- UID
- 11
- يازما
- 222
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- eybuyaqup
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1306
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-15
|
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق
قاسىم سىدىق
ئەزەلدىنلا گۇناھ سانالدى،
ئادەملەرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش.
ئېسىپ ئۇرۇش،كۆزىنى ئويۇش،
دىمىقتۇرۇپ سۇغا چۆكتۈرۈش.
لېكىن قىزلار ئۈچۈن ئويۇنكەن،
يىگىتلەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈش.
بۇ گۇناھقا كەلمىدى جازا،
قازى كالان يېگەنمۇ پارا؟
پىچاق سالماي،يېقىنمۇ كەلمەي،
قىلىۋەتتى قەلبىمنى يارا.
تا ئەزەلدىن قايسى ئەۋلىيا،
قىلالىغان بۇنى ئىختىرا.
گاھى ئاستا كۈلۈپ قويىدۇ،
تەلپۈنۈدۇ كۆڭۈل بۆلەكتىن.
گاھى مۆكۈپ ئالار نەگىدۇر،
يوقالغاندەك قەمەر پەلەكتىن.
ئۈمتۈلدۈردى،ئالداپ ئوينىدى،
دەردى ئۆتۈپ كەتتى يۈرەكتىن.
كېچىلەردە بولدى چىرىقىم،
ئامرىقىمغا قايتا يېلىندىم.
ئوت ئويناشقا ئامراق قىز ئىكەن،
مەن ئۇنىڭغا ئوتۇن بىلىندىم.
ئوتۇن بولسام قىينالماس ئىدىم،
قىز قولىدا قەتلى قىلىندىم.
مانا روھۇم تىرىلدى قايتا،
بولدى ئەمدى ھوزۇرۇم تۇپراق.
توۋا،توۋا،قەبرەمگە يەنە،
ئاشۇ قاتىل بوپقالدى چىراغ.
بولدى ئۇنى جازالىماڭلار،
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق.
(بۇ ئەسەر «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، 1- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن)
|
|