مەن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم، ھازىرچە بېرىدىغان پىكرىم مۇنداق:
1، ئەپكە ئىشلىتىلگەن ھۆسىنخەتلەر بەكلا قوپال، گۈزەللىك تۇيغۇسى يوق؛
2، قىسمەن ئىملا خاتالىقلىرى بار ئىكەن؛
3، ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ياخشى لايىھەلەنمىگەن؛
4، ئەپ 3.5 سۇڭلۇق ئېكراننىلا ئويلىشىپ لايىھەلەنگەچكە ئايفون 5 نىڭ 4 سۇڭلۇق ئېكرانىغا ماس كەلمەيدىكەن.
خوش بولغان يىرىم، بۇ ئەپ مۇشۇ ساھەدىكى تۇنجى ئەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن بوشلۇقنى دەسلەپكى قەدەمدە تولدۇرغان، بۇندىن كېيىن تەكلىپ - پىكىرلەرگە ئاساسەن پات - پات نەشىر كۆتۈرۈپ تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-22 00:31