يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 864|ئىنكاس: 6

يازغۇچىلار مۇنبىرىگە تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ ئەزالىق ھوقوقىنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىمىغان ۋاقىتتا بۇ ئەزانىڭ يازما كۆرۈش ھوقوقى بولمامدۇ؟بۇ مېنىڭچە قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس.ئەزالارنىڭ ھوقوقىنى بەلگىلەش تېخى تولۇق ئەمەلگە ئاشماپتۇ،موشۇ جەھەتتە ئازراق ئويلىنىش قىلغان بولساڭلار.
2.يازغۇچىلار لوغىتى سەھىپىسىگە ئىنكاس يېزىش چەكلەنگەن بولسا ياخشى بولاتتى.لېكىن ھازىرغىچە بۇ سەھىپىگە يازما يوللىغىلى بولىدىكەن.بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ لۇغەتكە ئوخشىماي قالامدىكىن دەيمەن.
پىكرىم ئارتۇقچە بولسا ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-5 16:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تۇلۇقلاي:
1-كونامۇنبەردە بەت يۈزىدە تېمىلار كۆپ ئىدى، يېڭى مۇنبەر بەك كىچىك ئىكەن، ئازغىنە ئەسەربىلەنلا تۇلۇپ قاپتۇ.
2- تېما يوللىساق نەدىن يوللايمىز؟ كونامۇنبەردە ئوخشىمىغان سەھىپىلەر بارئىدى، تېمىلارنى ماس سەھىپىگە يوللايتۇق، يېڭى مۇنبەردە سەھىپىمۇ يوق، پەقەت «تېمايوللاش» دېگەن كۆزنەكلا بارئىكەن، شۇنداق بولغاندا ھەممە ئەسەرنى مۇشۇبىركۆزنەكتىنلا قاراقۇيۇقلا يوللايمىزمۇ؟
3-يازغۇچىلار لوغىتىنى ئايرىم بىركۆزنەك قىلىپ، مۇشۇكۆزنەكنى چەكسەك ئاندىن بارىلىق يازغۇچىلارنىڭ مەلۇماتىنى كۈرۈدىغان قىلغان بولسا، مۇنبەر بەت يۈزى ئىسراپ بۇلۇپ كەتمەيتى دەپ ئويلۇدۇم. كۈرۈپ بېقىڭچۇ، بەت يۈزىدىن شۇنچە ئاز مەزمۇنلارنىلا كۈرىمىز. بىز كۈندۈلۈك يېڭى تېمىلارنى كۈرۈش ئۈچۈن كىرىمىز، شۇڭا «يېڭى تېمىلار» دېگەن بۇكۆزنەك ئەڭ چوڭ ۋە ئاساسلىق بۇلۇشقا تېگىشلىك.
4- يازغۇچىلار لوغىتىدىن بىرنەچچە يازغۇچىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى ئۇقۇدۇم، مەسىلەن: ئەختەم ئۈمەرنىڭ ئەھۋالىدا رىسالەت مەردان يوللىغان مەزمۇندا 1962-يىلى تۇغۇلغان دىيىلىپتۇ، «يانغىن» يوللىغا تېمىدا 1963-يىلى تۇغۇلغان دىيىلىپتۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم مەزمۇنلاردا ئوخشىمىغان مەلۇمەتلار تۈزۈتۈلسە، ياكى يازغۇچىلار جەمىيىتى شۇيازغۇچى ئۈزى تولدۇرغاننى ئاساس قىلسا، (بۇلتۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەممەيلەندىن شۇنداق بىرجەدۋەللەرنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانغۇ)، مېنىڭچە بۇ كىچك ئىش ئەمەس.
5- «يازغۇچىلار ئىكرانى»« ئىجادىيەت خەۋەرلىرى» دېگەن كۆزنەكلەر پەقەت بىركىچىكلا كۆزنەك بولسىلا كۇپايە، بىز بۇنىڭدىكى مەزمۇنى كۆرمەكچى بولساق، شۇكىچىك كۆزنەكنى چەكسەكلا ئاندىن ئىچىدىن چوڭ سەھىپىلەر ئېچىلسا، ئىچىدىكى مەزمۇننى كۆرسەك، شۇنداق بولغاندا ئاساسى بەت يۈزىنى ، بۇلۇپمۇ « يېڭى تېمىلار» سەھىپىسىنى تېخىمۇ چوڭ ۋە تېمىلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ ئويلۇدۇم.
بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم خالاس. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 16:47  


ۋاقتى: 2012-4-5 17:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ يېڭى مۇنبەر يېڭىدىن ئېچىلغاچقا بەزىبىر كەمچىلىكلەردىن خالى بولمىغى تەس. مۇنبەرنى مۇشۇنچىلىك ھالەتكە ئەكىلىپ كەڭ جامائەتكە سۇنۇشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. يۇقۇرىدا تورداشلار دېگەن مەسلىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەل بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ يېڭى مۇنبەر ناھايىتى سىپتا چىقىپتۇ، ئېچىلىشىمۇ تېز ئىكەن.

ۋاقتى: 2012-4-5 17:43:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yadikar يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 16:44
مەنمۇ تۇلۇقلاي:
1-كونامۇنبەردە بەت يۈزىدە تېمىلار كۆپ  ...


يادىكار! سىز باش بەتتە يۇرگەن ئوخشايسىز، باش بەت تېخى ياسىلىپ بولمىدى.ياسىلىپ بولغاندا ئاندىن مەسلىھەت بېرىڭلار، ھازىر مۇنبەرگە كىرىڭ بۇ مۇنبەر مېنىڭچە خېلى مۇكەممەل بولدى. سىز دىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇنبەردە بار.

مۇنبەر ئادرىسى:forum.php

باش بەت ئادرىسى:portal.php

ۋاقتى: 2012-4-5 19:20:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى مەن دېمەكچى بولغان يەرگەكىردىم، كۆردۈمكى دەل مەن تەكلىپ بەرگەننىڭ ئۈزى ئىكەن.
يىتەكلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندى.

ۋاقتى: 2012-4-5 19:41:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئشنى سۇراپ باققۇم كەلدى. «تىما يوللاش» سەھىپىسىدىن (يازما يوللاش) ئارقىلىق بىر پارچە شېئىر ئەۋەتسەم بىر ئابزاس بۇلۇپ شېئىرغا ئوخشىمايدىغان چىقىپ قالدى . تەھرىرلەپ باقساممۇ ئوخشاش. ياكى تەستىقلىنىپ قالسا ئاندىن ئوڭشىلامدۇ-يە؟... تازا بىلەلمەي قالدىم. بىرەرسىڭلا چۇشەنچە بەرگەن بولساڭلا مىننەتدار بۇلاتتىم!...

ۋاقتى: 2014-5-23 20:06:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مۇنبىرگە تۇنجى قېتىم ئەسەر يوللىشىم ئىدى . ئىككى قېتىم يوللىساممۇ تېمامنى يەنە ئەخلەتخانىدا كۆردۈم. يىڭى ئەزا بولغاچقا بىلمىگەنلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ قويار دېسەم ئۇمۇ يوق. سىلەرنىڭ داڭقى يوق ئادەملەرنىڭ تېمىسىنى تەستىقلىمايدىغان ئادىتىڭلار بارمۇ قانداق ؟! يا بۇ «گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دېگىنىڭلارمۇ ؟ بىلمىگەننى سورىدىم ،چۈشەنچە بىرەرسىلەر ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش