ئۆزھال يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:12
مىنى يىقىندىن قوللىغان بارلىق ئەزىز بۇرادەرلىرىمگە كۆ ...
ئۆزھالنىڭ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى غىل-پاللا ئاڭلىغان،(ئۆتكەندە مەلۇم تورداش يوللىغان ‹‹مايلامچى بالا››،‹‹ئەتلەس››ناملىق ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا بىلگەن)لىكىن،كەسپىي ناخشىچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.ئەمما،ياخشى تېكىستلەرنىڭ ئىجاتچىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىم بار ئىدى.‹‹كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن››بۇنىڭ جانلىق مىسالى.تېخى يېڭىلا ئەركىن ئابدۇللا ئېيتقان يەنە بىر ياخشى ناخشىنىڭمۇ ئەسلى ئۆزھالنىڭ ‹‹چەتئەلگە ھەۋەس قىلغۈچىلارغا سۆز›› دېگەن نامدىكى تېكستى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ ئۈلگۈردۇق.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزھالنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى.
يوقۇرىقى ئىنكاستىن ئۆزھالنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا بولغان ھېرىسمەنلىك يەنە بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرۈلدى.مەزكۇر لىنتىدىكى ناخشىلارنىڭمۇ مېنى يوقۇرىقى ‹‹دوتتار›› ناملىق ناخشىغا ئوخشاشلا ھوزۇرلاندۇرىشىغا ئىشىنىمەن.
ناخشىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش جەريانىدا بىۋاستە تونۇشلۇقۇم بولمىسىمۇ،بىرچاغلاردا بىزگە يازما يوللاش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن يوغانباش بالىنى ئەسلەپ قالدىم.......ئۆزھالدىن شۇ بالىلارغا سالام بولسۇن.