يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 2

مال باھا ھىيلىسى ۋە ئۇنىڭ سىھرىي كۈچى- تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                           مال باھا ھىيلىسى ۋە ئۇنىڭ سىھرىي كۈچى

                                            تۇردى لېتىپ


ئەزەلدىن سودا-سېتىقتا ئانچە تۈجۈپىلەپ كەتمەيدىغان مەن ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردە بولۇش جەريانىدا، باھا كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلگەن باھاغا ئاسانلا ئىشىنىپ قېلىشقا ئادەتلەنگەنمەن. باشقىلار بىلەن باھا تالىشىپ ئىغىز ئۇپرىتىپ يۈرۈشنى ئارتۇقچە ئىش دەپ قارايتتىم. شۇڭىمۇ، يۇرتقا قايتىپ كەنگەندىن بۇيان، ئائىلىگە نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئىشىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئايالىم بىر قوللۇق ئورۇنداپ كېلىۋاتاتتى. يول ياقىسىدىن بىرەر كىلوگىرام يەل يىمىش سېتىۋېلىشتىن تارتىپ، مەن ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك، ئائىلە لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئامال بار ئايالىم بار ئەھۋال ئاستىدا سېتىۋېلىشقا تىرىشاتتىم، ئارىلاپ ئۇچراپ قالغان، قارىماققا خېلى ئەرزاندەك كۆرۈنىدىغان يۇرتنىڭ يېڭى مىۋىلىرىنى مەن خېلى تاللاپ سېتىۋالغان تەغدىردىمۇ يەنىلا ئايالىمنىڭ باھالىشىچە «لاياقەتسىز مال» بولۇپ چىقاتتى. باھا سۇندۇرۇشنىڭ ئورنىغا «نەق بولىدىغان يېرىنى ئېيتسىلا» دەپ باھانى كېسىپلا پۈتۈشۈپ، پۇلنى نەق بېرىپ يولۇمغا ماڭاتتىم. تولا باھا سۇندۇرۇشتىن قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ياكى قارشى تەرەپنىڭ تېرىكىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. مېنىڭچە بولغاندا، مەندەك سېتىۋېلىش ئويىنى ئېنىق ئېيتقان خېرىدارغا ئارتۇقچە سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ناۋادا، ساتقۇچى ساختىلىق قىلغان بولسا، مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى پەقەت شۇ كىشىدىن ئىككىنچىلەپ قەتئىي بىر نەرسە سېتىۋالماسلىقلا ئىدى.
ھەر يەرنىڭ باھا سۇندۇرۇش قائىدىسى ئوخشاشمايدۇ، قانچىكى تۆۋەندىكى (يېزا قىشلاقلاردىكى) بازارغا چۈشسىڭىز باھا چۈشۈرۈش دەرىجىسى شۇنچە چوڭىيىپ بارىدۇ، ھەتتاكى يېرىمىدىنمۇ ئارتۇقراق چۈشۈرۈپ باھا سورايدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا مەركىزى شەھەرلەرنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت، 20 پىرسەنت باھا ئېيتىپ 30 پىرسەنتتە پۈتۈشۈپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا چېگرا سودىسى قىلىدىغان، چەتئەللىكلەر كۆپ توپلاشقان ئورۇنلارنىڭ سودىسىدا باھانىڭ ئەخلەت چاۋاسى كۆپرەك بولىدۇ. يەرلىك كىشىلەر ئۆز- ئارا توپلاشقان، تونۇش-بىلىش كۆپرەك ئۇچراشقان سودا بازارلاردا قارشى تەرەپكە سەمىمىيىتىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن ساتقۇچى بىۋاسىتە نەق پۈتۈشۈش باھاسىنى ئېيتىدىغان ئەھۋاللار بار، بۇنداق سودىلاردا يەنە قارشى تەرەپكە باھانى چۈشۈرۈپ سوراش ھەقىقەتەن سېتىۋېلىش خاھىشىنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ، ياكى سېتىۋلماقچى بولغان نەرسىنى تازىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمىگەنلىكى پەقەت ئەرزان بەرسە مۇنداقچىلا ئېلىپ قويۇش ئويى بارلىقىنى بىلدۇرۇپ قويىدۇ. لېكىن بەزىدە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق نەرسىنىمۇ ئانچە ھاجەت ئەمەستەك ھالغا كىرىۋېلىپ، قەستەن باھانى چۈشۈرۈپ سېتىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، مانا بۇ سودىدىكى ئۈستىلىق. سودىلىشىشمۇ بىر خىل سەنئەت، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، ئېپىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن بۇمۇ بىر كۆڭۈللۈك ئىش.
باھا، سودا پائالىيىتىنىڭ مەركىزى، سودىدا ئۇتۇق قازىنىش قازىنالماسلىقنىڭ ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچى. مەيلى ساتقۇچى بولسۇن ياكى سېتىۋالغۇچى ھەممىسىلا باھا جېڭى ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى كاپالەنلەندۈرىدۇ ۋە بازار ئىگىلەش مەقسىدىگە يېتىدۇ. باھا تالىشىش پۇرسىتىلا بولىدىكەن سېتىۋالغۇچى ئەڭ تۆۋەن باھانى قوغلىشىدۇ، سېتىش- سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت باھا كېلىشىش مۇۋازىنىتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن سودا مۇھىتىدا، سېتىۋالغۇچى تەرەپ ھەرقانچە ئەرزان باھادا سېتىۋالغان تەغدىردىمۇ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنىلا ئالدىنىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن سودىدىكى باھا تالىشىش جېڭى ئەۋج ئالىدۇ-دە، ئاسان پۈتۈشەلمەسلىك يۈز بېرىپ، بىھۇدە ئەۋارە بولۇش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ساتقۇچىغىمۇ شۇنداقلا سېتىۋالغۇچىمۇ ئوخشاشلا پايدىسىز.
ئەمەلىيەتتە، ھەرگىزمۇ مۇتلەق قىممەت باھا بولمايدۇ، پەقەت نەرقىدىكى باراۋەرسىزلىكلا مەۋجۇت بولىدۇ. ئادەتتىكى تاۋارلاغا باھا بېكىتىشتە ئاساسلىنىدىغىنى بىرىنچىدىن ئۇنىڭ تەننەرخى، ئىككىنچىدىن ئۇنىڭ ئىستىمالچىلار تەرىپىدىن قوبۇللىنىش دەرىجىسى، ئۈچىنچىدىن ئۇنىڭ ئوخشاش تاۋارلار ئىچىدىكى رىقابەت كۈچىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىغا قارىتىلىدۇ. تەننەرخنىڭ باھاغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى ھەرگىزمۇ تەننەرخ ئاساسىدا مەلۇم پىرسەنت باھا قوشۇشپلا سېتىش باھاسىنى بەلگىلىگەن ئەمەس. ناۋادا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدىكى ئېھتىياجىنى قامدىيالاش مۇمكىنچىلىكى بولغان بولسا ئۇ چاغدا تەننەختىكى باھانى نەچچە ھەسسىلەپ سېتىش باھاسى بەلگىلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنىڭ تەننەرخى 0.2 يۈەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سېتىش باھاسى ھىچ بولمىغاندا 2 يۈەندىن يۇقىرى بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مانا بۇ 10 ھەسسە قاتلانغان بىلەن باراۋەر. چۈنكى دورىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولسا ئىستىمالچىلار 2 يۈەن پۇل چىقىرىشقا تامامەن رازى. شۇنىڭدەك ئالما يانفونلىرىنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولسىمۇ يەنىلا كىشىلەر تەرىپىدىن تالىشىپ سېتىۋېلىشقا ئېرىشەلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ھەم شۇ.
لېكىن نۇرغۇن كارخانىلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھىسىنى خالىغانچە بەلگىلەشكە قادىر ئەمەس. نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزورنى مىسال ئالساق، گەرچە ئۇ شۇنچە نېپىز، كۆرۈنۈشلىرى تەبىئەتكە چەكسىز يېقىن، ئاۋازى شۇنچە سۈزۈك بولغان تەغدىردىمۇ ئۇنى يەنىلا قىممەت باھادا سېتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى مۇشۇ ساھەدە باھا تالىشىش كۈرىشى بولىۋاتقىلى 20 يىل بولدى، باھا چېكى ئاللىبۇرۇن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ بولدى. ئەكسىچە تېلېۋىزورنىڭ تىزگىنىكىنىڭ تەننەرخى بىر دانە يانفوندىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن سېتىلىش باھاسى تېلېۋىزۇر باھاسىنىڭ بارچە پۇلىغىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ، چۈنكى شۇنچە چوڭ تېلېۋىزۇر ئالدىدا تىزگىنەك ھىچ بىر نەرسىگە تەڭلەشمەيدىغان نەرسىدەك كۆرۈنىدۇ خالاس.
ئەگەر داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات تەسىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى مەلۇم نۇقتىدىن شۇ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى بىرىنچىدىن، شۇ مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى، ئىككىنچىدىن، شۇ مەھسۇلاتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يەنى مەھسۇلاتنىڭ ھەرخىل ئىقتىدارلىرىنىڭ ئىستىمالچىلار كۆڭلىدىكى مايىللىق دەرىجىسى، ئۈچىنچىسى مۇلازىمەت، يەنى سېتىشتىن بۇرۇنقى تەشۋىقات، سېتىش جەريانىدىكى قولايلىقلىق ۋە سېتىشتىن كېيىنكى ئۆگىتىش، ئاسراش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھەل قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتنىڭ مەلۇم بىر ئارتۇقچىلىقىنىلا تەكىتلەپ يۇقىرىقىدەك مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىرىنى ئويلاشماي تۇرۇپ يۇقىرى باھا بېكىتىۋېلىشى سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق. كۆپ تەرەپلىمە ئامىل تولۇق ئويلۇشىلىش ئاساسىدا بېكىتىلگەن باھالا ھەقىقىي باھا يەنى ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغان باھا ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىقىدەك تەننەخ ۋە سۈپەت جەھەتتىكى تۈرلۈك ئامىللار ئورتاق تەھلىل قىلىنىپ، ئۇنىڭغا يەنە داڭلىق ماركا ئوبراز تەسىرى قوشۇلغاندىن كېيىنكى باھا ئاخىرقى ھېسابتا شۇ تاۋارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق باھاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ھاللاردا تەننەرخ بىلەن سۈپەتتە تەتۈر تاناسىپ تۈزۈلگەن بولىدۇ، يەنى تەننەرخى تۆۋەن بولغانسېرى سۈپىتى شۈنچە ناچارلاپ ماڭىدۇ. ھەم تەننەرخنى ئۆستۈرىۋەتمىگەن ئاساستا سۈپەتنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە ئىگە قىلىش ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەڭ قىيىن مەسىلە. بۇنڭ ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدىكى ئەمگەك سىجىللىقى ۋە ئەڭ يۇقىرى زىچلىقتىكى سۈپەت كونترول قىلىش لىنىيىسى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خام ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنىڭ تەقلىنىشى، توشۇلۇشى، قۇراشتۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللاردىمۇ ئەڭ يۇقىرى تەلەپتىكى ئىسراپ قىلىنماسلىق ۋە دەل مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمگەك كۈچى ۋە خام ماتېرىيالارنىڭ تېجىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ ۋاسىتە يەنىلا تېخنىكىدا ئىپادىلىنىدۇ، ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەڭ ئاز تەننەرخ بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش دەل مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.
يۇقىرىقىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىغان بىر قىسىم يۇقىرى سۈپەتتىكى مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىپ تازا تەسىر قوزغىغان چاغدا، شۇنىڭغا كۆرۈنۈشى ۋە ئىقتىدارى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلار پەقەت باھا جەھەتتىكى ئەرزانلىقى بىلەنلا بازار تاپىدۇ، ئۇنىڭغا ئېلان بېرىشنىڭمۇ ئانچە ھاجىتى يوق، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتىنمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئەرزان بولغاچقا، بۇزۇلسا يېڭىغا ئالماشتۇرۇش كونىنى ئوڭشىغانغا قارىغاندىمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا بىر قىسىم ئىستىمالچىلارنىڭ قوبۇللاش دەرىجىسىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىك سەۋەبى بىلەن بىر مەھەل بازار تاپىدۇ. ئۇنىڭدا روشەن ماركا ئوبراز ئۇقۇمى شەكىللەنمەيدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەت مىقىياسىدا ئەتىۋارلىق مەھسۇلات قاتارىغا كىرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت بىر قىسىم تۆۋەن ئىستىمال سەۋىيىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقىتلىق قامداش بەدىلىگە، بىر مەھەل دەۋىر سۈرگەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن غايىپ بولىدۇ. بۇ سېپى ئۆزىدىن «توپىلاڭدا تورغاچ ئوغرىلاش» ھېلىسى خالاس.
ئەمدى بىر قىسىم قولدىن قولغا ئۆتۈپ سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارغا كەلسەك، ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى پارچە سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق ساندىكى توپ سېتىش كۆزنەكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ، بۇ دەل ۋاكالىتەن سېتىش تارماقلىرىنى تەسىس قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «كۆپ ساتقان كۆپ پايدا ئېلىش» پىرىنسىپى بويىچە، بۆلۈپ سېتىش يولغا قويۇلغان بۇ خىل مەھسۇلاتلاردا بىر قىسىم ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرى، كۆپ سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باھا جېڭى پەيدا قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى كۆپ سېتىپ چىقىرىشتىن كېلىدىغان پايدىنى ئالدىن ھېسابلاش خېرىدارغا پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلى بىلەن باھانى سېتىۋېلىش باھاسىدىنمۇ تۆۋەن قىلىپ ساتىدۇ. نەتىجىدە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى، ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇندىن ئالغاندىن كۆرە، ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرىدىن سېتىۋالغاندا ئەرزان بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى باھا جەھەتتىكى قارىغۇلارچە بازار تالىشىش بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا سېتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە تېخنىكا يېڭىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يېڭىچە بازار رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇش زاپاس كۈچى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ھامىنى بىر كۈنى ۋەيران بولىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق تاۋارغا باھا بەلگىلەشتە «پۇتىنىڭ ئۇچىنى كۆرمىگەن» تۈزۈك. يەنى ھازىرقى، كۆز ئالدىمىزدىكىلا مەنپەئەتنى ئويلاپ بېكىتىلگەن باھا، شۇ كارخانا ياكى شىركەتنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەتراپلىق لايىھىلەنگەن مەھسۇلات ئىشلەتكۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقى بولسا، باشقىچە ئۇسۇلدا ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. پەقەت ئىشلەتكۈچىلا ئۇ مەھسۇلاتتىن پايدىغا ئېرىشەلىسە، مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىشتا گەرچە باھا ھەرقانچە مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، پەقەت باھا جەھەتتىكى پايدىنىلا ئويلىشىشقا بولمايدۇ، يەنى شۇ مەھسۇلاتتىن كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قايىللىق دەرىجىسى قاتارلىقلارمۇ شەكىلسىز پايدا ھېسابلىنىدۇ ۋە باشقىچە يوللار بىلەنمۇ ئۇنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ 2012- يىلى 31- دىكابىر ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-23 19:47  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-6 16:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال باھاسى ھىيلىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ياخشى يۇرۇتۇپ  بېرىپسىز
ۋاقتى: 2013-5-6 19:12:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنى توغرا بولغان سودا ئېڭى،مال-باھا ئېڭى،ۋە ئسىتىمال ئېڭىغا يىتەكلەيدىغان،قىممىتى بار ئىلمى ئەمگەكلىرىڭىزدىن خەۋەردار قىلىدىغان ماقالىللىرىڭىزنى ئايمىغايسىز!سودا ئىشلىرىڭىزغا ۋە ئىجادىيتلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش