يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 652|ئىنكاس: 3

خانىم ، سىز بايمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              خانىم ، سىز بايمۇ ؟
                                                      مارىيون دۇلان

     ئۇلار تۈگۈلگىنىچە ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى شامالدىن دالدىلىنىدىغان جايداتۇراتتى،ئۇ ئىككى شاكىچىكنىڭ كىيملىرى ئۇچىسىغا ئاران پاتقان.
     « ئىشلەتمەيدىغان گېزىت بارمۇ ، خانىم ؟»
     ئۇ ۋاقىتتا، مەن ئالدىراش ئىدىم،ئەسلى ئۇلارغا يوق دېمەكچى بولغان ئىدىم، لېكىن   ئۇلارنىڭ پۇتىدىكى قاردا ھۆل بولۇپ كەتكەن نېپىز پوپوچنى كۆرۈپ،ئۇنداق دېيەلمىدىم.
     « ھۇجرىغا كىرىڭلار، مەن سىلەرگە ئىسسىق كاكائۇ چېيى دەملەپ بېرەي.»
   ئۇلار ئۈن-تىنسىز ماڭا ئەگىشىپ ھۇجرىغا كىردى. مەشنىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ ھۆل پۇپۇچلىرى بىر قۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى. كۆڭلۈمدە بۇ قەھىرىتان سوغوقتا بىر ئاز دالدا بولسۇن دەپ قىززىق دەملەنگەن كاكائۇ چېيى ۋە مۇراببا بولكىسىنىئۇلارغا سۇندۇم.ئاندىن مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ،ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئەتىنىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتىم.
دالان ئۆيدىن ھېچقانداق شەپە چىقماسلىقى ماڭا ئازراق غەلىتە بىلىندى. مەن دالان ئۆيگە قارىدىم،قىز قولىدىكى ئاللىقاچان ئىچىپ تۈگىگەن چاي قۇتىسىغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇراتتى. «خانىم، سىز بايمۇ ؟» ئوغۇل بالا مۇلايىملىق بىلەن سورىدى.
«مەن بايمۇ ؟» مەن كىرىسلو ئۈستىدىكى ئاددىي ياپقۇچقا قاراپ قويۇپ، جاۋابەن: «پەرۋەردىگارىم، مەن باي ھېساپلانمايمەن.» دېدىم.  بۇ چاغدا،قىز ئىنتايىن ئېھتىيانچانلىق بىلەن قولىدىكى ئىستاكاننى تەخسىگە قويۇپ قويدى.
« ئىستاكانىڭىز بىلەن تەخسىڭىز بەك ماسلىشىپتۇ.»
    ئۇنىڭ چوڭ ئادەملەردەك ئىيتقان سۆزلىرىدىن بىر خىل تەشنالىق چىقىپ تۇراتتى.ئۇلار بىر قۇچاق قەغەزنى كۆتۈرۈپ شامالغا قارىشى يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ھەتتا بىر ئېغىز «رەھمەت»مۇ ئېيتمىدى.ھەئە، ئۇلارنىڭ رەھمەت دېيىشىمۇ بىھاجەت، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغىنى رەھمەتتتىنمۇ ئارتۇق . تولىمۇ ئاددىي، بىر جۈپ كۆك رەڭلىك فارفور ئىستاكان بىلەن تەخسە، لېكىن ئۇلار راستىنلا ماسلاشقان.
    مەن قازاندا دۈملىنىۋاتقان بەرەڭگىگە قاراپ باققاندىن كېيىن، قىيمىنى يەنە بىر قېتىم ئارلاشتۇردۇم. يەيدىغانغا بەرڭگە ۋە قىيما شورپىسى ،تۇرىدىغانغا ئۆي بار، ئېرىمنىڭ ياخشى ھەم مۇقىم خىزمىتى بار ــ بۇلار، ھەممە-ھەممىسى ھەقىقەتەنمۇ ماسلاشقان.
       مەن ئورۇندۇقنى مەشنىڭ يېنىدىن كەينىگىرەك تارتىپ قويۇپ، ئۆينى بىر قۇر تازىلىدىم. يەردىكى ئاياق ئىزى تېخى قۇرىمىغان ئىدى. شۇنداق، مېنىڭ ئۇ ئىزلارنى يوقاتقۇم يوق، ئۇلار ماڭا ئۆزۈمنىڭ باي ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمنى ئەسكەرتىدۇ.
           مەنبە: «ئېنگىلىزچە ئەدەبىي تەرمىلەر »ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق10- سانىدىن ئېلىندى.
           تەرجىمان : ئاقسۇ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن               ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات
             تېلفۇن:13657567811
   阿克苏市工商行政管理局  阿不都克依木.沙木沙克译文



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-9 19:16  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-23 19:48:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Lady, Are You Rich?

They huddled inside the storm door—two children in ragged outgrown coats.

"Any old papers, lady?”

I was busy. I wanted to say no—until I looked down at their feet. Thin little sandals, sopped with sleet.

"Come in and I'll make you a cup of hot cocoa.”

There was no conversation. Their soggy sandals left marks upon the hearthstone. I served them cocoa and toast with jam to fortify against the chill outside. Then I went back to the kitchen and started again on my household budget.

The silence in the front room struck through to me. I looked in. The girl held the empty cup in her hands, looking at it. The boy asked in a flat voice, "Lady . . . are you rich?"

“Am I rich? Mercy, no!"

I looked at my shabby slipcovers. The girl put her cup back in its saucer—carefully.

“Your cups match your saucers."

Her voice was old, with a hunger that was not of the stomach. They left then, holding their bundles of papers against the wind. They hadn't said thank you. They didn't need to. They had done more than that. Plain blue pottery cups and saucers. But they matched.

I tested the potatoes and stirred the gravy. Potatoes and brown gravy, a roof over our heads, my man with a good steady job—these things matched, too.

I moved the chairs back from the fire and tidied the living room. The muddy prints of small sandals were still wet upon my hearth. I let them be. I want them there in case I ever forget again how very rich I am.



ۋاقتى: 2013-2-23 20:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلىزچە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغىنىڭىزنى ئۆزى نەتىجە. بىراق بۇ تەرجىمىڭىز خام بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
مەسلەن:

Her voice was old, with a hunger that was not of the stomach. They left then, holding their bundles of papers against the wind.
دىگەننى:
ئۇنىڭ چوڭ ئادەملەردەك ئىيتقان سۆزلىرىدىن بىر خىل تەشنالىق چىقىپ تۇراتتى.ئۇلار بىر قۇچاق قەغەزنى كۆتۈرۈپ شامالغا قارىشى يۈرۈپ كەتتى.

دىسەك بولارمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-23 21:18:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكزات يوللىغان ۋاقتى  2013-2-23 19:48
Lady, Are You Rich?

They huddled inside the storm door—two children in ragged outgrown coats.

ئۇنداق دېسەكمۇ بولىدىكەن ، رەھمەت سىزگە. بولسا تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرىىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش