يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 2

ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى -تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى

تۇردى لېتىپ

(مەزكۈر ماقالە شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان، تۆۋەندىكىسى ئەسلى نۇسخىسى)

  زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، يەككە ئىقتىدارلىقتىن كۆپ ئىقتىدارلىققا ۋە كۆپ ئىقتىدارلىقتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىمىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان ھالدىكى يەنە مۆجىزىلىك تەرەققىياتلارنىڭ داۋاملىق بارلىققا كېلىشى ناھايىتى ئېنىق. شۇڭا، مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
شۇنداق بىر چاقچاق بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن:
بىر دېھقان شەھەرگە كىرىپ بازاردىن يانفون سېتىۋالماقچى بولۇپ، بىر دۇكانداردىن:
  ـــ يانفوننىڭ جىڭى نەچچە پۇل؟ ـــ دەپ سوراپتۇ.
  دۇكاندارنىڭ غىدىقى كېلىپ، ئۆز كۆڭلىدە ــ مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق ئادەم بولامدۇ، ــ دەپ ئويلاپتۇ-دە، دېھقانغا بىر- بىرلەپ باھا ئېيتىپ چۈشەندۈرۈشكە ئېرىنىپ، قولىنى سوزۇپلا دۇكاندىكى يانفولارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
  ـــ جىڭى 5000 يۈەن، خالىغىنىڭىزنى تاللىۋېلىڭ! ـــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
  دېھقان بىر دانە 4 iphone(ئايفون4) نى تاللاپ جىڭغا سېلىپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىسە ئاران 100 گرام كەپتۇ، دېمەك، بىر دانە 4 iphone يانفونى 1000 سوم دېگەن گەپ. بۇنى كۆرۈپ دۇكاندارنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ، دېھقانغا باشقا يانفونلارنى ماختىغىلى تۇرۇپتۇ. لېكىن، دېھقان باشقا يانفونلارغا قاراپمۇ قويماستىن:
ـــ كىمىڭنى ئالدايمەن دەيسەن؟ ئاشۇ ئەخلەت يانفونلارنى ماڭا ساتماقچىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭىغا ئۆرۈلگەن يانفون ئىكەنلىگىنى مەن بىلمەمدىم، سەپلىمىسىنىڭ ناچارلىقىنى بىر دېمە، ئارانلا QQ غا چىققىلى بولغاندىن باشقا، يا مىكرو بىلوگ ئوينىغىلى بولمىسا،ــ دەپتۇ چېچىلىپ.
دېمەكچىمەنكى، ھازىر شەھەرلىكلەردىن تارتىپ چەت يېزىدىكى دېھقانلارغىچە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ھەتتا ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىغىچە بىلىپ كەتتى.
  ئەمما، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجاد قىلىنىش، لاھىيىلىنىش جەريانى ۋە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىلىرىنى چۈشىنىدىغانلار كۆپ ئەمەس.
  ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات دېگنىمىز، ئاساسەن تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكترنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلغان ئاساستا، ھەر خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار ۋە ئۇچۇر ساقلىغۇچلارنىڭ زىچ بىرىكىپ خىزمەت قىلىشى نەتىجىسىدە، يېزىق، سۈرەت ۋە ئاۋاز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەقلىي ياردەمچىلىك رولىنى ئوينايدىغان ياكى مەلۇم ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئىنساننىڭ خاھىشىغا ماس ھالدا ئورۇنداشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىنچىكە ۋە زىچ تېخنىكىلىك ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارغا يەنە ھازىرقى زامان يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنىڭ زىچ ماسلاشتۇرۇلىشى ئارقىلىق، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى خۇددى ئىنسانلارغا ئوخشاش مەلۇم قانۇنىيەتكە بويسۇنغان ھالدا خىزمەت قىلدۇرۇش بارغانسېرى مۇكەممەلللىشىپ باردى ۋە كەلگۈسىدە بەلكىم ئىنسانلارنىڭ تىل ۋە ئىشارەت بۇيرۇقلىرىنى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار بىۋاسىتە قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئىنسانلار قىلىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدىغان دەرىجىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
  ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ شۇنچە زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولالىشى، دەل ئۇنىڭ ئەڭ ئاز ماتېرىيال سەرمايىسى بىلەن ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق كەشپىيات نەتىجىسىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى نەتىجىسىدە، ئاجايىپ-غارايىپ ئىقتىارلارغا ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقىدىن بولغان. دېمەك، ئېلېكترون سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بارلىق تەرەققىيات ئامىللىرىنىڭ باشلامچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ياپونىيەنىڭ 20 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتەلىشى دەل ئۇلارنىڭ ئېلېكترون سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئېلېكترون سانائىتى ــ ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ بارلىق ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ھەرقايسى ئىنچىكە ۋە نازۇك ھۈنەر-سەنئەت بىرلىكلىرىنىڭ كۈچلۈك كەسىپلىشىشى ۋە زىچ ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سىستېمىلاشقان كەسىپ زەنجىرىنى ھاسىل قىلغاندىلا ئاندىن نورمال تەرەققىي قىلىش شارائىتىغا ئېرىشەلەيدۇ. ياپونىيەدىكى ھەرقانداق بىر دۇنياۋىي داڭلىق ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش رىقابەتتىكى كارخانىلار بىلەن مەلۇم نىسبەتتە ھەمكارلىقى مەۋجۇت. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ كۆلىمى ياكى ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، مەلۇم مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشقا كەتكەن بارلىق زاپچاسلار ۋە خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەش مەشغۇلاتىنى ئۆز ئالدىغا ئىچكى قىسىمدا تولۇق تاماملاپ كېتەلىگەن ئەمەس. ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ جەھەتتىن بىرىنچى قول خام ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنى تەقلەش، قۇراشتۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئالدىن يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى قۇرۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك خىزمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاخىرقى قۇرۇشتۇرۇش باسقۇچىنى تاماملايدىغان زاۋۇتلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، يەنى پۈتكەن مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ئارىلىقتىكى ئىككىلەمچى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت كارخانىلارنىڭ سانى ۋە ئېلېكترون سانائىتىدە ئىگىلەيدىغان سالمىقى بىر قەدەر زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇنداق كارخانا ۋە زاۋۇتلار بولماي تۇرۇپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. تەخمىنەن 30 كاخانىنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىرسىلا ئەڭ ئاخىرقى قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى تاماملايدۇ ۋە پۈتكەن مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. يەنى مەلۇم بىر كارخانا پۈتكەن ۋە تاۋارلاشقان مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردى دېسەك، ئۇنى مال ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى 30 كارخانا بولغان بولىدۇ. مانا بۇ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرشتا مەھسۇلات زەنجىرىنىڭ بولۇشىنى تەكىتلىشىمىزنىڭ ئاساسى. مۇشۇنداق بىر مۇكەممەل، سىستېمىلاشقان مەھسۇلات زەنجىرى بولماي تۇرۇپ، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
مەھسۇلات زەنجىرىدىكى ھەرقايسى خىزمەت ھالقىلىرى ئۆزىنىڭ ئىنچىكلىگلىكى بىلەن بىر خىل ھۈنەر سەنئەت بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ھەر بىر نازۇك ئىش ھالقىسىنى قانچىكى ئەستايىدىل، ئىنچىكە، سۈپەتلىك ئورۇنداش شۇ ھۈنەر سەنئەتنىڭ باشقا زاۋۇت كارخانىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى ۋە رىقابەتچىلىرىنى يېڭەلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىچىك ئىشلارغا سەرپ قىلىنغان ماھارەتنىڭ ئوخشاشماسلىقى ئاخىرقى مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ھەر بىر ئىنچىكە ھۈنەر- سەنئەت بىر زاۋۇتنى تەشكىل قىلىپ تۇرىدۇ.
ياپونىيەدىكى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ئىچكى مۇھىتى شۇنچە پاكىز ۋە رەتلىك بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇننى تۇتسا قولغا توپا يۇقمايدۇ، ھەرقانداق يەردە ئولتۇرسا ھەتتا ياتسىمۇ كىيىمنىڭ مەينەت بولۇپ كېتىشىنى ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەرقانداق نەرسىنى قويىدىغانغا مەخسۇس ئورۇن بەلگىلەنگەن، ھەتتا ماڭىدىغانغا يۆنىلىش ۋە ئاياق ئىزى، پاسىل سىزىلغان، ھەرقانداق نەرسە ئۆز ئورنىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلىدۇ، ھېچقانداق بىر مەقسەتسىز، ۋاقىتلىق تاشلاپ قويۇلىدىغان نەرسە بولمايدۇ. كۆزگە ئاسان چېلىقمايدىغان كىچىك ئىش، ئۇششاق نەرسىلەرگىچە ھەممە ئىشنى مۇمكىن قەدەر نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق، ھەرقانداق كىچىك ھالقىلارغىچە سەل قارىماسلىق ياپونىيە كارخانىلىرىدىكى ھەممە كىشى بىردەك ئەمەل قىلىدىغان قاتتىق تۈزۈم ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە كارخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان چاغلىرىمدا 400 كىشىلىك بىر قۇرۇاشتۇرۇش سېخىغا مەسئۇل بولغان ئىدىم، سىخ ئىچىنىڭ رەتلىك ۋە پاكىز بولۇشى ماڭا قويۇلغان ئەڭ ئالدىنقى تەلەپلەرنىڭ بىرى ئىدى. مېنىڭدىن يۇقىرى باشقۇرغۇچىلار سېخقا خالىغان چاغدا كىرىپ تۇراتتى ۋە كۆرگەنلا يەردە كۆرسەتمە بېرەتتى. قىلنىمۇ قىرىق يېرىشقا توغرا كېلىدىغان بۇ خىل خىزمەت مۇھىتىدا مەنمۇ ھەر دائىم ھۇشيارلىقىمنى بوشاشتۇرماي، ھەر بىر كىچىك ھالقىلارغىچە دىققەت قىلاتتىم. قىلچىلىك زاپچاسلارنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشى؛ مەشغۇلاتچى خادىملارنىڭ بۆكىنى چېچىنى باستۇرۇپ كىيمەسلىكى تۈپەيلى بىرەر تال چاچ-قىلنىڭ قۇراشتۇرىلىۋاتقان زاپچاسلارغا ئارىلىشىپ قېلىشى؛ بارماقلىرىغا بارماققاپ كىيدۈرمەي زاپچاسلارنى تۇتۇپ، تەر يۇقىنى يۇقتۇرۇپ قويۇشىغا ئوخشاش ئىنچىكە ئۇششاق ھالقىلارغىچە ھەر دائىم دىققەت قىلىپ تۇراتتىم. بىر كۈنى زاۋۇت باشلىقى سېخنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدى-دە، يەرگە قاراپ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ ئۈنلۈك توۋلاپ كەتتى. بىرەر چاتاق بايقالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئالدىراپ يېنىغا بارسام، زاۋۇت باشلىقى ئالدىدىكى پولغا يىراقتىن زوڭزىيىپ قاراپ كېتىپتۇ. ماڭا بىر يەرنى كۆرسەتتى، كۆرسەتكەن ئورۇن ئالقاندەك جاي بولۇپ، باشقا جايدىن سەل پەل پارقىراق كۆرۈنەتتى. مېنىڭمۇ كۆرگەنلىكىمنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، زاۋۇت باشلىقى شۇ جايغا بېرىپ، چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پولغا چاپلىنىپ قالغان پىلاستىنكا چاپلىمىنى سويۇشقا باشلىدى، پولنى زەخمىلەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن يانچۇقىدىن كىچىك قەلەمتىرىچىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ سېپى بىلەن ئاۋايلاپ چاپلىمىنى سويۇۋالدى ۋە مېنى بۇنداق ئىشلارغىچە دىققەت قىلىشقا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولغان قۇرۇشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئورۇندايدىغان، پۈتكەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا كۆپ ھاللاردا توك يولى تاختىسى قۇراشتۇرۇش يەنى ئېلېكترونلۇق زاپچاسلارنى توك يولى تاختىسىغا داغماللاش مەشغۇلاتى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇمۇ يۇقىرى ماھارەت ۋە يۇقىرى زىچلىقتىكى مەشغۇلات بولۇپ، نۇرغۇن ئىشچىلارنىڭ قول ئەمگىكى ۋە مەلۇم نىسبەتتىكى ماشىنىلىشىش ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرىنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسى قانچىكى يۇقىرى بولغانسېرى ئۇنىڭ سۈپىتىگە بولغان كاپالەت شۇنچە يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. ماشىنىلىشىش مەشغۇلات ۋاقتىنى تېجەپ، ئاز ۋاقىتتا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. لېكىن، ماشىنىنىڭ ئىشسىز بىكار تۇرۇپ قېلىشى ياكى تولا قوزغىتىلىپ، تولا توختىتىلىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن خام ماتېرىيال ۋە ئېنېرگىيە ئىسراپ قىلىنغاننىڭ ئۈستىگە، ئىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز دەرىجىدە زىيان پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇنچە قىممەت باھالىق ماشىنا ئۈسكۈنىنىڭ قىممىتى مۇمكىن قەدەر بۇرۇنراق نەقلەشتۈرۈلمەي ئېلېكترون ساھەسىدىكى تېخنىكا يېڭىلىنىش سەۋەپلىك ھامىنى بىر كۈنى شاللىنىپ قېلىشتەك خەۋپ-خەتەر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىكار تۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقا زاۋۇتلاردىن ئوخشاش تۇردىكى مەشغۇلاتلارنى ئەرزان باھادا كىرگۈزۈپ ئىشنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەلگەن خام ماتېرىيالنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت باشقىلار ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدىغان تايانما ۋە ئۆزئارا باغلانما مۇناسىۋەت ھالىتى شەكىللىنىدۇ.
ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى تەلىپى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، ناھايىتى زور دەرىجىدىكى ئەستايىدىللىقنى ۋە ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتتتۇر. مەلۇم بىر خىل مەھسۇلاتنى قۇرۇشتۇرۇش سېخىنى مىسال ئالساق، قۇراشتۇرۇش ئاقما لىنىيەسىدە قۇرۇشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىدىغان خادىملارنىڭ سانى بىلەن تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىدىغان خادىملارنىڭ سانى ئاساسەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. بۇ، دەل بىر ئادەم قىلغان مەشغۇلاتنى يەنە بىر ئادەم تەكشۈرۈش تۇرىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. يەنە كېلىپ شۇ مەشغۇلات تاماملانغان چاغدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئەگەر بۇنداق تەكشۈرۈش قاتتىق ئېلىپ بېرىلمىسا، پۈتكەن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ قايسى ئىش ھالقىسىدا كۆرۈلگەنلىكىنى ئايرىشمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر مەشغۇلاتقا ئىزچىل تۈردە بىردىن تەكشۈرۈشنى سەپلەپ مېڭىش تولىمۇ نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ. مەن خىزمەت قىلغان ياپونىيە زاۋۇتلىرىدا سۈپەتسىز مەھسۇلاتنىڭ نىشان كۆرسەتكۈچى %1 بولۇپ، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە %3 سۈپەتسىز مەھسۇلات بايقالسا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى توختىتىشقا توغرا كېلەتتى، نىشانغا يېتىش ئاسانغا توخىتىمايتتى. مەھسۇلات باشتىن ئاخىرقى بارلىق تەكشۈرۈشلەردە لاياقەتلىك چىققاندىلا يېشىككە قاچىلىنىپ بىر ياقلىق قىلىناتتى، ئەگەر ئارىدىن بىرلا ئورۇندا لاياقەتسىزلىك كۆرۈلسە بۇنداق مەھسۇلات شۇ ئورۇندىلا ئايرىۋېتىلىپ قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش باسقۇچىغا كىرەتتى. مۇشۇنداق مەھسۇلاتلار %3 كە يەتكەن چاغدا يېرىم يولدا ئايرىۋېتىلگەن مەھسۇلاتلار ھەممىلا يەرنى ئىگىلەپ كېتىپ قويغۇدەك ئورۇنمۇ قالمايتتى. شۇڭا، %3 مەھسۇلات لاياقەتسىز چىققان ھامان نەق ۋاقتىدا داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا توغرا كېلەتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھسۇلاتنىڭ چىداملىقلىقغا بولغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، قۇراشتۇرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئىچىدىن پۈتكەنلىرى مەلۇم نىسبەتتە خالىغانچە ئايرىۋېلىنىپ مەھسۇلاتنىڭ چىدانلىقلىغى تەكشۈرۈلەتتى. بۇنىڭدا، شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشتىن كېيىنكى ئىشلىتىشتىن تارتىپ خوراش ۋاقتىغىچە بولغان سۈپەت كاپالىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇددەت ئىچىدىكى بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلۈپ، ياخشى ۋە ناچارلىقتىن ئىبارەت  تۇراقسىز ئامىللىرىنىڭ بار يوقلىقى تەكشۈرۈلەتتى. مۇشۇ خىل تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەھسۇلاتنىڭ كۈنۈپكىلىرى مەلۇم ئۈسكۈنىنىڭ ياردىمىدە نەچچە يۈز مىڭ قېتىم بېسىپ سىناق قىلىناتتى، توك مەنبە سىمى نەچچە ئون مىڭ قېتىملاپ تارتىلىپ ۋە قايرىلىپ بېقىلاتتى. نۆلدىن تۆۋەن 5 گىرادۇستا بىر ھەپتە، نۆلدىن يۇقىرى 40 گىرادۇستا بىر ھەپتە ئۈزۈلدۈرمەي خىزمەت قىلدۇرۇلۇپ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلەتتى. مەھسۇلات تەۋرەنمە تاختاي ئۈستىگە قويۇلۇپ، 48 سائەتلىك تەقلىدىي تەۋرەنمە ھالەتتىكى توشۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىپ، مەھسۇلاتنى توشۇش جەريانىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كاشىلا ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلاتتى. بىر مېتىر ئىگىزلىكتىن يەرگە تاشلىنىپ بۇزۇلۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈلەتتى، سۇ سېپىپ كۆرۈش، كىچىك تۆشۈكچىلىرىگە تەڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى سېلىپ بېقىش قاتارلىق خەتەرلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلاتتى، ھەتتا غەيرىي پۇراق چىقىرىدىغان چىقارمايدىغانلىقى، شاۋقۇن-سۈرەن چىقىرىدىغان چىقارمايدىغانلىقى قاتارلىقلارمۇ بىر بىرلەپ تەكشۈرۈلەتتى. بۇنداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن مەھسۇلاتلار تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆمرى خوراپ تۈگىگەن ھېسابلىنىپ بازغان بىلەن سوقۇلۇپ، پىرىسلىنىپ پارچە-پارچە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىناتتى، سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن مەھسۇلاتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ كېتىشى قاتتىق چەكلىنەتتى.
ئەگەر مۇشۇنداق چىداملىق تەكشۈرۈش باسقۇچىدا مەسىلە كۆرۈلسە، شۇ مەسىلە كۆرۈلگەن مەھسۇلات بىلەن ئوخشاش تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتتا مەسىلە بار دەپ قارىلىپ، شۇ مەھسۇلاتلار دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يىغىۋېلىنىپ قايتا ئوڭشاش تەدبىرى قوللىناتتى ياكى قايتىدىن يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىلەتتى.
ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ماركا ئوبرازىنىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، ياپونىيەدىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بەزى شىركەتلەرنىڭ بىرەرمۇ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى يوق ئەھۋاللارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازاردا ئاللىبۇرۇن تىكلىنىپ بولغان ماركا ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، باشقا ھەرقايسى زاۋۇتلار ئىشلىگەن مەھسۇلاتقا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بازار ئېچىش، پىلانلاش قاتارلىقلارنىمۇ ئۇلار ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ ئەلۋەتتە. نۇرغۇن نامى چىقمىغان زاۋۇتلار شۇلار ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ، شۇلارغا ئۆزىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ، داڭلىق ماركا ئورۇنلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەر خىل تەكشۈرۈشلىرىگە ماقۇل بولىدۇ. شۇڭا، زاۋۇت ئىچىدىكى قۇراشتۇرۇش سېخىدىن تارتىپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىغىچە، ھەتتا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سۈپەت ئېڭىغىچە بولغان بارلىق ئىنچىكە ھالقىلىرى داۋاملىق نازارەت قىلىنىپ، ئىزچىل تۈردە تەكشۈرۈپ تۇرۇلىدۇ.
  ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئاز سەرمايە بىلەن يۇقىرى پايدا يارىتىلىدىغان كەسىپ بولغاچقا، مەھسۇلاتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا يېتىپ بېرىش باھاسى ئوتتۇرسىدا ئاز بولغاندا بىر قاتلاش ھالىتى ساقلانغان بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ۋە كېيىنكى مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىق بولۇشى ئېلېكترونلۇق  مەھسۇلاتلارنىڭ بازار تېپىش ياكى تاپالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
  ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ئىككىلەمچى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خام ماتېرىيال  بىلەن تەمىنلەش، يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش، ئۆي مۈلۈك، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا، كەسىپلەر ئارىسىدىكى بىر قەدەر يۇقىرى زىچلىققا ئىگە بولغان شېرىكچىلىك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، بارچە كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئورتاق ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنىڭ  بىلەن شۇ كەسىپ زەنجىرى دائىرىسىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى شەكىللىنىدۇ. ئومۇمىي خەلقنىڭ كىرىمى ۋە تۇرمۇش ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ئاسايىشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىنىشى جەھەتتە تېخنىكا-كەشپىيات رىقابىتىدىن باشقا يەنە، ئەڭ زور كۆلەم ۋە ئەڭ زور مىقداردىكى تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى پايدىغا ئېرىشىش رىقابىتى كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ. يارىتىلغان پايدا قانچە چوڭ بولغانسېرى يېڭى تېخنىكا ئېچىش ۋە يېڭى مەھسۇلاتنىڭ سېتىش يولى، تەشۋىقاتى ۋە كېيىنكى مۇلازىمىتى شۇنچە تەرەققىيات كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەتتا سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. بولۇپمۇ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ تەشۋىقات ئېلانى تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، يېڭىلىقنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىقلا ئىستىمالچىلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا بولغان دەسلەپكى تونۇشى ئۆسۈپ، سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بىر خىل ئايلانما مۇۋازىنەت شەككىللىنىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىنىدۇ.
ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ جەلىپكارلىق كۈچى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ، ھەرقانداق بىر چەت-ياقا، ھەتتا نامرات رايونلاردىمۇ ئۇنىڭ خېرىدارلىرى بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان كارخانىلار تەبىئىي ھالدا ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ۋە پەقەت ئىستىمال قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىنى قان شورىغۇچ قۇرۇتتەك ئۆزىگە قارىتىۋالالايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىشلەپچىقىرالماسلىق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كەسپى يۇقىرى زىچلىقتىكى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان رايوندىكى كىشىلەرنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە، ئىنچىكە، زىل تېخنىكىلىق خىزمەت شۇ جايدىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ساپاسى ۋە تېخنىكا قارىشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. نەتىجىدە، شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز يۇرتى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىش، يېڭى ئىلغار تېخنىكا ۋە كەشپىيات ئىجادچانلىقىنى پەيدا قىلىش، بولۇپمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پارلاق يول ئېچىپ بېرىش جەھەتدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ  18999821701  
  2012-يىلى 4-ماي ئۈرۈمچى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-2-21 12:15:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››نىڭ 2013-يىللىق 2-سانى چىقتىما؟
ۋاقتى: 2013-2-21 12:37:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ  ژورنال  كەلگىچە  بۇنى  كۆرۈپ  تۇراي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش