كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 2

پەخىردىن مۇسا _ جاراھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جاراھەت



(ھېكايە)



پەخىردىن مۇسا


(1994 –يىلى غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن 6 –نۆۋەتلىك ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن ئەسەر)



     بىر ئۆمۈر كەيىپچىلىكتىن رىشتىنى ئۈزەلمەي كېلىۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ يېشى ئەللىككە ئۇلاشتى، چاچ-ساقاللىرىغا ئاق سانجىدى، چوڭ-چوڭ قوي كۆزلىرىنىڭ ئەتراپىنى خۇددى زاغرا ناننىڭ يۈزىدىكى چاك-چاك يېرىقچىلاردەك چوڭقۇر قورۇقلار قاپلىدى. قىڭراقتەك ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان قاڭشارلىق بۇرنىنىڭ كۆمۈرچىكى ئەسلىدە شۇنداق چىڭ ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا يۇمشاپ، پات-پاتلا بىر خىل سۇيۇقلۇق ئاقىدىغان بولۇۋالدى. ئېگىز، بەستلىك قەددى پۈكۈلدى. قاۋۇل بىلىكى، مىختەك چىڭ پاقالچەكلىرىدە ماغدۇر كېمەيدى. ئۇ يول يۈرگەندە گويا بىر تاغار يۈكنى دۈمبىسىگە ئارتىپ ماڭغاندەك قىينىلىپ قەدەم ئالىدۇ، ھۆمۈدەيدۇ. مەيدىسى چىڭقىلىپ، يېلى قاچىدىغان ئاكاردىيوندەك يېقىمسىز ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئۇ شۇ ھالەتتىمۇ ئىچمىسە، چەكمىسە تۇرالمايدۇ، تۇرالمايدۇلا ئەمەس، نېرۋىسىدىن ئاداشقان ساراڭغىلا ئوخشاپ قالىدۇ-دە، پۈتكۈل روھىي دۇنياسى تۈپتىن ئۆزگىرىپ، غالجىرانە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ: ئۆيىدىكىلەرنى تىللايدۇ، ئۇرىدۇ، چىنە-قاچا، كوزا-پوزىلارنى چېقىپ، سۇندۇرىدۇ، چاچلىرىنى يۇلۇپ ھۆڭ-ھۆڭ يىغلايدۇ...ئەگەر ئىچىۋالىدىغان ياكى چېكىۋالىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئەركىن، ئۇنىڭدىن خۇشال ئادەم يوق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ئەسلىگە قايتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ نەزەرىدە يۇرت-ماكان...، پۈتكۈل يەر شارى ئۇنىڭكى بولىدۇ. ئۇ جىمى خۇشاللىقنىڭ، ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى مانا مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىدىلا سۈرگەن بولىدۇ. بەزىدە ئۇ كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ ۋارقىراپ ئادەملەرنى تىللايدۇ ۋە: ‹‹نېمىدېگەن كۆپ ئادەم بۇ!... ئاناڭنى... مېنى ئارامخۇدا ماڭغىلى قويۇش، ھەي بايقۇشلار، مۇنۇ كەينىدىن سېسىق ئىس پۈركۈيدىغان ماشىنىلىرىڭنىمۇ ھەم... ۋۇ جۇۋاينىمەكلەر، ئىنسابسىزلار، يەنە ئاكاڭ قارىغاينىڭ چىشىغا تېگىدىغان بولساڭ... ئۇھ، مەن نەگە كېلىپ قالدىم؟... نەگە بارىمەن؟›› دەپ غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا سۆزلەپ كېتىدۇ-دە، ئارقىدىنلا تەلۋىلەرچە قاقاھلاپ كۈلىدۇ...

      ئۇ ئەنە شۇنداق ئەركىن، خۇشكەيىپ چاغلىرىدا ئۆزىنى جاھانا بىر چاغلايتتى. ئۆز خىيالىدا يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىدىن قۇسۇر تاپاتتى، نەپرەتلىنەتتى. يەنە بەزىدە ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا تولىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ تۇيۇلاتتى، ئۇنىڭ بۇ تۇيغۇسى ئۇنى بىرئازمۇ ئالدىمايتتى. ئۇنىڭ ھېسسىياتى چەكسىز روھىيەت ئالىمىدە پەرۋاز قىلىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئاجايىپ شېرىن چۈش دېڭىزىغا چۆمۈلدۈرەتتى. بۇنداق چاغدا ئۇ ئالدى بىلەن ئاياللارنى، يەر شارىدىكى ئەڭ گۈزەل ئاياللارنىلا ئەسلەيتتى. ئاندىن، قاچانلاردىدۇر بىر يەرلەردە كۆرگەن، ئەمدىلىكتە ئۆز ئېڭىدا قايتىدىن ئەكس ئېتىۋاتقان قانداقتۇر بىر گۈزەل قەدىمىي ئورماننى ــ ئۆزىنىڭ ئاشۇ دۇنياسىنى ئويلايتتى. ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدىكى ئايال پۈتكۈل زېمىندىكى مىسلىسىز گۈزەل، نۇقسانى يوق تەڭداشسىز ئايال ئىدى. ئۇ ئانىدىن تۇغما ھالەتتىكى قىپيالىڭاچ ئايال بولۇپ، ھېچقانداق ئۆي-ئىمارەت، ئادەمزات، كان-كارخانا، زامانىۋى سانائەت ئەسلىھەلىرى، ھېچقانداق يېقىمسىز شاۋقۇن ئاۋازلار، بەتبۇي پۇراقلار بولمىغان؛ پەقەت شۇ ئايالنىڭ زىچ كىرپىكىدەك قويۇق ئورمانلىق، ئورمانلىقتا شۇ ئايالنىڭ كۆزىدەك بۇلاقلار، يەنە شۇ ئايالنىڭ مىققىدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان بىر جۈپ نەفىس كۆكسىدەك زومچەك-زومچەك يېشىل ئوتياشلىق دۆڭلۈكلەر، دۆڭلۈكلەرنىڭ ئۈستىدە ئاشۇ ئايالنىڭ كۆكسىنىڭ توپچىسىدەك غۇنچىلاۋاتقان لالەرەڭ گۈللەر، گۈللەرنىڭ ئەتراپىدا خۇددى ئاشۇ ئايالنىڭ ھەر يان ئۇچۇپ يۈرگەن نىگاھىدەك لەرزان پەرۋاز قىلىۋاتقان رەڭگارەڭ كېپىنەكلەر، شوخ ھەرىچاقلار، يەنە شۇ ئايالنىڭ كۈلگەن چاغدىكى سېھىرلىك ئاۋازىدەك يېقىملىق ئۈندە سايراۋاتقان ھەر خىل قۇشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر قەدىمىي ئورمان بولاتتى. بۇ ئورماندا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بار ئىدى، يەنە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان بۇغا-مارال، كىيىك-جەرەن، يولۋاس، يىلپىز، بۆرە،تۈلكە، ئېيىق، ياۋا ئات،ياۋا ئېشەك، مايمۇن، تىيىن، قوتاز، ئارسىلان، قۇندۇزلارمۇ بار ئىدى. تۈرلۈك جان-جانىۋارلار بىلەن بۇلاق سۇلىرىنىڭلا ئاۋازىدىن باشقا غەيرىي ئاۋاز بولمىغان بۇ گۈزەل، جىمجىت ئورمان ۋە ھېلىقى ئاياللا ئۇنىڭ بىردىنبىر روھىي مەدەتكارى ئىدى. ئۇ مۇشۇ دۇنياسىغا يەتمەكچى بولغاندەك، كەيىپتىن ۋاز كېچىشنى خالىمايتتى.

      ئايال ئورماندىكى زومچەك دۆڭلۈكلەرنىڭ بىرسىدىكى بۈككىدە ئۆسكەن گۈللەر ئارىسىدا بەدىنى يالىڭاچ، خۇمارلاشقان ئوتلۇق كۆزلىرى يېرىم ئېچىلغان، ئىككى قولى ئىككى يانغا گۈل شېخىدەك تاشلانغان ھالەتتە ياتقان بولاتتى. گۈلنىڭ بىرتال يوپۇرمىقىلا ئۇنىڭ نازۇك، تولىمۇ جەلپكار ئاشۇ يېرىنى يېرىم-يارتا چۆمكەپ تۇرغان، بىر جۈپ ئاپئاق كۆكسى ئالمىدەك پارقىراپ، سىمابتەك لىغىرلاپ، مەيىنغىنە دېڭىز دولقۇنى كەبى بىر كۆتۈرۈلۈپ-بىر پەسلەپ تۇرغان؛ پۈتكۈل تېنى تەسۋىرلەپ بولغۇسىز پاك، بىرجۈپ قاپقارا كۆزلىرى بەئەينى ئېتىش ئالدىدىكى تاڭ، ھەر بىر نىگاھ تاشلىغاندا چاقنىغان نۇر گويا قارا بۇلۇت كەينىدىن بىردە مۆكۈپ، بىردە كۆرۈنۈۋاتقان قۇياش، ئۇنىڭ كۈلگەندە ياكى گەپ قىلغاندا بىر ئېچىلىپ-بىر يېپىلىۋاتقان چوغرەڭ لەۋلىرى بىر دەستە گۈل، ياق! بىر پارچە ئوت، تاڭدا قىزارغان ئۇپۇق؛ ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقىنى سوغۇق نەپەس ئەمەس، ئاتەش نەپەس، خۇددى ئۇدۇل بېرىپ يۈرەكنى كۆيدۈرىدىغان، تەننى ئېرىتىۋېتىدىغان!... ئۇنىڭ كۈلكىسى ھەقىقىي باھارنى دېرەكلايدىغان كاككۇك، مەڭىزلىرىدىكى يالتىراش بەشىنچى ئاي ئاخشىمىدىكى پارقىراق ماي قۇڭغۇزىنى ئەيمەندۈرىدىغان غۇبارسىز ياقۇت، قاشلىرى باھاردىكى قارلىغاچ، چىشلىرى مىسالى ئۈنچەسىمان ئاپئاق گۈرۈچ، پۈتۈن بەدىنى ئاق قاردىن رەڭ ئالغان، ئاققۇ پېيىدىن يۇمشاق، قۇندۇز چاچلىرى ئايسىز تۈنگە ھامىلىدار، تۇتىيادەك ۋۇجۇدى چەكسىز تەشنالىققا ئەسىر...

       ئۇ ئاشۇ ئايالغا ئىنتىلىدۇ، ئىنتنلىدۇ... ئۆزىنى ئۇنىڭ سېھىرلىك قوينىغا ئاتقۇسى كېلىدۇ، لېكىن ئاتالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا تاشلانسىلا ئۇنىڭ گويا باھاردىكى نازۇك گۈل بەرگىدەك توزۇپ كېتىشىدىن قورقىدۇ ۋە ياكى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ئۆزىنى تىللاپ سېلىشىدىن، يا بىر بولسا قېچىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ... ئۇ ئاخىر غەيرەتكە كەلدى، ئەمما بۇ غەيرەتنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى. ئۇ قەدىمىنى ئاۋايلاپ دەسسەپ ئايالغا يېقىنلاشتى، ئايال ئۇنى ئەمدىلا كۆرۈۋاتقاندەك، يېرىم ئوچۇق كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى ۋە سەل ھەيران بولدى، پىسىڭڭىدە ئوماق بىر تەبەسسۇم قىلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تېنى ئوتقا چۈشكەن مومدەك ئېرىپ كەتتى. ئۇ خۇداغا مىڭ شۈكرىلەر ئېيتىپ، ئايالغا يۈرەكلىك ھالدا ئېڭىشتى، ئايالمۇ شۇ ھالىتىدە ھېچ بىر ئەيمىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ھىدى پۇرىدى، بۇ پۇراق دەل مۇشۇ ئايالدىن كېلىۋاتاتتى. ئۇ يېرىم ئېڭىشكەن پېتى بىردىنلا توختاپ قالدى، ئۆز ئايالىنىڭ ھىدىدىن سەسكەنگەندەك بولدى...

      نېمە بولدىڭىز؟ ــ ئالدىدىكى ئايالنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى، ــ مەن سىزنىڭ ئايالىڭىزغۇ؟

      ــ ئىشەنمەيمەن.

      ــ نېمە، مېنى تونۇماس بولۇپ قالدىڭىزما؟

     ــ بۇ... بۇ راست سىزمۇ، جېنىم!؟

     ــ راست مەن شۇ، بىزنىڭ بالىلىرىمىز قېنى؟

     ــ قايسى بالىلار؟

     ــ ئىككىمىزدىن تۆرەلگەن بالىلارچۇ؟

     ــ ھە، ھە... ئەمدى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسمى نېمە، قانچىسى ئوغۇل، قانچىسى قىز؟ بۇنى ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن.

ــ شارابى بىھۇش سىزنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى سىزگە مەن ئېيتىپ بېرەي، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئالدىمغا چاقىرىپ كېلىڭ!

ــ باش ئۈستىگە، خېنىم.

ــ بىز كۆپ بالىلىق بولدۇق، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئوغۇز، مەھمۇد، يۈسۈف، ئەلىشىر، يۈكنەكى، مەشرەپ، سادىر، غېنى، سېيىت، غوجامنىياز، ئۇيغۇر، مۇتەللىپ، ئەھمەد، رىزۋانگۈل، زۆھرە، سەنەم، تاھىر، غېرىب... يەنە قايسى قالدى؟ ۋاي خۇدايىم، سىزنىڭ تېنىڭىزدىن كېلىۋاتقان بەتبۇيچىلىقتا مەنمۇ ئەسلىمدىن ئېزىپ كېتىۋاتامدىم نېمە؟

ئايالنىڭ چىرايى بارا-بارا ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىدىكى ئايالىنىڭ ھازىرقى چىرايىغا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، ئۇ بۇ ھالنى كۆرۈپ ئارقىغا داجىدى. يۈزىنى سانسىز قورۇق باسقان، كۆزلىرى پۈرۈشكەن، قاش-كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ ئاندا-ساندا تۈكى قالغان بۇ ئايالنىڭ ئۇنىڭغا مىڭ كۆز بولۇپ سوئاللىق تىكىلگەن ئاشۇ بەتبەشىرە ۋۇجۇدى ئۇنى قېچىشقا مەجبۇر قىلدى.

ــ مېڭىڭ، بالىلارنى تېپىپ كېلىڭ، بەدىنىڭىزدىكى سېسىق پۇراقلارنى پاكىزلەپ كېلىڭ! ــ دەۋاتاتتى ئۇنىڭ ئايالى زەردە بىلەن.

ئۇ قاچتى، ئېغىر تېنىنى كۆتۈرەلمەي قالغان كۈچسىز پۇتلىرىنى ئاران-ئاران يۆتكەپ، ئالچاڭلىغىنىچە قېچىپ ماڭدى...

توساتتىن ھېلىقى ئايالنىڭ جان ئالغۇچى سېھىرلىك كۈلكىسى ئاڭلاندى. بۇ كۈلكە ئۇنىڭغا بىر تۇرۇپ يىغىدەك، بىر تۇرۇپ شادىمان كۈلكىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇ جايىدا چىپپىدە توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى-دە، كۆزلىرىگە ھېچ ئىشىنەلمەي، گويا شامالدا قالغان بىر تۈپ قېرى توغراقتەك ئورنىدا ئىككى يانغا پۇلاڭشىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. گۈلزارلىق ئارىسىدا ھېلىقى تەڭداشسىز گۈزەل ئايال ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈۋاتاتتى. ئۇ گاڭگىراپ قالدى، ئايالنىڭ يېنىغا قايتىپ باراي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن قورقتى، بارماي دېسە كۆڭلى قويمىدى. ئۇ قەدەملىرىنى ئالدىغا يۆتكەپ، بار كۈچى بىلەن ئايالغا قاراپ يۈگۈردى، ئەمما ئۈچ-تۆت قەدەم ئالا ئالمايلا پۇتلىرى ئالمىشىپ، نېمىگىدۇر پۇتلىشىپ خۇددى يىلتىزى كېسىلگەن دەرەختەك يەرگە گۈپپىدە يىقىلىپ چۈشتى...

بىر چاغدا ئۇ ئېغىرلاشقان بېشىنى مۇزدەك يەردىن تەستە كۆتۈرۈپ، چاپاقلاشقان كۆزلىرىنى تىتررەڭگۈ قوللىرى بىلەن ئۇۋىلاپ ئېچىپ، ئەتراپىغا قارىدى. ئۇ ئۆيىدىن خېلى يىراقتا بولغان چوڭ بىر ئاممىۋى ھاجەتخانىدىكى تەرەت كۆلچىكىنىڭ يېنىدا ياتقانلىقىنى ئاران ئىلغا قىلالىدى. بېشى تەگكەن يەردىكى قۇسۇققا يۈز-كۆزى چىلىشىپ تۇراتتى، تەرەت كۆلچىكىدە بولسا، پۇراپ كەتكەن لىققىدە نىجاسەت گويا ئۇنى مازاق قىلىۋاتقاندەك ئۆزىدىكى ئۇششاق تۆشۈكچىلەردىن ئۇنىڭغا ماراپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە قانداق كىرىپ قالغانلىقىنى، قانچىلىك ۋاقىت ياتقانلىقىنى زادىلا ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ مىڭ بىر تەسلىكتە ھاجەتخانا تېمىغا تايىنىپ ئۇرنىدىن تۇرۇۋالدى-دە، سىرتقا ماڭماقچى بولدى، لېكىن پىررىدە قايغان بېشى ئۇنىڭ مېڭىشىغا يول بەرمىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇ شىددەت بىلەن دەۋرەپ كەلگەن بىر ھۆ بىلەنلا شاررىدە زەھەردەك ئاچچىق سېرىق سۇ ياندۇرۇۋەتتى. ئەمدى ئۇ سەل ئوڭشالغاندەك بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ھېلىقى گۈزەل ئايالنى، جىمجىت ئورماننى يەنە ئەسلەپ قالدى، لېكىن، ئۇلارنىڭ ئوڭىدىكى يا چۈشىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئايرىيالمىدى.

ئۇ كوچىدا ئۆيى تەرەپكە دەلدۈگۈنۈپ كېتىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈن بىر تويدا ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئاران ئېسىگە كەلتۈرەلىدى. ھە... توغرا، ــ دەپ ئويلىدى ئۇ، ــ ئۇ دېگەن مېنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ ئوغلىنىڭ تويى، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن مېنىڭ ئوغۇللىرىممۇ يېقىن دوستلاردى، شۇڭا ئۇ كىسپۇرۇچلارمۇ ئاشۇ يەردىكى سورۇندا ياش-ئۆسەن بالىلار بىلەن ھاراق ئىچىشتى بولغاي. ھا، ھا، ھا! تېخى مەندىن بۇرۇن مەست بولۇپ كەتكەندەك قىلىۋىدى ئۇ جېنى بوشلار. ھەي، مۇشۇ كۈننىڭ ياش بالىلىرى-زە، ساپلا ساپلا خىمىيە ئوغۇتى بىلەن ئۇلدانغان كۆكتات، ئاشلىقلارنى يەپ يىلىكى بوش چوڭۇپ قالغان –دە. ھاراقنى مەنچىلىكمۇ ئىچەلمىسە، ئالدىغا گۆش-ياغ كەلسە سەسكىنىپ مەنچىلىك يېيەلمىسە، بىر خالتا ئۇننى ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويسا، ئون قەدەم ماڭا-ماڭمايلا ھاسىراپ كېتىۋاتسا، ھەي... بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا گۆش-ياغ دېگەن چىلىق-چىلىق... بىر ئولتۇرۇشتا ئىككى-ئۈچ كىلو گۆش، بىرەر كىلو خام ياغ دېگەننى كۆرمىدىم دەپ سوقۇۋېتەتتۇق. بۇ نېمىدىن؟ يېمەكلىكىمىزنىڭ تەبىئىيلىكىدىن، سۇ، ھاۋالىرىمىزنىڭ ساپلىقىدىن-دە! ھازىرچۇ؟ ھازىر سۇ، ھاۋا بۇلغاندى، يەر-تۇپراق بۇلغاندى، سۈنئىي يېمەكلىكلەر كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭلاشقا ياش-ئۆسەن دېگەنلىرىمىزنىڭ تېنى ئاجىز، ھاراق كۆتۈرەلمەيدۇ، ئوتتۇرا ياشقا بارا-بارماي كېسەلخانىغا يۈگرەيدۇ، ۋاي جېنى بوشلار... ياق، مېنىڭ ئوغۇللىرىمنىڭ جېنى بار جۇمۇ! ھېلىقى ئىككى قارىۋاي ئوغلۇم ئەشەدە بىر نەچچە سولتەك بىلەن مەھەللىۋازلىق قىلىشىپ قاتتىق مۇشتلىشىپ كېتىپ، ئۇ خۇمپەرلەرنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى قانغا بويىۋەتتىغۇ دەيمەن. مەنمۇ شۇ چاغدا تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ: ‹‹يارايسەن ئەزىمەتلىرىم! تازا سال، بەرگەن ئاش-ناننىڭ كۈچىنى چىقار!...›› دەپ بولۇشىغا ۋارقىراپ بەرمىدىممۇ. ھەي... شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆزۈم مەست بولۇپ قالمىغان بولسامزە... كېيىنچۇ؟... ھە، كېيىن مەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندەك قىلىۋىدىم، لېكىن... ھە، ھېلىقى ئورمانلىققا بېرىپتىمەن-دە، ھازىر ئۇ ئورمان نەدە قالغاندۇ؟... توغرا، ھاياتلىق دېگەندە بىزگە مۇشۇ ھاراق بىلەن چىرايلىق ئاياللارلا بولسا بولدىغۇ، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ شىرىن كانى دېگەنمۇ شۇغۇ! خەپ، ئەتىلا بولۇشىغا ئىچىپ يا چېكىپ ئاشۇ ئورماننى، ھېلىقى گۈزەل سەتەڭنى تاپمىسام ھى، ھى، ھى...

ئۇ بۈگۈن كەچتە كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى بوتكا دۇكاندا ئولتۇرۇپ پارچە ھاراقتىن ئىككى يۈز گىرام قېقىۋالدى-دە، كوچىغا چىقىپ كەچلىك سەيلە قىلغاچ ھاراقنىڭ كەيپىنى سۈرۈشكە باشلىدى... ‹‹قوناقتەك بىر چېكىم نەشە بولغان بولسا›› دەپ ئويلىدى ئۇ تۈز يولنى ئېگىز-پەس كۆرسىتىۋاتقان كۆزلىرىنى زەردە بىلەن ئۇۋۇلاپ قويۇپ.

بىر چاغدا ئۇ شەھەردىكى ياشلار باغچىسىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئاران ئىلغا قىلالىدى-دە، ئەتراپقا سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدى...

ــ ياشاپ كەت! ــ دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۇ باغچىنىڭ غەربىدىكى ئايال تاش ھەيكەلنىڭ پۇتىغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان بىر ئۈلپەتدىشىنى كۆرۈپ قېلىپ. ئىككىسى گويا نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن قەدىناسلاردەك بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كېتىشتى. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈلپەتدىشى يانچۇقىدىن چىقارغان ‹‹ئەڭگۈشتەر›› نى ئىككى ئورام تاماكىغا ئارىلاشتۇرۇپ توم قىلىپ يۆگەشتى-دە، مەززە قىلىشىپ چېكىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ سۆھبىتىمۇ قىزىپ، قايسىدۇر بىر ئەمەلدارنى قارغاپ تىللاشتى، قايسىدۇر بىر يازغۇچىنىڭ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان كىتابىنىڭ باھاسىنىڭ يايمىچى ئالدىدا يۈز يۈەنگە چىققانلىقى، لېكىن پۇلى بولمىغاچقا سېتىۋالالمىغانلىقى دېگەندەك ئىشلار تۇغرىسىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىشتى. ئاندىن يەنە بىرەر سائەتتەك جەمئىيەت ئۈستىدە چوڭقۇر ‹‹تەتقىقات›› ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سۆزنىڭ تېمىسىنى دۇنيا ئىشلىرىغا يۆتكىدى-دە، ئىراق-كۇۋەيت ئۇرۇشى، يۇگۇسلاۋىيەدىكى ئىچكىي ئۇرۇش، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، ئامېرىكا زوڭتوڭلىرىنىڭ ئالمىشىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ شەكىللىنىشلىرىگىچە زوق-شوق بىلەن پىكىر بايان قىلىشتى. ئاخىرىدا ھەر ئىككىسى سۆزدىن ئېزىپ، نېمىدۇر بىر مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى، بىر-بىرىگە ھۈرپىيىشتى، جېدەللەشتى، بىر چاغدا ئۇلار يەنە ئۆزلىكىدىن جىمىپ قېلىشتى...

يېرىم كېچە، ئۇ يەنە گۈزەل قەدىمىي ئورمانغا ــ ھېلىقى ساھىبجامالنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى. قۇشلار يەنە بۇرۇنقىدەكلا سايرايتتى، بۇلاقلار بۇرۇنقىدەك بۇلدۇقلايتتى، گۈللەر بۇرۇنقىدەك خۇشپۇراق چاچاتتى، ئايال يەنە شۇ گۈلزارلىق ئىچىدىكى يېشىل چىمەن ئۈستىدە قىپيالىڭاچ ھالەتتە كۆزلىرىنى يېرىم ئېچىپ، كۈلۈمسىرەپ ياتاتتى. ئۇ ئېگىز-پەس دەسسىگىنىچە گۈلزارلىقنىڭ يېنىغا كېلىپ، گۈل شاخلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ ئايالغا ئىشقى بىلەن تىكىلدى، ئايالمۇ ئۇنى كۆرۈپ تەبەسسۇم قىلدى ۋە ئۇنى شەرەتلەپ ئۆز يېنىغا چاقىردى. ئۇ شادلىقىدىن ئاغزىنى كالاچتەك ئېچىپ ھىجايغىنىچە كېلىپ ئايالنىڭ يېنىغا يانپاشلىدى ۋە ئۇنى باغرىغا باسماقچى بولۇپ، ئېھتىيات بىلەن قولىنى سوززدى، لېكىن ئايال ئۇنىڭ قولىنى يېنىككىنە ئىتتىرىۋېتىپ دېدى:

ــ ئاۋۋال ماڭا جاۋاب بېرىڭ!

ــ نېمىگە؟

ــ بالىلىرىمىزنى چاقىرىپ كەلدىڭىزمۇ؟

ئۇ بۇ ئىشنى ئەمدى ئېسىگە ئالدى-دە، يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولدى:

ــ چا... قىرىپ كە... كەلدىم.

ــ ياخشى بوپتۇ، قەدىرلىكىم. ئۆز ۋاقتىدا بىز قانداق تېپىشقان؟ مانا مۇشۇ گۈزەل ئورماندا، مۇشۇ پاك زېمىندا تېپىشىپ مۇھەببەتلىشىپ تويلاشقان. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ بىزگە ئوخشاش تېپىشقانىكەن، بالىلىق، نەۋرىلىك بولغاندىن كېيىن، بىزنى شۇنداق ئوبدان تەرتىپلىك تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، بىزگە ئۆزىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنگەن، بىزنى ھەقىقىي سۆيگەن، قەدىرلىگەن. لېكىن بىز بالىلىرىمىزنى تەربىيەلەشتە ئۇلارنى دورىيالمىدۇق، بالىلار بىلەن ئانچە كارىمىز بولمىدى، بېقىش بىر گەپ، تەربىيەلەش باشقا بىر گەپ-تە!

ــ بالىلىرىمىزغا نېمە بوپتۇ؟

ــ ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، سىز ئۇلارنىڭ دادىسى بولغاندىكىن ھەممىنى بىلىدىغانسىز؟

ــ ھەي، ئۇ بالىلارنىڭ نېمىسىنى دەيسىز؟!

ــ ئۇنداقتا ئاۋۋال ئۇلارنى چاقىرىپ كېلىڭ!

ــ ئۇلار... كېلەي دەپ قالدى.

ــ ئەمىسە مەن سىزدىن سوراي، ئۇلار ھازىر نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟

ــ سىز مەندىنمۇ ياش تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالالمىدىڭىزمۇ؟

ــ سىزمۇ مېنىڭدەكلا ياش تۇرمامسىز؟

ــ ئۇنداقتا، مەن تېخى قېرىپ كەتمەپتىمەن-دە؟

ــ سىز قېرىمىدىڭىز، بەلكى مەڭگۈ قېرىمايسىز، ئەمما روھىڭىز ئازغان، ۋۇجۇدىڭىز-تېنىڭىز زەئىپلەشكەن... قېنى سۆزلەڭ!

ــ ماقۇل سۆزلەي، بالىلىرىمىزدىن مەھمۇد قەلىمىنى تاشلاپ سودىگەر بولۇۋالدى؛ يۈسۈپمۇ قەلىمىنى، كىتابلىرىنى سېتىۋېتىپ،ئۇنىڭ پۇلىغا قىزىل رەڭلىك بىر پىكاب سېتىۋالدى-دە، تاكسى شوپۇرى بۇلۇپ كەتتى؛ ئەلىشىرمۇ قەلەمدىن، نادىر شېئىرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، بىر قاۋاقخانا ئېچىۋالدى، ئۇ يەردىكى ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى بىر دېمەڭ؛ يۈكنەكى، مەشرەپلەرمۇ خېلى يېتىلگەن شائىرچاقلاردىن بولۇپ قالغانىدى، ئەمدى ئۇلارمۇ نېمە ئۈچۈنكىن، بىلمىدىم، يۇرتنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كېتىشتى؛ غېنى، سادىر، غوجامنىيازلارنى ئۆزىڭىز بىلىسىز، ئۇلار كىچىكىدىنلا شوق، قىزىققان، باتۇر ئەزىمەتلەردىن بولۇپ يېتىلگەنىدى، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇچىغا چىققان ھاراقكەش، جېدەلچى بولۇپ كەتتى. كۆرگەنلا يەردە خەق بىلەن مۇشتلىشىدۇ، سوقۇشىدۇ. سېيىت بىلەن غېنى ئۆتكەنكى بىر قېتىملىق قىمارۋازلار سورۇنىدا قوشنا يۇرتلۇق قىمارۋازلار بىلەن يۇرتۋازلىق قىلىشىپ، يۇرت ئىسمىنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قېلىپ، ھەر ئىككىسى بىر-بىرىنى ھەم يۇرتلۇقلىرىنى قوغدايمەن دەپ ئىككى ئادەمگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، تۈرمىگە قامالدى؛ ئۇيغۇر بىلەن مۇتەللىپكە كەلسەك، بۇ ئىككىسى ھەر ھالدا ئۇلارنى دورىمىدى، ھەركۈنى قولىدىن كىتاب، قەلىمى چۈشمەيدۇ، خەق بىلەنمۇ ئانچە ئارىلاشمايدۇ، لېكىن يازغان نەرسىلىرىنى ئادەم تۈزۈك چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇلارمۇ يا چوڭراق بىرەر كىتاب چىقىرالمايدۇ، چىقارغان بولسىمۇ ئاز-تولا پۇللۇق بولۇپ قالاتتىمىكىن. قارىسام، چىرايلىرى كۈندىلا بۇلۇتتەك تۇتۇلغان، نېمىنىدۇر ئويلايدۇ، ئويلايدۇ، نېمىگىدۇر ئاچىقلاپ، تېرىكىپ، تىت-تىت بولۇپ قايناپلا يۈرىدۇ، چاچلىرىمۇ ۋاقىتسىز ئاقىرىپ كەتتى بىچارىلەرنىڭ، يەنە كېلىپ ھەممىدىن نامرات-ئەبگالىرى ئاشۇ ئىككىسى؛ سەنەم، غېرىب، زۆھرە، تاھىرلارنىڭ بىرلىرى خوتۇنىنىڭ قۇلى بولۇپ، بىرلىرى ئېرى بىلەن ئوچاقبېشىنىڭ، تۇرمۇشنىڭ قۇلى بولۇپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەنمۇ ئانچە تونۇشلۇقۇم يوق؛ ئەمدى ھېلىقى ئوغۇز ئىسىملىك ئوغلىمىزغا كەلسەك، ئۇ مەن تارىخچى دەمدۇ، ئىشقىلىپ بىرنېمىلەرنى تەتقىق قىلىپ، نەچچە مىڭ يىللىق جەسەتلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىدۇ. ساراڭ بولۇپ قالدىمىكىن دېسەم، بەزى گەپلىرى ئوڭدەك، ساقمىكىن دېسەم، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ھېچ بىلىپ بولمايدۇ ئۇ ئەخمەقنىڭ؛ ئەخمەد بىلەن رىزۋانگۈلگە كەلسەك، ئۇلار تېخى كىچىك، ئاغزىدىكى گەپلىرىگە قارىسام، ھەر ئىككىلىسى چوڭ بولغاندا جەڭچى بولۇپ ۋەتەننى قوغدايمىز دەيدۇ. قېنى، بۇ ئىككىسىنىمۇ ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمىز.

ــ بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىكەنسىز،ــ دېدى ئايال، ــ ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئوبدان بىلىدىغانسىز؟

ــ ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى بىر ئوبدان تۇرمامدۇ مانا، كۈندە تاپقىنىم كۈنۈمگە يەتسىلا شۇنىڭغا شۈكرى، ھەر كۈنى يەيمەن، ئىچىمەن، چېكىمەن، نەدە تاماشا بولسا شۇ يەردە ئوينايمەن.

ــ شۇڭا، ئاتلار ئېگىسىنى دوراپتىكەن-دە؟!

ــ نېمە؟... ئا...ھا، بولدىلا جېنىم، ئەمدى...

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يالىڭاچ ئايالنىڭ ئۆپكىدەك لىغىرلاپ تۇرغان كۆكسىگە قول سوزدى-دە، بىر ياقتىن سىلاپ، بىر ياقتىن قاتتىق-قاتتىق مۇجۇشقا باشلىدى... توساتتىن ئۇنىڭ بەدىنىنى بىراۋلار قوپاللىق بىلەن سىلكىشلەپ، يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇلارنى ئېنىق كۆرەلمىدى ھەم تۇنۇپمۇ بولالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ يانچۇقىدىن ھېچنەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن:

ــ ھېچنەرسىسى يوقكەن بۇ قەلەندەرنىڭ، سۇقۇپ قويغان پۇلۇڭنى چىقىرە قېرى ئوغرى! تۇرە ئورنۇڭدىن، ــ دەپ تىللاشقىنىچە ئۇنىڭ بېقىن، قورساقلىرىغا دەسسەپ، كومشالىرىغا قارسىلدىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ ئىڭرىدى، ۋايسىدى، ئۇلارغا يېلىندى... ئاخىر ھالىدىن كېتىپ يېتىپ قالدى، ئاۋازىمۇ پەسلەپ كەتتى. ئۇ ئورنىدا يېتىپ، ئۆزىنى ئۇرۇپ-تىللاۋاتقانلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى تونۇشتەكلا ھېس قىلدى، ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قايتىلاپ زەن سالدى، ئۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاخىر تونۇپ قالدى، شۇئان ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئاغرىغاندەك بىر سېزىم ئىچىدە كۆكرەك قەپىسىگە دۈك-دۈك قىلىپ ئۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككىسى ئۇنىڭ ئامراق ئوغۇللىرى سادىر بىلەن غوجامنىياز ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پېشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇردى-دە، قانداقتۇر بىرخىل كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ياتقان يېرىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كەتتى ۋە ‹‹لەنەت!›› دەپ توۋلىۋەتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ قوي كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ، ساقاللىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، تۇرقىدىن غەلىتە بىر مەخلۇققا ئوخشاپ قالغانىدى. تاساددىبىي يۈز بەرگەن بۇ ھال ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سادىر، غوجامنىياز ۋە ئۇلارنىڭ ھەقەمسايىلىرىنى قورقۇتىۋەتتىمۇ قانداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەملىككە داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئۇۋىسىدىن توزۇغان ھەرىلەردەك تەرەپ-تەرەپكە قاراپ ئۆلەر-تىرىلىشىگە باقماي قېچىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يانچۇقلىرىدىكى يېرىمدالغان ھاراق بوتۇلكىلىرى جاراڭلاپ يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ، تۆكۈلگەن شاراب تۇپراقنىڭ يۈزىنى كۆيدۈردى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ بىرگە قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئارقىسىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلىدى. ‹‹بالىلىرىم! مېنى ئۇرغان قوللىرىڭ ئاغرىمىغاندۇ؟...توختاش لەنەتگەردىلەر...تۇزكورلار!...›› دەپ توختىماي تىللىغىنىچە قوغلايتتى ئۇ. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوڭغىراقتەك زىل ئاۋاز ئاڭلاندى: ‹‹توختاڭ دادىسى! ئامرىقىم...توختاڭ!›› ئۇ كاينىگە بىر قاراپ قويدى-دە، يەنە ئالغا قاراپ يۈگۈرۈشكە، تېخىمۇ كۈچەپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ھېلىقى يالىڭاچ گۈزەل ئايال ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ بولسا بالىلىرىنى قوغلايتتى، بالىلىرى گويا ئەزرائىلدىن قاچقان قىيامەتتىكى بەندىلەردەك بولۇشىغا قاچاتتى...

تاڭ ئاستا-ئاستا يورۇماقتا ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىنى قوغلاپ يۈگۈرۈۋەردى، بىر چاغدا ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىردىنلا قېرىپ، چاچ-ساقاللىرىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ چوڭ بولۇپ دادىلىرى بىلەن تەڭ بويلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما دادا-بالا ھەممىسىنىڭ قولىدا بىردىن ھاراق بوتۇلكىسىنى تۇتقانلىرىچە پالاقشىپ، دەلدەڭشىپ كېتىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇ نېمىدۇر ئېسىگە كەلگەندەك كەينىگە بۇرۇلدى-دە، ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ھېلىقى گۈزەل ئايالغا قارىدى. قىزىق ئىش، ئەمدىلىكتە ئۇ ياش، گۈزەل ئايالنىڭ ئورنىدا ھاسىغا تايانغان، ئورۇقلۇقىدىن ئىسكىلىتقىلا ئوخشاپ قالغان، قېرىلىقتىن مۈكچەيگەن بىر موماي ــ ئۆزىنىڭ ئايالى مايماق كەشىنى سۆرىگىنىچە دىڭگوسلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بىردىنلا ئۆزىگە سەپ سالدى، ئۆزىمۇ قېرىپ ساقاللىرى مەيدىسىگە ئىككى غېرىچ ساڭگىلاپ چۈشكەن دۈمچەك بوۋايغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈگرەۋاتقان قەدەملىرىگە سەپ سالدى، ساناقسىز قاپارتمىلار قاپلاپ كەتكەن ھارغىن، كۈچسىز پۇتلىرى ئۆز جايىغىلا دەسسىمەكتە ئىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىدا كېتىۋاتقان بالىلىرىغا ۋە نەۋرىلىرىگە قارىدى، ئۇلار ئەمدى نېمىشقىدۇر ئۇنىڭدىن قاچماستىن، بەلكى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ دادىسى ھەم بوۋىسى بولغان ئۇنىڭغا قاراپ كېلىشمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن نە غەزەپ، نە مۇھەببەت ئىزنالىرى ئىپادىلەنمەيتتى، گويا ھەيكەللەرنىڭ مۇزدەك ھېسسىز چىرايىغىلا ئوخشايتتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى قانداقتۇر بىرخىل سېزىم ئۆز ئىلكىگە ئالدى-دە، يۈزى تاڭدىكى ئۇپۇقتەك قىزىرىپ، ئاپئاق ساقاللىرى تىترەپ كەتتى. ئۇ شۇئان قاچماقچى بولۇپ قەدىمىنى يۆتكىمەك بولدى، بىراق تىترەپ تۇرغان ئىككى تىزى لوككىدە ئېگىلىپ، جايىغىلا ئولتۇرۇپ قالدى.

دەل شۇ چاغدا ئاجايىپ ئەركىن، ئاجايىپ يېقىملىق يېڭىلا بىر ناخشىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى. شۇئان ھەممە ھەرىكەتتىن توختىدى، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى، غەرب تەرەپتىكى بىر يولدىن كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، غۇبارسىز چېھرى قۇياشتەك يورۇق بىر بالا كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا جاراھەت باسقان، يۈرەككە ئوخشاپراق كېتىدىغان گۆشسىمان بىرنەرسە، يەنە بىر قولىدا قېلىن بىر كىتاب تۇراتتى. كىتاب ئۈستىگە ‹‹ئۈمىد›› دېگەن ئاق رەڭلىك چوڭ خەت يېزىقلىق ئىدى. بالا ناخشىسىنى تېخىمۇ جاراڭلىق ئېيتقىنىچە ئۇلارغا قاراپ يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلار تۇرۇپلا ياشىرىپ قالغاندەك تېتىك قەدەملەر بىلەن ھېلىقى بالا تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى ۋە كېتىۋېتىپ ‹‹ئۈمىد! ئۈمىد!›› دەپ ۋارقىراشتى.

ئۈمىد ئۇنىڭ چەۋرىسى ئىدى. ئارىلىق بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا...



           تامام

   ئاپتورنىڭ   تېلېفون   نومۇرى :   13899087919        

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-5 22:39:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنىڭ يېڭىچە ئۇسلۇبىدىن خۇرسەن بولدۇم. پەخرىدىن مۇسانىڭ تىنى ئامان بولسۇن! ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيتىدىكى مۇستەقىل ئاۋازىنىڭ ياڭراپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-11-26 21:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭىز تېخمۇ بەركەتلىك بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش