەمدى سىلى «ئانا» ئەمەس،«بالا» بولۇپ ئابرۇيسىز، خارلىقتا ئۆتىلا....

بوۋىيىنىڭ يىقىن ئۈلپەتدېشى سېلىم بوۋاي ئۇنىڭغا قايناپ شۇنداق دېگەن ئىدى. ئۇ بوۋايمۇ ئالدىنقى يىلى تۈگەپ كەتتى، موماينىڭ شۇ ھالدىكى غېرىب، مىسكىن تۇرقىنى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى...

بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈى ئىدى. مومايغا بۇ قېتىمقى ھېيت زادىلا ھېيت بولمىدى. نەچچە يىللاردىن بۇيان «ئۆيىنى تارتقۇزۇپ» قويۇپ، ھېچنىمىگە ئىگە بۇلالماس بولۇپ قالسىمۇ، لېكىن يىلدا ئىككى قېتىم كېلىدىغان بۇ ھېيتتا ئۇ ئۆزىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئۆيىدە بالىلىرىنى، نەۋرىلىرىنى خالىغانچە يايلىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك، كېلىنىنىڭ قاپاق تۈرۈشلىرىگىمۇ، ئوغلىنىڭ:«سەن قېرىدىڭ، سەن ئۇلارنى ئەمەس، ئۇلار سېنى ھېيتلاتسا بولىدۇ» دەپ كوتۇلداشلىرىغا پەرۋا قىلماي، بازاردىن ئۆزى بىر قوللۇق گۆش، ئۇششاق-چۈششەك ئەكىلىپ، ساڭزا-قۇيماق سېلىپ، بالىلىرىنى چۆرىسىگە يىغاتتى. بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان نازۇ- نېمەتلىرىنى كۆرگىنىدە، خۇددى بالىلىرىغا سايە بولۇپ، ئۇلارغا «يېتىم»لىكنى ھېس قىلدۇرماي، بالىلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇۋاتقاندەك، بوۋاينىڭ روھىنىمۇ خۇش قىلىۋاتقاندەك، ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى ھەم ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمەتتى...

لېكىن بۇ يىلقى ھېيت ھەر يىلقىغا زادىلا ئوخشىماي قالدى. موماينىڭ يانچۇقى قۇپقۇرۇق ئىدى. بوۋاي قالدۇرۇپ كەتكەن تەئەللۇقاتنى ئۇ نەچچە يىللاردىن بېرى زادىلا بۇزۇپ-چېچىپ باقمىدى، بالىلىرىغا ئۆتنە دەپ ئىز تېزسىزلا يوقاپ، قۇرۇقدىلنىپ قېلىۋاتقان «تۈگكۈچ»تىن كۆڭلۈم تارتتى دەپ بىر يۈەنلىك سامسىمۇ ئېلىپ يىمىدى. لېكىن شۇنچە قىسىپ قاتلاپ، مىڭ پۈكسىمۇ  بۇ قېتىمقى ھېيتقا  كەلگەندە «تۈگكۈچ» پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ قالدى... بوۋاينىڭ بەرىكىتى شۇنچىلىككە پايلىدى. ئۇنىڭدىن ھېچنېمە قالمىدى... ھەتتا يەر ئاستى ئۆيىدىكى كونا سەرەمجانلارمۇ «يەر ئىگىلەپ» تۇرغاچقا،  ئالدىنقى ھەپتە ئوغلى تەرىپىدىن كونا «ئەسكى-تۇسكى» ئالدىغانلارغا نەچچە يۈز يۈەنگە سېتىلىپ كەتتى. پۇلىنى بولسا ئوغلى ئۆينىڭ بىر يىللىق تازلىق پۇلىغا ھېسابلاپ تاپشۇرۇۋەتتى... ئەپسۇسكى، نادان  بالىلار بۇ بەرىكەتنىڭ ئەمدى پۈتۈنلەي ئۆچكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمەيتتى. ئۇلارچە ئانىسى ئۇچىسىدىن سالمايدىغان كەنجەنىڭ يانچۇقىدا ياكى مومايلا بىلىدىغان، مەلۇم «پىنھان جايدا» دادىسى قالدۇرغان «تۈگىمەس بايلىق» يەنە خېلى كۈنلەرگە، خېلى چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا يېتەتتى. شۇڭا ئۇلار ئانىسىدىن ھېچ ئىككىلىنىپ قالماي:«قالغانلارغا دېمەي تۇرغان بولسىڭىز»نى شەرت قىلىپ قويۇپ پۇل سورىيالايتتى. قايتۇرۇشنى، ئانىسى ئۈچۈن ھېيت-بايراملاردا بولسىمۇ ئاز-تولا چىقىم قىلىشنى ئەسلا ئويلاپمۇ قويمايتتى...

ھېيت نامىزى ئۆتەپ بولۇپلا ئوغۇللار ئوغۇل-نەۋرىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئانىسىنى يوقلاپ چوڭ ئۆيگە يىغىلىشتى. ئىككىنچى ئوغۇل ئاسىم ھېيت نامىزى ئۆتەش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە قايتىپ كىرمىگەن ئىدى. ئايالى قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە بالىلىرىنى يېتىلەپ رەسمىيەت ئۈچۈنلا مومايغا خوش دېدى-دە، ئانىسىنىڭكىگە ھېيتلاپ كەتتى. شۇنداق چىرايلىق ياسالغان ئۆينىڭ ھەممە يېرىدىن بوران ئۇچۇپ، ھېيتقا تەۋە بولغان ئازراقمۇ خۇشاللىق ياكى قىزغىنلىقنىڭ ئىپادىسىنى تاپقىلى بولمايتتى... موماي ئەتىگەنلىك بامداتقا تۇرغانچە جاينىمازدىن چۈشمىدى. ئوغۇللىرى كەلگەندىمۇ شۇ ھالدا تەسۋى سىرىپ ئولتۇراتتى. ئىچ-ئىچىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان دەردلىك  پىغاندىن بىراقلا تۈگىشىپ كەتكەندەك باشقىچىلا جۈدەڭگۇ، ئاجىز كۆرۈنەتتى.

ـــ ئانا، قۇربانلىقنى مەن ئۆلتۈرۈپ بىرەمدىم ياكى ئاسىم ئۆلتۈرۈپ بولدىمۇ؟ــ دېدى كىچىك ئوغلى ئادەتتىكىدەك. ئۇ شەھەردە قاسساپچىلىق قىلاتتى، سودىسىمۇ ياخشى ئىدى.

ـــ قۇربانلىق قىلالمىدىم، بالام....ـــ موماي شۇلارنى دەۋېتىپ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا يۈرەكلىرى پارە-پارە بولۇپ، ئاچچىق زەھەر بوغۇزىدا كەپلىشىپ تۇراتتى.

ئوغۇللار چۈشىنىكسىز بىر خىل ئىپادىدە بىر-بىرىگە قاراپ قويۇشتى. شۇندىلا ئۇلار بىر تال چەينەكتىن، تۆت تال ناندىن باشقا ھېچنېمە تىزىلمىغان قۇرۇق داستىخانغا، ھەممە يەردىن غېرىبلىق تۆكۈلۈۇپ تۇرغان بوش، سوغوق ئۆيلەرنى كۆرگەندەك بولدى.

ـــ نېمىشقا ئالالمىدىڭ، ئانا؟... ھېلىلا بالىلار ئانىلىرى بىلەن كىرىدۇ. تەييار گۆشلا ئەكىرەمدۇق يە؟ ھە ئاكا؟ــ كىچىك ئوغلى نادانلارچە سوئال بىلەن ئانىسىغا تىكىلدى. موماينىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلىرى ئىختىيارسىز لىچەك ئىچىدە پۈرمە-پۈرمە بولغان گۇنسىز تېرىلىرىنى بويلاپ سىيرىلىپ چۈشتى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىدىن مىڭ ھەسسە باي، ساغلام، مەزمۇت، ئايالى ۋە بالىلىرىغا تاغدەك يىقىلماس يۆلەنچۈك بولۇپ يۈز تېپىۋاتقان ئوغۇللىرىنىڭ:«ئانا، مانا بۇ قۇربان ھېيتلىق قوي، مانا بۇ سىزنىڭ ھېيتلىق خەجىڭىز...» دېگىنىچە بوران ئۇچۇپ تۇرغان بۇ ئۆيلەرگە دادىسى بار چاغلاردىكىدەك چەكسىز ئايەم شادلىقى باشلاپ كېلىشىگە نەقەدەر تەشنا-ھە؟!.. لېكىن بالىلار چوڭى 60 ياشقا يېقىنلىغان قامەتلىك ئەرلەر بولسىمۇ، يەنىلا نادان ئىدى...

شۇ ئەسنادا كىچىك قىزى ئوغلىنى يېتىلىگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ھەم ئانىسىغا، ئاكىلىرىغا ھېيت سالىمى قىلىپ، ئانىسىنى قۇچاقلىدى.

ـــ ئانا، بۇ يىل 80 ياشقا كىردىڭغۇ-ھە؟ تۇغۇلغان كۈنۈڭگە، ئايىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن!ــ ئۇ شۇنداق دېگەچ سومكىسىدىن چىرايلىققىنە بىر ياغلىقنى ئالدى-دە، ئانىسىنىڭ بېشىدىكى ئاپپاق لىچەكنىڭ ئورنىغا چىگىپ قويدى. موماينىڭ كۆڭلى ئىللىققىنە بىر ئېقىمدىن دەقىقە ئارام تاپقاندەك بولدى.

ـــرەھمەت، بالام... ئۆزۈڭگە ئالساڭ بولماسمىدى، بالام... مەن قېرى يېڭىنى چىگمىسەممۇ بولىتتى ئەمەسمۇ... لېكىن مەن بۇ ھېيتتا سىلەرگە ھېچنېمە قىلىپ بىرەلمىدىم، بالام... قۇربانلىقمۇ قىلالمىدىم...ــ موماي مىچچىدە يىغلىۋەتتى.

ـــ يىغلىمىغىنە، ئانا... قۇربانلىق قىلىمەن دەپ ساڭا نېمە كەپتۇ... يىغلىمىغىن... بىز ھەممىمىز قۇربانلىق قىلدۇق. ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ــ قىزى قۇپقۇرۇق ئۆيلەرگە، چۆلدەرەپ قالغان داستىخانلارغا، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئاكىلىرىغا نەپرەت بىلەن قاراپ قويۇپ، ئانىسىنى بەزلىمەك بولدى.

ـــ ئانا، پۇلۇڭ يوقمىتى يا؟ـــ بىردەملىك جىملىقتقن كېيىن كىچىك ئوغلى تەرەپباللا شۇنداق دېدى.

ـــ ئانامدا قانداقسىگە پۇل بولىدۇ، ئاكا؟ ئانامدىكى پۇل ھېلىمۇ تۈگىمەيدىكەن... شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ ئانام پۇل يوق ھېيتلىق قىلالماپتۇ، داستىخانغا نازۇ-نېمەت تىزالماپتۇ!..ـــ دېدى قىز ئۆڭۈپ-تاتىرىپ.

ـــ پۇللىرىڭ قېنى، ئاپا؟!ـــ بۇ سوئالنى قايسى ئوغلى سورىغىنىنى موماي ئۇقالمايلا قالدى. ئۇ ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ  ئوغۇللىرىغا قاراپ قالدى. ئۇلار  تېڭىرقاش، ھەيران قېلىشتىن بەكرەك  جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان سوراقچىلارغا ئوخشايتتى. موماينىڭ يۈرىكى ۋاژىلداپ ئېچىشىپ كەتتى. ئۇ ئوغۇللىرىغا تىكىلىپ تۇرۇپ:«سەن-سەن، پالانى، مانچە پۇلۇمنى ئېلىۋالدىڭ، مۇنچىلىك پۇلۇمنى قايتۇرمۇدۇڭ... شۇ پۇلنى قايتۇرماي تۇرۇپ يەنە خىجىل بولماي مەندىن قايسى يۈزۈڭ بىلەن ھېساب ئېلىشىسەن؟ مەندە سەنلەر گۇمان قىلغۇدەك نەدىمۇ شۇنداق جىق پۇل بولسۇن؟» دەپ توۋلىۋەتكۈسى كەلدى. لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋالدى، ھېچنېمە دېمىدى، يەنە نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنىمۇ بىلمىدى...

ـــ ئانامنىڭ پۇللىرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سىلەر بەكرەك بىلەرسىلەر؟!ــ دېدى قىزى ئاكىلىرغا تەكشى قاراپ مەسخىرە بىلەن.

ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟! سېنىڭچە ئانامنىڭ پۇلىنى بىز ئېلۋاپتۇق-دە؟!ــ چوڭ ئاكىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ـــ مېنى بىلمەيدۇ دېيىشەمسەن؟! سەن ئوغلۇڭغا ئېلىپ بەرگەن 5000 يۈەن پۇلغا قانچە يىل بولدى؟ قايتۇردۇڭمۇ؟! سېنىڭچۇ؟ قىزىمنى مەكتەپكە ماڭدۇرۇۋالاي دەپ ئالغان 3000 يۈەن پۇلچۇ؟ قىزىڭنىڭ ئوقۇشىمۇ تۈگىگىلى تۇردى، قېنى شۇ پۇل؟! سەن ماشىنا ئالىمەن دەپ ئاپامدىن ئالغان پۇلنىڭ سانىنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە!....

بالىلار موماينىڭ كۆزىچىلا ئۇرۇشۇپ، بىر-بىرگە ئىزا-ئاھانەت قىلىشىپ ئالەمنى مالەم قىلدى. موماينىڭ ئۇلارنى توسۇغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان ئىدى. يۈرىكى لەختە-لەختە قان-زەرداپ ئىچىدە ئاجىز پۇلاڭلايتتى... ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:« خاس ھۇجرىسى»غا كىرىپ كەتتى-دە، جاينىمىزىغا يۈكۈندى...

ـــ ئاۋۇ ئاسىم  دېگەن لايغەزەل 150مىڭ كويلۇق ئۆينى ئوڭچە ئىگىلىۋالغاندىكىن بىر قېتىم ھېيت قىلىپ قويسا نېمىمۇ بولىدۇ-ھە؟ شۇمۇ ئوغۇل بالا بولدىمۇ؟ ھۇ خوتۇنىنىڭ ئىشتىنىنى كىيگەن!.. قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى نەدىكى گۇيغا تارتقۇزۇپ قويغاندىكىن مۇشۇ ئانامغىمۇ ئاز. توۋا، توۋا، دادامنى ئۆلۈپ كەتتى دېسەم، ئەسلى ئاناممۇ ئۆلۈپ بوپتىكەن... ئۆزىگە شۇنداق پۇختا بولۇپ، بالىلىرىنى سانىڭ چۈجىسىدەك قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، ئەتراپىدا يىغىپ يۈرىدىغان نى-نى ئانىلارمۇ باركەن... بۇ بىزنىڭ ئانىمىز قانداق ئانىدۇ؟ ئىسىت....

ئەڭ ئاخىرىدا ئوغۇللارنىڭ تاپا-تەنە، سوغوق ئورۇشلىرىنىڭ نەتىجىسى «ئۆزىگە پۇختا بولمىغان» مومايغا مەركەزلىشىپ،«توۋا»دەپ ياقا سىقىشقىنىچە ھەممىسى ئۆيلىرىگە مېڭىشتى.

ـــ بىزنىڭكىگە بېرىپ ھېيت قىل ئانا ئەمدى،ــ دېدى 3-ئوغلى ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ.

ـــ شۇنداق قىلماي نېمە ئامال؟... چوڭ ئۆيدە ھېيت  پىشىپ بوپتۇ بۇندىن كېيىن،ـــ چوڭ ئوغلىنىڭ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ دېگەن مەسخىرىلىك گەپلىرى موماينىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى.

موماي ئۆيدە يالغۇز قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ غېرىبلىقىغا، پەرىشانلىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى.

ـــ دۇنيادا سىزدىنمۇ نادان ئانا نەدە بار ھە، ئانا؟ نېمە دەپ بۇ نېمىلەرگە ھەممە دۇكاننى بېرىۋېتىسىز؟ نىمە دەپ پۇللىرڭىزنى ئۆتنە قىلىسىز؟ قايتۇردىمۇ ئەنە؟ گېپىنىڭ چوڭلىقىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ تېنىپلا ئالدىغۇ ھەممىسى؟! توۋا، بۇنى ئاز دەپ ئاۋۇ ئاسىمنى بۇ ئۆيگە تىقىپ قويۇپ، ئۆي-ماكانسىز، چوكا سۇنۇقسىز قالغىنىڭىزغا نېمە دەي ئەمدى؟ ئۆز ۋاقتىدا نېمە دېدىم سىزگە؟ ئۇنى يولاتماڭ دېسەم ئۇنمىدىڭىز!... مانا ئەمدى تويدىڭىزمۇ؟ ھەممە نەرسىڭىزنى يەپ بولدى. گەپ قىلىڭ دېسە ئالتە كىشىلىك گەپ قىلىپ «مانا بىز 5 ئوغۇل بار »دەپ كېتىپتىكەن. تا شۇ كەمگىچە 50 كوي پۇلنى قولىڭىزغا تۇتقۇزۇپ باققان بىرى بارمۇ؟! قاراڭە ئەنە، يوق دېسىڭىزمۇ ئىشەنمىگەندەك قىلىشىپ خىيالىدا يوق چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى! سىزگە ئاز، كۆرىدىغىنىڭىز ئالدىڭىزدىكەن سىزنىڭ!... ئەزەلدىن ئوغۇللىرڭىزنى چوڭ بىلىپ كىتەتتىڭىز، مانا شۇ نوچىلار! تويۇڭە ئەمدى!...

قىزى چاڭىلداپ سۆزلەيتتى،بۇغۇلاتتى، يىغلايتتى... ئۇنىڭ دېگىنى ھەق ئىدى، توغرا ئىدى، لېكىن موماي بۇنداق كۈنلەرنى ئالدىن بىلەلەيدىغان ئەۋلىيا ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ شۇ دەرىجىدە رەھىمسىز، قارا كۆڭۈل بولۇپ كېتىدىغىنىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ھېلىمۇ شۇنداق ئىدى، بالىلىرىنى نادانلىق قىلۋاتىدۇ، بۇلار تېخى كىچىك، ئەقلىنى قولىغا ئالالمايۋاتىدۇ... دەپلا ئۆزىگە تەسەللى قىلىپ تۇراتتى... شۇ تاپتا ئانا قىزىدىن ئايىغى چىقماس تاپا-تەنىلەرنى ئەمەس، چىرايلىققىنە ئىككى ئېغىز تەسەللىنى، يۈرەكنى سالقىندىتىدىغان، تىنچلاندۇرىدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى كۈتەتتى... قىزى ئاخىرى تاپا-تەنىدىن، ئاچچىق ۋارقىراش-قاقشاشتىن توختىدى. قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى يۇدى.

ـــ بىزنىڭكىگە كېتەيلى، ئانا... بىزنىڭكىدىلا ھېيت قىلايلى،ــ دېدى ئۇ ئانىسىنىڭ قورايدەك قاتقان ئورۇق قوللىرىدىن تۇتۇپ. ئۇ شۇ قاينىشىدا ئىچىدىكى ئاچچىقنى ئانىسىغا چىقىرىۋالدى. لېكىن نادان قىز ئانىسىنىڭ يۈرىكىدىكى 80 يىللىق ئازاب، ھەسرەت، نادامەتنىڭ يۈرەك باغرىغا تاشتەك چىڭدىلىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە چىڭدىغۇدەك بوشلۇقنىڭ زادىلا قالمىغانلىقىنى، ئانا قەلبىنىڭ، ۋۇجۇدىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىققانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن؟...

ـــ ماقۇل، بالام... مەن ھېلىراقتا كەينىڭىزدىن باراي... ئاچىڭىز كېلىپ قالسا يوق بولۇپ قالماي،ــ دېدى موماي زورلاپ كۈلۈمسىرىمەك بولۇپ، لېكىن ئۇ زورلاي دەپمۇ كۈلەلمىدى.

ـــ ئەمىسە بايا دېگەندەك بولسۇن، ئانا، ئاسىم دېگەن جوھوتنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىڭ! بولمىسا ياقىسىغا ئېسىلىڭ! سىزنى بىر ئۇرۇپ باقسۇن قېنى! كۆرىدىغىنى بار ئۇنىڭ!...

ـــ ماقۇل، بالام...

قىزى يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى تاپىلاپ ئۆيدىن چىقتى، بايىقىدىنمۇ بەتتەر سۆرۈنلىشىپ كەتكەن، خۇددى بوران ئۇچۇپ، ئەزرائىل ھۇۋلاپ تۇرغاندەكلا يېقىمسىز بولۇپ قالغان ئۆيدە موماي يالغۇز قالدى. خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاسام ئۆيگە كىردى. ھېچنېمە تىزىلمىغان داستىخانغا، قۇپقۇرۇق تۇرغان ئاشخانا ئۆيلەرگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، ئانىسىغا گەپمۇ قىلماي تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردى. موماي قىزىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇشنى ئاغزىغا ئەمدىلا ئېلىۋېدى، ئوغلىنىڭ جان پېنى چىقىپلا كەتتى.....

ـــ نەدە شۇنداق ئىش باركەن؟ نەچچە يىلدىن نېمە دەپ ئېغىز ئاچمايسىز؟ مەن ئانام يالغۇز قالدى، بېقىۋالاي، دەپ بار ئەسلى-ۋەسلىمنى مۇشۇ ئۆيگە سېلىپ بەردىم، كۆزىڭىز كۆردى! 50 مىڭ يۈەن دېگەن ئاز گەپمۇ؟! مەن تام تەشمەيمەن ياكى بانكا ئاچمايمەن! قېنى كىم مېنى بۇ ئۆيدىن چىق دېيەلەيدىكەن؟! نوچى بولسا پۇلۇمنى قايتۇرۇشسۇن سىزنى كۈشكۈرتكەن شۇ نوچىلار! مەن ھېچنەگە كۆچمەيمەن! ئاڭلاپ قېلىڭ!

مومايغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىلا قالغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى... تولىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن قاقشال، مىسكىن، غېرىب تېنى، روھى، بۇ ئەڭ ئاخىرقى زەھەر-زۇقۇمنى يۇتالمىدى...

ـــ مەن سىڭلىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلەي،.ــ دېدى موماي كەچ كىرگەندە يەنىلا تېلېۋىزور كۆرۈپ، بارلىق ئاچچىقىنى ئانىسىدىن ئېلىپ بولۇپمۇ يەنىلا قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇرغان ئوغلىغا مەيۈس قاراپ.

ـــ ھە... ـــ ئوغلى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن تولىمۇ سوغوق جاۋاب بەردى.

موماي ئۆيدىن يېنىپ چىقتى، زەھەردەك ئاچچىق سوغوق ئۇنىڭ دۇراپ پەلتۇسىدىن ئۆتۈپ، ئاجىز يەلكىسىگە مۇزدەك ئۇرۇلاتتى...

موماي چىگىش، ئاچچاق ئەسلىمىلەر باغرىدا خۇددى كىچىك بالىلاردەك تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى زادىلا توختىتىۋالالمىدى. ھېلىمۇ ياخشى كېچە، ھاۋا بەكلا سوغوق بولغاچقا، كىشىلەر دۈگدۈيۈشكىنىچە مومايغا دىققەت قىلغۇدەكمۇ ھەپسىلىسى يوق ئۆيلىرىگە ئالدىرشاتتى. يەنە كېلىپ موماينىڭ كىچىككىنە بالىلاردەكلا قالغان ئورۇق، كۈچسىز تېنى ھېچكىمنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىقىپمۇ كەتمەيتى... موماي شۇ ھالدا خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتى، باياتىندىن بېرى توڭۇپ كەتكەن قول-پۇتلىرى شۇ تاپتا ئىللىپ قالغاندەك ئىدى. ھاسىراپ تۇرغان نەپەسلىرىمۇ راۋانلىشىپ قالغاندەك، بەدەنلىرىمۇ يېنىكلەپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى... شامال بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. موماي بېشىنى كۆتۈرۈپ قىلۋى تەرەپتىكى ئاشۇ 5 تال يورۇق يۇلتۇزنى ئىزلىدى. لېكىن ئاسماندا بىر تالمۇ يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ياشاڭغۇراپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ، ياشلىرىنى سۈرتىۋەتمەكچى بولدى، لېكىن قوللىرى ھەرىكەتكە كەلمىدى... ئۇ كۆزلىرىنى تېخىمۇ  يوغان ئېچىپ، تېخى بايىلا كۆرگەن يۇلتۇزلارنى زورۇقۇپ ئىزلەشكە باشلىدى... بىراق ئوخشاشلا تاپالمىدى... ئۇ يۇلتۇزلارنى، ئانىسىنى، دادىسىنى، مومىسىنى، بوۋىيىنى... تاپالمىغانسىرى خىياللىرى، تەپەككۇرى چىگىشلىشىپ كەتتى. چۈشىنىكسىز دىلخەستىلىك، تىتتىتلىق يۈرىكىنى چىمداپ، ئاغرىتىپ تۇراتتى... توۋا؟! موماينىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى، ھاياجاندىن ئۆمچۈيۈشكە كۆنۈپ قالغان ئويماقتەك ئاغزى ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يېنىدىلا چاراقلاپ يانغانبەش تال يۇلتۇز نۇر چېچىپ  تۇراتتى. تۇيۇقسىز ئۇلار سوزۇلۇپ نۇرغا پۈركەلگەن سۆيۈملۈك بىر سىماغا ئايلاندى... بۇ سىما موماينىڭ سوغۇقتىن پۈتۈنلەي ئۇيۇشۇپ، تۇيغۇسىنى يوقاتقان يىرىك  قوللىرىنى ئاستا تۇتىۋېدى، موماي قوللىرىنى يۇمشاق قۇش ئۇۋىسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى... بۇ قوللار شۇنداق ھارارەتلىك، يۇمشاق ئىدى. بۇ قوللار بىردە مومىسىنىڭ مېھىرلىك قوللىرىغا ئوخشىسا، بىردە دادىسىنىڭ يىرىك ئالقانلىرىغا ئوخشايتتى. يەنە تۇرۇپلا بوۋىيىنىڭ كۈچلۈك، قىزىق ئالقانلىرىغىمۇ ئوخشايتتى... موماي ئىچ-ئىچىدىن ساددا قىزلاردەك كۈلۈپ كەتتى. قاياقتىندۇر شوخ ئۇرۇلغان ھېيتلىق ناغرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى... «بۈگۈن راست قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنى... مەن 80 ياشقا كىرگەن كۈن... بۇ ھەممە يەردىن خۇشاللىق تۆكۈلۈپ، بەخت قۇچاق ئاچىدىغان خاسىيەتلىك كۈن... » موماي ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ئالدىدا ئۆزىنى يېنىككىنە يېتىلەپ كېتىۋاتقان سۆيۈملۈك سىماغا  چەكسىز مۇھەببەت بىلەن ئەگىشىپ كەتتى... ئۇلار چەكسىز يۇلتۇزلار ئالىمىگە سىڭىپ كېتىۋاتاتتى....

  







2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، خېجىڭ.



«تارىم»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان



ئەسەرنى ئەۋەتىپ بەرگۈچى:ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-5 23:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرگۈلنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، قەلىمىگە بەرىكەت ، ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2012-4-6 13:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياىشى ھېكايىمىنىمۇ ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت

ۋاقتى: 2013-7-10 17:28:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولغۇچە كۆزۈمدىن ياش چۈشۈپ كەتتى . ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !

ۋاقتى: 2013-7-10 19:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۈرگۈل ئاچام بەك ھېسياتلىق ئەسەر يازىدۇ.
مۇبارەك ھەدە!!
ھارمىغايسىز!!

ۋاقتى: 2013-10-24 20:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانامنى دەمدە بىر كۆرسەمكەن دەيمەن،
ئانام ھايات كۆك ئاسماندا لەيلەيمەن.
ئالەمدىن ئانامنى ئالىي بىلگەچمەن،
ئانامنى يەنە بىر تۇغۇلسا دەيمەن.  ئەراپات تۇرغان
بىر ئەسەردە بىر يۈرەك،
يولىڭىزغا تولسۇن پورەك.

ۋاقتى: 2013-10-24 20:47:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانامنى دەمدە بىر كۆرسەمكەن دەيمەن،
ئانام ھايات كۆك ئاسماندا لەيلەيمەن.
ئالەمدىن ئانامنى ئالىي بىلگەچمەن،
ئانامنى يەنە بىر تۇغۇلسا دەيمەن.  ئەراپات تۇرغان
بىر ئەسەردە بىر يۈرەك،
يولىڭىزغا تولسۇن پورەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش