يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 591|ئىنكاس: 1

ئەسىرنىڭ قايتىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              ئەسىرنىڭ قايتىشى  
                                        ئاندىرىي مائۇرويىس  ( فىرانسيە)

     بۇ ھېكايە 1945-يىلى گىرمانىيەدىن ئېلىپ مېڭىلغان فىرانسىيە ئەسىرلىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىدىكى پويىزدا يۈز بەرگەن. بۇ ئەسىرلەر  گەرچە ئىنتايىن چارچىغان بولسىمۇ ،لېكىن شۇنداق ھاياجانلانغان ھەم خوشال .چۈنكى ئۇلار    5يىللىق سەرگەردانلىقتىن كېيىن ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى ،ئۆيىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆرىدۇ.

    كۆپىنچە ئەسىرلەرنىڭ يۈزلىرىدە ئەكىس ئەتكىنى بولسا ،بىر ئايالنىڭ سىيماسى. ئۇلار ئازراق خاتىرجەمسىزلەنگەن، مىھىرلىك ۋە تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئايالى ياكى سۆيگۈنىنى ئەسلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ پات ئارىدا كۆرۈشمەكچى بولغان مەھبۇبىلىرى يەنە ئاۋالقىدەكلا ساداقەتمەنمىدۇ ؟ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يالغۇز تۇرمۇشنى ئۇلار نېمىلەرنى قىلىپ  ئۆتكۈزگەندۇ؟ ئۇلار بىلەن ئاۋۋالقى تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلاش مۇمكىن بۇلارمۇ ؟
     ۋاگوننىڭ بىر بۇلۇڭىدا ، ئۇرۇق،ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ،كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئۇزۇنتۇرا كىشى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىسمى رېناد لېمارىي بولۇپ، ئۆيى پېرگورد دېگەن جاينىڭ شاردېل دېگەن يېرىدە ئىدى.پويىز كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ مېڭىۋاتاتتى، ئۇ قوشنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى:
   «سەن توي قىلغانمۇ، ساتۇرنىن ؟» «نېمىشقا قىلمىغۇدەكمەن، ئەلۋەتتە قىلغان، ئۇرۇش بولۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇن. ئۇنىڭ ئىسمى مارسىي. ئۇنى كۆرۈپ باقامسەن ؟» ساتۇرنىن ئىچ يانچۇقىدىن بىر كونىراپ رەڭلىرى ئۆچۈپ كەتكەن خىرۇم پورتىمالىنى ئېلىپ، مەغرۇر ھالدا بىر پارچە كونا سۈرەتنى چىقاردى.« ئۇ بەك چىرايلىقكەن،»دېدى لېمارىي،«ئەجەبا سەن ھازىر قايتىپ بېرىشتىن ئەنسىرىمەمسەن ؟»«ئەنسىرەش؟ خوشاللىقتىن ئۆتۈم يېرىلىپ كېتەي دەۋاتسام،نېمىگە ئەنسىرىگۈدەكمەن؟» « چۈنكى ئۇ چىرايلىق ، ئۇ يالغۇز ، يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا ئەرلەرمۇ بار ......» «ئەجەبا سەن ئۆزۈڭنىڭ ئايالىغا ئىشەنمەمسەن ؟»
     «ياق،مەن ئايالىمغا باشقىلاردىنمۇ بەكرەك ئىشىنىمەن.ھەي، بىز توي قىلغىلى ئالتە يىل بولدى، ئارىمىزدا بىرەر قېتىممۇئازارلىشىش بولۇپ باقمىغان.»
«ھوي،شۇنداقمۇ ؟»
«مېنىڭچە بۇ بىر خاراكتېر مەسىلىسى،»دېدى لېمارىي.« مەن بەزى ئادەملەر بىلەن ئوخشاش، ئۆزۈمنىڭ ئۇنچە تەلەيلىك ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەيمەن. ماڭا نىسبەتەن،خېلىن بەك ياخشى،بەك چىرايلىق ،بەك چېچەن. ئۇ مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، قىلالمايدىغان ئىشى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن دائىم مۇنداق ئويلايمەن: ئۇرۇش مەزگىلىدە، يۇرتۇمدا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ئاۋام بار ھەم ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەندىن ياخشىلىرى چوقۇم بار، بەلكىم چەتئەللىك،بەلكىم بىرلەشمە ئەسكەر. كەنىت بويىچە ئەڭ چىرايلىق قىز ،ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ دېققىتىنى تارتماي قالمايدۇ.»
«ھەي، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ئەگەر ئۇ سېنى ياخشى كۆرسە ......»
«ھەئە، ئەلۋەتتە شۇنداق. لېكىن سەن 5يىللىق يالغۇز تۇرمۇشنىڭ تەمىنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسەن ؟ شاردېل ئۇنىڭ يۇرتى ئەمەس ، بەلكى مېنىڭ يۇرتۇم .ئۇ يەردە ئۇنىڭ ھېچبىر ئۇرۇق-تۇققىنى يوق ، شۇڭا سىرتقى دۇنيانىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچى ئەلۋەتتە كۈچلۈك بولىدۇ.»
    «ياق ، بۇ گېپىڭ توغرا بولمىدى،»دېدى ساتۇرنىن،«ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولدى دەپ پەرەز قىلايلى،پەقەت ئۇ ئۇنتۇپ كەتسىلا ــ بۇنىڭ يەنە نېمە مۇناسىۋىتى ؟ پەقەت مەسىلە ئۆزەڭدە. ئاڭلا ، باشقىلار ماڭا مارسىنى ئۇنداق بۇنداق دېيىشى مۇمكىن،مەن ئۇلارغا’ئاغزىڭنى يۇمۇش! ئۇ مېنىڭ ئايالىم؛ ئىلەىرى دېگەن ئۇرۇش مەزگىلى ئىدى،ئۇ ياپيالغۇز،ھازىر ئازاد بولدۇق ‘دەيمەن. ئىلگىرى يوقاتقانلىرىمىزنى ئەمدى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ۋاقتىمىز بولدى.»
    « مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن،»دېدى لېمارىي . « مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئەگەر شۇنچىكى بىر ئەرزىمەس ئىش بولسىمۇ  بايقاپلا قالىدىغان بولسام ......» « قانداق قىلىسەن ــ ئۇنى ئۆلتۈرۋېتەمسەن ؟»«ياق،ھېچنىمە قىلمايمەن، ھەتتا تىلمۇ تەككۈزمەيمەن. يىراقلارغا كېتىمەن، باشقا يۇرتقا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرىمەن. مال-دۇنيا، ئۆي-زېمىننى ئۇنىڭغا قالدۇرىمەن ــ ھېچنىمە ئالمايمەن. مېنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكتىن خەۋىرىم بار ، يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن. بەلكىم بۇ بىر ئەخمەقلىقتۇر،لېكىن بۇ دەل مېنىڭ ياشاش ئۇسۇلۇم : ياكى ھەممىگە ئېرىشىش ياكى ھەممىدىن قۇرۇق قېلىش.»
پويىز گۈرۈلدىگىنىچە مېڭىۋاتاتتى ،چاقلىرى رېلىسقا ئۇرۇلغاندا تاراق-تارق قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئىككىيلەن جىمىپ قالدى.
مىھرىبان ھەم ئەقىللىق شاردېل شەرىنىڭ شەھەر باشلىقى رېناد لېمارىينىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، شەخسەن ئۆزى بېرىپ  لېناردنىڭ ئايالىغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئۇ لېناردنىڭ ئايالىنىڭ گۈللۈكتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
   «لېمارىي خانىم، ھەممەيلەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئېرىڭىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىرىنجى بولۇپ ئۇقتۇرغۇچى بولغىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن. سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەشەمەتلىك كۈتىۋېلىش زىياپىتى ھازىرلايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن.سىز بىز باشقىلاردەك، كۈندە دېگۈدەك ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۋاتىسىز، لېكىن بۇنداق كاتتا ئىشنى......»
«توغرا ئېيتتىڭىز، شەھەرباشلىقى ئەپەندىم. مەن چوقۇم لېناردقا بىر ئالاھىدە كۈتىۋېلىش زىياپىتى تەييارلايمەن.20-چىسلا دېدىڭىزما؟ سىزچە ئۇ بۇيەرگە قاچانلاردا يېتىپ كېلەر ؟»
« ئەڭ بالدۇر دېگەندىمۇ چۈشتە كېلەلىشى مۇمكىن.»
«سىزگە ۋەدە بېرەي، شەھەر باشلىقى ئەپەندىم،ئۇ چوقۇم مول چۈشلۈك غىزا بىلەن غىزالىنىدۇــ سىزنىڭ كەلگىنىڭىزدىن ،مەن تولىمۇ مىننەتدارمەن.»
20چ-چىسلا تاڭ سەھەر،خېلىن لېمارىي سائەت ئالتىدىلا ئورنىدىن تۇردى. بۇ كېچە ئۇ پەقەتلا كىرپىك قاقمىغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى، ئۇ پۈتۈن ھويلا-ئارامنى سۈپۈردى،گۈللۈك پول خىشلىرىنى يۇيپ تازىلىدى،ئۆي جاھازلىرىنى ئېيتىپ پارقىرىتىۋەتتى،دېرىزە پەردىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىرايلىق يىپەك لىنتىلارنى ئاستى.ئۇ ئىچ كىيىملىرىنى بىر قۇر مالتىلاپ بېقىپ، ئاخىرى ئۇ يالغۇزلۇقىدا پەقەتلا كىيىپ باقمىغان يىپەك ئىچ كىيىمىنى تاللىدى. ئۇ قايسى كىيىمنى كىيىشى كېرەك ؟ ئۇ نىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئاق-يېشىل گۈلى بار  كۆڭلەك ئىدى ،لېكىن كىيىپ سىناپ باققاندىن كېيىن ، كۆڭلەك بېلىنىڭ بەكمۇ كەڭ كېلىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇزۇن يىللىق نامراتلىق ئۇنىڭ تىنىنى خېلىلا جۈدەتكەن ئىدى. ياق،ئۇ يەنىلا ئۆزى تىككەن قارا كۆڭلىكىنى كىيسە،ئوچۇق رەڭلىك  گالىستۇكى ۋە تاسمىسىى بىلەن ماسلاشتۇرسىمۇ، چىرايلىق كۆرىنەتتى.
چۈشلۈك تاماقنى تەييارلاشتىن بۇرۇن ، خېلىن ئېرى ياخشى كۆرگەنلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بىر قۇر ئېسىگە ئالدى. لېكىن 1945-يىلىدىكى فىرانسىيەدە، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەختىگە يارىشا،ئۇنىڭ بىر قانچە مىكيانلىرى بار، يەنە تېخى يېڭى تۇخۇم. ئۇ ئىلگىرى دائىم ئايالى ئەتكەن تورت پىرەنىكنىڭ باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىنمۇ تەملىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. شاكىلات پىرەنىكچۇ ؟ توغرا، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغىنى، لېكىن قەيەردىنمۇ شاكىلات سېتىۋالغىلى بولار ؟ بىر دوستى ئۇنىڭغا قوشنا شەھەردە ،مىلىچ-مال سودىگىرى قاراڭغۇ بازار شەكلىدە شاكىلات ساتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    «ئەگەر مەن سائەت8 دە قوزغالسام ، 9 لارغىچە قايتىپ كېلىپ بولىمەن. مېڭىشتىن بۇرۇن ھەممىنى تەييارلىۋېتەي،قايتىپ كەلگەندىن  كېيىن ئېتىشكە تۇتۇنساملا بولىدۇ.»
   ئۇھەم خوشال ھەم ھاياجان. ئۇ گۈزەل بىر كۈن ئىدى،سەھەرنىڭ قوياشى ئەزەلدىن تاغ جىلىسىنى بۇنچە يورۇتمىغان ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن دەستۇرخاننى سالغاچ:«ئاق قىزىل كاتەكلىك دەستۇرخان، سەن ئىككىمىزنىڭ ئۆز ئائىلىمىزدە تۇنجى غىزالانغاندا سېلىنغان ؛ توخۇڭ رەڭلىك پىلاستىنكا،ئۈستىدىكى رەسىملەر دائىم ئۇنى كۈلدۈرەتتى؛ بىر قۇتا كۆپۈك چىقىپ تۇرغان ئسىل ھاراق ـــ بولۇپمۇ گۈللەر . ئۇ دائىم ئۈستەل ئۈستىدە گۈل بولۇشىنى ياقتۇراتتى. ئۇ دائىملا مەن پەرۋىش قىلغان گۈللەرنىڭ باشقىلارنىڭكىدىنمۇ بەك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى دەيتتى.»
ئۆيىدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ ۋېلسىپىتىگە مىنىپ تۇرۇپ، ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن ھۇجرىغا قارىدى، شۇنداق،ھەممە شۇنداق نۇقسانسىز كۆرىنەتتى. ئۇزۇن يىللىق جاپا مۇشەققەتتىن كېيىنمۇ، رېناد ھەيرانلىق ھەم خوشاللىق گىرەلەشكەن ھالدا ، ئۆيى بىلەن ئايالىنىڭ قىلچە ئۆزگرمىگنلىكىنى كۆرىدۇ.ئۇ دېرىزىسى ئارقىلىق، ئۆيىدىكى چوڭ ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىۋاتاتتى. ئېھتىمال بەك ئورۇق،لېكىن يەنىلا ياش ، چىرايلىق. ئۇ ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولۇپ كەتتى.
لېمارىينىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ،ئۇ كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان ئورۇق ئەسكەر گۈللۈككە كىرىپ كەلگەندە پەقەتلا بىر قوشنىسى ئۇنى كۆردى. ئۇ بىردەم تۇردى،ھەسەل ھەرىلىرى چاڭىلداۋاتقان، يورۇقلۇق ۋە بەخىت ئۇنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى،رەڭگارەڭ گۈللەر ئۇنى مەست قىلاتتى. ئۇ پەس ئاۋازدا چاقىردى :
« خېلىن!»
«خېلىن!ــخېلىن !»
ئەتراپتىكى جىمجىتلىق ئۇنى قورقۇتتى، يېقىن كېلىپ سىنچىلايتى، دېرىزىسىدىن ئۇ ئىككى ئادەم ئۈچۈن تەييارلانغان تاماق شىرەسى ،دەستە گۈل ۋە ھاراقنى كۆردى. ئۇ قاتتىق زەربە يېگەندەك ھېس قىلدى، تامغا يۆلىنىپلا قالدى.
« ئاھ پەرۋەردىگارىم.» ئۇ چوقۇم شۇنداق ئويلىدى. « خېلىن يالغۇز ئەمەسكەن!»
ئۇزۇن ئۆتمەي، خېلىن قايتىپ كەلدى. قوشنىسى ئۇنىڭغا :«مەن سىزنىىڭ رېناردىڭىزنى كۆردۈم. ئۇ يول ياقىسىنى بويلاپ يۈگرەپ كېتىپ قالدى. ئۇنى چاقىرسام ،ئۇ قايتىپ كەلمىدى.»
«ئۇ يۈگرۈپ كەتتىمۇ ؟ قايسى تەرەپكە ؟»
«سىۋىيېر تەەرپكە.»
خېلىن شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىگە ئۇچتى ،لېكىن شەھەر باشلىقى ھېچنىمىنى بىلمەيتتى.
« مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن،شەھەر باشلىقى ئەپەندىم،رېنارد كۆرۈنۈشتە بەك چىداملىق كۆرۈنگىنى بىلەن ، لېكىن ئۇ كۈنىسى يامان، سەزگۈر ئادەم.ئۇ ئىككى كىشىلىك تاماق شىرەسىنى كۆرۈپ ، بۇ شىرەنىڭ ئۆزىگە تەييارلانغانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن.بىز ئۇنى دەرھال قايتىدىن  تېپىشىمىز كېرەك،شەھەر باشلىقى ئەپەندىم،چوقۇم ئۇنى تېپىشىمىز كېرەك . ئۇ بەلكىم مۇشۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن. مەن ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن. »
شەھەر باشلىقى سىۋىيېر بېكىتىگە ئادەم ئەۋەتتى،ساقچىغا مەلۇم قىلدى.لېكىن رېناد لېمارىي غايىپ بولدى. خېلىن پۈتۈن كېچىدە شىرە يېنىدا ئولتۇردى،شىرە ئۈستىدىكى گۈللەر بولسا ئىسسىقتا سولىشىپ قالغان ئىدى.


    مەنبە: «ئېنگىلىزچە ئەدەبىي تەرمىلەر »ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 10-سانى (كېيىنكى يېرىم يىللىق توپلام)دىن ئېلىندى.
      تەرجىمان : ئاقسۇ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات
   阿克苏市工商行政管理局  阿不都克依木.沙木沙克译文

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 23:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-23 19:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
The Prisoner‘s Reture

 The story begins in 1945 in a train bringing French prisoners back from Germany. They were exhausted but excited and happy because they knew that at last, after five years‘ absence they were again going to see their own country, their homes, their families.

  Mirrored in the minds of most of them was the face of a woman. They thought-of-her, wife-or-sweetheart, lovingly, hopefully, some anxiously. Would they find her still the same, faithful? What had she been doing during that long solitude? Would it be possible to start the old life over with her?

  In one corner of the compartment sat a tall, thin man, with a passionate face and flashing eyes. He was Renaud Leymarie, a native of a town in Perigord we shall call Chardeuil. As the train rolled through the night he talked with his neighbour:

  "Are you married,Saturnin?"

  "Why, certainly I’m married. Two years before the war. Her name is Marthe. Want to see her?"

  Saturnin drew from his inside pocket a worn, greasy wallet and proudly displayed a torn photograph.

  "She‘s magnificent," said Leymarie. "Aren’t you worried about coming back?"

  "Worried? I‘m tickled to death. Why be worried?"

  "Because she’s pretty, because she was alone, because there are so many other men...."

  "Aren‘t you sure of your wife?"

  "Yes -- at least, I was, perhaps more than anyone. Why, we’d been married six years and there was never a word between us."

  "Well, then...?"

  "It‘s a matter of temperament, I guess," Leymarie said. " I’m one of those fellows who can never quite believe their own good luck. Always I‘ve felt that Helene was too good for me, too pretty, too intelligent. She’s an educated girl. She can do anything. So I‘ve thought to myself, during the war there were a lot of refugees at our house and, among them, there would be better fellows than I. Perhaps foreigners, Allies. The best-looking girl in the village would certainly have caught their eye."

  "Well, so that? If she loves you...."

  "Oh, sure. But can you imagine what it’s like to be alone for five years? Chardeuil isn‘t her home, it’s mine. She has no people there. So temptation must have been strong."

  "No, I‘m sure you’re wrong," said Saturnin."And suppose something did happen? What difference does that make -- if she has forgotten it? If it‘s only you that matters? Look, they might tell me that Marthe....Well, I’d just answer,‘Not one more word! She’s my wife; it was wartime, she was alone; now there is peace.‘ We’d pick up where we left off."

  " I‘m not like that," said Leymarie." If I were to find out, when I get back, that there was the least little thing." " What would you do...Kill her?" " No, I wouldn’t do anything. Not a single reproach. I would disappear. I would go somewhere else to live, under an assumed name. I would leave her my money, my house -- I don‘t need anything, I have a trade. I would make a new life. Perhaps that’s stupid, but that‘s the way I am: all or nothing."

  The locomotive whistled, there was the click of steel wheels passing over switches. The men fell silent.

  When the mayor of Chardeuil, fatherly and wise, received the official announcement that Renaud Leymarie would return on August 20, he decided to go himself to inform Renaud’s wife ahead of time. He found her working in her garden.

  " Everyone loves you, Madame Leymarie. And it makes me very happy to be the first to tell you of your husband‘s return. I know you will want to give him a royal welcome. Like the rest of us, you don’t eat well every day, but on such an occasion at this...."

  "You are right. Mr Mayor. I‘ll give Renaud a fine welcome. You said the 20th? What time do you think he will get here?"

  "About noon, at the earliest."

  "I assure you, he’ll have a fine dinner, Mr Mayor -- and I am grateful for your visit."

  On the morning of the 20th Helene Leymarie arose at six o‘clock. She hadn’t slept at all. The day before she had cleaned the whole house, scrubbed the tile floor, made the boards shine, put fresh ribbons around the window curtains. She had looked over her underwear and lovingly chosen the silk, which she had never worn during her long solitude. What dress should she wear? The one he liked best in the old days was a blue-and-white print. But when she tried it on she saw with distress that the waist hung loose, so thin had her body become from the years of privation. No, she would wear a black dress which she had made herself, and brighten it with a gay collar and belt.

  Before preparing the dinner, she thought of all the things he used to like. But in France in 1945 so many things could not be had. Luckily she had some fresh eggs, thanks to her chickens, and he always used to say that she made omelets better than anyone else. A chocolate dessert? Yes, that was what he liked best, but where could one get chocolate? Then a friend had told her of a grocer in the next town who sold chocolate " under the counter".

  "If I leave at eight, I can perhaps be back by nine. I‘ll get everything ready before I go, so that when I return I will only have to do the cooking."

  She was gay and excited. It was a beautiful day. Never had the morning sun over the valley been so bright. Singing, she set the table: "the red-and-white-checked table-cloth that was the one we had at our first dinner in our own home. The pink plates with the pictures that used to make him laugh. A bottle of sparkling wine -- and above all, some flowers. He always loved flowers on the table and he used to say that I arranged them better than anyone else."

  Then before she left the house she leaned on her bicycle and gazed through the open window at the little room. Yes, everything looked just perfect. After so much misery, Renaud would be surprised and delighted to find his home and his wife so little changed. Through the window she looked at herself in the big mirror. A little too thin, perhaps, but still fair and young. She was bursting with happiness.

  The little Leymaire house was set apart at the very end of the village, so that an hour later only a neighbor saw the thin soldier with burning eyes when he slipped into the garden. He stood there a moment, dazzled by the light and his happiness, intoxicated by the beauty of the flowers listening to the buzzing of the honeybees. Then he called softly:

  "Helene!"

  No answer.

  "Helene! -- Helene!"

  Frightened by the silence, he came closer. Then through the window he saw the table set for two, the flowers, the bottles of wine. He felt mortally wounded and had to lean against the wall.

  "Good Lord!" he must have thought." She is not alone!"

  When Helene returned, a short time later, the neighbor called to her:" I’d seen your Renaud. He was running along the road; I called to him, but he wouldn‘t come back."

  "He was running?Which direction?"

  "Toward Thiviers."

  She rushed to the mayor’s house, but he knew nothing.

  " I‘m so afraid, Mr Mayor. Renaud, with all his hardboiled appearance, it is a jealous, sensitive man. He saw the table set for two. He couldn’t have known it was for him that I had set it. We must find him again at once. My Mayor, we must! He might never come back, and I love him so much!"

  The Mayor sent a man to the Thiviers station and alerted the police. But Renaud Leymarie had disappeared. Helene sat all night long by the table, where the flowers were drooping in the heat.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش