Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]
Microsoft Office كوللېكتىپى 2012-يىلى 10-ئايدا Office 2013 RTM نەشرىنى تاماملىغان بولۇپ، 2013-يىلى 1-پەسىلدە Office 2013 نى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. Office 2013 گە يەنە 13 يېڭىدىن تىل ئارايۈزى قوشۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئانا تىلدا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. بەلكىم بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
ئالدىنقى يىلى مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشكەن بولسا، بۇ يىل نۇرغۇن قوللىنىشچان دېتاللار ئۇيغۇرچە يەرلىكلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر يېزىقى كومپيۇتېرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تەلتۈكۈس قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
مەنبە: ئالىم ئەھەد بىلوگى
|