ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن:
«سەمەندەر»دىن تۇتاشقان چوغلار
(كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى)
قاغىلىق ناھىيەسىدىن يېتىشىپ چىققان ئىجتىھادلىق يازغۇچى، شائىر مۇھەممەد ئەھمەد چوپانىي ئەپەندىنىڭ مەزكۇر «سەمەندەر» ناملىق تارىخىي رومانىنى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. روماننىڭ مەندە قالدۇرغان زىلزىلىسى ئاجايىپ كۈچلۈك بولدى.
مەزكۇر رومان جەمئىي 408 بەت بولۇپ، روماندا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتىلاشنىڭ ئالدى – كەينىدە جەنۇبىي شىنجاڭ، جۈملىدىن قاغىلىقنى مەركەز قىلغان خەلق كۆرەشلىرىنى، خەلقىمىزنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئاچچىق بەدەللىرىنىڭ بەدئىي كارتىنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى زور بىر قېتىلىق ئۆزگۈرۈشنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى ناھايىتى جانلىق يورۇتۇپ، بىزگە زور تارىخىي بىلىم، چوڭقۇر تارىخىي ساۋاق، كۈچلۈك بەدئىي زوق بېغىشلىغان.
مەزكۇر رومان مېنىڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» غا ئائىت ئوقۇغان نادىر رومانلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ، روماننىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يېغىنچاقلاش مۇمكىن.
بىرىنچى، «سەمەندەر»نىڭ بايانىنىڭ ئۆزگىچىلىكى
مەزكۇر رومان مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان رومانلىرىمىز ئىچىدىكى تۇنجى 2-شەخىس تىلىدا يېزىپ چىقىلغان رومان بولۇپ، روماندىكى «سەن» دەپ تۇرۇپ سۆزلىنىۋاتقان ھېكايە ئوقۇرمەننى تەبئىي ھالدا ئەسەرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئەسەر باش قەھرىمانى بىلەن بىر گەۋەدە قىلىدۇ. ئوقۇرمەن بۇ خىل يېقىشلىق، دەل، ئېنىق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بايان تىلى ئىچىدە ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن كەيپىياتىغا چۆكۈپ زور ئىستېتىك زوققا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر روماننىڭ بايان تىلىنىڭ ئالاھىدە ھېسسىياتلىق، كۈچلۈك ھاياجانغا، كەيپىياتقا ئىگە قىلنغانلىقىمۇ ئەسەر بايانىنىڭ سىېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، روماننىڭ مۇھىم ئۇتۇقىغا ئايلانغان.
ئىككىنچى، روماننىڭ ئىددىيەۋىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك.
«سەمەندەر» رومانى مەزمۇن يېقىدىن خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىنقىلابىي كۆرەشلىرىنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلانغان بولۇپ، مول تارىخىي بىلىمنى ئۆزىگە جۇغلىغان. شۇنداقلا يەنە كۈچلۈك تارىخىي ساۋاق، ئويلىنىش، سىلكىنىش كۈچىنى ئۆزىگە يۇغۇرغان. ئوقۇرمەن مەزكۇر روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن، خەلقىمىزنىڭ باتۇر، ئاقكۆڭۈل، ئەمما قىزىققان، ھاياجانلىق، ئاددى پىكىرلىك ئومۇمىي خاراكتېرىنى ۋە بۇ خىل ئاجىزلىقنىڭ تارىخىمىزدا قالدۇرغان تىراگىدىيەسىنى، ھاياتىمىزغا بىرلىشىپ كەتكەن تىراگىدىك قىسمەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ۋەتەن، خەلق، ھۆرلۈك، ھەققانىيەت، ئىلىمسىزلىك، ئەقىدىسىزلىك، ئاسىيلىق، ساتقىن ھايات ھەققىدە قايتىدىن چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئىگە بولالايمىز. مەزكۇر روماننى ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئۆزبىك بۈگۈنكى زامان شائىرى رەئۇف پەرفىنىڭ :
«.... بىرمۇ باتۇر ئۆلمىگەن جەڭدە،
بەرى ئۆلگەن خىيانەتلەردىن.»
دېگەن ئاچچىق ھەقىقەتلىك مىسرالىرىنى ئىزچىل ياد ئىتىپ تۇردۇم.
ئۈچىنچى، «سەمەندەر»دىكى خاراكتېرلارنىڭ چىنلىقى.
«سەمەندەر» رومانىدا ئاپتۇر بىزگە ھەقىقىي خەلق ئوغلانلىرىنىڭ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، قەھرىمانلارنى خەلقنىڭ ئۆزى يارىتىدىغانلىقى، دەۋىر قەھرىماننى سىنايدىغانلىقى، ئاددى ئادەملەر ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۇلۇغلۇق ۋە پەسكەشلىكنىڭ شۇ كىشىنىڭ ھايات قاراشلىرى، جاپالاردىن تاۋلىنىپ چىقىش – چىقالماسلىقى بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى تولىمۇ چىن ۋە سەمىمىي ئوتتۇرىغا قويغان. روماندىكى خاراكتېرلارنىڭ قانداقتۇر غايىۋىي قەھرىمانلارغا خاس ئەپسانىلەر ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي جانلىق، چىن، رېئال ھايات ئىچىدە يېتىلىپ، تاۋلىنىپ چىقىشى، رېئال تۇرمۇشقا ماس چىن، سەمىمىي سۈرەتلىنىپ، ئوقۇرمەنگە قايىل قىلارلىق تەسىر بېرەلىگەنلىكى روماننىڭ خاراكتېرلار مۇۋاپپەقىيىتىنى بەلگىلىگەن. بىز روماندىكى سەمەندەر، زۇمرەت، مەتسالى قاتارلىق ئوبرازلارغا يۈكلەنگەن خاراكتېر چىنلىقىدىن بىر پۈتۈن ئىنقىلاب سىپىدە تەڭ ياشاۋاتقاندەك، تەڭ كۆرەش قىلىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كىلىمىز.
تۆتىنچى، «سەمەندەر»نىڭ تىل گۈزەللىكى.
«سەمەندەر» رومانى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بايان ئۇسلۇبى جەھەتتىنلا ئۇتۇقلۇق بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە تىل ئىشلىتىش جەھەتتىنمۇ زور ئۇتۇققا ئىگە قىلىنغان. ئاپتۇرنىڭ روماندىكى پىشقان گۈزەل تىل ماھارىتى بىزنى ئاجايىپ زوقلاندۇرىدۇ. ئەسەردىكى گۈزەل تەسۋىرلەر، ئوخشىتىش، تەمسىللەر، يەرلىك پۇراققا ئىگە قىلىنغان دىئالوگلار، ئەسەردىكى خاراكتېرلار چىنلىقى ۋە ئىددىيەۋىيلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان شېئىر ۋە قوشاقلار ئوقۇرمەنگە كۈچلۈك زوق بېغىشلاش بىلەن بىرگە يەنە ئەسەرنىڭ بەدئىي ئۇتۇقى ئۈچۈنمۇ تېگىشلىك خىزمەت قىلغان.
ئومۇمەن، «سەمەندەر» رومانى مېنى ھاياجانغا سالغان، مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ۋە باشقىلارغا ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان نادىر رومانلارنىڭ بىرىدۇر. مەن مۇشۇ خىل سەۋەبلەر بىلەن كۈچلۈك مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئاپتۇرغا غايىۋانە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ يېڭى ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
«سەمەندەر»دىن پارچىلار:
* ئىنسان ئازادلىققا ئېرىشسىلا بەخىتلىك بولالايدۇ. ئەمما بەخىتكە ئېرىشسىلا ئازاد بولالمايدۇ. ئازادلىققا ئېرىشمەي تۇرۇپ ئېرىشكەن بەخىتنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. خۇددى شېرىن چۈشتەكلا. - 16-بەت
* مەيلى ياش ئۆلسەكمۇ، قېرىپ ئۆلسەكمۇ ھامىنى بىر ئۆلۈم! – 34-بەت
* ئادەم كۆرەش ئۈچۈن يارالغان ! -60-بەت
* مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىكەن، مۇھەببەتتىن ئازادلىق تېخىمۇ ئۇلۇغ ئىكەن. مۇھەببەت ئازادلىقسىز ۋىسال تاپمايدىكەن. – 70-بەت
* يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،
رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر،
بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،
شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر. – 71-بەت
* سېنىڭدەك، سەن ئۈچۈن ئوتقا ئۆزۈمنى ئاتقىلى مەن بار،
ئوتۇڭدا كۈل بولۇپ خەستەك، لېيىڭغا پاتقىلى مەن بار.
ئەجەلنىڭ نۆۋىتى كەلسە ساڭا، تەشۋىش يۇتۇپ يۈرمە،
سالامىم بىرلە ئەزرائىل تىغىدا ياتقىلى مەن بار.
مۇھەببەت – سۆيگ، مېھرىمدە قىران روھىڭغا بەل باغلاپ،
ساڭا ھەر نە كېرەك بولسا، جېنىمنى ساتقىلى مەن بار.
ئەگەر ئالۋۇنغا يەم بولسا ئېتىڭ چۆللەردە ئارماندا،
غۇرۇرۇم بىرلە مەپەڭگە ئۆزۈمنى قاتقىلى مەن بار.
نىيەت – گۈلباغلىرىڭغا زاغ قونۇپ سايراشقا تەمشەلسە،
ئۇنى قەھرىمنى يا ئەيلەپ داۋاملىق ئاتقىلى مەن بار.
دىرىلدەپ تىترىسەڭ قىشتا قالا قەلبىمنى، مېھرىمنى،
ناۋادا چاڭقىساڭ يازدا، بولۇپ مۇز قاتقىلى مەن بار.
ئەگەر روھىڭغا ئال چۈشسە، ئۇنى ئۇيغۇرچە روھ بىرلە،
خىزىر يەڭلىغ داۋالاپ، تېز بېقىپ، ئايناتقىلى مەن بار.
رەھىمسىزدۇر پەلەك – تەقدىر، ياشا ھىجرانىيدەك قەيسەر،
بۈيۈك پەزلىمنى پەزلىڭگە ئۆمۈرلۈك چاتقىلى مەن بار.
- 72~73-بەتلەر
* پانىيدا چىقمىغان مەيخانىدىن مەن،
بەخىتنى سۈمۈرگەن سەيخانىدىن مەن،
شۇندىمۇ جەننەتتىن جاي بەردى ئاللاھ،
قاچمىغاچ ھەقىقەت مەيدانىدىن مەن. - 94-بەت
* يۈرىكىڭدە تاشئاخۇن قادىغان بايراق جەننەت ساداسىغا جۆر بولۇپ لەپىلدەيتتى.
– 136-بەت
*-سەن تەڭرىنىڭ قىساسنى ئۇنتىغان گۇمراھ ئادەمنى ھالاكەتتىن قۇتقازمايدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ......
- سەن تەڭرىنىڭ دۇنيادا ۋەتەنسىز ھۆر ئادەمدىنمۇ بىچارە، پاسىق ئادەم بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان، ھۆرلۈك ئىزدەپ، ھۆرسىز – ئەركسىز خەلقىنى تاشلاپ قاچقان، قاچىدىغان سەندەك ئاسىي بەندىدىن مەڭگۈ نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭ؟ ...... - 370-بەت
* مەنمۇ چىقىپ كەتسەم، ئۇمۇ چىقىپ كەتسە، ھەممىمىز چىقىپ كېتىۋەرسەك، ئاتا – بوۋىمىزدىن قالغان بۇ ئانا يۇرت، ئانا ماكان چېرىكلەرگە مۇشۇنداقلا قالامدۇ؟!
- 371-بەت
* - مەن ئۆلسەم ھايات قالغانلار يوقىتىدۇ، ئۇلار يوقۇتالمىسا ئەۋلادلىرىم چوقۇم يوقىتىدۇ.
– 375-بەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-26 21:34