ximal
ئىگىسى: ئا.ئى.پەروزان

« ﻗﻮﻣﯘل ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ » ژۇرنىلىنىڭ 2012 - ﻳﯩﻞ 4 - ﺳﺎن مۇندەرىجىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 18:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 17:50
بۇ سان ژۇرنالدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەر داۋۇت ئۇبۇلقاسىمنىڭ ...

      بەگيار توغرا ئېيتىدۇ. داۋۇت ئۇبۇلقاسىمنىڭ ماقالىسى بىلەن ئارسلان تالىپنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ ئالدىنقى قىسمى 3- ساندا بېرىلگەن. بۇ ئىككىسى ھەقىقەتەن ئوقۇشقا تېگىشلىق ئەسەرلەردۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 64
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 20:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇشۇنداق تېمىلار كىشىنى خۇش قىلىدىكەن. سەۋەبى  يېڭى بىر ئۇچۇرغا  ئالدىن ئېرىشىدىكەنمىز. يەنە بىرى بۇنىڭدىن ئەدەبىياتنى يۈرىكىدە سۆيىدىغانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلىۋالىدىكەنمىز. كىچىككىنە ۋاقتى ۋە زىھنىنى قۇربان قىلىپ ھەممىگە يېڭى بىر ئۇچۇرنى سۇنۇش ئېغىزدا دېمەككە ئاسان بولغان بىلەن، ئەمەلدە قىلىش تەس. ئىش قىلغان ئادەم ئاسان تىل ئاڭلايدۇ تېخى. دېمەك، ژۇرناللارنىڭ تەرەققىيات يۆلۈنىشىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغانلارنىڭ ئىشلىرى ھەرقاچان  ئوڭ بولسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 966
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 21:02:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالنىڭ خاسلىغى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ھەممەيلەنگە سالام يوللايمەن.
پەروزان ئاكىنىڭ ئىجادىي قىزغىنلىقىغا ئاپرىن!

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1570
تۆھپە : 6
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 23:16:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرى ئىلان قىلىنغان ئاپتۇرلارغا مۇبارەك بولسۇن!

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،

ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 76
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 23:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق  قىلىشنى  يازايلى



شېئىر  ۋە  ھىكايە  يازىدىغانلارنىلا  يازغۇچى  دەپ  قاراش  دۇنيادىكى  باشقا  ئارقىدا  قالغان  كىشىلەرگە  ئوخشاشلا  رايۇنىمىزدا  ئومۇملاشقان  چۈشەنچە ، ھەرھالدا  بۇمۇ  ساقلاپ  قويۇشقا  تېگىشلىك  ئەنئەنىلەرنىڭ  بىرى . ئەمدى  مۇشۇ  يازغۇچىلارنىڭ  شەخسىي  ئەخلاقى ، ئۆز  ئارا  ئىتتىپاقى  ۋە  ئەمەلىي  قىممىتى  توغرىسىدىكى  مەسىلىلەرگە  تەگمەي  تۇرۇپ ، خەلق  چوڭ  كۆرۈدىغان  بۇ  كىشىلەرنىڭ  يازغانلىرىنىڭ  روھىي  يۆلۈنىشىنى  تەتقىق  قىلىپ  كۆرەيلى .


  شائىر  ۋە  ئەدىبلەر  ئەسلىدە  ئەمگەك  ۋە  چۈشۈنىشنىڭ  ۋەكىللىرى  ھېسابلىنىدۇ ، مېھنەت  ۋە  ئەجىرنىڭ  مەنىسىگە  يەتكەنلەر  ھەمدە  خەلققە  ئۈمىد  ۋە  تەدبىر  كۆرسۈتىدىغانلار  شۇلار  بولىشى  كېرەك . بۇ  ئەسلىدە  ياخشى  كەسىپ ، ئىلمىي  ساھە  ۋە  ساغلام  ئادەملەرنىڭ  ئالماش  نامىدىن  ئىبارەت . بۈگۈنكى  كۈندە  ئاز  ساندىكى  ئەدىبلەرنىڭ  ئۆزىنى  داھىي  ھېسابلىشى  بىزنىڭ  ئەمەلىيەتتە  بىر  نەچچە  ئەسىردىن  بېرى  تېخنىكىلىق  پەنلەرگە  زېھنىمىز  ئاجىز  كەلگەنلىكىنىڭ  يەنە  بىر  خىل  ئىپادىلىنىشى . كىشىلەردىن ، باشقىلاردىن  كۆڭلى  ئاغرىغان  ئاز  بىر  قىسىم  ئەدىبلەرنىڭ 40  ياشتىن  ئاشقاندىن  كېيىن  ئابروي – ئىناۋەتنىڭ  ئازىيىپ  كېتىشىدىن  غەم  قىلىپ ، دىننىي  تېرمىنلار  مول  بولغان  ماقالىلەرگە  يۈزلىنىشى ، ئۇ  پەقەتلا ‹‹ ئامما ›› نىڭ قارشى  ئېلىشىغا  ئېرىشىش  ۋە  60  يېشىدا  شۇ  خەلىقنىڭ  مەنىۋى  داھىيىسىغا  ئايلىنىشى  ئۈچۈن  سېلىۋاتقان  مەبلىغىدىن  باشقا  نەرسە  ئەمەس . ئىلگىرى  تاشكەنت  باسمىسى  ئۇيغۇرچە  كىتابلار ( بۇلار  ئاز  تېپىلغاننىڭ  ئۈستىگە ، شەكلى  ئۇيغۇرچە  بولسىمۇ ، سۆزى  روسچىدىن  خەتمۇ  خەت  تەرجىمە  قىلىنغان  بولغاچقا ، قالتىس  مەنىلىك  ۋە  مۇرەككەپ  تۇيۇلاتتى ) نى  ئۆز  پېتى  ئۈرۈمچى  مەتبۇئاتىدا  ئېلان  قىلىش  مودا  بولغان  بولسا ، ھازىر  ياۋرۇپادا  ئۆتكەن  پەيلاسوپلارنىڭ  ماقىلىلىرىنى  تەرجىمە  قىلىپ  قويۇش  بىلەنلا  پەلسەپىنى  بىزگە  تۇنجى  ئەكىرگەن  ئادەم  بولۇش  شەرەپلىك  سانىلىدىغان  بولدى . ئومۇمەن  ئەدىب  ۋە  شائىرلارنىڭ  ھازىرقى  ھالىتىگە  باققىنىمىزدا  ئۇلاردا ‹‹ خەلققە  يېقىش ›› ئىدىيىسى  يېتەكچى  ھالەتكە  ئۆتكەن  بوپتۇ . مۇشۇ  ھالەت  بويىچە  ماڭغاندا ‹‹ پەقەت  خەلق  نېمىنى  ئويلىسا  ۋە  نېمىگە  قىزىقسا، شۇنى  يېزىش  ئەدىبلىكنىڭ  يوقۇرى  پەللىسى ›› دىگەن  قاراش  ئۇلارنىڭ  پۈتۈن  زېھنىنى  يەپ  كەتكەن  بولىدۇ . تارىخ ، ئەمەلىيەت  ۋە  كەلگۈسىنىڭ  قانۇنىيەتلىرىدىن  قارىغاندا ‹‹ ئاممىغا  يېقىش ›› بولسا  ئەدىبلەرنى  يوقۇرى  پەللىگە  ئەمەس ، پەقەت  ھادىسىنى  ئىپادىلەيدىغان  تۆۋەن  پەللىگە  يېتەكلەيدۇ ، خالاس .


  ‹‹ ئامما ›› سۆزى  كۆپچىلىك  دېگەنلىك  بولىدۇ ، ئۇنىڭ  يەنە  بىر  مەنىسى ‹‹ ئوتتۇرھال ، ئادەتتىكىدەك ، ئومۇملاشقان ، بىر  خىللا  ھالەت ›› دىگەندەكلەرگە  بېرىپ  تاقىلىدۇ . نەپسىمىزنى  يىغىپ ، سوغۇققان  پىكىر  قىلغىنىمىزدا، ئامما  ھەر  دائىم  يەيدىغان ، ئىچىدىغان ، ئوينايدىغان  ۋە  بەك  بولسا  ھۈنەر  ئۆگنىدىغان  ئىشلارنى  ئويلاپ ، شۇنىڭ  ھەلەكچىلىكىدە  تېنەپ  يۈرگەن  بولىدۇ . ئاممىغا  بىر  خىل  كۆز  قاراش  ئاستا  كىرىدۇ  ۋە  قىيىندا  چىقىدۇ ، ئومۇمەن ‹‹ ئامما ›› تۇرمۇش  تىپىدىكى  ئادەملەرنى  كۆرسىتىدۇ . كېرەكسىز  ئادەملەر  ئاز  بولغىنىدەك ، ئەقىل  ۋە  تەپەككۇر  تىپىدىكى  ئادەملەرمۇ  ئاز  بولىدۇ ، ئەمما  ئەقىل  تىپىدىكى  ئادەملەرنىڭ ‹‹ ئامما ›› ۋەكىللىكىدىكى  تۇرمۇش  تىپىدىكى  ئادەملەرگە  تەسىر  كۆرسىتىپ ، ‹‹ ئامما ›› نى  ئازايتىش  خىزمىتى  بولسا  نۆۋەتتە  ئۆزىنى  چوڭ  ھېسابلايدىغان  كىشىلەر  مۇلاھىزە  قىلىپ  كۆرۈدىغان  مۇھىم بىر  مەسىلە . مېنىڭچە ، ھازىر  نۇپۇسىمىزنىڭ  ئازلىقىدىن  ئەمەس ، تۇرمۇش  تىپىدىكى  ئادەملەرنىڭ  كۆپۈيىۋاتقانلىقىدىن  ئەنسىرەش  لازىم  ۋە  بۇ  خىل  ئادەملەرنى  ئازايتىپ ، ئەقىل  تىپىدىكى  كىشىلەرنى  كۆپەيتىشكە  ھەركەت  قىلىش  لازىم . ئەمدى  مۇشۇ  ئالىي  مەنپەئەت  نوقتىسىدىن  چىقىش  قىلغاندا ، ئاممىغا  ياقىدىغان  ۋە  ئەممىلا  چۈشۈنەلەيدىغان  نەرسىلەرنى  يازىدىغانلار  ئەمەلىيەتتە  ئۆزىمۇ  ئامما  سېپىغا  بىر  ئەزانى  كۆپەيتكەن  شەخس  ھېسابلىنىدۇ . پەقەت  ئامما  سېپىنىڭ  بىرىنجى  رېتىدىن  ئورۇن  ئالغان  ئالاھىدىلىكى  بار  خالاس . بۇ  پىكىرنىڭ  قىرىنى  بويلاپ  داۋاملىق  ماڭغىنىمىزدا  شۇ  مەلۇم  بولىدۇكى ، ئاممىنىڭ  ئويلىغىنىنى ، ئارزۇ – ئارمىنىنى  يېزىش  ئەسىرلەردىن  بېرى  بۇرۇقتۇما  بولۇپ  كەلگەن  بۇ  دىيارىمىزدا  ئەدىب  ۋە  شائىر  بولۇشنىڭ  يۈكسەك  نىشانى  بولغان  بولسا ، ئەمدى  پۇرسەت  ۋە  خەتەرلەر كۆلۈپ  باققان زامانىمىزدا  خەلققە  ياقسۇن – ياقمىسۇن ، قانداق  قىلىش  كېرەكلىكى ، نېمىدە  ئارقىدا  قالغىنىمىز  ۋە  قانداق  قىلساق  بولىدىغانلىقىز  توغرىسىدا  ئەدەبىي  ياكى  ئەقلىي  ئەسەر  يېزىش – ئۆزىنى  ئەقىل  تىپىدىكى  ئادەم  دەپ  ھېسابلايدىغان  كىشىلەرنىڭ  قىلىشقا  تېگىشلىك  ئەقلىي  ئىشى  بولۇشى  لازىم .


  خەلقنىڭ  ئوي – پىكرىنى  ئەكىس  ئەتتۈرۈش  دىگەن  بۇ  شۇئار  قالاق  ۋە  قاراڭغۇ  ئۆتمۈشتىن  قالغان  ئاڭ  ئەخلىتىدىن  ئىبارەت .  ئي – پىكىرنى  ئىپادىلەش ، خەلقنىڭ  ئەھۋالىنى  ئەدەبىي  ۋاستە  بىلەن  ئەكس  ئەتتۈرۈش  ئادەم  زاتىنىڭ  تەبىئىتى  ۋە  ئەدىبلەرنىڭ  ئەقەللىي  ۋەزىپىسى . مۇشۇنداق  تۇرۇقلۇق  يەنە  داۋاملىق  يوقۇرقىدەك  تۆۋەن  ئۆلچەملىك  شۇئارنى  توۋلاش  تولىمۇ  ئارقىدا  قالغانلىق  بولىدۇ . ئەدىب ، شائىر  ۋە  سەنئەتكار  بولۇشنى  ئۆسمۈرلەردىن  تارتىپ  ئالىي  نىشان  قىلىۋالىدىغان  دىيارىمىزدا ، ئەدەبىياتتىن  باشقا  پەنلەرگە  قىرىقمايدىغان  ياكى  تېخنىڭ  پەنلەرنىڭ  تېرمىنلىرىغىمۇ  قىزىقمايدىغان  ئەدىبلەر  كۆپ  نىسپەتنى  ئىگىلەپ  ياتىدۇ . ئۇلارنى  بۇ  زىمىندا  بۇ  پەنلەرگە  قىزىقىدىغانغا  مەجبۇرلايدىغان  روھىي  ھاۋامۇ  يوق ، يەنە  كىشىلەرنىڭ  مەشھۇر  زاتلىرىمىزغا  قويغان  تەلىپى  شۇنچىلىك ، دېمەك  بىزدە  ئامما  ناھايىتى  كۆپ .


  ئەخلاقنىڭ  قانچىلىك ‹‹ بۇزۇلۇپ ›› كەتكەنلىكىنى  يېزىش  نۆۋەتتە  بىر  ئەدەبنىڭ  قانچىلىك  دىن – دىيانەتلىك  ئىكەنلىكىنى  كۆرسىتىدىغان  ۋە  ئۆزىنىڭ  قانچىلىك  ئۆتكۈر  كۈزۈتىش  ئىقتىدارى  بارلىقىنى  ئىپادىلەيدىغان ‹‹ يېڭى ›› ۋاستە  بولۇپ  قالدى . قارىسىڭىز  رادىئو – تېلىۋىزىيە ، گېزىت – ژورناللاردا  بۇنداق  ماقالىلەر  ۋە  قاقشاشلار  پەۋەس  توشقان . بۇ ‹‹ بۇزۇقچىلىق ›› تۈرلىرىگە  قارىسىڭىز ، نەچچە  ئەسىردىن  بېرى  دەپ  كەلگەن  گەپلەردىن  چوڭ  پەرقى  يوق . بۇ  يەردە  بىر  گۇمان  باركى ، بۇ  بۇزۇقچىلىقلارنى  پاش  قىلىشنىڭ  زۆرۈرىيىتى  بولۇشتا  گەپ  كەتمەيدۇ ، بىراق  شۇنى  يازىمەن  دەپ  نام  چىقىرىشنىڭ  ئەڭ  زور  مەقسەت  بولۇشىدا . ئىشقىلىپ  ھازىر  ئەقىلنى  ئېچىش  تىپىدىكى  كىتاب – ماقالىلەرگە  قارىغاندا ‹‹ قىسقا  كىيگەننى ، شاراب  ئىچكەننى ، تانسا  ئوينىغاننى ، بەزمىخانىدا  يايرىغاننى ، مېھمانخانىدا  ياتاق  ئاچقاننى ›› يېزىش  ياكى  سۆزلەش  كەڭ ‹‹ ئامما ›› نىڭ  كۆڭلىگە  ياقىدىغان  ئىشلاردىن  بىرى  بولۇپ  قالدى ، ھەقىقىي  ئەخلاقسىزلىق  دىگەن  ھورۇنلۇق ، ئوقۇماسلىق  ۋە  ئىسراپچىلىق  قىلىشتىن  ئىبارەت . ئەگەر  بىلسىڭىز  بىزلەر ‹‹ ئەخلاقسىز ›› لارغا  ئاشكارا  نەپرەت  قىلغىنىمىز  بىلەن  كۆڭلىمىزنىڭ  بىر  يەرلىرى  باشقىلارنىڭ  رەسۋا  بولغۇنىنى  كۆرۈپ  ھوزۇرلىنىش  ۋە  ئۆزۈمىزنىڭ  ناچار  ئىشلىرىنى  مەھكەم  يۇشۇرۇشقا  ماھىر  بولۇشتەك  مۇرەككەپ  ھېسسىياتقا  تولغان  يۈزەكى  دىيانەت  ئىگىلىرىدىن  ئىبارەتمىز .


  شۇنىڭ  ئۈچۈن  يازغۇچىلار  تېخىمۇ  چوڭقۇرراق ، تېخىمۇ  مەنىلىكرەك  ۋە  تېخىمۇ  ئۈنۈملۈكرەك  ئەمگەك  قىلسۇن  دېيىشىمىزدە ، ھازىر  ئاممىغا  بولىۋاتقان  ھادىسىلەرنى  دەپ  بېرىش  ئەمەلىيەتتە  ئاممىنىڭ  كۆڭلىنى  ئاچىدىغان  نەرسىگە  ئوخشاپ  قالىدۇ ، شۇڭا  ناچار  ئىشلارنىڭ  سەۋەبى  ۋە  ئۇنىڭ  تەدبىرىنى  كۆرسىتىش  ياكى  ئۇلارنى  ئىلىم  ئۆگنىشكە  ئىلھاملاندۇرۇش  ئۈچۈن  يازغۇچىمۇ  فىزىكا، خېمىيىدىن ، ئالەم  تېخنىكىسىدىن ، پىسخولوگىيە  ۋە  ئىنسانشۇناسلىقتىن ، سىياسىي  ۋە  سىياسەتتىن  خەۋەر  تاپسۇن  دېمەكچى . بىر  بولسا  ئەدەبىي  ۋاستىلەرنى  غول  ئىشلىتىش  بىلەنلا ، يەنە  بىر  بولسا  جەمئىيەتنى ‹‹ قاتتىق  تۈزەش ›› شۇئارى  بىلەنلا  ئەخلاقنى  ياخشىلاپ  كەتكىلى ، قاقشاش ، چېقىۋېلىش  ۋە  ھۇجۇم  قىلىش  بىلەنلا  نام  چىقارغىلى  بولمايدۇ ،  داستىخان  ئۈستىدە  داھىيانە  ھېسسىياتلارغا  چۆمگەن  بىلەنمۇ  شۇ  يەردە  قالىدۇ . ھەتتا  بار  ئەھۋاللارنى  ئەدەبىي  تۈستە  سۆرەتلەپ  بېرىش  بىلەنلا  كىشىلەرگە  پايدا  يەتكۈزگىلى  بولمايدۇ ، بۇنداق  قىلىش  زىيان  كەلتۈرۈشىمۇ  مۇمكىن . ئەدىب  بولغان  ئادەم  ئۆزىنىڭ  كەسپىدىن  باشقا پەنلەرگىمۇ  ھۆرمەت  قىلىشى ، باشقا  ساھەدىكى  كەسىپ  ئەھلىلىرىنى  ئىززەتلىشى ، ئەسلىدە  پەن – تېخنىكىنىڭ  تۆر  كەسىپ  ئىكەنلىكىنى  ئېتراپ  قىلىشلىرى  لازىم . بۇنىڭ  ئۈچۈن  ئۇلاردا  قەھرىمانلىق  ۋە  كەڭ  قورساقلىق  ھازىرلىنىشى  كېرەك . بۇنىڭ  مەنپەئەتى  ئاخىردا  خەلققە  بولىدۇ . چۈنكى  تۇرمۇش  تىپىدىكى  جانلىقلار  بىلەن  ھېسسىيات  تىپىدىكى  خەلق  ئاممىسىنى  ئىلىمگە  دەۋەت  قىلغاندا  ۋە  ئۇلارنى  روھلاندۇرغاندىلا ، بۇ  خەلقنىڭ  ئۆمرىنى  ئۇزارتىشىغا  پايدىسى  بولىدۇ .


  قۇلاققا  ھەر  دائىم  ماختاشلار  ياقىدۇ ، ‹‹ ئۇنداق  مەدەنىيەتلىك ، مۇنداق  مېھماندوست ›› دېگەنلەر  پەقەت  ئۆتمۈشتىنلا  قالغان  كۆرۈنۈشلەر ، ھازىر  بولسا  ئەقىل  گاللىشىپ ، بىلىمدە  سىنىپتىن  چۈشۈپ  قالدۇق . ئۆتمۈشنى  مەدھىيلەش  ۋە  ئۇنى  ھازىرقى  ئەۋلادلارنىڭ  نەتىجىسى  قىلىپ  كۆرسۈتىش  بىلەن  يازغۇچى  بولغان  بولمايدۇ ، يەنى  ماختاش ۋە ماختىنىش  قۇلاققا  ياققىنى  بىلەن  ئەقىلنىڭ  ئىشلىگىنى  بولمايدۇ . مۇشۇ  بىر  نەچچە  يىلدىن  بۇيان  ئاز  ساندىكى  ئەدىبلەر  قوزغاۋاتقان  غەرىبنى  تىللاش  شامىلىمۇ  بىزگە  سوغۇق  بولىدۇ . چۈنكى  ئىسلام  دىنىمىز  ھېچقاچان  مەلۇم  دىن  ياكى  مىللەتنى  يوقۇتۇش  ئۈچۈن  يارالغان  بولماستىن ، بەلكى كۈنلۈك  قىلمىشىمىزنى  ئەخلاق  ۋە  ئىلىم  يولىغا  سېلىشىمىز  ئۈچۈن  چۈشۈرۈلگەن  مۇقەددەس  قىبلىنامە . خەلقنىڭ  كاتتىلىرى  سانالغان  كىشىلەرنىڭ ‹‹ نام  چىقىرىش  ۋە  ھەيران  قالدۇرۇش ›› ھەۋىسى  بىلەنلا  ئاددىي  ئاممىنىڭ  تەھلىل  ۋە  تەپەككۇرىدىن  يىراق  قالغان  ساددا  ھېسسىياتنى  دۆلەتنىڭ  مەتبۇئاتىغا  كۆتۈرۈپ  چىقىشى  ئاقىۋىتىنى  ئويلاپ  قىلىنغان  ئىش  بولماي  قالىدۇ ، بۇنداق  ئىشلار  ئاىىرىدا ‹‹ ئامما ›› نى  جۇڭگونى  ئۆز  ئىچىگە  ئالغان  بارلىق  چوڭ  دۆلەتلەرگە  ئىستىخىيىلىك  ھالدا  قارشى  تۇرىدىغان  تەدبىرسىز  قىزىققانلارغا  ئايلاندۇرۇشقا  قەدەر  زىيان  بېرىدۇ . مۇشۇنداق  كۈشكۈرتۈش  ۋە  مەست  قىلىشلار  بۇرۇندىن  بار  بولغاچقا ، بىزلەر  باشقىلارنىڭ  تىلىنى  ۋە  تېخنىكىسىنى  ئۆگۈنەلمەي، كاللىمىزغا  ھەرقانچە  قىلساقمۇ  چۈشمەي ، مۇشۇ  سائەتلەرگە  يېتىپ  كەلدۇق . ئەمدى  داۋاملىق  بۇنداق ‹‹ ئۆزىنى  مەدەنىيەتلىك  كۆرسىتىپ ، غەرىب  ۋە  شەرىقنى  ئەخلاقسىز  ھېسابلاش ›› كەيپىياتىنى  خەلق  ئارىسىدىن  رەسمىي  مەتبۇئاتقا  كۆچۈرۈپ  بەرسەك ، ئەڭ ‹‹ قىزىقارلىقى ›› ئۆزىمىزنىڭ  ئانا  تىلى  ۋە  ئەنئەنىۋى  پەن – تېخنىكىمىزنى  تونۇمايدىغان  بولۇپ  قالىمىز . چۈنكى  ئادەمنىڭ  زېھنى  پەقەتلا  قارشى  تۇرۇش  ئۈچۈن  قارشى  تۇرۇشقا  سەرپ  بولۇپ  كەتسە ، رىئالنى  ئىشلارغا  گال  ۋە  ھورۇن  بولۇپ  كېتىدۇ . شۇنىڭ  ئۈچۈن  باشقىلارغا  ساددىلارچە  ئۆچلۈك  قىلىش  ياكى  قارشى  تۇرۇش  پسىخىكىسى  كېسەللىك  دەرىجىسىگە  بېرىپ  يەتكەن  بولغاچقا ، بىز  مەتبۇئاتتىكى ‹‹ ئەلجەزىرىلىشىش ›› ھالىتىگە  پىكىر  قىلىشقا  مەجبۇر  بولدۇق ، ئومۇمەن  مەيلى  قايسى  تۈردىكى  يازغۇچى  بولسۇن ، تەكرار  ئېيتقىنىمىزدا ‹‹ ئامما ›› غا  ئۇلار  چۈشۈنەلمەيدىغان  ھادىسىلەرنى  قايتىلاپ  بېرىش  ۋە  شۇلار  ئارىسىغا  چوڭ  مىللەتلەرگە  ئۆچلۈك  قىلىشنى ‹‹ چاندۇرماي ›› سېلىۋېتىش  بولسا ، ئۇ  ئۆزىنىڭ  خەلقىگە  بولۇپمۇ  ياشلىرىغا  زىيانكەشلىك  قىلغان ،ئۇلارنىڭ  ۋاقتىنى  ئىسراپ  قىلغان  بولىدۇ .100%  زېھنىنىڭ ، ئۇ 90% ى  ئاغرىنىش ، قېيداش  ۋە  تىللىۋېلىش  بىلەن  سەرپ  بولسا  قالغان 10% ى  ئەمەلىيەتتە  تاماق  يېيىش ، تەرەت  قىلىش  ۋە  ئۇخلاش  بىلەن  تۈگەيدۇ . ئەقىلنى  تاۋلاش ، تەپەككۇرنى  ئەلالاشتۇرۇش  دېگەندەك  ئىنسانىي  ئىشلارغا  ۋاقىت  يەتمىگەنسېرى ‹‹ تىللاش  كۈچى ›› مىز  ۋە ‹‹ ھەسەت  قىلىش  ھەۋىسى ›› مىز  ھەسىلەپ  ئاشقان  بولىدۇ . دېمەك ، بىز  زېھنىمىزنى  كۆپرەك  پەن – تېخنىكا  ئۆگىنىشكە  سەرپ  قىلىشىمىز  كېرەك .


  قۇلاققا ‹‹ خوشياقىدىغان ›› ماقالىلا  ۋە  نوتۇقلار  ئورنىغا  ئەقىلنى  ئىشلىتىش  توغرىسىدىكى  بىر  جۈملە  سۆز  ۋە  بىر  ئېغىز  گەپ  پايدا  قىلىدۇ  بىزگە . خەلققە  ياققىنى  ئەڭ  يوقۇرى  پەللە  ئەمەس ، ئۇ  پەقەت  بىر  سېزىم  ۋە  ياكى  مەۋسۈملۈك  نەتجە ، ( ھەرگىزمۇ  يىللىق  خۇلاسە  ياكى  مەكتەپ  پۈتتۈرۈش  دىپلومى  ئەمەس ). مەن  شۇنى  يازغۇچىلاردىن  ئۈمىد  قىلىمەن: ئاممىنىڭ  قۇلۇقىغا  خوشياقىدىغان  ئەسەرلەرنى  يېزىش  باسقۇچىدىن  ھالقىپ  ئۆتۈڭلار ، خەلقنى  خوشال  قىلاي  دېسەك ، ئېتوتو  ۋە  يۇمۇر  سۆزلىسەكمۇ  بولىدۇ . يازغۇچى  دىگەن  ئىدىيە  ئىشلەپچىقىرىدىغان  ۋە  ئاجايىپ  پاساھەت  بىلەن  خەلققە  ئەقىل  ئۆگۈتىدىغان  كىشى  بولۇشى  كېرەك . ھەتتا  خەلقنىڭ  ئاچچىقىنى  كەلتۈرەلەيدىغان  ئەسەرلەرنىمۇ  يازالايدىغان  سەۋىيىگە  يېتەلىشى  لازىم . چۈنكى  بۇنداق  ئىشلارنى  بىركىملەرنىڭ  مەختىشى  ۋە  ھەق  بېرىشى  ئۈچۈن  قىلمايمىز ، بىرەر  ئورۇن  ياكى  خىيالدىكى  مەنسەپلەر  ئۈچۈن  تېخىمۇ  ئەمەس ، شۇڭا  خەلقنىڭ  ئويلۇغىنىنى  يازالايدىغان ‹‹ جۈرئەتلىك ›› يازغۇچىلاردىن  بەكرەك  خەلقنىڭ  چۈشەنچىسىنى  ئەلالاشتۇرالايدىغان  ئەسەرلەرنى  يازالايدىغان  يازغۇچىلار  بىزگە  ئېھتىياجلىق . خەلقنىڭ  ئاچچىقىنى  كەلتۈرەلەيدىغان  يازغۇچى  بولغان  كىشىلەرنى  خارلىمايلى ، ئۇلار  بىر  نېمىنى  ئالدىن  بىلىپ  قالدى  بولغاي ، شۇڭا  ئامما  دەرھال  قۇبۇل  قىلالمىغان  گەپ  خالاس . ئىشقىلىپ  يازغۇچىلارنىڭ  قۇلاققا  ياقىدىغانلا  نەرسە  يازماي ، ئەقىلنىڭ  ئىشلىگىنىنى  ئىپادىلىيەلەيدىغان  ئەسەرلەرنى  يازغىنى  بىزگە  پايدىلىق .


  ھەر  بىر  كىتابىم  ۋە  ماقالەمدىكى  مەزمۇنلار  دوختۇرلۇق  ساھەسىدىن  چەتنەپ  كەتكىنى  يوق ، بەزىدە  بەدەننى ، بەزىدە  روھتىكى  كېسەللىكلەرنى  داۋالاشقا  مەجبۇرمەن . ئايرىم  كىشىلەر  مېنى  ئۆزلىرىنىڭ  ساھەسىگە  قول  ئۇزىتىۋاتىدۇ ، دەپ  ئويلاپ  قالدى  بەلكىم . لېكىن  مەن  يەنىلا  ئۆز  جايىمدا . بىراق  مەن  ئادەملىكى  بولسا  ئۇنىڭ  جىسمانىي  ۋە  روھىي  كېسەللىكلىرى  ئۈستىدە  مۇلاھىزە  قىلىشقا  تىببىي  مەكتەپكە  كىرگەن  كۈنىلا  ئۇستازلارغا  ۋە  ئۆزۈمگە  ۋەدە  قىلغانمەن . بىر  قېتىمدا  زېھنىڭىز  يەتمىسە  كىتاب  ۋە  ماقالىلىرىمنى  قايتا – قايتا  كۆرۈڭ ، ياقتۇرمىسىڭىز  ئۆزىڭىزنىڭ  پۇلىغا  سېتىۋالغاندىكىن  تاشلىۋەتسىڭىز  بولىدۇ .بىراق  ئوقۇماي  ياكى  تۇلۇق  چۈشەنمەي  تۆھمەت  قىلىش  جىنايى  ئىشلارغا  بېرىپ  تاقىلىدۇ . ئاخىرىدا  يازغۇچىلاردىن  بىلىمگە  تېخىمۇ  ئەھمىيەت  بېرىپ ، خەلقنىڭ  كەلگۈسى  ئۈچۈن  كېرەكلىك  تەدبىر  كىتابلىرى  يېزىشىنى  ئۈمىد  قىلىمەن .




مۇھاكىمە  سۇئاللىرى



1. بىزدە  نېمە  ئۈچۈن  ئەقىل  ئېچىش  تۈرىدىكى  كىتاب  ئاپتورلىرى  ئاز ؟


2. ھادىسە  ياكى خىيالنى  ئىپادىلەيدىغان  ئەسەرلەرنىڭ  رىئال  ئەھۋالنى  ياخشىلاشقا  قانچىلىك  ئەھمىيىتى  بولار ؟


3. پەقەت  ئەخلاقنى  تەكىتلىگەندىن  كۆرە  ئادەمنىڭ  ياخشى  سۆزلەرنى  چۈشىنىش  سەۋيىسىنى  ئاشۇرۇشقا  تېرىشىشنىڭ  قانداق  پايدىسى  بار ؟




مەنبە : ئەخمەتجان  ئىسمائىلنىڭ ‹‹ ساق  تەندە  ساغلام  ئەقىل ›› دىگەن  كىتابىدىن  ئېلىندى .

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 00:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  يېڭى سانغا ۋە ئەسىرى يورۇق كۆرگەن ئاپتورلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئىنىم پەروزان پوۋېستىنى يەنە «قۇمۇل ئەدەبىياتى»غا بېرىپتۇ-دە! ئۇنىڭغىمۇ مۇبارەك بولسۇن!

بارلىق دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 922
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 01:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇمۇل ئەدىبىياتىنىڭ يېڭى سانىغا مۇبارەك بولسۇن ئەسىرى ئېلان قىلىنغان بارلىق ئاپتۇرلارنى  تەبرىكلەيمەن شۇنداقلا ئابلائىسھاق پەروزان ئەپەندىنىڭ پوۋىستىغىمۇ مۇبارەك بولسۇن،ئېسل ئەسەرلىرڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرايلى، ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ يۈكسەلگەي....

پەقەت بىرلانەرسىگە ئىشىنىمەن_ئۇ بولسىمۇ چىن ئەقىدە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 03:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلا ئىسھاق پەرۇزان  ئۇستازنىڭ  ئىيجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

«قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان بارلىق  ئاپتورلارغا مۇبارەك بولسۇن!


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  599
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 09:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرى ئېلان قىلىنغانلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 794
تۆھپە : 3
توردا: 350
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساندا ئەسىرى ئىلان قىلىنغان ئاپتۇرلارغا مۇبارەك، پەرۇزان ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە رەخمەت!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  777
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 348
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 11:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  سان ژورنالدا ئەسىرى ئېلان قىلىىنغانلارغا مۇبارەك بولسۇن.مۇھەررىرلەگە قۇت بولسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  413
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 508
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 13:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 269
تۆھپە : 2
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 20:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدى بىلەن پەرۇزان ئاكامنى ۋە بارلىق قەلەم ساھىبلىرىنى شۇنىڭدەك تىرىشچان، ئىزدىنىشچان، ئىلىم سۈيەر قىرىندىشىم، جانجىگەر دوستۇم يۈسۈپچاننىڭ تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى مۇبارەكلەيمەن. قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن دوستۇم....

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 12:02:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.زۇنۇن يوللىغان ۋاقتى  2012-8-8 00:10
يېڭى سانغا ۋە ئەسىرى يورۇق كۆرگەن ئاپتورلارغا مۇبار ...
ئىنىم پەروزان پوۋېستىنى يەنە «قۇمۇل ئەدەبىياتى»غا بېرىپتۇ-دە!
----------------------------------------------------------

پوۋېستىمنى قەيەرگە بەرسەم توغرا بولاتتى ئاكا؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 12:03  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 13:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    پوۋېستىمنى قەيەرگە بەرسەم توغرا بولاتتى ئاكا؟

   ماۋۇ سوئالدىن قارىغاندا، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن. ئەسەرنى نەگە بېرىش ئاپتورنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. دېمەكچى بولغىنىم: «يۇرت مېھرى» دۇر...

بارلىق دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش