ximal
ئىگىسى: zeperi

خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  500
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 22:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        بۇ مۇسىبەت خەۋىرىگە ئىشەنمەككە ئىلاجىم يوق،رىسقى شۇنچىلىك ئىكەن.3 @+ |( q/ C/ P3 x+ \9 N+ [+ Z3 I
        تۇداخۇن روزى زېھنى ئۇچۇق چاخچاقلىرىمىزدىن ئىدى،سەنئەت بېغىمىزدا ئۆزىگە خاس ئورنى بار خەلق سەنئەتكارى ئىدى.& }9 j" ]- V% c9 J( x
        ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگىمىزنىڭ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلىشىنى تىلەيمىز!! D) y! N4 ^5 ?2 Z

) R3 ?: l2 |, b

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 22:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىگەم مەرھۇمغا جەننەت ئاتا قىلغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2365
تۆھپە : 1
توردا: 222
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 22:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھىي راجىئۇن! ئامىن!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 22:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھىي راجىئۇن! ئامىن!- P5 r" g8 k7 L$ z* Q0 Y8 {

' V$ X  \& x$ g- H9 V
4 O/ x2 L8 u" u+ K* S& z/ T$ }9 A3 j; ]
/ G2 A! T2 D, |2 M3 ~
4 k. T# Z: ?$ l$ m
3 ?+ l* T$ Z$ b* x: Z: t6 S1 y/ T
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 23:46  
& Q* r; M0 k3 Y  M2 M- f% Y
. m( J8 C' q3 F3 O, R& {0 ^

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  718
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 676
تۆھپە : 9
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 23:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىدىكى ئەزىمەتلەرگە كۆز تېگىۋاتامدۇ -نېمە؟5 l7 y( v8 a& m$ B
مەرھۇم مۇھەممەتجان سادىققا قايغۇرۇپ تۇرساق،ئەمدى بۇ كۈلكە چولپىنىمىز تۇداخۇن سەپەر قىپتۇ.. ^; ?3 b4 g- _) x" r
ئاللاھ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغاي!7 h/ o' F. b8 J6 G* _0 n
ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا سەۋر ئاتا قىلغاي.
  z1 h6 Z1 A5 H2 H8 l3 V# u

«ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر»
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2654
تۆھپە : 84
توردا: 523
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 23:58:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى . شىمال سەپىرىدە توققۇزتارادا ئالدىمىزغا چىققاندا تۇلىمۇ ساغلام ، تېتىك كۆرىنەتتى . ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ! - H# U& R) Q& j! A
' h* B2 \# Z, Z1 _) O# }0 d
QQ截图20120728235934.jpg
+ U9 c8 |" u; H! ^6 H2 b/ `7 g% \; H, D
7 J" P% ]5 r- q* T# {2 i
بۇ رەسىمنى ئايقۇت ھەدەم توققۇزتارادا كۆرۈشكىنىمىزدە تارتىۋاپتىكەن. قايتا كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى .5 t$ p  E( n: o& K$ S/ @
6 A, D8 z7 I9 w" ^" l4 ]% u# `* h
& ~# W: B- [6 x" }7 b

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 00:26:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 t2 L& }3 X& C8 }
' e8 o7 V4 Z6 j) k
مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!(ئامىن).

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1469
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 326
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 00:32:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرنى جەننەتتە قىلغاي! رەھمەتلىك تولىمۇ ھازىر جاۋاپ ئادەم ئىدى.

كىشى قانچە كەمتەر بولغانسىرى شۇنچە ئالغا باسدىغان تۇرسا ،بەزلەر نىمە ئۇچۇن شۇنچە گىدىيىپ كىتىدىغاندۇ؟ ئۇلار ...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2547
تۆھپە : 4
توردا: 476
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 00:51:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://www.anwar.cn/showthread.p ... ?????-?????-?????-!
, L% V2 D9 a3 W, U/ s, n8 p; r9 Q' h! X: a6 R$ Q

5 O: R: k! x+ ]0 [بۇ بەتتە مەھۇمغا ئايىت فىلىم ۋە سۇرەتلەر بار ئىكەن ...لىكىن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى دەپتۇ  قايسى خەۋەرنىڭ راس ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي قالدىم..

سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭمەن خار ئېتەلمەيدۇ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ ھەر جايدا بولسام خار كىشى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 444
تۆھپە : 0
توردا: 139
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 01:52:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0 g; b8 @9 a  u: f. [& ~! R9 ~  R                + N& m2 R/ S+ L) U2 |  f% N
       
2 z- P: t* y' W! V6 y2 q0 t/ [" m% q: u5 zقالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھىي راجىئۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1642
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 410
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 02:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە سەۋەپ؟' d, {  s" k$ A( V

0 o# o* b; R( i5 gتۇداخۇننىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇردۇم، ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي!

دۇنيا مىھرى- مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر !

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1611
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 08:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋىدا، تۇداخۇن) ^4 G2 n) b9 h+ O7 Z: D% T0 h
$ B; `3 L3 L2 G% s, I3 ~9 O! M6 Q
قايغۇلۇق خەۋەر: خەلق چاقچاقچىسى تۇداخۇن روزى ئالەمدىن ئۆتتى
; H. v8 E% c$ R
$ n4 b1 a" I1 }9 W/ \2012–يىلى 7–ئاينىڭ 28–كۈنى، ئىلى خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئەل سۆيگەن سەنئەتكار، چاقچاق سەنئىتىنىڭ بايراقدار ئىزباسارى تۇداخۇن روزى كېسەل سەۋەبى بىلەن 42 يېشىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ئىلى توققۇزتارا ناھىيىسىدە ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 29–ئىيۇل توققۇزتارا ناھىيە ئۇچقۇن مەھەللە مەسجىدىدە ناماز پېشىندىن كېيىن چۈشۈرۈلىدۇ.
, N; ]1 h5 y  i3 R6 \, c; V5 p. z/ d4 z% D
تۆۋەندە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2007–يىللىق 1–سانىدا بېسىلغان، ئابدۇرۇسۇل سېيىت قەلىمى ئاستىدىكى مەرھۇم بىلەن بولۇنغان زىيارەت خاتىرىسى ھوزۇرىڭلارغا سۇنۇلدى. ئۈمىدكى، ئۇشبۇ پارچىلار ئوقۇرمەنلەرگە مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى، چاقچاقچىلىق كەچۈرمىشلىرىنى، شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ باشقىلار بىلەلمەيدىغان روھىي دۇنياسى ئاز–تولا بولسىمۇ خەۋەرلەندۈرسە.
5 ?8 H- _, h/ ~8 t9 L- ^6 S' @% W, @—————————————————( n& B2 P! `6 W/ X  z; I
- L5 }) N/ a8 b/ ]! {" W8 W
چاقچاق شەيداسى — تۇداخۇن ) v/ Q4 z* t8 e/ I  w+ v

& D2 [; A7 |% _3 L/ Q(يۇقىرىدىكى تېما ئەسلى تېما ئەمەس، كېيىن بېرىلگەن)
5 k- i' B5 D2 [% a) r7 T' P/ a
/ p9 p5 V5 r& jئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل سېيىت3 Y( @8 g) g9 P8 `8 ]
«ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 2007–يىللىق 1–سانىدا بېسىلغان.
# Z9 k1 k7 h8 I" ~
3 |% c- L, X' a' f3 A9 F7 S0 |يامۇلۇڭغا چۈشكەن بىز،
* @8 c: n6 B2 }5 x: r) ]تاملىرىنى تەشكەن بىز.0 T# b* C6 }( n( J

; T6 k  b" N4 A) b$ }ياشاپ كەت ئىلىلىقىم، جەڭگىۋار ناخشىلىرىڭدىن، كۆكسۈڭنىڭ چوڭقۇر–چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىنىمسىز ئوخچۇپ تۇرغان قەلب سادالىرىڭدىن ئايلىناي، باغرىمدىكى گەپنى قىلسام مۇشۇنداق ئاتەش نەپەس زېمىندا تۇغۇلۇپ، ئاتەش نەپەس خەلقنىڭ پۇشتىدىن تۆرۈلۈپ قالغىنىمدىن چەكسىز سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلىمەن. مانا بۇ بىزنىڭ مەۋجۈدلىقىمىز. شۇ ئاي، شۇ كۈنلەردە ھاكىم مەدەنىيەتلەر ئىچىدە ئۆز تىلى، ئۆز مۇڭى بىلەن مەۋجۈدلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ كاتتا ئىش. روھىنى چۈشەرمەي، ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، ھازا ئىچىدىن توي، قايغۇ ئىچىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغان مۇنداق تەمكىن، كۈلگۈنچەك، خۇشچاقچاق، باتۇر، ئەمگەكچان خەلقتىن كىممۇ سۆيۈنمىسۇن؟ تەمسىللەردە «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېيىلىدۇ. باتۇرلار ئەزەل–ئەزەلدىن مەرت، سېخىي، ھالال، لەۋزىدە تۇرىدىغان، پەسلىك، نامەرتلىك، ھىيلە–نەيرەڭدىن خالىي، ئاق يىلىك، ئاق ئۇستىخان كېلىدۇ. مۇنداقلارنىڭ ناخشىسىمۇ، كۈلكىسىمۇ، يىغىسىمۇ ئوخشاشلا «گۈلىگە گۈل، خېلىغا خال» قويغاندەك شۇنداق چىرايلىق يارىشىدۇ. ناخشا داۋاملاشماقتا:1 _. H6 K# T% ?" U$ z
. t8 C% S( f/ |  G5 h! i" E0 x
مەن–مەن دېگەن بەگلەرنىڭ، 2 Y' n( j% j6 z' f
ئەدىپىنى بەرگەن بىز.$ \' R! u  `) y. ~4 l# q/ ?) I
چىشلىرىنى چاققان بىز....
+ ^4 p/ B9 _! s( E* G$ c. J- w6 o1 |. L' E
ئويلاپ باقسام، ئېسىمنى تاپقاندىن بېرى يۈرەكلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنىۋى مۇھىتنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولۇپ كەپتىمەن. خاراكتېرىمدىكى مەردانىلىق بىلەن مىجەزىمدىكى خۇشخۇيلۇقنى ئىلىنىڭ ئەلنەغمە سورۇنلىرى ئاتا قىلغان. بۇ يەردىكى ناخشىلار، كۈلكىلەر، چاقچاقلار سىزگە رايىشلىق، مەھكۇملۇق، يىغلاڭغۇلۇقنى ئەمەس، قىسمەت ئۈستىدىن كۈلۈپ ياشاشتەك ھايات پەلسەپىسىنى ئۆگىتىدۇ. ھايات–ئۈمىدۋار كىشىلەر ئۈچۈن پۇرسەت، ئۈمىدسىز كىشىلەرگە ئايىغى چىقماس تېتىقسىز ھېكايە.6 ?7 k3 |3 N1 T+ a" q; s, c0 h

5 Z' @- m$ `6 F: A6 Y1 l- W" g% \ئىلى دەرياسى بويىدىكى راۋاقلىق ئارامگاھلارنىڭ بىرىدە بولغان باراۋەتتە بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ مۇڭىغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ يۇقىرىقىلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ناخشىدىن كېيىن چاقچاق، چاقچاقتىن كېيىن ناخشا. سورۇن ئىلىلىقلارنىڭ يوسۇنى بويىچە داۋام قىلماقتا ئىدى. سازەندە، ناخشىچىلارنىڭ قولى بوشىۋېدى، چاقچاق يەنە باشلاندى. تەۋەررۈك، ئاتا يوللۇق چاقچاقچى، خەلق قىزىقچىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ يېتىلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد چاقچاقچىلار سورۇننىڭ گۈلىگە–گۈل قېتىپ ئولتۇرماقتا. تۇداخۇن پاكار، ھېبى ئابدۇرېھىم، تاش سېرىق، ياقۇپ مەينەتلەر...ھېسامكام بولسا سورۇننىڭ تۆرىدە چاقچاقلارنىڭ تۇز–تەمىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. تاش سېرىقنىڭ ئاغزى ئېچىلدى:. J7 L$ u9 i) W5 C
تاش سېرىق:
6 n3 V# @3 ?. t) |— گەپ قىلە تۇداخۇن، ئاڭلىسام سورۇنلاردا تاش سېرىقنى «ئېتىۋەتتم» دەپ خەققە پو ئېتىپ يۈرۈپسەن. ئوقۇڭنىڭ ئۇچى يەرگە قاراپ تۇرسا، ئاتقىنىڭغا ئادەم ئۆلەمدۇ؟: C, x9 u* F9 }' r# f
تۇداخۇن:# ?& D5 s  T0 C9 {$ p$ M" e
— ئاتقاننىڭ گېپىنى قىلما ئاكا، ياخشى ئادەملەر «قاتىللىق» قىلمايدۇ.  Q8 Z2 x/ H6 x9 V- m! A* x' q
تاش سېرىق:" y! r/ \. v9 P0 A% O7 s
— ئۇنداق بولسا سورۇندا نېمە بار، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ھۆپىلىكىدەك قىلىپ؟* R% X- f0 J6 x& I
تۇداخۇن:
/ B# ]% F. a8 d, q4 O6 x— ھۆپىلەكنىڭ بولغىنى ياخشى، مۈگدەپ قالساڭلار قاراپ بېسىپ قالمايدۇ.# ?, J* I$ K# o5 D. V2 D5 @
تاش سېرىق:$ g3 n3 ]+ r! `; d$ j5 ~
— بىراق ئۇنىڭمۇ خەتەرلىك يېرى بار. بايقىمىسا كىچىك بالىلار ئاسانلا يۈتىۋالىدۇ. ئىچىنى قەۋزىيەت قاپلىۋالسا ئارقىسىدىن ئىسقىرتىپ بېرىشكە ۋاقتىمىز بارمۇ بىزنىڭ.
- A* D& y6 k- O* E0 yھېسامكام:
- S9 T+ C- q$ n- p7 w— ھاي، ھاي يىگىتلەر، تەلەپپۇزغا دىققەت قىلايلى. گەپتە پىستان چېقىپ كەتمىسۇن.
6 ^  i5 A7 f; `* Pھېبى:9 d, R- _1 E1 a
— ھېسام تاغا، تاش سېرىقمۇ خاتا دېمىدى. نارەسىدىلەرنىڭ پىستان بىلەن نېمە ئىشى بار، ئويناپ–ئويناپ زېرىككەندە تاشلىۋېتىدۇ.
/ O9 v- o9 ~  Y- h  a' Qھېسامكام:
2 M5 H0 t* @4 d, D  `— ئوت سىم بىلەن ئويناشما، ھېلى بىكار قولۇڭنى كۆيدۈرۈۋالىسەن.0 d+ P# |% d* @0 T) @  N8 r
ھېبى:$ |/ L4 C4 s% v2 c- J
— شۇڭا ئۇنىڭ قېشىدا تەرلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەن–دە؟
, V1 F0 O' M$ I& Dتاش سېرىق:
8 F% I4 d" b/ P$ G— تۇداخۇن ئوت سىم ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ ھېسامكامغا چۈشۈرۈپ بەرگەن پىلىچىنىڭ كۆمۈرى. دۆت يېرى بولغاچقا مەشكە ئۆزى مېڭىپ كىرىپ كېتىدىغان.
& n) A) I  Y+ u# M3 xھېبى:& j5 t* c# U3 u- W8 {
— تۇداخۇن ئوت سىم ئەمەس، ھېسامكامنىڭ تۇرپانيۈزىدە ئاچقان مۇنچىسى. ئۇنىڭغا ياقۇپتەكلەر تولا چۈشۈپ مەينەت قىلىۋەتكەچكە بازىرى كاساتلىشىپ، شەھەرگە قېچىپ كىرىۋالغان.5 f5 x# p! \9 v% J9 Q! J, P' c
تۇداخۇن:% B) I& n& r4 b1 |4 y0 k
— قويۇپ بەر ھېسامكا، شۇ تاپتا ئۇلار مېيىپلار ئىدارىسىغا ئۇقۇشماي كىرىپ قالدى. ئەمدى كىرىشى بار، چىقىشى يوق. ئۆزىچە تېخى تاش سېرىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئېلىۋەتتۇق دېيىشىدا، دادىسى ياساپ قويغان بېغى بولغىيدى، خالىغانچە قورۇقتىن كىرىپ ئالىۋېرىدىغان.- k9 c* d* s) Q5 k# F
تاش سېرىق:) s) d# `- b; n' l! t7 e
— باغنىڭ گېپىنى ئازقىل. جېنىڭ ئاز، ئايىغىغا چىقىپ بولغۇچە تۇنجۇقۇپ قالىسەن.9 ~" h: y+ a9 E% C  H. p+ x8 \7 C
تۇداخۇن:
6 J: ?( `# p0 T% y* Z— ئۇ يېرىدىن خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز سەھرادىن تۇخۇم ئېلىپ كىرمىدۇق، سىلەردەكلەرنى ئۇرۇپ چېقىپ سېرىقىدا تېقىملىرىمىزنى مايلايمىزمىكىن دەپ كىرىشىمىز. ئۆزۈڭنى چاغلىماي پۇت ئېتىپ قالدىڭ، بىلىپ قوي، بىز دېگەن نۇر كابىلى. يەر ئاستىدىن بېرىپ جۆندەيدىغان. باياتىن بېرى گەپ قىلمىسام ئېشەك يېمى چاقچاقلىرىڭنى تىلىملاپ ساتقىلى تۇردىڭا، سەندە ساتقۇدەك نېمە قالدى. تىرىك جاننىمۇ دەسمى سېلىپ بولدۇڭ شۇ تاپتا. ئۆزۈڭمۇ شور پىشانە نېمىكەنسەن. چاقچىقىڭ سېرىقتال ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا، چىرايڭىغا ئەتىيازنىڭ ئەگىز سۈيى تېپىپ چىقتى، ئىچىم كۆيۈۋاتىدۇ.
; |# B: @- |; l3 c# b: Pتاش سېرىق:* G" s2 {" }- c3 g
— تۇداخۇن، تۇرمۇش پرىنسىپىمدا ئەزەلدىن بالىلار بىلەن ئويناشمايتتىم. «تاش» بىلەن» سېرىق»دىن باشقىسىغا بويۇڭلار يەتمەمدۇ نېمە، سىلەرنىڭ؟
, f1 K5 H' S" M, }) k" ~3 ?تۇداخۇن:( g# s) C" B, B( W. O8 G
— توغرا دەيسەن ئاكا، كوچىلاردا تاش كۆرسەممۇ دەسسەپ ماڭىدىغان قىلىقىم بار. قارىسام ئادەتتىكى تاش ئەمەس، قېرىلار پولۇ يېگەندە چىشىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان تاشكەنسەن. دەسسىۋېتىپ خاتا قىلمىدىم. مۇندىن كېيىن تۇداخۇننى كۆرسەڭ ئۆزلىكىڭدىن تۇرىدىغان بولۇپ قالىسەن.
. Y, i6 K2 d$ Q" j- E4 W, Xتاش سېرىق:
2 ~' j, n' }% Z  ~2 [' v— قورقۇشتىن غەم نېمە، ئېرىقىڭنىڭ تايىنى بولمىسا؟/ |0 B! Y$ F! V8 e2 \
تۇداخۇن:8 E' A6 @' Q6 h$ m
— ھەرھالدا بايقا، يامان كېچىككە كىرىپ قالدىڭ، ئاخىرىغا چىقىپ بولغۇچە تاڭ ئېتىپ كەتمىسۇن.. C- Q( S& h* X: s- P; u  _
تاش سېرىق:
) Y  E; ^; s& T2 G. P— ئۇكا ھوي، تاڭ كەتكۇدەك قانچىلىك كېچىكىڭ بارئىدى سېنىڭ، مەيدىمىزدە تۈكىمىز بولغاچقا، تار كوچاڭدا ھازىرغىچە «تۈگىمەس ناخشا»نى توۋلاپ كېلىۋاتقان بالىلار بىز.
. f" E! S3 z" F) S) w8 ~تۇداخۇن:3 b: ~: c# C3 D" V  A7 y' W
— گەپ يوغانغۇ تاشكا، ئىت چېغىدا سۆڭەك يېسە ئارقىسى بىلەن كېڭىشىدۇ. تۇداخۇنغا چۈشكەن ئادەم ئالدى–ئارقىسىغا قاراپ بېقىشى كېرەكتى. پو ئاتقىنىم ئەمەس، سەندەكلەرگە مۇشتنى پاتقاققا چىلاپ تۇرۇپ ئاتىمىز، بىلسەڭ. بولمىسا ھەرقايسىڭنىڭ دوختۇر پۇلىنى تارتقۇچىلىكىمىز يوق بىزنىڭ./ P5 \) {, u! R  v2 C  M; }
تاش سېرىق:% k, U7 p+ T" X( w& b
— كۆپچىلىك، تۇداخۇن ساراڭ بوپتۇ بۈگۈن، ئادەمنى قارا–قويۇق چىشلەيدىغان.
7 T: ^. D+ l' o% Jتۇداخۇن:
. v0 o( z% [' j7 n— بىز ساراڭ ئەمەس، كىچىك بالىغا ئەگىشىپ سىزىق تالاشقان ئۆزۈڭ. سەندەك ئادەمگىمۇ توختاپ بېرەمدۇ كىشى، پارچە كۆمۈر باسقان ھارۋا چېغىدا توختىمايدۇ، ساڭا.
, g  Z; p7 k- ]& v; Bھېسامكام:5 _  p1 x* p$ K8 U& v" o$ ]
— بولدى دېسە ئۇنۇشمايسەن، كىچىك بالىدىن گەپ تالاشقانغا تويۇشتۇڭمۇ ئەمدى؟
) Q; ^7 J0 p& B8 D3 s6 M' v6 T/ D" Oتاش سېرىق:5 y8 {" _" b$ L9 `
— رەھمەت، تۇداخۇن ئۇكا، بۈگۈن چاقچىقىڭنى ئاڭلاپ قانغىچە كۈلۈۋالدۇق. بۇمۇ غەنىمەت. تۈكى يوق گەپلەر بىلەن سورۇننى ئاۋارە قىلغان نوچى ئەمەس، كۈلدۈرەلىگەن نوچى. چاقچاقنى قىلغان كىشىلا نوچى ئەمەس، كۆتۈرەلىگەن نوچى.% C1 ~5 m; T; I" y3 q- t
تۇداخۇن:7 b9 w9 x& J3 B% L+ j9 c
— خاپا بولما تاشكا، بىزدەكلەرنىڭ كۆتۈرىدىغان يېرى يەرگە يېقىن بولغاچقا ئۇ تەرىپىنى ئۇقمايدىكەنمىز......+ i, `, |/ T. U: i, t

2 O* l# b" u; i4 [* rگەپنىڭ بېشىنى ناخشىدىن باشلاپ قويۇپ چاقچاققا ئۆتۈپ كەتتۇق. بايانىمىز يەنىلا چاقچاق ۋە چاقچاقلىرىمىز خۇسۇسىدا بولىۋېرىدۇ. سورۇنلاردا سائەتلەپ بولۇنغان چاقچاقنى ماقالە قۇرلىرىغا پۈتىمىز دېسەك ئۇزۇن ھېكايىگە چۈشۈپ كېتىمىز. شۇڭا بۇ ھەقتىكى خاتىرىلىرىمىزنى مۈمكىن بار قىسقارتىپ، كىتابخانلىرىمىزنى چاقچاقچىلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئىستىراھەت باغچىسىغا باشلاپ كىرىمىز. قەلىمىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىختىيارى ئىلى توققۇزتارالىق تۇداخۇن پاكاردا بولىدۇ.
) m) F2 ^" I1 l' K2 N6 V0 y7 [7 Y5 b7 J5 y
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىگە تۇداخۇن روزەم ئىسىملىك يېڭى بىر چولپان كىرىپ كەلدى. چاقچاقچىمىزنىڭ بويى بىرگەز، ئويى مىڭ گەز كېلەتتى. كىشىلەر باشتا ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتىگە ئانچە دىققەت قىلمىدى. ئۆز ۋاقتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان تېلېۋىزىيە بەدىئى فىلىمى «ئىلى مەشرىپى» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئوينالغان «ھەممە ئادەم باراۋەر»، «بالىسىنى يوقلاش»قا ئوخشاش ئېتوت–كۈلدۈرگىلەردە قاملاشتۇرۇپ رولغا چىققاندا، تاماشىبىنلارنىڭ مەيلىنى تارتىش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىستۇرما كۆرۈنۈشلەردىن بولسا كېرەك، تولىمۇ يەڭگىل، ئۆتكۈنچى تەسىراتلاردا بولۇشتى. ئۆچكىلىك تېغى ئېتىكىدىكى بوستانلىقتىن ھالقىپ، ئاۋامنىڭ كۆزىگە ئاشكارا كۆرۈنۈشكە باشلىغان شۇ يىللاردا، ئۇنىڭ ياش–قۇرامى يىگىرمىدىن ئېشىپ قالغانىدى. ئۇ ئالتە قېرىنداشنىڭ ئىچىدە تۆتىنچىسى ئىدى. تەقدىر–قىسمەت باشقا قېرىنداشلىرىغا ئايىماي بەرگەن بوينى ئۇنىڭغا كەلگەندە خويمۇ بېخىللىق قىلغانىدى. مۇبادا بۇنى شورىقۇرغۇر يىللاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ كاساپىتى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا ئالدى ۋە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ تۇرپان كاۋىسىدەك ئاينىغان ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 90 سانتا، ئېغىرلىقى 42كىلوگرام بولۇپ، 17–رازمىرلىق ئاياغ كىيەتتى. ئانىسى، ئاكىسى، ئىككى ھەدىسى، ئىككى ئىنىسىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى نورمال ئادەملەر تىپىغا كىرەتتى. دادىسىنىڭ بوي–بەستى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. ئېگىزلىكى بىر مېتىر توقسان سانتا كېلىدىغان مۇسكۇللىرى چىڭ، قاۋۇل، تەمبەل دېھقان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت دەرىجىلىك ۋالىبول چولپىنى مالىك تاھىرلار بىلەن رايون ئاتلاپ توپ ئۇرۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن يەرلىرىمۇ بارئىدى. خەيرىيەت، چاقچاقچىمىزنىڭ ئائىلە تەزكىرىسىنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، گەپنى ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ كېلىمىز.6 t+ H: _1 @( w8 m# J4 q/ h
+ p+ @3 y' r$ F7 Z: W' \7 B
تۇداخۇننىڭ ھەييار، يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ يا ئاتا يا ئانا تەرەپ جەمەتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپمۇ يۇمۇرىستىك ئىرسىيەتكە ياتىدىغان ئالامەتلەرنىڭ يۇقۇندىسىنى تاپالمايمىز. ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان دادىسى ئۆزىنىڭ تەنھا دۇنياسىدا ياشاشقا ئادەتلەنگەن ياۋاش، كەمسۆز، ئىچ مىجەز كىشىلەردىن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ئائىلىۋى مۇھىتتا تۇداخۇندەك ئاغزىدا قىلىچى بار چاقچاقچىنىڭ چىقىپ قېلىشى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.
3 N& Q: B* `. F  A2 U! h2 n
! k. q6 Z% G* z: U$ tبىزدىكى رىزىق–نېسىۋە ئۇقۇمى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭغا جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ قىسمىغا تەۋە «ئەمگەك» دېگەن سۆزنى قوشۇپ ھەزىم قىلغان چېغىمىزدا، روشەن ئىلمىي ھەقىقەتكە ئېرىشىمىز. ئىگىسى كۈچلۈكلەرگە ئايىماي بەرگەن رىزىقىنى نۆۋىتىدە ئاجىز، مېيىپلارغىمۇ ئوخشاشلا كەم قىلمىغان. ئالايلى، «ئىلى بۇلبۇلى» نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەرھۇم خەلق ناخشىچىسى داۋۇتجان ناسىرنى ئاۋازدىن، مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى ھېسام قۇرباننى زۇۋاندىن ئېيتىپ قويغانلىقىنى مۇشۇ نۇقتىدىن چۈشىنىشىمىز مۈمكىن. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا توققۇزتارالىق تۇداخۇن پاكار ھېسام قۇرباندىن قالسىلا «رىزقى–نېسىۋە» زۇۋانىدىن پۈتۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، تۇداخۇندىكى زېرەكلىك بىلەن ئۇنىڭ تۇيغۇ ئالىمىدىكى پەۋقۇلئاددە تۇغما ئىنكاس بۇ يەردىكى ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىت بىلەن ئۇچراشقاندا يانغىن ھاسىل بولۇپ، چاقچاقچىلىق سەنئىتىمىزدىكى بۈگۈنكى تۇداخۇننى تۇغۇپ بەرگەن. ئۇ ھېسام قۇرباننىڭ نەزىرىدە تەبىئىيكى بىر يۇقىرى بېسىملىق ئوت سىم ئىدى. بۇ ئوت سىمنىڭ قۇۋۋىتى ئۇنىڭ بويى بىلەن يېشىدىن، شۇنداقلا ئاتىلىق نان سىستېمىسىغا تەۋە تەپەككۈر قاتلىمىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنىدى. چاقچاقچىلىق ئەخلاقى، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان تەمكىن قىياپىتى، تىلىدىكى ئاجايىپ ئوبرازلار ئۇنىڭغا ئۆزگىچە سالا–سۈپەت ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ خىل سۈپەتنىڭ ئالامەتلىرى بالىلىق چاغلىرىدىلا مەلۇم بولۇشقا باشلىغانىدى.6 f. v8 b8 c$ G# Q& N2 O& ~' q
— تۇداخۇن، سەن جاۋاب بەرگىنە، سۈرەتتىكى «ئېر» بىلەن مەخرەجدىكى «ئېر» قىسقىراپ كەتسە نېمە قالىدۇ؟
  y+ M7 C7 F2 B/ E! O1 ?7 Rئوقۇتقۇچىسى قېيۇم مۇئەللىمنىڭ فىزىكا دەرىسىدە سورىغان سوئالى ئۇنىڭ شەيتىنىنى غىدىقلاپ قويدى. فىزىكىدىكى «ئېر» ئۇقۇمى ئاساسەن قارشىلىققا ماڭاتتى. ئۇ شۇنىڭ لايىقىدا جاۋاب بەردى:4 h2 ~# @! k4 t# P
— مۇئەللىم، «ئېر» بىلەن «ئېر» قىسقىراپ كەتسە، بالا–چاقا يېتىم قالىدۇ.
2 o8 ?' U7 e& Jگېئومېتىرىيە مۇئەللىمى سوراتتى:" J, T( n! O6 f) ]1 F+ A
— تۇداخۇن، ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى قانچە بولىدۇ؟
$ ^9 v0 K. ]+ d! k* g— بىر يۈز سەكسەن گرادۇس.( B# u( r  @$ I' J9 M" e* j4 `
— ئۇنىڭدىن چوڭ بولمامدۇ؟3 G. ?) L+ s9 G
— چوڭ بولسا، — دەپ جاۋاب بېرەتتى تۇداخۇن، — ئۈچبۇلۇڭ ئېتىلىپ كېتىدۇ.1 [* x, h* F+ v/ a* F9 T
— تۇداخۇن، چوڭ بولساڭ نېمە ئىش قىلىسەن؟
" p" w0 A8 ]1 O5 }: C; \; N& F— ساقچى بولۇپ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە قارايمەن.  g8 U" O2 w  d7 ]0 ]. D
— ئۇلار خەتەرلىك ئادەملەر، سەن باشقۇرۇپ بولالمايسەن.0 V" }2 }. W0 W# x3 Z+ M
— باشقۇرۇشۇمغا بوي سۇنمىسا، كۆتىگە تېپىپ تۈرمىدىن ھەيدەپ چىقىرىمەن.
! O2 v; R) F# @% }
% t1 @7 L. r1 r% N. hبىر قىسىم بۆۋەك، نادان ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى كەمسىتىپ بوزەك قىلىپ ئوينايتتى. لېكىن ئۇ گەپ ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ ئۇنداقلارنىڭ ئەدىپىنى بېرەتتى. بىر قېتىم بىر ساۋاقدىشى ئۆزىنىڭ شادا پۇتلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بېشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، زادىلا ئارامىدا قويمىدى. سىنىپقا كىرگەندە بۇ ئىشنى قىز ساۋاقداشلىرى سىنىپ مۇدىرىغا مەلۇم قىلىپ قويدى. سىنىپ مۇدىرىنىڭ سەپرايى ئۆرلەپ، تۇداخۇندىن سورىدى:
; i6 Q: e2 t8 r; D— بۇ گەپ راستمۇ؟4 I/ r9 G/ {+ a" _: w
— يالغان،— دەپ جاۋاب بەردى تۇداخۇن، — ئەگەر ئۇ بېشىمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلىگۈدەك بولسا، تەنتەربىيە دەرىسىدە نېئوت قالمايتتى، مۇئەللىم. : O. I" m# G( S- X9 R% y7 D( R

0 l* y7 Y( V5 \( i/ `4 Y3 o5 C9 l) }تۇداخۇنغا ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىدىن تارتىپ مەھەللە–كويدىكىلەر، ئەر–ئايال، قېرى–ياش، بوۋاي–مومايلارغىچە بۆلەكچە ئامراق ئىدى. ئۇنى ئۇچراتقان، كۆرگەنلا يەردە تۇتۇۋالاتتى. ئەتەي گەپكە سېلىپ، پارىڭىنى ئاڭلايتتى.
7 Y: n( w/ p- c— روزىكامنىڭ مۇشۇ پەتەك بالسىنىڭ گەپ–سۆزلىرى خويمۇ پۈتۈنغۇ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، — دەپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى چېھرى ئاتەش ئانىلار.
* D* W' U. N' g  z# \— تۆت ئېغىز گېپىنى ئوڭلاپ قىلالمىغان ئەرنى ئەر دېگىلى بولامدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن مۇنۇ بىزنىڭ تۇداخۇندەك بولسا، — دېيشىپ ماختىنىشاتتى پالۋان سۈپەت ئاتىلار. ( G! }/ V. K$ O. X, u
. w+ K. r" P) v8 Q; s/ E
ھەممىدىن ئوقۇتقۇچى–ئۇستازلىرى ئۇنىڭغا بەكرەك ئامراقلىق قىلاتتى. دەرس مەزمۇنىغا باغلاپ، قانداقتۇر سوئاللارنى سورىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەپەككۈرى ۋە ئىنكاسىنى سىنايتتى. مۇنداق چاغلاردا ئۇ ھودۇقماي، تەمتىرىمەي، ئۆزىنى خاتىرجەم، تەمكىن تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سوئالىغا تېز، جايىدا، كۈلكىلىك جاۋاب بېرەتتى. ماختاشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئومومىي پەنلەر بويىچە دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئىزچىل ئەليۇلئەلالىقنى قولدىن بەرمىدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان يىلى 380نومۇرلۇق يۇقىرى چەك بىلەن مانىۋېر ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، مەكتەپ بويىچە تۆتىنچى بولدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 335 نومۇر ئالدى. بۇنى بوش نەتىجە دېگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭدىن تۆۋەن نومۇر ئالغان بالىلارنىڭ چاقىرىق قەغىزى كېلىپ قايسى بىر ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇچۇپ كەتتى. بىراق.....
6 M# C3 c9 d2 R2 i* z  v1 G8 i' h# c+ _4 z
بىراق «ساپا مائارىپى» نامىدىكى چىرايلىق ۋېۋىسكىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ھازىرغىچە ئىمتىھان مائارىپى تۈزۈمىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان، ئادىمى، قورسىقىدىكى ئۇمىچى، تەلەپ ۋە ئېھتىياج دېگەنلەرنى ھەرقانچە تەكىتلىسىمۇ بەدەن ساپاسىدىن ئەرزىمەس كاشىلا تېپىۋالسىلا ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن شۇ چاغدىكى قاتمال مائارىپ تۈزۈمىمىز ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا كېلىشتۇرۇپ بىر كاچات ئۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭسىزمۇ ئۆزىنى ئاجىز، كەمسىتىلىش نەزىرىدە دەڭسەپ ئازابلىنىپ يۇرۈۋاتقان چاقچاقچىمىزغا بۇ ئىش يەنە بىر چوڭ زەربە بولدى. ئۇنىڭ شۇ ئاي، شۇ كۈنلەردىكى ئازابى ۋە ھېسسىياتىنى ھېچكىم چۈشەنمەيتتى. ئۇ تەنھا، تولىمۇ تەنھا قالغانىدى. ئازابلارنىڭ چېكى بارمىدۇ؟ ئۇ بار دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ، پىنھانلاردا ياش تۆكتى.
( W2 c' d2 x( z
7 H! q6 Q. {7 h' q% n«ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى»9 T- D6 p1 m+ t, |) S1 P6 ~

( t. ^$ x0 o+ g+ H: Dئۇ بۇ تەمسىلنى نەلەردە يۈرۈپ ئاڭلىۋالغان بولغىيتتى؟! تەمسىل ئۇنىڭغا بەكلا ياقاتتى. ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەنا، ھېكمەت بارئىدى. ھازىرچە ئۇنىڭدىكى ھايات ھېكمەتلىرىنىڭ تەكتىگە يېتەلمىسىمۇ، ئەمما كۆز يېشىنىڭ ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. كۈلۈش كېرەككەنغۇ ئاخىرى. كۈلۈپ تۇرۇپ ياشاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلۈشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەتكەن. روھىڭنىڭ بوش قالغان كامارلىرىنى ئاشۇ سەنئەت بىلەن تولدۇرۇشنىڭ يولىنى تاپالىساڭ تەنھالىقتىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيسەن. كېلەچەككە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن باقالايسەن. بىر ئەسەبىي تۇيغۇ ئۇنىڭ روھىي ئالىمىدا چۇقان سالدى:
3 _  _7 d  Z& Y, Z«بازار بارلىكى يەردە تەنھالىق يوق — فرېدرىخ نىچىشې ‹گېرمانىيە پەيلاسوپى›»0 z5 ~8 H  E9 v

! j5 F( A7 z( N( E* rھېسداشلىق، تۇداخۇنغا بىراۋلارنىڭ ھېسداشلىقىنىڭ لازىمى يوق ئىدى. كىچىكىدىن ئىنتىلىپ كەلگەن بىر سۆيۈملۈك بازار ئۇنى ئۆز قوينىغا چىللاپ تۇراتتى. پەقەت مۇشۇ بازارلا ئۇنىڭ مىسكىن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ چاغلار تۇداخۇننىڭ چاقچاقچىلىقتا ئاز–تولا نام–ئاتىقى چىقىپ قالغان چاغلار بولۇپ، رايون ئاتلاپ ئىلىنىڭ كۈلكە–چاقچاققا تويۇنغان مۇناسىپ سورۇنلىرىدا ئۆزىنى سىناپ بېقىش پۇرسىتى بولمىغان بولسىمۇ، ناھىيە بازىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللە–كويلاردا پات–پات بولۇپ تۇرىدىغان چاي، ئولتۇرۇش، توي–تۆكۈنلەرگە قاتنىشىپ، سورۇن ئەھلىنى شادىيانە كۈلكە قوينىغا بۆلەپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بازار مانا شۇ بازار ئىدى. تۇداخۇن ئىمتىھان ئۆتكىلى ئېلىپ كەلگەن ئازاب، خورلۇق، ئۈمىدسىزلىك يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاچچىق–ئاچچىق كۆزياشلىرىنى كۆكسىنىڭ پىنھان، چوڭقۇر يەرلىرىگە ئەبەدىي دەپنە قىلىۋېتىپ، ئۆزىنى ئەركىن ۋە مەغرۇر تۇتۇپ، كۈلكىسى كەم قالمايدىغان ئاشۇ جانىجان «بازار»نىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى بولۇپ يۈرۈۋەردى. ئۇ ئەمدى ئىلگىرىكى تۇداخۇنغا — سورۇنلارغا سىغدىلىپ كىرىپ ھەۋەس بىلەن تاماشا كۆرىدىغان، چوڭلارنىڭ قۇچىقىغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭ تىڭشايدىغان، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپلەرنى ھەرقانچە دېگۈسى كەلسىمۇ، يەنە بىر يەرلىرىدە قورۇنۇپ ئىچىگە يۈتۈۋېتىدىغان بالا تۇداخۇنغا زادىلا ئوخشىمايتتى. ئۇمۇ مۇستەقىل تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويغان جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ سەرخىل گۈلىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. جەمئىيەتتە قويۇق–سۇيۇق بىلەن ئارىلىشىپ كۆپنى كۆرۈپ، كۆپنى چۈشەنگەنسېرى تۇرمۇش مەزمۇنى بېيىپ، ئېغىز تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى ھەسسىلەپ ئېشىپ باردى. جەمئىيەتنىڭ، ئادەملەرنىڭ قوينى كەڭ، باغرى ئىللىق كېلىدىكەن. تۈزۈم ئۇنى يەكلىۋېدى، ئادەملەر قوينىغا ئېلىۋالدى. بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى. تۇداخۇن شۇندىن بېرى تۈزۈمگە ئەمەس، ئادەملەرگە مۇھەببەت قويىدىغان، مۇھەببەتلىك ئادەملەر، مۇھەببەتلىك ئىجتىمائىي توپنىڭ كۈلكىسى، خۇشاللىقى، كۆڭۈل ئارامى ئۈچۈن كېچە–كېچىلەپ سايراپ تالمايدىغان بولدى. + ], k3 ~7 r; n3 w, Z( w
; U& f/ x8 @/ v) f. L9 ^; r8 G/ ~7 a
ماقالىمىزنىڭ باشلىنىش قىسمىدا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك شۇ ئارىدا تۇداخۇنغا كۈتمىگەن يەردىن ئۆزىنىڭ قىزىقچىلىقتىكى تەبىئىي ئىقتىدارىنى سەھنە ۋە ئېكراندا سىناپ بېقىشنىڭ بىر قېتىملىق پۇرسىتى چىقىپ قالدى. بۇ پۇرسەت 1990–يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان بەدىئىي فىلىم «ئىلى مەشرىپى» ئىدى. فىلىمدە ئۇ كۈلدۈرگە نومۇرى «كىم ئېگىز»نى ئويناپ چىقىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولسىمۇ، شۇ قېتىملىق ئېكران سەپىرىنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تولىمۇ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە تېخى تولۇق ئېلىنىپ بولمىغان ئىلى توققۇزتارالىق بۇ ناتونۇش چاقچاقچى ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ يىگىرمە بىرىنچى مۇساپىسىدا ئۆچكىلىك تېغى ئېتىكىدىن ھالقىپ چىقىپ، كۈلكە–چاقچاققا تولغان ھايات سەپىرىنى باشلىۋەتتى. تۇداخۇندىكى تويۇنغان يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتنى كۆرۈپ، جايلاردىكى كەسپىي  ۋە خۇسۇسىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا چۈشتى. ئۇنى بەس–بەستە تەكلىپ قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش مەركىزى، «تەڭرىتاغ» ۋە «ناۋا» ئانسامبىللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشىمىز مۈمكىن. كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ھاياتنىڭ ئوخشىمىغان سىناقلىرىدا ئۆزىنى سىناپ بېقىشقا قىزىقىدىغان چاقچاقچىمىز ئاشۇ سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كىشى كۆڭلىنى خۇشالمۇ، غەشمۇ قىلىپ ئۈلگۈرىدىغان قازانلىرىدا بىر قېتىمدىن قايناپ چىقتى. بۇ جەرياندا ئۇ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى شەھەر–بازار، يېزا–قىشلاقلاردا يۈرۈپ 400 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن كۆرسەتتى. ئەڭ يېڭى ئېپىزوت، كۈلدۈرگە، چاقچاقلىرىنى سەھنىلەردە، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئايىماي سۇندى. ئالقىشلارغا، چاۋاكلارغا، دەستە–دەستە گۈللەرگە ئورالدى. ئۇنىڭ قۇشقاچ مېڭىشىدىكى مۇبارەك ئىزلىرى ئىلى دەرياسى بويلىرىدىن تارتىپ تۇرپان، جۇڭغارىيە ئويمانلىقلىرى، تەكلىماكان قىرغاقلىرى، يىراق شەرقىي دېڭىز بويلىرىغىچە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ نامى ھېسام قۇرباندىن قالسىلا ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىدىكى قىزىق، جەلىپكار نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «قىزىق نۇقتا»نىڭ ئىخلاسمەنلىرى تەبىئىيكى كۆپ بولىدۇ. بۇنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشىمىز مۈمكىن. مەسىلەن: چاقچاقچىمىزنىڭ ئۆزىنىلا ئالساق ئۇنى كۆرۈشكە، پارىڭىنى، چاقچىقىنى ئاڭلاشقا قىزىقىدىغانلار، غايىۋانە ئاشىق بولغانلار....دېگەندەك. بۇ يەردە مۇھەببەتنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. گېپى بولغانىكەن، چاقچاقچىمىزنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆيگۈ ۋە ئاشىقلىق ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ماقالىمىزدا يانداپ ئۆتۈپ كېتەيلۇق.
/ A7 A* p- s" p. ~. r
# H9 f* b7 S" K' hھەئە، ئىلگىرى تۇداخۇن ئۆزىنىڭ ئاجىز، مېيىپ تۇرقىدىن خۇدۈكسىرەپ ئۆمۈر بويى تەنھا، نامۇ–نىشانسىز ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ دېگەندەك بىمەنە خىياللارنى تولا قىلاتتى. ئەقەللىيسى بىرەر قىزغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشتىن، توي تەكلىپى بېرىشتىن قورقاتتى. رېئاللىق دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە چىقىپ قالدى. ئۇ قىزلارغا ئەمەس، قىزلار ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلدى. ياشلىق – مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولىدۇ. ئادەمنى تەلۋە، ساراڭ قىلىپ قويىدۇ، كۆزىگە قان تولىدۇ، يۈرىكى ئىشىق سەۋداسىدىن ئۆرتىنىدۇ، ھەرقانداق خەتەر، تەۋەككۈلچىلىكتىن يانمايدىغان قىلىۋېتىدۇ. يىگىت تەرەپ قانداقتۇر ئامىللار سەۋەبىدىن پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان ئايرىم ئەھۋالدا ئېنىقكى قىز تەرەپ تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈۋالىدۇ. تۇداخۇن – بىزنىڭ ئۇرۇقچا باتۇرىمىز دەل شۇنداق ئەھۋالغان دۇچ كەلدى. ئۇ «ناۋا» ئانسامبىلى تەركىبىدە جەنۇبىي شىنجاڭغا ئويۇن قويغىلى چۈشۈپ، ئاقسۇنىڭ «ئىتتىپاق»تىياتىرخانىسىدا كۈلدۈرگە نومۇرى ئورۇنلاۋاتقان چېغىدا، قولىدا گۈل تۇتقان زىلۋا، ئوماققىنە كەلگەن بىر قىز سەھنىگە چىقىپ، ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. قولىنى ئوتتەك قوللىرى بىلەن سىقىپ، سول كۆزىنى مەنىلىك قىسىپ قويۇپ، سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى. سول كۆزىنىڭ قىسىلىشى «يېشىل چىراغ»نىڭ يېقىلىشىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنىڭغا گۈلنى قوشۇپ مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ساپ، سەمىمىي بىر مۇھەببەتنىڭ يېلىنجىغان چاغدىكى ھارارىتىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. دېگەندەك ئەتىسى قىز ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىغا ئالايىتەن ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. پاراڭ ئارىلىقىدا كۆڭلىنى ئوچۇقلا بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. بۇ ئىشتىن تولىمۇ تاسادىپىيلىق ھېس قىلغان تۇداخۇن قىزنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. ئېھتىمال ئۇنىڭمۇ ئويلىغان يېرى باردۇر. بۇ ئىش «يېپىق قازان يېپىق پېتى قالغان» بولسىمۇ ئۈرۈمچىدە يەنە شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلدى. تۇداخۇن ئوخشاشلا رەت قىلدى. بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئالغا جاۋاب كەتمەيدۇ. سۆيدۈرۈش باشقا گەپ، سۆيۈش باشقا گەپ. ئىككى يۈرەكنىڭ ئۆزئارا زەرەتلىشىدىن ئاپىرىدە بولغان مۇھەببەت يەنە باشقا گەپ. چاقچاقچىمىزنىڭ كۈتىدىغىنى شۇ خىلدىكى سۆيۈش–سۆيۈلۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان ئادىمى ئۆچكىلىك ئېتىكىدىكى بوستانلىق مەھەللىلەرنىڭ بىرىدە قالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇرادەرلىرى چاقچاق ئارىلاش «قاراخوتۇن» دەپ ئاتاپ قويىدىغان، ئۆزىمۇ شۇنداق ئاتاشقا كۆنۈپ قالغان، كۆزىدىن كۈلكە، چىرايىدىن تەبەسسۇم ئۆچمەيدىغان زىلۋا، قاملاشقان، قاراقۇمچاق كەلگەن باھارگۈل ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ تۇرقى، مىجەزى باھارغا، باھاردا ئېچىلغان گۈلگىلا ئوخشايتتى. ئىككىسىنىڭ بىر–بىرىگە تەلپۈنۈپ، ئىچەكىشىپ يۈرگىنىگە خېلى بولۇپ قالغانىدى. تۇداخۇن مۇنداق ئەھۋالدا ئىككىنچى بىر ئايال زاتىنى كۆڭۈل خانىسىگە چىللاپ كىرىشنى خالىمايتتى. خەيرىيەت، «رىزقا غايىپ، نىكاھ غايىپ» دەپ، 1996–يىلىنىڭ تالقان تۆكتى پەسلىدە ئۇلارنىڭ «بېشى باش، ئايىغى تاش» بولدى. ھازىر گۈلدىيار، نىھالە ئىسىملىك ئوماققىنە ئىككى قىزنىڭ ئاتىسى بولۇپ قالدى. قىزلىرىنىڭ بويىمۇ، ئويىمۇ دادىسىنى تارتقان بولۇپ، كىشىنىڭ تولىمۇ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. كىچىك قىزى بازارلىق «چولپان» باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يەسلى سىنىپىدا، چوڭ قىزى شۇ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. گۈلدىيارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
. O( H, q( U' `4 [& S% r— 18 يېشىمدىن تارتىپ رەسمىي سورۇن كۆرۈۋېدىم، بۇ يىل (2007–يىل) 38 ياشنىڭ قارىسىنى ئالدىم. ئويلاپ باقسام نورمال ياشىغان ئادەمنىڭ 80 يىللىق كۈلكىسىنى كۈلۈپ بوپتىمەن. چاقچاقتىن تېپىۋالغان، ئېرىشكەن نەرسىلىرىم ئاز ئەمەسكەن. مەسىلەن، ئۆزۈمنى، كېلەچىكىمنى، بارلىقىمىنى دېگەندەك، — دېدى ئۇ. 5 Q1 P2 U2 J5 V( ^5 ]
; n$ W) u! U5 n) r( M
مېنىڭچە ئۇ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلدى. ھايات، كىشىلىك تۇرمۇشتا باشقا تەرەپتىن چىقىش يولى تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوقنىڭ ئورنىدا تۇرغان تۇداخۇندەك بىر كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، رىزقى–نېسىۋېنىڭ چاقچاق سەنئىتىگە باغلىنىپ قېلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق كۆپنىڭ ھۆرمىتى، ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىشى ئۇنىڭغا كەلگەن ئامەت ئىدى. ئۇنىڭ ۋارىس چاقچاقچىلار ئىچىدە چاقچاق مەدەنىيىتىگە تۇتقان ئەقىدە–ئېتىقادىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا كۈچلۈكلىكىگە قىل سىغمايتتى. ئۇ چاقچاقنى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيەتتى. چاقچاق دېگەن زادى قانداق بولىدۇ؟ چاقچاقچىلىق ئىستىلى، سورۇن ئەخلاقى، تەرتىپ، ئىنتىزام، كەيپىيات، ئوبراز، تىل ئېلىش، ئىشلىتىش، كىمگە، قايسى يوسۇندا، قانداق چاقچاق قىلىشقىچە بولغان نازۇك، ئىنچىكە نۇقتىلارغىچە ھەممە–ھەممىسى قىشنىڭ ئۇزۇن سوزۇلغان تۈنىدە سىرت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئېلىپ بارغان ئايرىم سۆھبىتىمىزنىڭ سىرتىدا قالمىدى. «قاراخوتۇن» تىۋىش چىقارماي كىرىپ، سوۋۇپ قالغان چايلىرىمىزنى پات–پات يەڭگۈشلەپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى.
9 {# p8 X2 F8 ]9 M0 B— ئويلاپ باقمامسەن، – دەيتتى تۇداخۇن، — باشقىلار ناتونۇش بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئالدىدا تارتىنىپ، خۇدۈكسىرەپ تۈزۈككىنە گەپ قىلالمايدۇ. بىز بولساق يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىلەرنى كۈلدۈرۈپ چىقىشقا كېپىللىك قىلىمىز. كۈلكە دېگەن قانداق يەردىن چىقىدۇ؟ بىزمۇ شۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپنى تىزىپ سۆزلەيمىزغۇ، چاقچاقنى يادلاپ بەرگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، يادلاپ بەرگەن ئوقەتنىڭ ئۆزىمۇ چاقچاق ھېسابلانمايدۇ. ئۇ زېمىننىڭ تومۇر–تومۇرلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئابىچەشمىگە ئوخشايدۇ. ساپ، تەبىئىي نەرسىلەرنىڭ تەنگە بېرىدىغان ھوزۇرى بىلەن يۈرەككە بېرىدىغان تەسىرىمۇ باشقىچە بولىدۇ. ھەقىقىي چاقچاق ئۆزگىچە شەكىل، چوڭقۇر پىكىر، گۈزەللىككە تويۇنغان مەنا، كۈلكىگە تويۇنغان يۇمۇرىستىك تەركىبلەرنىڭ گارمونىيلىك بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. چاقچاقنى بىر ياكى بىرنەچچە ئادەم قىلىپ، مىڭلىغان ئادەم تىڭشايدىغان، ھۇزۇر ئالىدىغان نەرسە. شۇڭا مۈمكىن ئۆزۈڭنىڭ گېپىگە ئۆزۈڭ كۈلمەسلىكىڭ كېرەك. كۈلسەڭ بىرىنچىدىن، خەقنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويىسەن، ئىككىنچىدىن، ئاڭلىغۇچىلارغا بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىپ قويىسەن. ئۈچىنچىدىن، سەن دېگەن گەپ ئۇنچىلا قىزىق چىقمىسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشىسەن. ساڭا ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلىك باھا بەرسۇن، چاۋاكنىمۇ شۇلار چالسۇن.
0 U. z' b. W0 v. M— تەمكىنلىكنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەشتىكى رولىغا قانداق قارايسەن؟ دېمەكچى بەزى چاقچاقچىلار سورۇنغا كىرە–كىرمەيلا گەپ قىلىشقا ئالدىراپ كېتىدۇ–يۇ، ئاخىرىغا بارغاندا «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» بولۇپ قالىدۇ.
9 }, `9 ^+ ^$ N8 n" J7 h— سالاپەتنى بىخەتەرلىك كىملىكىگە ئوخشىتىمەن. سەن ئۆزۈڭگە مۇناسىپ سۈپەت بىلەن سورۇنغا كىرىپ كەلسەڭ ياكى كىرىپلا تاماشىبىنلار بىلەن ئاداش–ئاداش بولۇۋالساڭ تۈگەشكىنىڭ شۇ. چۈنكى سورۇن دېگەنگە قىسما–قىسما ئادەملەر كېلىدۇ. سۈرى ھەيۋەت ئەمەلدارلار، تەكەببۇر بايۋەچچىلەردىن تەپ تارتمىغان ئادەملەر چاقچاقچىلاردىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىدۇ. سەن قوپۇپ ئۇلار بىلەن «تۆگە–تۆگىلەڭ» بولۇۋالساڭ، ئۇلار سەن بىلەن تەڭ دەرىجىگە كېلىۋالىدۇ. ئوخشاش دەرىجىلىكلەرنىڭ بىر–بىرىنى باشقۇرمىقى، بىر–بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىقى تەسكە چۈشىدۇ. سورۇندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيمەن، قىقاس چىقىرىپ كۈلكە قوزغايمەن دەيدىكەنسەن، تولۇق تەييارلىق بىلەن كېلىشىڭ، تەمكىن، سالماق بولۇشۇڭ، ئەڭ سەزگۈر نۇقتىدىكى «ھەربىي ھالەت»تە تۇرۇشۇڭ كېرەك. يەنە بىرگەپ، سورۇن دېگەندە ئوخشاشمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان تەبىقىنىڭ ئادەملىرى ئۇچرايدۇ. سەن مەيلى قايسى خىلدىكى كىشىگە چاقچاق قىل، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە شۇ تەبىقىنىڭ ئادىمىگە ئايلىنالىساڭ بولىدۇ. ئۆگزىدە مەڭگەن–سامىنى بار دېھقانغا قوپۇپ ئېلېكترون–ئۇچۇر دەۋرىنىڭ، كومپيۇتېردىكى تورنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرسەڭ چۈشەنمەيدۇ–دە. مېنىڭ بىر ياخشى ئادىتىم سورۇندا قانچىلىك ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېسىمگە ئېلىۋالغان ئادەمنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايمەن. چاقچاق نۆۋىتى شۇ كىشىگە كېلىپ بولغۇچە كەسپى، تەققى–تۇرقىدىن كىملىكىگە دىئاگنوز قويۇپ، كۆڭلۈمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ تونلارنى پىچىپ بولىمەن.! }  v! w( X; X
— ئاڭلىسام، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چاي ئولتۇرۇشىدا بىر كىشىنىڭ كىملىكىنى ئۆزىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپسەن، بۇ راستمۇ؟
. [9 o2 ^8 y, x: J9 `9 p6 a0 ^— توغرا، شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا شۇنداق بولغان. يىغىنغا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن كەلگەن قەلەمدار–ئەلەمدارلار، ئۈرۈمچىدە كاتتا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان باشلىقلاردىن بولۇپ نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان. يىغىننىڭ چاي زىياپىتىدە چاقچاق قىزىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭمۇ خۇرۇچى تۇتۇپ قالغانىكەن. چاقچاقنى بولۇشىغا قىلدىم. بىر چاغدا چاقچاق قىلىپ كېتىۋېتىپ تاماق شىرەلىرىنىڭ بىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ياش بىر شائىرغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئىلگىرى شېئىرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، ئۆزىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. بىچارىنىڭ چىرايى سۇلغۇن، ئۈستى–بېشى رەتسىز، كەيپىياتىمۇ تازا نورمال ئەمەس ئىدى. كۆزلىرىدىن مۇڭ، قانداقتۇر ئېيتقىلى بولمايدىغان بىر خىل مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى مەن تەسەۋۋۇر قىلغان شائىرنىڭ كەيپىياتىنى ئۇچرىتالمىدىم. خىيالىمدا شۇنداق ئويلاپ قالدىم. شائىرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۈرۈمچىدەك كاتتا شەھەرگە، كاتتا شائىرنىڭ كاتتا يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلدى. شۇنداق بولغانىكەن، ھېچبولمىسا ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەپ رەتلىك، پاكىز، روھلۇق كېلىشى كېرەك ئىدى. بىزدە «ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن» دېگەن تەمسىل بار. خوتۇنى بولۇمسىز، چېچىلاڭغۇ بولمىسا، ئەقىللىق، چېچەن ئاياللاردىن بولغان بولسا، ئەركىشىنى مۇنچىۋالا تاشلىۋەتمەيتتى. دېمەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا چوقۇم مەسىلە بار دېگەن يەرگە كەلدىم. ئۇنداق يەردە تىلىڭنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپنى يۈتۈۋەتكىلى بولمايدىكەن. چاقچاقنى تاق شۇ «مەسىلە بار» يەردىن تۇتۇۋېلىپ باشلىدىم. زال ئىچىدىن قىقاس چىقىپ كەتتى. كېيىن ئاڭلىسام خۇددى چاقچاقتا دېيىلگىنىدەك تۇرمۇشتا ئۇنىڭ تەلىيى كەلمىگەنىكەن. مانا شۇنداق شائىر ئاغىنىمىزمۇ تۇداخۇننىڭ قولىدا «جان بەرگەن». # G4 h3 x5 a8 D  M
— بەزىدە سىلەرنى تومۇر تۇتۇپ دورا بېرىدىغان ئۇستا تېۋىپقا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. دورا بېرىشتە ئىلمىيلىك بىلەن سەزگۈرلۈكنىڭ رولىغا قانداق قارايسەن؟
7 P  e" s6 ~$ I. D: E& }0 Q3 k3 X— چاقچاق ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەت. مەدەنىيەتكە ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلمىغاندا شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا ھاقارەت كەلتۈرۈپ قويغان بولىمىز. چاقچاقتا باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش مەقسەت ئەمەس، ئۇنى بىردەملىك قىزغىنلىقنىڭ، ئۆچ ئېلىش، قورساق كۆپۈكى چىقىرىۋېلىشنىڭ، مەمەدانلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالساق تېخىمۇ بولمايدۇ. زۇكام بىلەن باش ئاغرىقىغا قانداق دورا بېرىلىدۇ؟ بىز دەۋاتقان چاقچاقمۇ شۇ يوسۇندا داۋام قىلىشى كېرەك. ئالايلى، ئارىمىزدا شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەر باركى سورۇنلارغا مىڭ كويلۇق ئۈستىباش بىلەن كىرىپ، ئوتتۇز كوي بىلەن چىقىپ كېتىدىغان. چاقچاق شۇنداقلارغا توغرا كېلىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ئەيب–نۇقسانلىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىش مېنىڭچە ئاقىلانىلىق ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا: «سەن شۇ ھالىتىڭدە ئادەملەر بىلەن تېلېۋىزوردا چىقماي، ‹ئادەم ۋە تەبىئەت› تە چىقىپ بەرسەڭ بولىدىكەن» دەيمىز، تۈگەيدۇ. يەنە مەسىلەن، بەزىلەر سورۇنلاردا مەمەدانلىق قىلىپ گەپ بەرمەيدۇ. ئۆزىچە قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ كەيپىياتنى بۇزىدۇ، كىشىنى بىزار قىلىدۇ، مەسلىھەتكە كۆنمەيدۇ، سۈپىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ. ئۇنى قوپۇپ ئوچۇقتىن–ئوچۇقلا ساراڭغا چىقىرىۋېتىشنىڭ ئورنى يوق. مۇنداق چاغلاردا ئۇنداقلارغا 4–دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىمىز–دە، ئاسانلا «ساقايتىۋالىمىز».( ^( y1 D3 y# R! ~, j
: e/ \9 I7 Y! [) R3 d: t
«ساقايتىۋالىمىز» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قانداقتۇر بىر ئىشلار يادىمغا يېتىپ قالدى. مۇشۇ چاقچاقچىلىق دېگەندە ھەمىشە كۈلكە، خوشاللىق ئىچىدە يۈرىمەن دېگىلى بولمايدىكەن. ئىنسان تەبىئىتى ئىسسىق ۋە سوغۇق مىزاجلاردىن تەركىب تاپقاچقىمۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئىسسىق، ھېچبولمىسا مۆتىدىل كېلىدىغان كۈلكە–چاقچاق ئازساندىكى سەپرا مىجەز كىشىلەرنىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرۇپمۇ قويىدىكەن. مۇنداق ئەھۋالدا كۆڭۈلسىزلىك ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن خالىي بولۇش تەسكەنغۇ. بىزنىڭ تۇداخۇن ھازىرچە بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا يولۇقمىغان بولسىمۇ، ھەرھالدا شۇنىڭغا يېتىپ–قوپا ئىككى ئىش ئۆمۈر خاتىرىسىنىڭ بىر بۈرجىكىگە تىركىلىپ قالدى. بۇنىڭ بىرى غۇلجا شەھىرىدە، يەنە بىرى شاڭخەينىڭ زاپولۇ رايونىدا يۈز بەرگەن.
& C" C, V0 ~/ f9 X. t9 J/ cتۇداخۇن غۇلجا شەھىرىدە بولغان بىر چايدا «ساراڭ» لەقەملىك بىر يىگىتنى لەقىمىگە يۆلەپ تاق يېرىم سائەت ئوخشاتتى. قەستەن ئەمەس، چاقچاق شۇنداق توغرا كېلىپ قالغانىدى. سورۇن تارقىغاندا ھېلىقى يىگىت تۇداخۇننىڭ ئالدىنى تورۇۋالدى:: O! a% {# C( {4 L2 G2 U
— بىلىمەن، — دەپ دىمىقىنى قاقتى ئۇ، — سەن كاساپەتنى ئۇرغىلى بولمىغان، يا تىللاپ تەڭ كەلگىلى، بايىقى قىلغان ئەلىمىڭ ئۈچۈن شۇنىڭ لايىقىدا جازايىڭنى تارتىشىڭ كېرەك.( }7 ]4 F; B0 T  D
كۆرۈڭ تاماشىنى، ئەمدى ئوخشاتتىغۇ. يىگىت تۇداخۇننىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئايىغىنى كىيگۈزدى–دە، ئۇنىڭغا شۇ يەرگە يېقىن ئېگىز بىنانىڭ 4–قەۋىتىگە چىقىپ–چۈشۈش جازاسىنى بەردى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ياخشى گەپ يىگىتكە كار قىلمايتتى. تۇداخۇننىڭ بېشىنى غەم باستى، ماڭلىيىغا تەر تەپتى. 4–قەۋەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاشاردىن ئېغىر زۇلۇم، ئايىغىغا يەتكىلى بولمايدىغان تولىمۇ ئۇزۇن مەنزىل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىگىتنىڭ كىيىۋالغىنى 44–رازمىرلىق ئاياغ بولۇپ، تۇداخۇننىڭ قىسقا، دىقماق پۇتلىرى بۇ غايەت زور «ئېيىق ئۆڭكۈرى»نىڭ ئىچىگە ساغرىسىغىچە قوشۇلۇپ كىرىپ كېتەتتى. ئامال قانچە، بىزنىڭ ئۇرۇقچا باتۇرىمىز ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ جازاسىنى تارتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ھەربىر قەدەم ئالغاندا جازا ئايىغىنىڭ كەينى تەرىپى ئۇنىڭ سۆڭگۈچىگە تارسىلداپ ئۇرۇلۇپ تازىمۇ بىئارام قىلاتتى. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، ئۈچ قەدەم....تۇداخۇن بىناغا چىقىپ–چۈشكىچە غونۇجۈننىڭ ئازابىنى كۆردى. قىزىق يېرى ئۇ بۇ مۇساپىنى ئارتۇق ئەمەس، كەممۇ ئەمەس نەق يېرىم سائەتتە بېسىپ بولدى. بىر قاققا بىر قاق، يېرىم سائەتكە يېرىم سائەت. قارشى تەرەپنىڭ چاقچاقچىمىزدىن «ئۆچ ئېلىشى» شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى. بىر مەيدان كومىدىيىلىك تۈس ئالغان ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن، يىگىت تۇداخۇننى دەريا بويىغا ئېلىپ چۈشۈپ، يېتىپ–ئاشقۇچە مېھمان قىلدى.
9 z; ^2 l8 }' x, b
: l) K' G4 l' o4 T/ lشاڭخەيدە بولغان ئىش بۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دېڭىز بويى رايونلىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى خېلى بارئىدى. ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ كۈلكە–چاقچاقلىرىنى سېغىنىپ قالغان چاغلاردا چاقچاقچى، قىزىقچىلارنى پات–پات تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ تۇداخۇنغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىخلاسى باشقىچە بولغاچقىمىكىن، ياتاق، تامىقى، ئايروپىلان بېلەتلىرىگىچە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېلېفون ئارقىلىق بىر كېچىدىلا ئېلىپ كېتەتتى. تۇداخۇن ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلالماي 2003–يىلى 11–ئايدا شاڭخەيگە بېرىپ قالدى. بېرىشنىغۇ باردى، چاقچاقنىمۇ ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قىلدى. بىراق.... بىراق، شائىرلىقتىن ئازراق تامايى بار، ھال–كۈنى باشقىلارنىڭ ئۆرۈمى بىلەن سەدىقىسىگە قاراشلىق قالغان بىر داپيۈز، تاماخور بەندىنىڭ پوقىغا تېيىلىپ كەتكىلى قىللا قالدى. ھېلىقى ئاداش ئۇ بار سورۇندا شەقىقىي ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۇترۇقسىز ھېسسىياتىنى باسالماي شېئىر ئوقۇپ سالغانىدى. ئوقۇغان نېمىسىنىڭ مۈڭگۈز–پۇتىقى بولمىسىمۇ، ئولتۇرغان–قوپقان يېرىدە شېئىر ئوقۇپ، شېئىردىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك سەنئەتنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ، شائىرلىق ئوبرازىغا قەدەمدە بىر نۇقسان يەتكۈزۈپ يۈرگەن بۇ ساقلاندى ئاداشتىن ئادەملارلا ئەمەس، جەمئىيەتمۇ بىزار بولۇپ يۈرەتتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن تۇداخۇننى زاپولۇ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ چاسنىچە كىيىنگەن خادىملىرى ئىزدەپ كەلدى. شېئىرنى باشقىلار ئوقۇپ، سوئال–سوراققا چاقچاقچىمىز قالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ساقچىلار ئالدىدا «مەسىلە تاپشۇرۇش ئوبيېكتى»غا ئايلىنىپ قالغانىدى. كۈندە چاقىرتىپ، تەكرار سورالغان ئەگىتمە سوئاللارنىڭ نېگىزىدىن قارىغاندا تۇداخۇن سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر–بىرلەپ تونۇپ بېرىشى كېرەكتەك قىلاتتى. ئۇ ئۇلار بىلەن «ئايدۆڭدە قېتىق ئىچمىگەن» تۇرسا، تونۇپ بېرىشكە ھۆددە قىلالىشى مۈمكىنمۇ ئاخىر. لېكىن بۇنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بولالمىدى. ساقچىلاردىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن تۇداخۇن بىر تاقلاپلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى.$ a' C; T+ b/ v0 \$ ^) `
— سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، — دېدى ئۇ، — ھەرقايسىڭلار دۆلەت رەئىسىنى تونۇمسىلەر؟1 d, z( p" M8 S9 n1 z4 B* N+ ?
— ياق.% }; Z; v# O& D0 S
— شۇ گەپ ئەمەسمۇ، — دەپ كۈلۈپ كەتتى تۇداخۇن، — مەن كۈندە دېگۈدەك تېلېۋىزوردا، پىلاستىنكىلاردا چىقىپ تۇرىمەن شىنجاڭدىكى ھاۋارايىدا چىقىدىغان پۈتۈن يەرلەرنى ئايلىنىپ سورۇن–سورۇندا چاقچاق قىلمەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مېنى تونۇمايدىغان ئادەم يوق. بىراق ماڭا ئۇيغۇر ئاتالغانكى كىشىنى تونۇپ بەر دېسەڭلار بۇ ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ–دە.
# T7 L# w0 \- n& y; U. Yتۇداخۇن شۇ گەپ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. يىغىپ كەلگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسى چاقچاق سەنئىتى ئۈچۈن ئىدى. ئۇ كىشىلەر قەلبىگە كۈلكە، خۇشاللىق بېغىشلايدىغانلا ئىش بولسا ھەرقانداق ئاۋارىچىلىقلاردىن قېچىپ باقمىدى. ئادەتتە ئۇنىڭ تۇرمۇشى كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان شەپەرەڭگە ئوخشاپ قالغان. «تۇر–تۇردىن خەۋەر كەلسە، ئۇيقۇدا لەززەت يوق» دەپ، قاش قارىيىشى بىلەن تەڭ كىملەردۇر ئۇنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولاتتى. نەلەرگىدۇر ئېلىپ كېتەتتى. ھەپتىلەپ، ئايلاپ يوقاپ كېتىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانىدى. بەزىدە ئۆيىگە، ئائىلىسىگە خەۋەر بېرىپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يىراقلارغا كېتىپ قالاتتى. ئاستىدىن نېرى بولمايدىغان مېيىپلىق موتسىكلىتى بازاردىكى قايسى بىر ئىدارە–ئورگانلار ئالدىدا كۈن ئاتلاپ تۇرۇپ قالغۇدەك بولسا، كۆرگۈچىلەر: «تۇداخۇن ئېھتىمال يىراق بىر يەرگە سەپەر قىلغان گەپ، بولمىسا ئۇنىڭ ھارۋىسى مۇنچىلىك بويۇن قىسىپ قالمايتتى» دېيىشىپ، بىخەتەر يەرگە يۆتكەپ قوياتتى.
7 `/ k, r6 y% m8 ~! B) s$ z' U— بىر قورۇدا تۇرۇپ، — دەيدۇ تۇداخۇن، — داداملارنى ئايلاپ كۆرەلمەيدىغان چاغلىرىم بولىدۇ. مەن سىرتقا ماڭغاندا ئۇلار تېخى ئېتىزدىن قايتىپ كەلمىگەن. ئۇلار ئېتىزغا ماڭغاندا مەن «سەھەر»نىڭ شېرىن ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان، مانا شۇنداق گەپ. ئاپام رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكىلى يەتتە يىل بولدى. دادام شۇ ئارىدا توققۇز قېتىم پارتىزان شەكلىدە ئۆيلىنىپ، توققۇز قېتىم خوتۇن قويۇپ بوپتۇ. مېنىڭ بۇ ئىشلاردىنمۇ تولۇق خەۋىرىم يوقكەن. مەھەللىمىزدە مەخسۇس قېرى بويتاقلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇيدىغان بىرسى بولىدىغان. بىر كۈنى ئۇ: «ئۆيدە لۆڭگە تۈگەپ قاپتۇ خوتۇن، دىككىدە بازارغا بېرىپ كېلەيلى» دېسە، ئايالى قوپۇپ نېمە دەپتۇ دېمەمسەن: «پۇلنى لۆڭگىگە بېزەپ قىلماڭ، ئاڭلىسام تۇداخۇننىڭ دادىسى يېقىندا يەنە ئۆيلىنىدىكەن، نىكاھىدا لۆڭگە قويىدۇ» دەپتۇدەك.....
9 v2 T; q+ Q  R2 A2 ]& k' t1 }9 W* V# G) b
گەپ شۇ يەرگە يەتكەندە ئېغىزىمغا ئېلىپ بولغان چاينى پۇرقىۋەتتىم. چاي ئۆپكەمگىلا كەتتى. كەيپىيات دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەن. مەن بۇ تەرەپكە كېلىشتىن ئاۋۋال قانداقتۇر بىر ئىشلار سەۋەبىدىن ئازار يەپ، لەيلىمە تۇمان ئىچىدە دىمىقىپ تۇرغان كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. قورسىقىمنىڭ كۆپۈشى، بېشىمنىڭ ئاغرىقىمۇ قويۇپ بەردى. ئىلگىرى مەن ئىشەنچىلىك ماتېرىياللاردىن كۈلكە–چاقچاقنىڭ بىرقىسىم مۇرەككەپ ئىچكى كېسەللەر، شۇنداقلا كەيىپات خاراكتېرلىك يىغىندا كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا غەرب ئەللىرى كۈلكە ئارقىلىق ئاغرىق داۋالاشنى خېلى بۇرۇنلا سىناق قىلغان ھەم ئۈنۈمىنى كۆرگەن بولۇپ، ئامېرىكا مەخسۇس «قىزىقچىلار داۋالاش ئۆمىكى»نى قۇرغان. فرانسىيىمۇ ئامېرىكىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۈلگە ئېلىپ، كۈلكە چولپانلىرىنى پارىژدىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار بۆلۈملىرىگىچە ئېلىپ كىرگەن. ستاتىستىكىغا قارىغاندا 2–دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فرانسىيىلىكلەر كۈنىگە تەخمىنەن 19مىنۇت كۈلىدىغان بولۇپ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى، قايتا قۇرۇش غېمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلىشىپ كېتىشىگە ئوخشاش ئامىللار سەۋەبىدىن ھازىر پەقەت ئالتە مىنۇت ئۆپچۈرىسىدىلا كۈلەلەيدىغان، %24 ئادەم كۈنىگە ئاران بىر مىنۇت چاقچاق قىلىشىدىغان، %7 ئادەم مۇتلەق كۈلمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئامېرىكىدىكى داۋالاش مەركەزلىرى كېسەللەرنى ئازمىقداردا نىتروگېن مونوكسىدى دەپ ئاتىلىدىغان كۈلدۈرگۈچ گاز سۈمۈرۈپ بېرىشنى، فرانسىيە دوختۇرلىرى ھەركۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەت كۈلۈپ بېرىشنى داۋالاش كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزگەن. ھىندىستانلىقلارنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا كىشىلەرنى مەخسۇس «كۈلۈش كۇرسى»غا ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى «كۈلكە رادىئو ئىستانسىسى»، بىرازىلىيىدىكى «كۈلكە تېلېفونى»....مانا مۇشۇلارنىڭ ھەننىۋاسى كۈلكە–چاقچاقنىڭ مېدىتسىنا ۋە سالامەتلىكتىكى ئىلمىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مەن شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ چاقچاقچى، قىزىقچىلىرىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم.( Q8 }& Y% {( C
# {% d1 `! P- w& U2 R: y" K4 f0 E# o
قايىل بولۇش كېرەك، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۈلكە ئىچىدە تۆلەپ كېلىۋاتقان مىننەتسىز، تاماسىز بەدەللىرىگىمۇ قايىل بولۇش كېرەك. تاماكا بىلەن ھاراقنىڭ دۇت كەيپى، دەرىجىدىن تاشقىرى شاۋقۇن، ئېغىر دەرىجىدىكى چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق....مۇشۇنداق مۇھىتتا قېنى كىم ئۇلار بىلەن كۈنلەپ، سوتكىلاپ ئولتۇرۇپ چىدىيالايدۇ؟ ئۇلار بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن، شۇڭا ۋايسىمايدۇ. ئۆلۈپ بەرسىمۇ تىك ئولتۇرۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلۈپ بېرىدۇ. بەدەل تۆلەش ھېسابىغا ئېرىشىدىغىنى نېمە؟ پۇلمۇ؟ پۇلنىڭ گېپىنى قىلساق خاتالاشقان بولىمىز. ئادەم بېشىغا چېچىپ كەلسە، ئۈچ يۈەن، بەش يۈەندىن توغرا كەلمەيدىغان تۆت توك–توك ئۆرۈمە پۇلنىڭ مىننىتىنى قىلساق زادىلا خاتالاشقان بولىمىز. توغرا، ئۇلارغىمۇ پۇل كېرەك، پۇل بولمىسا، تۇرمۇشى مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولمىسا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ چاقچاق قىلالمايدۇ. گەپ دېگەنمۇ كۆڭۈلنىڭ توقلۇقى، تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكىدىن كېلىدۇ ئەمەسمۇ. لېكىن بۇ يەردە پۇلدىنمۇ مۇھىمراق بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت. ئۇلار پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا ھەرقانچە بەدەل تۆلەشتىن، قۇربان بېرىشتىن يانمايدۇ. سۈيدۈڭ لەڭگەرلىك ئاغزىدا قىلىچى بار مەرھۇم چاقچاقچى دىلمۇرات سابىرنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئالتە سائەت بۇرۇن چاقچاق قىلغانلىقى، ئۈرۈمچىلىك بۇرادەرلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايون دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دېرىزىسىدىن ئېلىپ قاچقاندا كۈلۈپ تۇرۇپ دوست تارتىشىپ بەرگەنلىكىنى بىز دەۋاتقان ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن دېمەي نېمە دەيمىز. نۆۋىتىدە يەنە شۇ كۈچ ئوپراتسىيە ئۈستىلىدىن يېڭى قوپقان بىزنىڭ تۇداخۇننىمۇ «ياماق» سېلىنغان يەرنىڭ يىپىنى ئېلىۋېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا سورۇنغا ئېلىپ چىقتى( تۇداخۇن 1998–يىلى بۆرەككە تاش چۈشۈش سەۋەب بىلەن ئوپراتسىيە قىلىنغان). ئۇ ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى بۇرادىرىنىڭ «ئۆي چېيى»نى قىرلاپ قويۇپ بەرگەن ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، چاقچاق بىلەن بىرئاخشام قىزىتىپ بەردى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتمەي 700يۈەنگە مەخسۇس ماشىنا بولۇپ يېتىپ كەلگەن يىگىتلەر بىلەن (ئاپىرىپ–ئەكىلىشى) قورغاس ئېغىزىغا يۈرۈپ كەتتى.
$ b, o. i+ J! L; f— ئاڭلىسام، — دەپ چاقچاق قىلدىم تۇداخۇنغا، — پۇلدارلار بىلەن ئەمەلدارلار سورۇنىغا بەكرەك چاپىدىغان بولۇپ قاپسەن. بىز سېنى چوڭ بىلىپ يۈرسەك «ئوردا قىزىقچىلىرى»دىن بولۇپ قالمىغىن يەنە.
# k1 B$ u, C) q+ q: C1 h& ]— ھا...ھا.... كەكرىدەك گەپ بولدى بۇ، — دەپ كۈلۈپ كەتتى ئۇ، — ئىشقىلىپ ئادەم ئېتىپ چاقىرغان يەردىن قېپباقمىدۇق. ساڭا دېسەم چاقچاقنىڭ مۈڭگۈز–پۇتىقى بار كىشىلەردىن تەپ تارتقان، ئېھتىيات قىلغان كۈنى ئۇنىڭ «ئۆلگەن»كۈنى. مەن ھازىرغىچە ئۆلۈپ باقمىدىم، ياشاپ كېلىۋاتىمەن. يەنە تېخى ياشايمەن. سەن بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنسەن يا ياخشىلىق بىلەن نام چىقار، ياكى يامانلىق بىلەن. يامان بولساڭ كېلەچەكتە ئەۋلادلار سەندىن ئىبرەت ئېلىپ ياخشى يولغا ماڭىدۇ. ياخشى بولساڭ سەندىن سۆيۈنىدۇ. ھەرئىككىلىسى بولالمىساڭ، نېمە قىلىسەن بىرنوپۇسنى ئارتۇق ئىگىلەپ. مەن بىر چاقچاقچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «ئوردا قىزىقچىسى» دېگەن سەت ئاتاقنى ئېلىپ قېلىشنى مۇتلەق خالىمايمەن. چاقچاق ئەزەلدىن ئۇنداقلارنىڭ قازىنىدا سۇ قايناتقان ئەمەس. ئۇلارغا يۈز–خاتىرە قىلىپ ئولتۇرغانمۇ ئەمەس. شۇڭا ئۇلارغا ھېيىقماي چاقچاق قىلىۋېرىمەن. ئەمەلدارلارنى ئالايلى: ئۇلارنىڭمۇ خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى بولىدۇ. ناۋادا كىبىردىن خالىي ياشاپ، ئەھلى پۇقرانىڭ دولىسغا تۇز تېمىتقان يەرلىرى كۆپرەك بولسا، ئۇنداقلارنى بىزمۇ چوڭ بىلىمىز. ئۇنداق بولماي تۆۋەننى بېسىش، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ قولتۇقىغا سۇ پۈركۈش بىلەن ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىغان بولسا، چاقچاققا يۆلەپ ئىچىدىن ئۆپكىسىنى قېقىۋېتەلەيمىز. بەزى كاتتا ئىمارەتلەر بار، سىرتىدىن قارىساڭ بەھەيۋەت. ئەمەلىيەتتە ئىچىگە كىرسەڭ ئوبۇرنىسىغا تاختاي قويۇقلۇق. كۆپنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن ئەمەلدارلارمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. سۆلەتۋاز بايۋەتچىلەرمۇ ھەم شۇ.
6 O7 R+ p; N# A9 _- e+ zتوققۇزتارا ئەدىبلىرىدىن ئەنۋەر ناسىرى، ئابدۇخېلىل مىرخېلىللار سۆزلەيدۇ:
  ?% i  Y( o- k3 J8 L5 w8 R— تۇداخۇن چاقچاق ئۈچۈنلا يارىلىپ قالغان ئادەم. ئۇنىڭ تىلى سۈيى قانغان شەمشەرگە، ئىنكاسى كىرىچىدىن ئايرىلغان يا ئوقىغا، تەپەككۈرى ۋە پىكىرى ئالماس زېمىنغا دۈملەنگەن تارىخىي چوڭقۇرلۇققا ئوخشايدۇ. ھېسام قۇربان تارىخنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان كاتتا ئىنئامى بولسا، تۇداخۇن ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىدە ھېسام قۇرباندىن كېيىن يېتىشپ چىققان يەنە بىر نامايەندە. بىز ئۆچكىلىك باغرىدىكى خاسىيەتلىك زېمىن تۇغۇپ بەرگەن بۇ يىگىتىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.
. q9 U. `& ^5 n/ g5 A" c& G, q9 d$ Y, L  a8 A0 r6 M8 E
ھۆرمەتلىك كىتابخان، تۇداخۇن بىر يىل 365 كۈننىڭ تەڭ يېرىمىدا دەرۋىشلەردەك بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەردە يۈرسە ئائىلىسى، بالىلىرىنى قانداقمۇ بېقىپ كېتىۋاتقاندۇ دېگەندەك ئوشۇقچە خىياللاردا بولۇپ يۈرمەڭ. ئۇ ئۆتكەن زامانلارنىڭ تەركىي جاھان دەرۋىشلىرىگە، زامانىمىزنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان «سايىم نوچى»لىرىغا ئوخشىمايدۇ. تۇرمۇشقا كەلگەندە سىز بىلەن بىزدىن چىڭ. ئۇنىڭدا تاپقان–تەرگىنىنى ئۇۋىسىدىن باشقا يەرگە توشىمايدىغان ھەسەل ھەرىسى ۋە چۈمۈلىنىڭ روھى بار. ئائىلىسىگە قەۋەتلا سادىق سۆيۈملۈك «قاراخوتۇن» ئۇنىڭ ئەكەلگەنلىرىنى دەسسەپ–چىڭداپ، پوكۇنىغا بېسىپ تۇرىدۇ. بىرسىن تىنىم تاپماي تاپىدۇ، يەنە بىرسى يىغىپ ساقلايدۇ، قالايمىقان بۇزۇپ–چاچمايدۇ. يىغىش بىلەن ساقلاش بۇ ئائىلىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەلسەپىسى. يىغىشنىڭ گېپىنى قىلساق «چۆيۈن مەخسۇم»غا ئوخشىتىپ يۈرمەڭ يەنە. مۆرىتى كەلسە تاپقانلىرىنىڭ سەدىقىسىنى، ئۆشرە–زاكىتىنى كەم قىلمايدۇ. يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ. ئاجىزلارنىڭ ھالىنى سورايدۇ.
- Y! S( D" j( `4 j& @8 |  L— ھاجىكا، يېتىم بالىدىن جىق ئەمەس ئوننى بېقىۋالاي دەۋاتىمەن؟
1 j$ a" {+ ~5 V  G— قانداق بولۇپ بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالدىڭ؟
" L9 N% u7 n7 f6 k— ئۆزىمىزنىڭ مۇڭى، ئۆزىمىزنىڭ ناخشىسى بىلەن ئۆتۈپ كەتسەك بۇ جاھاندا ياشىغاننىڭ تازا مەنىسى بولمايدىكەن. ئاز–تولا بولسىمۇ كەچكەن ساي، ئاشقان داۋانلىرىمىزدا ئىزىمىز قالسا، جەمئىيەتكە چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەسسە قوشۇپ قويساق دەيمىزغۇ.
; j' s, c; ^# t0 D. c3 u— تۇداخۇن ئىنىم، ئىرادەڭگە بارىكاللا. يېتىملارنىڭ ئىشىنى مەن قىلاي، ئىككى بالاڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىنىڭمۇ جەمئىيەت ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقىنىڭ. ھازىرچە بۇنىڭدىن باشقىسىنى ئويلىما., F$ B1 X1 ~2 q* d- ~- {3 ?
: H! m7 ?; q3 c8 q1 r# q$ I
مانا بۇ يېتىملارنىڭ ئاتىسى نۇرتاي ھاجىم ئىسكەندەر بىلەن چاقچاقچىمىز ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان پاراڭنىڭ ئەينى خاتىرىسى. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلغىنى يوق. ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى، كۆڭلىگە پۈككەنلىرى بار. ئاز قالدى، «قاراخوتۇن» پوكۇنىغا بېسىپ يىغىپ كېلىۋاتقان «دۇنيا»نىڭ سانى مەلۇم چەككە يەتسە، ئۇ بۇنى چوقۇم بىلىدۇ، قىلالايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چاقچاقلىرى بىلەن كۈلدۈرۈپ كەلگەن بولسا، يېتىملارنىڭ كۆڭلىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۈلدۈرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىگە نۇر–ئاپتاپ سېپەلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھەق ئىگىسى ئۇنىڭ تاپقانلىرىنىڭ بەرىكىتىنى ھەسسىلەپ بەرگەن. ھازىر ئۇ 140مىڭ يۈەن خەجلەپ خېلى–خېلى ئەركەكلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان كاتتا ئىمارەت سېلىۋالدى. 457مىڭ يۈەنگە پېچىتى بۇزۇلمىغان 36كىشىلىك يولۇچىلار ئاپتوبوسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، توققۇزتارا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىغا سېلىپ قويدى. يۈز مو يەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، 13مىڭ تۈپكە يېقىن كۆچەت تىكىپ قويدى (ئاپتوبوس بىلەن يەرنى شېرىك سېتىۋالغان).
4 C& ?' X4 }2 E5 L' U% m2 h1 V9 i- F, j% y! l6 y; c, L
ئاستىدا يەنە 40مىڭ يۈەنلىك تۇرمۇش ماشىنىسىدىن بىرى بار بولۇپ، «قاققان قوزۇق، تۈگكەن تۈگۈچلىرى» ھېچكىمنىڭكىدىن كەم ئەمەس. ئۇ يەنە زامانغا لايىق ياشاش ئىستىكىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ قانۇنچىلىق كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكۇم دېپلومىنى ئېلىۋالدى. بىرمەزگىل ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللاندى. جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، نىكاھ ماجرالىرىغا چېتىلىدىغان تۆت پارچە دېلونىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىنى ئىشلىدى. ئۇ ئادۋوكاتلىق قىلغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ: «بىر جىنايەتچى ئەسلى ھۆكۈمدە مۇددەتسىز كېسىلەتتىكەن، مەن ئاقلاپ ئېتىلىدىغانلا قىلىپ قويدۇم» دەپ، چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ يۈرىدۇ تېخى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۇداخۇننى مېيىپ، ئاجىز دەپ كەمسىتكۈچىلەر مۇنداق كېيىن كاللىسىنى سىلكىۋەتسۇن. ئۇ ماڭا:+ z/ o2 G2 Y6 B; i( W
— تېنى بېجىرىم، يەتتە ئەزاسى ساق، ئۆيگە كىرسە قاچا بوشىتىش، تالا چىقسا كوچا چىڭداشتىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان تەپمە ھالال كىشىلەرگە بەكلا ئېچىنىمەن. ئۇنداقلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقىكىن، كۆزۈمگە مېيىپتەكلا كۆرۈنىدۇ، — دەيدۇ.2 l( W- k/ b" R# g7 u, d, R& h
ساماۋى كىتابلاردا تەپەككۈرنىڭ رولى بەكرەك تەكىتلەنگەن. ھەممىدىن قورقۇنچلۇق، ھەممىدىن خەتەرلىكى تەپەككۈر مېيىپلىقى. ئۇ بىزنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟ كەمكۇتىسىز دوزاخقا. ئەسلىدە دوزاق سەن بىلەن بىزنىڭ چۈشىدىغان جايىمىز ئەمەس ئىدى...تۇداخۇن ئېغىر تىندى. مەنمۇ ھەم شۇ. تۈن يېرىمىغىچە داۋاملاشقان سۆھبىتىمىزنىڭ كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرگە ئۇلىنىپ كېتىشىنى خالىماي، سىرتقا ھاۋا يىگىلى چىقتۇق. توققۇزتارانىڭ ئايدىڭ ئاخشىمى — نەقەدەر گۈزەل، سېھىرلىك كېچە كېچە بۇ! ئاي نۇرىغا بۆلەنگەن زېمىن. سۆيۈملۈك، يېقىملىق، چىرايلىق زېمىن، بۇ يەرنىڭ كېچىلىرىمۇ كۈندۈزگە ئوخشاش مۇھەببەتكە تولغان، گويا ئاشىقلار ئۈچۈن يارىلىپ قالغاندەك. ئەسلى بۇ يەر ئاشىقلار زېمىنى ئىدى. ناخشا–سۆيگۈگە باغرى قانمايدىغان، ھېلىمۇ ھەم شۇ. ئەنە يىراقلاردىن، ئويغاق، مۇھەببەتلىك زېمىننىڭ قايسى بىر بۇلۇڭلىرىدىن سۆيگۈگە تەشنا ئاشىقلارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى كەلمەكتە.. R  \# b6 d3 w! [

8 k' |% ~3 U$ v3 d; Rتاغقا چىقتىم بىركۈنى،: C" G. P0 f8 n8 M1 k$ q6 N
ئېتىپ چۈشتۈم تۈلكىنى.
6 @$ E6 F- u( h& }0 mخەپ، خۇدايىم بۇيرۇسا،
9 s, G7 I( G! K8 n4 Qكۆرۈشەرمىز بىركۈنى.....6 w# `1 W& |, D4 Q( q8 G' U
* U& n1 u( x% g# ^  ]& @! S! A
–––––––––––––––––––
! J6 ?  l2 k4 Eمەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2007–يىللىق 1–سان، ماقالە ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل سېيىت) J* Y+ f! O4 }5 v/ I
تور كۆچۈرۈلمە مەنبىئى: www.iliho.com/blog ئىلىخو تەزكىرىسى (ئىلىخو پۈتۈكلىرى تورىدىن ئېلىندى)
  u9 S% W6 `. j
# q8 X! x$ i8 C# j+ _  C
6 H! I3 Y8 S( ~8 }

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1611
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 08:53:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋىدا، تۇداخۇن9 ~. c$ u; Y7 i' t) q

4 P) J8 m8 c! h- g& _) tقايغۇلۇق خەۋەر: خەلق چاقچاقچىسى تۇداخۇن روزى ئالەمدىن ئۆتتى& ^  _) s) U- V9 [
& y/ ]% c9 e! C3 O* ]' O) y* i# A
2012–يىلى 7–ئاينىڭ 28–كۈنى، ئىلى خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ئەل سۆيگەن سەنئەتكار، چاقچاق سەنئىتىنىڭ بايراقدار ئىزباسارى تۇداخۇن روزى كېسەل سەۋەبى بىلەن 42 يېشىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ئىلى توققۇزتارا ناھىيىسىدە ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 29–ئىيۇل توققۇزتارا ناھىيە ئۇچقۇن مەھەللە مەسجىدىدە ناماز پېشىندىن كېيىن چۈشۈرۈلىدۇ.
& v% ?7 w' G# E. e5 S# J; l  K6 l
0 ~9 c2 V& y6 H. oتۆۋەندە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2007–يىللىق 1–سانىدا بېسىلغان، ئابدۇرۇسۇل سېيىت قەلىمى ئاستىدىكى مەرھۇم بىلەن بولۇنغان زىيارەت خاتىرىسى ھوزۇرىڭلارغا سۇنۇلدى. ئۈمىدكى، ئۇشبۇ پارچىلار ئوقۇرمەنلەرگە مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى، چاقچاقچىلىق كەچۈرمىشلىرىنى، شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ باشقىلار بىلەلمەيدىغان روھىي دۇنياسى ئاز–تولا بولسىمۇ خەۋەرلەندۈرسە.3 p5 ?" q, M# K9 r) }* U& |* T7 c
—————————————————1 g6 I+ s: P' `& H1 o
* ?& j1 g, C" s& ]. a
چاقچاق شەيداسى — تۇداخۇن
6 N4 ?9 Z' I7 S- f( A" x- E5 G
(يۇقىرىدىكى تېما ئەسلى تېما ئەمەس، كېيىن بېرىلگەن)
! w2 Y# m- m7 S. ~* I
& `6 w3 }' }! @3 d* l; pئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل سېيىت
8 |  i  T* r* X) V: y«ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 2007–يىللىق 1–سانىدا بېسىلغان.
- Y2 p+ f4 z+ {% O7 i. |# M1 I6 Y# B  u" H% O
يامۇلۇڭغا چۈشكەن بىز،
$ Y: r: I; l' ^, t  |/ |6 J' o" _: P: Jتاملىرىنى تەشكەن بىز.
5 r( m, ~$ s5 y: }  d/ ^+ e8 D8 f& `. i: N  e' w+ q
ياشاپ كەت ئىلىلىقىم، جەڭگىۋار ناخشىلىرىڭدىن، كۆكسۈڭنىڭ چوڭقۇر–چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىنىمسىز ئوخچۇپ تۇرغان قەلب سادالىرىڭدىن ئايلىناي، باغرىمدىكى گەپنى قىلسام مۇشۇنداق ئاتەش نەپەس زېمىندا تۇغۇلۇپ، ئاتەش نەپەس خەلقنىڭ پۇشتىدىن تۆرۈلۈپ قالغىنىمدىن چەكسىز سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلىمەن. مانا بۇ بىزنىڭ مەۋجۈدلىقىمىز. شۇ ئاي، شۇ كۈنلەردە ھاكىم مەدەنىيەتلەر ئىچىدە ئۆز تىلى، ئۆز مۇڭى بىلەن مەۋجۈدلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ كاتتا ئىش. روھىنى چۈشەرمەي، ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، ھازا ئىچىدىن توي، قايغۇ ئىچىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغان مۇنداق تەمكىن، كۈلگۈنچەك، خۇشچاقچاق، باتۇر، ئەمگەكچان خەلقتىن كىممۇ سۆيۈنمىسۇن؟ تەمسىللەردە «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېيىلىدۇ. باتۇرلار ئەزەل–ئەزەلدىن مەرت، سېخىي، ھالال، لەۋزىدە تۇرىدىغان، پەسلىك، نامەرتلىك، ھىيلە–نەيرەڭدىن خالىي، ئاق يىلىك، ئاق ئۇستىخان كېلىدۇ. مۇنداقلارنىڭ ناخشىسىمۇ، كۈلكىسىمۇ، يىغىسىمۇ ئوخشاشلا «گۈلىگە گۈل، خېلىغا خال» قويغاندەك شۇنداق چىرايلىق يارىشىدۇ. ناخشا داۋاملاشماقتا:
0 D  e5 `  G% I9 \& Z5 q
1 h6 n3 J( C* D0 Q7 t0 R: Iمەن–مەن دېگەن بەگلەرنىڭ، 1 H( c. _( X% A0 X
ئەدىپىنى بەرگەن بىز.
3 C8 l& X" S- E2 E  D$ e8 q& Dچىشلىرىنى چاققان بىز....& I  k# r! o1 [) D

2 t) `8 s% L. z1 q" rئويلاپ باقسام، ئېسىمنى تاپقاندىن بېرى يۈرەكلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنىۋى مۇھىتنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولۇپ كەپتىمەن. خاراكتېرىمدىكى مەردانىلىق بىلەن مىجەزىمدىكى خۇشخۇيلۇقنى ئىلىنىڭ ئەلنەغمە سورۇنلىرى ئاتا قىلغان. بۇ يەردىكى ناخشىلار، كۈلكىلەر، چاقچاقلار سىزگە رايىشلىق، مەھكۇملۇق، يىغلاڭغۇلۇقنى ئەمەس، قىسمەت ئۈستىدىن كۈلۈپ ياشاشتەك ھايات پەلسەپىسىنى ئۆگىتىدۇ. ھايات–ئۈمىدۋار كىشىلەر ئۈچۈن پۇرسەت، ئۈمىدسىز كىشىلەرگە ئايىغى چىقماس تېتىقسىز ھېكايە.1 ^# |+ h% R( D- N% e) l' g2 I

# f. i: I( j- Q8 }ئىلى دەرياسى بويىدىكى راۋاقلىق ئارامگاھلارنىڭ بىرىدە بولغان باراۋەتتە بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ مۇڭىغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ يۇقىرىقىلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ناخشىدىن كېيىن چاقچاق، چاقچاقتىن كېيىن ناخشا. سورۇن ئىلىلىقلارنىڭ يوسۇنى بويىچە داۋام قىلماقتا ئىدى. سازەندە، ناخشىچىلارنىڭ قولى بوشىۋېدى، چاقچاق يەنە باشلاندى. تەۋەررۈك، ئاتا يوللۇق چاقچاقچى، خەلق قىزىقچىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ يېتىلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد چاقچاقچىلار سورۇننىڭ گۈلىگە–گۈل قېتىپ ئولتۇرماقتا. تۇداخۇن پاكار، ھېبى ئابدۇرېھىم، تاش سېرىق، ياقۇپ مەينەتلەر...ھېسامكام بولسا سورۇننىڭ تۆرىدە چاقچاقلارنىڭ تۇز–تەمىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. تاش سېرىقنىڭ ئاغزى ئېچىلدى:
+ i# J# y9 `+ T+ fتاش سېرىق:
, h& O* ?0 B/ B; V. `— گەپ قىلە تۇداخۇن، ئاڭلىسام سورۇنلاردا تاش سېرىقنى «ئېتىۋەتتم» دەپ خەققە پو ئېتىپ يۈرۈپسەن. ئوقۇڭنىڭ ئۇچى يەرگە قاراپ تۇرسا، ئاتقىنىڭغا ئادەم ئۆلەمدۇ؟- V* v9 p) l$ }' Z" }
تۇداخۇن:
" g$ [6 ~) J1 s; X" K5 S+ b2 j$ N— ئاتقاننىڭ گېپىنى قىلما ئاكا، ياخشى ئادەملەر «قاتىللىق» قىلمايدۇ.
& C$ i7 m) \2 B6 qتاش سېرىق:( G6 \/ S, s3 C8 o" J
— ئۇنداق بولسا سورۇندا نېمە بار، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ھۆپىلىكىدەك قىلىپ؟" g" K2 w. e0 v' \
تۇداخۇن:9 O: E: O6 D( P1 s2 i
— ھۆپىلەكنىڭ بولغىنى ياخشى، مۈگدەپ قالساڭلار قاراپ بېسىپ قالمايدۇ.
8 ~7 ]5 r& G. N2 ?( k2 x) Nتاش سېرىق:
2 u- B; y( h3 X0 G— بىراق ئۇنىڭمۇ خەتەرلىك يېرى بار. بايقىمىسا كىچىك بالىلار ئاسانلا يۈتىۋالىدۇ. ئىچىنى قەۋزىيەت قاپلىۋالسا ئارقىسىدىن ئىسقىرتىپ بېرىشكە ۋاقتىمىز بارمۇ بىزنىڭ.; v* S- ]8 b/ t$ k/ l2 k1 l4 R2 S
ھېسامكام:
( y! {, \; ^8 |& ]% F) m, @— ھاي، ھاي يىگىتلەر، تەلەپپۇزغا دىققەت قىلايلى. گەپتە پىستان چېقىپ كەتمىسۇن.# j& P. @/ k8 |1 L
ھېبى:
$ R" K. u3 i; Q6 n& O— ھېسام تاغا، تاش سېرىقمۇ خاتا دېمىدى. نارەسىدىلەرنىڭ پىستان بىلەن نېمە ئىشى بار، ئويناپ–ئويناپ زېرىككەندە تاشلىۋېتىدۇ.$ e" B; s. L' B2 n3 b
ھېسامكام:* D0 _* R+ x8 l
— ئوت سىم بىلەن ئويناشما، ھېلى بىكار قولۇڭنى كۆيدۈرۈۋالىسەن.
# X' K9 M) V; k% N0 @! iھېبى:
% q& w- y3 ^4 x. m4 v( L— شۇڭا ئۇنىڭ قېشىدا تەرلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەن–دە؟; `( |2 w7 _; n0 E
تاش سېرىق:
4 m; T$ T4 N: o; ?2 u+ c9 [— تۇداخۇن ئوت سىم ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ ھېسامكامغا چۈشۈرۈپ بەرگەن پىلىچىنىڭ كۆمۈرى. دۆت يېرى بولغاچقا مەشكە ئۆزى مېڭىپ كىرىپ كېتىدىغان.
6 j$ q6 `0 X- O& d1 [8 u- Bھېبى:
% d" L: ?2 g* q, L— تۇداخۇن ئوت سىم ئەمەس، ھېسامكامنىڭ تۇرپانيۈزىدە ئاچقان مۇنچىسى. ئۇنىڭغا ياقۇپتەكلەر تولا چۈشۈپ مەينەت قىلىۋەتكەچكە بازىرى كاساتلىشىپ، شەھەرگە قېچىپ كىرىۋالغان.
* R$ Y' O/ p' Q, p/ S# zتۇداخۇن:
( ?9 u8 J/ K" J: A/ p* z. s' e2 Z, ]— قويۇپ بەر ھېسامكا، شۇ تاپتا ئۇلار مېيىپلار ئىدارىسىغا ئۇقۇشماي كىرىپ قالدى. ئەمدى كىرىشى بار، چىقىشى يوق. ئۆزىچە تېخى تاش سېرىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئېلىۋەتتۇق دېيىشىدا، دادىسى ياساپ قويغان بېغى بولغىيدى، خالىغانچە قورۇقتىن كىرىپ ئالىۋېرىدىغان.9 O4 w' S: _! Z1 z: ?( X5 f5 @
تاش سېرىق:9 `  r5 j2 _! ?6 }, R6 V
— باغنىڭ گېپىنى ئازقىل. جېنىڭ ئاز، ئايىغىغا چىقىپ بولغۇچە تۇنجۇقۇپ قالىسەن.
7 S$ f1 y( g9 B# q! e8 E: Y$ Bتۇداخۇن:
9 J+ t9 N& s8 i6 x— ئۇ يېرىدىن خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز سەھرادىن تۇخۇم ئېلىپ كىرمىدۇق، سىلەردەكلەرنى ئۇرۇپ چېقىپ سېرىقىدا تېقىملىرىمىزنى مايلايمىزمىكىن دەپ كىرىشىمىز. ئۆزۈڭنى چاغلىماي پۇت ئېتىپ قالدىڭ، بىلىپ قوي، بىز دېگەن نۇر كابىلى. يەر ئاستىدىن بېرىپ جۆندەيدىغان. باياتىن بېرى گەپ قىلمىسام ئېشەك يېمى چاقچاقلىرىڭنى تىلىملاپ ساتقىلى تۇردىڭا، سەندە ساتقۇدەك نېمە قالدى. تىرىك جاننىمۇ دەسمى سېلىپ بولدۇڭ شۇ تاپتا. ئۆزۈڭمۇ شور پىشانە نېمىكەنسەن. چاقچىقىڭ سېرىقتال ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا، چىرايڭىغا ئەتىيازنىڭ ئەگىز سۈيى تېپىپ چىقتى، ئىچىم كۆيۈۋاتىدۇ.# S7 m6 _0 k: f9 T4 J* f, q0 c
تاش سېرىق:6 }, c: V2 {& ^0 t
— تۇداخۇن، تۇرمۇش پرىنسىپىمدا ئەزەلدىن بالىلار بىلەن ئويناشمايتتىم. «تاش» بىلەن» سېرىق»دىن باشقىسىغا بويۇڭلار يەتمەمدۇ نېمە، سىلەرنىڭ؟
- p4 M% P1 w( c$ wتۇداخۇن:
0 C% k# A+ T9 g' L; y— توغرا دەيسەن ئاكا، كوچىلاردا تاش كۆرسەممۇ دەسسەپ ماڭىدىغان قىلىقىم بار. قارىسام ئادەتتىكى تاش ئەمەس، قېرىلار پولۇ يېگەندە چىشىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان تاشكەنسەن. دەسسىۋېتىپ خاتا قىلمىدىم. مۇندىن كېيىن تۇداخۇننى كۆرسەڭ ئۆزلىكىڭدىن تۇرىدىغان بولۇپ قالىسەن.7 J/ d; \. @% F+ O6 h& Y
تاش سېرىق:2 u  u1 Q# \4 f1 Y" `
— قورقۇشتىن غەم نېمە، ئېرىقىڭنىڭ تايىنى بولمىسا؟
1 T  @2 v* k" _% z" Y! zتۇداخۇن:
" f0 L; W. s1 w; s3 E, l% n— ھەرھالدا بايقا، يامان كېچىككە كىرىپ قالدىڭ، ئاخىرىغا چىقىپ بولغۇچە تاڭ ئېتىپ كەتمىسۇن.
6 F9 G9 q" S! ]. A$ \8 Jتاش سېرىق:3 R8 C5 I# R, `# o
— ئۇكا ھوي، تاڭ كەتكۇدەك قانچىلىك كېچىكىڭ بارئىدى سېنىڭ، مەيدىمىزدە تۈكىمىز بولغاچقا، تار كوچاڭدا ھازىرغىچە «تۈگىمەس ناخشا»نى توۋلاپ كېلىۋاتقان بالىلار بىز." a; G' d3 G/ l9 A6 t2 \# D
تۇداخۇن:0 i& S& g2 Y% U0 _% b8 l
— گەپ يوغانغۇ تاشكا، ئىت چېغىدا سۆڭەك يېسە ئارقىسى بىلەن كېڭىشىدۇ. تۇداخۇنغا چۈشكەن ئادەم ئالدى–ئارقىسىغا قاراپ بېقىشى كېرەكتى. پو ئاتقىنىم ئەمەس، سەندەكلەرگە مۇشتنى پاتقاققا چىلاپ تۇرۇپ ئاتىمىز، بىلسەڭ. بولمىسا ھەرقايسىڭنىڭ دوختۇر پۇلىنى تارتقۇچىلىكىمىز يوق بىزنىڭ.
; i9 P* w* i6 r" h% }تاش سېرىق:( |% ^/ a! {8 n$ b
— كۆپچىلىك، تۇداخۇن ساراڭ بوپتۇ بۈگۈن، ئادەمنى قارا–قويۇق چىشلەيدىغان.
7 `9 c$ `9 P# L7 S+ v: t4 dتۇداخۇن:
2 F6 m+ w6 q; X6 h: \* m— بىز ساراڭ ئەمەس، كىچىك بالىغا ئەگىشىپ سىزىق تالاشقان ئۆزۈڭ. سەندەك ئادەمگىمۇ توختاپ بېرەمدۇ كىشى، پارچە كۆمۈر باسقان ھارۋا چېغىدا توختىمايدۇ، ساڭا.
  @, Q5 {. u, V* I3 mھېسامكام:- r% e" N1 @, d  C: f
— بولدى دېسە ئۇنۇشمايسەن، كىچىك بالىدىن گەپ تالاشقانغا تويۇشتۇڭمۇ ئەمدى؟) ~0 y/ t# j! V# F
تاش سېرىق:
, P/ o' m  Z3 L! k: c  ]0 }— رەھمەت، تۇداخۇن ئۇكا، بۈگۈن چاقچىقىڭنى ئاڭلاپ قانغىچە كۈلۈۋالدۇق. بۇمۇ غەنىمەت. تۈكى يوق گەپلەر بىلەن سورۇننى ئاۋارە قىلغان نوچى ئەمەس، كۈلدۈرەلىگەن نوچى. چاقچاقنى قىلغان كىشىلا نوچى ئەمەس، كۆتۈرەلىگەن نوچى.
+ L! F% k0 @  }% h! R9 tتۇداخۇن:
, Q$ ]3 @) A1 e6 o— خاپا بولما تاشكا، بىزدەكلەرنىڭ كۆتۈرىدىغان يېرى يەرگە يېقىن بولغاچقا ئۇ تەرىپىنى ئۇقمايدىكەنمىز......
! z* l/ Y+ D! J2 c  T1 N
8 \, [% f. v% n* w3 t$ Oگەپنىڭ بېشىنى ناخشىدىن باشلاپ قويۇپ چاقچاققا ئۆتۈپ كەتتۇق. بايانىمىز يەنىلا چاقچاق ۋە چاقچاقلىرىمىز خۇسۇسىدا بولىۋېرىدۇ. سورۇنلاردا سائەتلەپ بولۇنغان چاقچاقنى ماقالە قۇرلىرىغا پۈتىمىز دېسەك ئۇزۇن ھېكايىگە چۈشۈپ كېتىمىز. شۇڭا بۇ ھەقتىكى خاتىرىلىرىمىزنى مۈمكىن بار قىسقارتىپ، كىتابخانلىرىمىزنى چاقچاقچىلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئىستىراھەت باغچىسىغا باشلاپ كىرىمىز. قەلىمىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىختىيارى ئىلى توققۇزتارالىق تۇداخۇن پاكاردا بولىدۇ.- G* r( W( U; F( F

4 {2 {  p' Q; M7 a, B9 qئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىگە تۇداخۇن روزەم ئىسىملىك يېڭى بىر چولپان كىرىپ كەلدى. چاقچاقچىمىزنىڭ بويى بىرگەز، ئويى مىڭ گەز كېلەتتى. كىشىلەر باشتا ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتىگە ئانچە دىققەت قىلمىدى. ئۆز ۋاقتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان تېلېۋىزىيە بەدىئى فىلىمى «ئىلى مەشرىپى» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئوينالغان «ھەممە ئادەم باراۋەر»، «بالىسىنى يوقلاش»قا ئوخشاش ئېتوت–كۈلدۈرگىلەردە قاملاشتۇرۇپ رولغا چىققاندا، تاماشىبىنلارنىڭ مەيلىنى تارتىش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىستۇرما كۆرۈنۈشلەردىن بولسا كېرەك، تولىمۇ يەڭگىل، ئۆتكۈنچى تەسىراتلاردا بولۇشتى. ئۆچكىلىك تېغى ئېتىكىدىكى بوستانلىقتىن ھالقىپ، ئاۋامنىڭ كۆزىگە ئاشكارا كۆرۈنۈشكە باشلىغان شۇ يىللاردا، ئۇنىڭ ياش–قۇرامى يىگىرمىدىن ئېشىپ قالغانىدى. ئۇ ئالتە قېرىنداشنىڭ ئىچىدە تۆتىنچىسى ئىدى. تەقدىر–قىسمەت باشقا قېرىنداشلىرىغا ئايىماي بەرگەن بوينى ئۇنىڭغا كەلگەندە خويمۇ بېخىللىق قىلغانىدى. مۇبادا بۇنى شورىقۇرغۇر يىللاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ كاساپىتى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا ئالدى ۋە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ تۇرپان كاۋىسىدەك ئاينىغان ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 90 سانتا، ئېغىرلىقى 42كىلوگرام بولۇپ، 17–رازمىرلىق ئاياغ كىيەتتى. ئانىسى، ئاكىسى، ئىككى ھەدىسى، ئىككى ئىنىسىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى نورمال ئادەملەر تىپىغا كىرەتتى. دادىسىنىڭ بوي–بەستى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. ئېگىزلىكى بىر مېتىر توقسان سانتا كېلىدىغان مۇسكۇللىرى چىڭ، قاۋۇل، تەمبەل دېھقان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت دەرىجىلىك ۋالىبول چولپىنى مالىك تاھىرلار بىلەن رايون ئاتلاپ توپ ئۇرۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن يەرلىرىمۇ بارئىدى. خەيرىيەت، چاقچاقچىمىزنىڭ ئائىلە تەزكىرىسىنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، گەپنى ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ كېلىمىز.
, P0 y: f/ V7 n0 }9 d9 j# \9 D0 l$ T- d  n
تۇداخۇننىڭ ھەييار، يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ يا ئاتا يا ئانا تەرەپ جەمەتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپمۇ يۇمۇرىستىك ئىرسىيەتكە ياتىدىغان ئالامەتلەرنىڭ يۇقۇندىسىنى تاپالمايمىز. ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان دادىسى ئۆزىنىڭ تەنھا دۇنياسىدا ياشاشقا ئادەتلەنگەن ياۋاش، كەمسۆز، ئىچ مىجەز كىشىلەردىن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ئائىلىۋى مۇھىتتا تۇداخۇندەك ئاغزىدا قىلىچى بار چاقچاقچىنىڭ چىقىپ قېلىشى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.# ^& u$ E2 l4 }9 l" ^

0 F3 A8 [4 W1 c8 i& R8 Oبىزدىكى رىزىق–نېسىۋە ئۇقۇمى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭغا جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ قىسمىغا تەۋە «ئەمگەك» دېگەن سۆزنى قوشۇپ ھەزىم قىلغان چېغىمىزدا، روشەن ئىلمىي ھەقىقەتكە ئېرىشىمىز. ئىگىسى كۈچلۈكلەرگە ئايىماي بەرگەن رىزىقىنى نۆۋىتىدە ئاجىز، مېيىپلارغىمۇ ئوخشاشلا كەم قىلمىغان. ئالايلى، «ئىلى بۇلبۇلى» نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەرھۇم خەلق ناخشىچىسى داۋۇتجان ناسىرنى ئاۋازدىن، مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى ھېسام قۇرباننى زۇۋاندىن ئېيتىپ قويغانلىقىنى مۇشۇ نۇقتىدىن چۈشىنىشىمىز مۈمكىن. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا توققۇزتارالىق تۇداخۇن پاكار ھېسام قۇرباندىن قالسىلا «رىزقى–نېسىۋە» زۇۋانىدىن پۈتۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، تۇداخۇندىكى زېرەكلىك بىلەن ئۇنىڭ تۇيغۇ ئالىمىدىكى پەۋقۇلئاددە تۇغما ئىنكاس بۇ يەردىكى ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىت بىلەن ئۇچراشقاندا يانغىن ھاسىل بولۇپ، چاقچاقچىلىق سەنئىتىمىزدىكى بۈگۈنكى تۇداخۇننى تۇغۇپ بەرگەن. ئۇ ھېسام قۇرباننىڭ نەزىرىدە تەبىئىيكى بىر يۇقىرى بېسىملىق ئوت سىم ئىدى. بۇ ئوت سىمنىڭ قۇۋۋىتى ئۇنىڭ بويى بىلەن يېشىدىن، شۇنداقلا ئاتىلىق نان سىستېمىسىغا تەۋە تەپەككۈر قاتلىمىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنىدى. چاقچاقچىلىق ئەخلاقى، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان تەمكىن قىياپىتى، تىلىدىكى ئاجايىپ ئوبرازلار ئۇنىڭغا ئۆزگىچە سالا–سۈپەت ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ خىل سۈپەتنىڭ ئالامەتلىرى بالىلىق چاغلىرىدىلا مەلۇم بولۇشقا باشلىغانىدى.
4 x" r7 E: l2 _- i2 v9 m3 |% y— تۇداخۇن، سەن جاۋاب بەرگىنە، سۈرەتتىكى «ئېر» بىلەن مەخرەجدىكى «ئېر» قىسقىراپ كەتسە نېمە قالىدۇ؟% y3 N" @4 \# c& Z
ئوقۇتقۇچىسى قېيۇم مۇئەللىمنىڭ فىزىكا دەرىسىدە سورىغان سوئالى ئۇنىڭ شەيتىنىنى غىدىقلاپ قويدى. فىزىكىدىكى «ئېر» ئۇقۇمى ئاساسەن قارشىلىققا ماڭاتتى. ئۇ شۇنىڭ لايىقىدا جاۋاب بەردى:
# M$ z% E! c& v: U9 `7 M— مۇئەللىم، «ئېر» بىلەن «ئېر» قىسقىراپ كەتسە، بالا–چاقا يېتىم قالىدۇ.
7 ^+ q2 q2 G9 M( v# f5 e6 X" {! nگېئومېتىرىيە مۇئەللىمى سوراتتى:! K/ S; J7 M0 o* `& I/ d9 y% ~3 J
— تۇداخۇن، ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى قانچە بولىدۇ؟
+ g" ^* ~- l. V— بىر يۈز سەكسەن گرادۇس.
$ a- s5 x5 u/ ~— ئۇنىڭدىن چوڭ بولمامدۇ؟
7 v2 ~$ l, D0 r  X— چوڭ بولسا، — دەپ جاۋاب بېرەتتى تۇداخۇن، — ئۈچبۇلۇڭ ئېتىلىپ كېتىدۇ./ r" P  ~& W" ~. E0 U$ a. `; N
— تۇداخۇن، چوڭ بولساڭ نېمە ئىش قىلىسەن؟
- o/ [' M6 M0 w$ K9 S4 G3 z) H! A. ^) s— ساقچى بولۇپ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە قارايمەن.
% W+ P! n1 L, C0 L( D# E' y— ئۇلار خەتەرلىك ئادەملەر، سەن باشقۇرۇپ بولالمايسەن.( u7 ^7 r0 G, o  P$ i* t  Y" p
— باشقۇرۇشۇمغا بوي سۇنمىسا، كۆتىگە تېپىپ تۈرمىدىن ھەيدەپ چىقىرىمەن.; B" m0 g1 h5 I) e
% U# C+ {1 G- S6 Y& A" @
بىر قىسىم بۆۋەك، نادان ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى كەمسىتىپ بوزەك قىلىپ ئوينايتتى. لېكىن ئۇ گەپ ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ ئۇنداقلارنىڭ ئەدىپىنى بېرەتتى. بىر قېتىم بىر ساۋاقدىشى ئۆزىنىڭ شادا پۇتلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بېشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، زادىلا ئارامىدا قويمىدى. سىنىپقا كىرگەندە بۇ ئىشنى قىز ساۋاقداشلىرى سىنىپ مۇدىرىغا مەلۇم قىلىپ قويدى. سىنىپ مۇدىرىنىڭ سەپرايى ئۆرلەپ، تۇداخۇندىن سورىدى:/ [, v2 a4 O8 d4 f# P) f
— بۇ گەپ راستمۇ؟5 S, K9 t, f+ R" X7 x* q  D( Z5 g2 m
— يالغان،— دەپ جاۋاب بەردى تۇداخۇن، — ئەگەر ئۇ بېشىمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلىگۈدەك بولسا، تەنتەربىيە دەرىسىدە نېئوت قالمايتتى، مۇئەللىم. $ w$ M6 i' r9 o! B& e

* C5 q" F+ P. ]1 @8 V3 Hتۇداخۇنغا ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىدىن تارتىپ مەھەللە–كويدىكىلەر، ئەر–ئايال، قېرى–ياش، بوۋاي–مومايلارغىچە بۆلەكچە ئامراق ئىدى. ئۇنى ئۇچراتقان، كۆرگەنلا يەردە تۇتۇۋالاتتى. ئەتەي گەپكە سېلىپ، پارىڭىنى ئاڭلايتتى.
! g+ E5 P/ F' T) D— روزىكامنىڭ مۇشۇ پەتەك بالسىنىڭ گەپ–سۆزلىرى خويمۇ پۈتۈنغۇ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، — دەپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى چېھرى ئاتەش ئانىلار.) z7 o2 H+ x& e9 m1 a! l+ G- B
— تۆت ئېغىز گېپىنى ئوڭلاپ قىلالمىغان ئەرنى ئەر دېگىلى بولامدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن مۇنۇ بىزنىڭ تۇداخۇندەك بولسا، — دېيشىپ ماختىنىشاتتى پالۋان سۈپەت ئاتىلار. 2 x5 N% f5 j, }8 P

0 |9 w5 p5 a+ |  Tھەممىدىن ئوقۇتقۇچى–ئۇستازلىرى ئۇنىڭغا بەكرەك ئامراقلىق قىلاتتى. دەرس مەزمۇنىغا باغلاپ، قانداقتۇر سوئاللارنى سورىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەپەككۈرى ۋە ئىنكاسىنى سىنايتتى. مۇنداق چاغلاردا ئۇ ھودۇقماي، تەمتىرىمەي، ئۆزىنى خاتىرجەم، تەمكىن تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سوئالىغا تېز، جايىدا، كۈلكىلىك جاۋاب بېرەتتى. ماختاشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئومومىي پەنلەر بويىچە دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئىزچىل ئەليۇلئەلالىقنى قولدىن بەرمىدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان يىلى 380نومۇرلۇق يۇقىرى چەك بىلەن مانىۋېر ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، مەكتەپ بويىچە تۆتىنچى بولدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 335 نومۇر ئالدى. بۇنى بوش نەتىجە دېگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭدىن تۆۋەن نومۇر ئالغان بالىلارنىڭ چاقىرىق قەغىزى كېلىپ قايسى بىر ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇچۇپ كەتتى. بىراق.....
( R0 R1 C0 ?6 l3 o
0 _$ M% @3 ^) f* x. r# o. dبىراق «ساپا مائارىپى» نامىدىكى چىرايلىق ۋېۋىسكىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ھازىرغىچە ئىمتىھان مائارىپى تۈزۈمىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان، ئادىمى، قورسىقىدىكى ئۇمىچى، تەلەپ ۋە ئېھتىياج دېگەنلەرنى ھەرقانچە تەكىتلىسىمۇ بەدەن ساپاسىدىن ئەرزىمەس كاشىلا تېپىۋالسىلا ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن شۇ چاغدىكى قاتمال مائارىپ تۈزۈمىمىز ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا كېلىشتۇرۇپ بىر كاچات ئۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭسىزمۇ ئۆزىنى ئاجىز، كەمسىتىلىش نەزىرىدە دەڭسەپ ئازابلىنىپ يۇرۈۋاتقان چاقچاقچىمىزغا بۇ ئىش يەنە بىر چوڭ زەربە بولدى. ئۇنىڭ شۇ ئاي، شۇ كۈنلەردىكى ئازابى ۋە ھېسسىياتىنى ھېچكىم چۈشەنمەيتتى. ئۇ تەنھا، تولىمۇ تەنھا قالغانىدى. ئازابلارنىڭ چېكى بارمىدۇ؟ ئۇ بار دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ، پىنھانلاردا ياش تۆكتى.! T" W/ \( H* M! A
$ G: r. R7 M) R; @% n5 S- J6 k
«ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى»
1 l. W/ c( Y% D2 E- X5 T, e1 p, w, l" R6 r+ G$ r3 Z7 O
ئۇ بۇ تەمسىلنى نەلەردە يۈرۈپ ئاڭلىۋالغان بولغىيتتى؟! تەمسىل ئۇنىڭغا بەكلا ياقاتتى. ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەنا، ھېكمەت بارئىدى. ھازىرچە ئۇنىڭدىكى ھايات ھېكمەتلىرىنىڭ تەكتىگە يېتەلمىسىمۇ، ئەمما كۆز يېشىنىڭ ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. كۈلۈش كېرەككەنغۇ ئاخىرى. كۈلۈپ تۇرۇپ ياشاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلۈشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەتكەن. روھىڭنىڭ بوش قالغان كامارلىرىنى ئاشۇ سەنئەت بىلەن تولدۇرۇشنىڭ يولىنى تاپالىساڭ تەنھالىقتىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيسەن. كېلەچەككە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن باقالايسەن. بىر ئەسەبىي تۇيغۇ ئۇنىڭ روھىي ئالىمىدا چۇقان سالدى:
' i, Q0 v9 m! V2 l. n: N+ u7 e«بازار بارلىكى يەردە تەنھالىق يوق — فرېدرىخ نىچىشې ‹گېرمانىيە پەيلاسوپى›»4 \8 t, P' b8 p' _# ~5 P! Y

% M3 M9 V5 P7 h( U$ H7 gھېسداشلىق، تۇداخۇنغا بىراۋلارنىڭ ھېسداشلىقىنىڭ لازىمى يوق ئىدى. كىچىكىدىن ئىنتىلىپ كەلگەن بىر سۆيۈملۈك بازار ئۇنى ئۆز قوينىغا چىللاپ تۇراتتى. پەقەت مۇشۇ بازارلا ئۇنىڭ مىسكىن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ چاغلار تۇداخۇننىڭ چاقچاقچىلىقتا ئاز–تولا نام–ئاتىقى چىقىپ قالغان چاغلار بولۇپ، رايون ئاتلاپ ئىلىنىڭ كۈلكە–چاقچاققا تويۇنغان مۇناسىپ سورۇنلىرىدا ئۆزىنى سىناپ بېقىش پۇرسىتى بولمىغان بولسىمۇ، ناھىيە بازىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللە–كويلاردا پات–پات بولۇپ تۇرىدىغان چاي، ئولتۇرۇش، توي–تۆكۈنلەرگە قاتنىشىپ، سورۇن ئەھلىنى شادىيانە كۈلكە قوينىغا بۆلەپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بازار مانا شۇ بازار ئىدى. تۇداخۇن ئىمتىھان ئۆتكىلى ئېلىپ كەلگەن ئازاب، خورلۇق، ئۈمىدسىزلىك يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاچچىق–ئاچچىق كۆزياشلىرىنى كۆكسىنىڭ پىنھان، چوڭقۇر يەرلىرىگە ئەبەدىي دەپنە قىلىۋېتىپ، ئۆزىنى ئەركىن ۋە مەغرۇر تۇتۇپ، كۈلكىسى كەم قالمايدىغان ئاشۇ جانىجان «بازار»نىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى بولۇپ يۈرۈۋەردى. ئۇ ئەمدى ئىلگىرىكى تۇداخۇنغا — سورۇنلارغا سىغدىلىپ كىرىپ ھەۋەس بىلەن تاماشا كۆرىدىغان، چوڭلارنىڭ قۇچىقىغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭ تىڭشايدىغان، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپلەرنى ھەرقانچە دېگۈسى كەلسىمۇ، يەنە بىر يەرلىرىدە قورۇنۇپ ئىچىگە يۈتۈۋېتىدىغان بالا تۇداخۇنغا زادىلا ئوخشىمايتتى. ئۇمۇ مۇستەقىل تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويغان جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ سەرخىل گۈلىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. جەمئىيەتتە قويۇق–سۇيۇق بىلەن ئارىلىشىپ كۆپنى كۆرۈپ، كۆپنى چۈشەنگەنسېرى تۇرمۇش مەزمۇنى بېيىپ، ئېغىز تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى ھەسسىلەپ ئېشىپ باردى. جەمئىيەتنىڭ، ئادەملەرنىڭ قوينى كەڭ، باغرى ئىللىق كېلىدىكەن. تۈزۈم ئۇنى يەكلىۋېدى، ئادەملەر قوينىغا ئېلىۋالدى. بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى. تۇداخۇن شۇندىن بېرى تۈزۈمگە ئەمەس، ئادەملەرگە مۇھەببەت قويىدىغان، مۇھەببەتلىك ئادەملەر، مۇھەببەتلىك ئىجتىمائىي توپنىڭ كۈلكىسى، خۇشاللىقى، كۆڭۈل ئارامى ئۈچۈن كېچە–كېچىلەپ سايراپ تالمايدىغان بولدى. 4 ^- e$ Y/ \+ M1 X6 ~" G2 ?

2 N% N% T7 k' I0 F1 Uماقالىمىزنىڭ باشلىنىش قىسمىدا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك شۇ ئارىدا تۇداخۇنغا كۈتمىگەن يەردىن ئۆزىنىڭ قىزىقچىلىقتىكى تەبىئىي ئىقتىدارىنى سەھنە ۋە ئېكراندا سىناپ بېقىشنىڭ بىر قېتىملىق پۇرسىتى چىقىپ قالدى. بۇ پۇرسەت 1990–يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان بەدىئىي فىلىم «ئىلى مەشرىپى» ئىدى. فىلىمدە ئۇ كۈلدۈرگە نومۇرى «كىم ئېگىز»نى ئويناپ چىقىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولسىمۇ، شۇ قېتىملىق ئېكران سەپىرىنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تولىمۇ چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە تېخى تولۇق ئېلىنىپ بولمىغان ئىلى توققۇزتارالىق بۇ ناتونۇش چاقچاقچى ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ يىگىرمە بىرىنچى مۇساپىسىدا ئۆچكىلىك تېغى ئېتىكىدىن ھالقىپ چىقىپ، كۈلكە–چاقچاققا تولغان ھايات سەپىرىنى باشلىۋەتتى. تۇداخۇندىكى تويۇنغان يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتنى كۆرۈپ، جايلاردىكى كەسپىي  ۋە خۇسۇسىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا چۈشتى. ئۇنى بەس–بەستە تەكلىپ قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش مەركىزى، «تەڭرىتاغ» ۋە «ناۋا» ئانسامبىللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشىمىز مۈمكىن. كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ھاياتنىڭ ئوخشىمىغان سىناقلىرىدا ئۆزىنى سىناپ بېقىشقا قىزىقىدىغان چاقچاقچىمىز ئاشۇ سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كىشى كۆڭلىنى خۇشالمۇ، غەشمۇ قىلىپ ئۈلگۈرىدىغان قازانلىرىدا بىر قېتىمدىن قايناپ چىقتى. بۇ جەرياندا ئۇ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى شەھەر–بازار، يېزا–قىشلاقلاردا يۈرۈپ 400 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن كۆرسەتتى. ئەڭ يېڭى ئېپىزوت، كۈلدۈرگە، چاقچاقلىرىنى سەھنىلەردە، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئايىماي سۇندى. ئالقىشلارغا، چاۋاكلارغا، دەستە–دەستە گۈللەرگە ئورالدى. ئۇنىڭ قۇشقاچ مېڭىشىدىكى مۇبارەك ئىزلىرى ئىلى دەرياسى بويلىرىدىن تارتىپ تۇرپان، جۇڭغارىيە ئويمانلىقلىرى، تەكلىماكان قىرغاقلىرى، يىراق شەرقىي دېڭىز بويلىرىغىچە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ نامى ھېسام قۇرباندىن قالسىلا ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىدىكى قىزىق، جەلىپكار نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «قىزىق نۇقتا»نىڭ ئىخلاسمەنلىرى تەبىئىيكى كۆپ بولىدۇ. بۇنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشىمىز مۈمكىن. مەسىلەن: چاقچاقچىمىزنىڭ ئۆزىنىلا ئالساق ئۇنى كۆرۈشكە، پارىڭىنى، چاقچىقىنى ئاڭلاشقا قىزىقىدىغانلار، غايىۋانە ئاشىق بولغانلار....دېگەندەك. بۇ يەردە مۇھەببەتنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. گېپى بولغانىكەن، چاقچاقچىمىزنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆيگۈ ۋە ئاشىقلىق ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ماقالىمىزدا يانداپ ئۆتۈپ كېتەيلۇق.
' h- z) r) D* s  N" i! d; @1 t8 a$ L0 q/ |5 `
ھەئە، ئىلگىرى تۇداخۇن ئۆزىنىڭ ئاجىز، مېيىپ تۇرقىدىن خۇدۈكسىرەپ ئۆمۈر بويى تەنھا، نامۇ–نىشانسىز ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ دېگەندەك بىمەنە خىياللارنى تولا قىلاتتى. ئەقەللىيسى بىرەر قىزغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشتىن، توي تەكلىپى بېرىشتىن قورقاتتى. رېئاللىق دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە چىقىپ قالدى. ئۇ قىزلارغا ئەمەس، قىزلار ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلدى. ياشلىق – مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولىدۇ. ئادەمنى تەلۋە، ساراڭ قىلىپ قويىدۇ، كۆزىگە قان تولىدۇ، يۈرىكى ئىشىق سەۋداسىدىن ئۆرتىنىدۇ، ھەرقانداق خەتەر، تەۋەككۈلچىلىكتىن يانمايدىغان قىلىۋېتىدۇ. يىگىت تەرەپ قانداقتۇر ئامىللار سەۋەبىدىن پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان ئايرىم ئەھۋالدا ئېنىقكى قىز تەرەپ تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈۋالىدۇ. تۇداخۇن – بىزنىڭ ئۇرۇقچا باتۇرىمىز دەل شۇنداق ئەھۋالغان دۇچ كەلدى. ئۇ «ناۋا» ئانسامبىلى تەركىبىدە جەنۇبىي شىنجاڭغا ئويۇن قويغىلى چۈشۈپ، ئاقسۇنىڭ «ئىتتىپاق»تىياتىرخانىسىدا كۈلدۈرگە نومۇرى ئورۇنلاۋاتقان چېغىدا، قولىدا گۈل تۇتقان زىلۋا، ئوماققىنە كەلگەن بىر قىز سەھنىگە چىقىپ، ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. قولىنى ئوتتەك قوللىرى بىلەن سىقىپ، سول كۆزىنى مەنىلىك قىسىپ قويۇپ، سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى. سول كۆزىنىڭ قىسىلىشى «يېشىل چىراغ»نىڭ يېقىلىشىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنىڭغا گۈلنى قوشۇپ مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ساپ، سەمىمىي بىر مۇھەببەتنىڭ يېلىنجىغان چاغدىكى ھارارىتىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. دېگەندەك ئەتىسى قىز ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىغا ئالايىتەن ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. پاراڭ ئارىلىقىدا كۆڭلىنى ئوچۇقلا بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. بۇ ئىشتىن تولىمۇ تاسادىپىيلىق ھېس قىلغان تۇداخۇن قىزنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. ئېھتىمال ئۇنىڭمۇ ئويلىغان يېرى باردۇر. بۇ ئىش «يېپىق قازان يېپىق پېتى قالغان» بولسىمۇ ئۈرۈمچىدە يەنە شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلدى. تۇداخۇن ئوخشاشلا رەت قىلدى. بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن دېگەن سوئالغا جاۋاب كەتمەيدۇ. سۆيدۈرۈش باشقا گەپ، سۆيۈش باشقا گەپ. ئىككى يۈرەكنىڭ ئۆزئارا زەرەتلىشىدىن ئاپىرىدە بولغان مۇھەببەت يەنە باشقا گەپ. چاقچاقچىمىزنىڭ كۈتىدىغىنى شۇ خىلدىكى سۆيۈش–سۆيۈلۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان ئادىمى ئۆچكىلىك ئېتىكىدىكى بوستانلىق مەھەللىلەرنىڭ بىرىدە قالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇرادەرلىرى چاقچاق ئارىلاش «قاراخوتۇن» دەپ ئاتاپ قويىدىغان، ئۆزىمۇ شۇنداق ئاتاشقا كۆنۈپ قالغان، كۆزىدىن كۈلكە، چىرايىدىن تەبەسسۇم ئۆچمەيدىغان زىلۋا، قاملاشقان، قاراقۇمچاق كەلگەن باھارگۈل ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ تۇرقى، مىجەزى باھارغا، باھاردا ئېچىلغان گۈلگىلا ئوخشايتتى. ئىككىسىنىڭ بىر–بىرىگە تەلپۈنۈپ، ئىچەكىشىپ يۈرگىنىگە خېلى بولۇپ قالغانىدى. تۇداخۇن مۇنداق ئەھۋالدا ئىككىنچى بىر ئايال زاتىنى كۆڭۈل خانىسىگە چىللاپ كىرىشنى خالىمايتتى. خەيرىيەت، «رىزقا غايىپ، نىكاھ غايىپ» دەپ، 1996–يىلىنىڭ تالقان تۆكتى پەسلىدە ئۇلارنىڭ «بېشى باش، ئايىغى تاش» بولدى. ھازىر گۈلدىيار، نىھالە ئىسىملىك ئوماققىنە ئىككى قىزنىڭ ئاتىسى بولۇپ قالدى. قىزلىرىنىڭ بويىمۇ، ئويىمۇ دادىسىنى تارتقان بولۇپ، كىشىنىڭ تولىمۇ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. كىچىك قىزى بازارلىق «چولپان» باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يەسلى سىنىپىدا، چوڭ قىزى شۇ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. گۈلدىيارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
, U* }) N6 Y: V— 18 يېشىمدىن تارتىپ رەسمىي سورۇن كۆرۈۋېدىم، بۇ يىل (2007–يىل) 38 ياشنىڭ قارىسىنى ئالدىم. ئويلاپ باقسام نورمال ياشىغان ئادەمنىڭ 80 يىللىق كۈلكىسىنى كۈلۈپ بوپتىمەن. چاقچاقتىن تېپىۋالغان، ئېرىشكەن نەرسىلىرىم ئاز ئەمەسكەن. مەسىلەن، ئۆزۈمنى، كېلەچىكىمنى، بارلىقىمىنى دېگەندەك، — دېدى ئۇ.
& K- X2 K6 |( U  @, }
+ D( h) H# p4 V4 i! j4 c4 I; fمېنىڭچە ئۇ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلدى. ھايات، كىشىلىك تۇرمۇشتا باشقا تەرەپتىن چىقىش يولى تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوقنىڭ ئورنىدا تۇرغان تۇداخۇندەك بىر كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، رىزقى–نېسىۋېنىڭ چاقچاق سەنئىتىگە باغلىنىپ قېلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق كۆپنىڭ ھۆرمىتى، ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىشى ئۇنىڭغا كەلگەن ئامەت ئىدى. ئۇنىڭ ۋارىس چاقچاقچىلار ئىچىدە چاقچاق مەدەنىيىتىگە تۇتقان ئەقىدە–ئېتىقادىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا كۈچلۈكلىكىگە قىل سىغمايتتى. ئۇ چاقچاقنى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيەتتى. چاقچاق دېگەن زادى قانداق بولىدۇ؟ چاقچاقچىلىق ئىستىلى، سورۇن ئەخلاقى، تەرتىپ، ئىنتىزام، كەيپىيات، ئوبراز، تىل ئېلىش، ئىشلىتىش، كىمگە، قايسى يوسۇندا، قانداق چاقچاق قىلىشقىچە بولغان نازۇك، ئىنچىكە نۇقتىلارغىچە ھەممە–ھەممىسى قىشنىڭ ئۇزۇن سوزۇلغان تۈنىدە سىرت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئېلىپ بارغان ئايرىم سۆھبىتىمىزنىڭ سىرتىدا قالمىدى. «قاراخوتۇن» تىۋىش چىقارماي كىرىپ، سوۋۇپ قالغان چايلىرىمىزنى پات–پات يەڭگۈشلەپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى. 0 P$ M/ }" L: S8 c
— ئويلاپ باقمامسەن، – دەيتتى تۇداخۇن، — باشقىلار ناتونۇش بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئالدىدا تارتىنىپ، خۇدۈكسىرەپ تۈزۈككىنە گەپ قىلالمايدۇ. بىز بولساق يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىلەرنى كۈلدۈرۈپ چىقىشقا كېپىللىك قىلىمىز. كۈلكە دېگەن قانداق يەردىن چىقىدۇ؟ بىزمۇ شۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپنى تىزىپ سۆزلەيمىزغۇ، چاقچاقنى يادلاپ بەرگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، يادلاپ بەرگەن ئوقەتنىڭ ئۆزىمۇ چاقچاق ھېسابلانمايدۇ. ئۇ زېمىننىڭ تومۇر–تومۇرلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئابىچەشمىگە ئوخشايدۇ. ساپ، تەبىئىي نەرسىلەرنىڭ تەنگە بېرىدىغان ھوزۇرى بىلەن يۈرەككە بېرىدىغان تەسىرىمۇ باشقىچە بولىدۇ. ھەقىقىي چاقچاق ئۆزگىچە شەكىل، چوڭقۇر پىكىر، گۈزەللىككە تويۇنغان مەنا، كۈلكىگە تويۇنغان يۇمۇرىستىك تەركىبلەرنىڭ گارمونىيلىك بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. چاقچاقنى بىر ياكى بىرنەچچە ئادەم قىلىپ، مىڭلىغان ئادەم تىڭشايدىغان، ھۇزۇر ئالىدىغان نەرسە. شۇڭا مۈمكىن ئۆزۈڭنىڭ گېپىگە ئۆزۈڭ كۈلمەسلىكىڭ كېرەك. كۈلسەڭ بىرىنچىدىن، خەقنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويىسەن، ئىككىنچىدىن، ئاڭلىغۇچىلارغا بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىپ قويىسەن. ئۈچىنچىدىن، سەن دېگەن گەپ ئۇنچىلا قىزىق چىقمىسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشىسەن. ساڭا ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلىك باھا بەرسۇن، چاۋاكنىمۇ شۇلار چالسۇن.
7 d8 a5 v8 ~* G5 G& M7 G# c  x— تەمكىنلىكنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەشتىكى رولىغا قانداق قارايسەن؟ دېمەكچى بەزى چاقچاقچىلار سورۇنغا كىرە–كىرمەيلا گەپ قىلىشقا ئالدىراپ كېتىدۇ–يۇ، ئاخىرىغا بارغاندا «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» بولۇپ قالىدۇ.. p( ?  s5 |( p4 Q1 Q2 D$ `5 k: ?
— سالاپەتنى بىخەتەرلىك كىملىكىگە ئوخشىتىمەن. سەن ئۆزۈڭگە مۇناسىپ سۈپەت بىلەن سورۇنغا كىرىپ كەلسەڭ ياكى كىرىپلا تاماشىبىنلار بىلەن ئاداش–ئاداش بولۇۋالساڭ تۈگەشكىنىڭ شۇ. چۈنكى سورۇن دېگەنگە قىسما–قىسما ئادەملەر كېلىدۇ. سۈرى ھەيۋەت ئەمەلدارلار، تەكەببۇر بايۋەچچىلەردىن تەپ تارتمىغان ئادەملەر چاقچاقچىلاردىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىدۇ. سەن قوپۇپ ئۇلار بىلەن «تۆگە–تۆگىلەڭ» بولۇۋالساڭ، ئۇلار سەن بىلەن تەڭ دەرىجىگە كېلىۋالىدۇ. ئوخشاش دەرىجىلىكلەرنىڭ بىر–بىرىنى باشقۇرمىقى، بىر–بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىقى تەسكە چۈشىدۇ. سورۇندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيمەن، قىقاس چىقىرىپ كۈلكە قوزغايمەن دەيدىكەنسەن، تولۇق تەييارلىق بىلەن كېلىشىڭ، تەمكىن، سالماق بولۇشۇڭ، ئەڭ سەزگۈر نۇقتىدىكى «ھەربىي ھالەت»تە تۇرۇشۇڭ كېرەك. يەنە بىرگەپ، سورۇن دېگەندە ئوخشاشمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان تەبىقىنىڭ ئادەملىرى ئۇچرايدۇ. سەن مەيلى قايسى خىلدىكى كىشىگە چاقچاق قىل، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە شۇ تەبىقىنىڭ ئادىمىگە ئايلىنالىساڭ بولىدۇ. ئۆگزىدە مەڭگەن–سامىنى بار دېھقانغا قوپۇپ ئېلېكترون–ئۇچۇر دەۋرىنىڭ، كومپيۇتېردىكى تورنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرسەڭ چۈشەنمەيدۇ–دە. مېنىڭ بىر ياخشى ئادىتىم سورۇندا قانچىلىك ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېسىمگە ئېلىۋالغان ئادەمنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايمەن. چاقچاق نۆۋىتى شۇ كىشىگە كېلىپ بولغۇچە كەسپى، تەققى–تۇرقىدىن كىملىكىگە دىئاگنوز قويۇپ، كۆڭلۈمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ تونلارنى پىچىپ بولىمەن.
- M, [" D5 ^$ F# s6 }' c  r— ئاڭلىسام، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چاي ئولتۇرۇشىدا بىر كىشىنىڭ كىملىكىنى ئۆزىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپسەن، بۇ راستمۇ؟
; ]- \( K( B5 \' q— توغرا، شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا شۇنداق بولغان. يىغىنغا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن كەلگەن قەلەمدار–ئەلەمدارلار، ئۈرۈمچىدە كاتتا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان باشلىقلاردىن بولۇپ نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان. يىغىننىڭ چاي زىياپىتىدە چاقچاق قىزىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭمۇ خۇرۇچى تۇتۇپ قالغانىكەن. چاقچاقنى بولۇشىغا قىلدىم. بىر چاغدا چاقچاق قىلىپ كېتىۋېتىپ تاماق شىرەلىرىنىڭ بىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ياش بىر شائىرغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئىلگىرى شېئىرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، ئۆزىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. بىچارىنىڭ چىرايى سۇلغۇن، ئۈستى–بېشى رەتسىز، كەيپىياتىمۇ تازا نورمال ئەمەس ئىدى. كۆزلىرىدىن مۇڭ، قانداقتۇر ئېيتقىلى بولمايدىغان بىر خىل مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى مەن تەسەۋۋۇر قىلغان شائىرنىڭ كەيپىياتىنى ئۇچرىتالمىدىم. خىيالىمدا شۇنداق ئويلاپ قالدىم. شائىرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۈرۈمچىدەك كاتتا شەھەرگە، كاتتا شائىرنىڭ كاتتا يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلدى. شۇنداق بولغانىكەن، ھېچبولمىسا ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەپ رەتلىك، پاكىز، روھلۇق كېلىشى كېرەك ئىدى. بىزدە «ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن» دېگەن تەمسىل بار. خوتۇنى بولۇمسىز، چېچىلاڭغۇ بولمىسا، ئەقىللىق، چېچەن ئاياللاردىن بولغان بولسا، ئەركىشىنى مۇنچىۋالا تاشلىۋەتمەيتتى. دېمەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا چوقۇم مەسىلە بار دېگەن يەرگە كەلدىم. ئۇنداق يەردە تىلىڭنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپنى يۈتۈۋەتكىلى بولمايدىكەن. چاقچاقنى تاق شۇ «مەسىلە بار» يەردىن تۇتۇۋېلىپ باشلىدىم. زال ئىچىدىن قىقاس چىقىپ كەتتى. كېيىن ئاڭلىسام خۇددى چاقچاقتا دېيىلگىنىدەك تۇرمۇشتا ئۇنىڭ تەلىيى كەلمىگەنىكەن. مانا شۇنداق شائىر ئاغىنىمىزمۇ تۇداخۇننىڭ قولىدا «جان بەرگەن».
3 I& I/ e7 ^! q- e  U0 f— بەزىدە سىلەرنى تومۇر تۇتۇپ دورا بېرىدىغان ئۇستا تېۋىپقا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. دورا بېرىشتە ئىلمىيلىك بىلەن سەزگۈرلۈكنىڭ رولىغا قانداق قارايسەن؟
; l  ]+ t/ [- S— چاقچاق ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەت. مەدەنىيەتكە ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلمىغاندا شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا ھاقارەت كەلتۈرۈپ قويغان بولىمىز. چاقچاقتا باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش مەقسەت ئەمەس، ئۇنى بىردەملىك قىزغىنلىقنىڭ، ئۆچ ئېلىش، قورساق كۆپۈكى چىقىرىۋېلىشنىڭ، مەمەدانلىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالساق تېخىمۇ بولمايدۇ. زۇكام بىلەن باش ئاغرىقىغا قانداق دورا بېرىلىدۇ؟ بىز دەۋاتقان چاقچاقمۇ شۇ يوسۇندا داۋام قىلىشى كېرەك. ئالايلى، ئارىمىزدا شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەر باركى سورۇنلارغا مىڭ كويلۇق ئۈستىباش بىلەن كىرىپ، ئوتتۇز كوي بىلەن چىقىپ كېتىدىغان. چاقچاق شۇنداقلارغا توغرا كېلىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ئەيب–نۇقسانلىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىش مېنىڭچە ئاقىلانىلىق ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا: «سەن شۇ ھالىتىڭدە ئادەملەر بىلەن تېلېۋىزوردا چىقماي، ‹ئادەم ۋە تەبىئەت› تە چىقىپ بەرسەڭ بولىدىكەن» دەيمىز، تۈگەيدۇ. يەنە مەسىلەن، بەزىلەر سورۇنلاردا مەمەدانلىق قىلىپ گەپ بەرمەيدۇ. ئۆزىچە قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ كەيپىياتنى بۇزىدۇ، كىشىنى بىزار قىلىدۇ، مەسلىھەتكە كۆنمەيدۇ، سۈپىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ. ئۇنى قوپۇپ ئوچۇقتىن–ئوچۇقلا ساراڭغا چىقىرىۋېتىشنىڭ ئورنى يوق. مۇنداق چاغلاردا ئۇنداقلارغا 4–دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىمىز–دە، ئاسانلا «ساقايتىۋالىمىز».
6 H0 E% v% l9 G4 g9 [
* i0 m, N: T. t6 X) l«ساقايتىۋالىمىز» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قانداقتۇر بىر ئىشلار يادىمغا يېتىپ قالدى. مۇشۇ چاقچاقچىلىق دېگەندە ھەمىشە كۈلكە، خوشاللىق ئىچىدە يۈرىمەن دېگىلى بولمايدىكەن. ئىنسان تەبىئىتى ئىسسىق ۋە سوغۇق مىزاجلاردىن تەركىب تاپقاچقىمۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئىسسىق، ھېچبولمىسا مۆتىدىل كېلىدىغان كۈلكە–چاقچاق ئازساندىكى سەپرا مىجەز كىشىلەرنىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرۇپمۇ قويىدىكەن. مۇنداق ئەھۋالدا كۆڭۈلسىزلىك ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن خالىي بولۇش تەسكەنغۇ. بىزنىڭ تۇداخۇن ھازىرچە بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا يولۇقمىغان بولسىمۇ، ھەرھالدا شۇنىڭغا يېتىپ–قوپا ئىككى ئىش ئۆمۈر خاتىرىسىنىڭ بىر بۈرجىكىگە تىركىلىپ قالدى. بۇنىڭ بىرى غۇلجا شەھىرىدە، يەنە بىرى شاڭخەينىڭ زاپولۇ رايونىدا يۈز بەرگەن.
) r8 c5 m4 z% ^3 jتۇداخۇن غۇلجا شەھىرىدە بولغان بىر چايدا «ساراڭ» لەقەملىك بىر يىگىتنى لەقىمىگە يۆلەپ تاق يېرىم سائەت ئوخشاتتى. قەستەن ئەمەس، چاقچاق شۇنداق توغرا كېلىپ قالغانىدى. سورۇن تارقىغاندا ھېلىقى يىگىت تۇداخۇننىڭ ئالدىنى تورۇۋالدى:* V3 F+ O5 H4 V0 h. Y  @2 P
— بىلىمەن، — دەپ دىمىقىنى قاقتى ئۇ، — سەن كاساپەتنى ئۇرغىلى بولمىغان، يا تىللاپ تەڭ كەلگىلى، بايىقى قىلغان ئەلىمىڭ ئۈچۈن شۇنىڭ لايىقىدا جازايىڭنى تارتىشىڭ كېرەك.. O2 N+ I2 ]  N2 R  C
كۆرۈڭ تاماشىنى، ئەمدى ئوخشاتتىغۇ. يىگىت تۇداخۇننىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئايىغىنى كىيگۈزدى–دە، ئۇنىڭغا شۇ يەرگە يېقىن ئېگىز بىنانىڭ 4–قەۋىتىگە چىقىپ–چۈشۈش جازاسىنى بەردى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ياخشى گەپ يىگىتكە كار قىلمايتتى. تۇداخۇننىڭ بېشىنى غەم باستى، ماڭلىيىغا تەر تەپتى. 4–قەۋەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاشاردىن ئېغىر زۇلۇم، ئايىغىغا يەتكىلى بولمايدىغان تولىمۇ ئۇزۇن مەنزىل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىگىتنىڭ كىيىۋالغىنى 44–رازمىرلىق ئاياغ بولۇپ، تۇداخۇننىڭ قىسقا، دىقماق پۇتلىرى بۇ غايەت زور «ئېيىق ئۆڭكۈرى»نىڭ ئىچىگە ساغرىسىغىچە قوشۇلۇپ كىرىپ كېتەتتى. ئامال قانچە، بىزنىڭ ئۇرۇقچا باتۇرىمىز ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ جازاسىنى تارتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ھەربىر قەدەم ئالغاندا جازا ئايىغىنىڭ كەينى تەرىپى ئۇنىڭ سۆڭگۈچىگە تارسىلداپ ئۇرۇلۇپ تازىمۇ بىئارام قىلاتتى. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، ئۈچ قەدەم....تۇداخۇن بىناغا چىقىپ–چۈشكىچە غونۇجۈننىڭ ئازابىنى كۆردى. قىزىق يېرى ئۇ بۇ مۇساپىنى ئارتۇق ئەمەس، كەممۇ ئەمەس نەق يېرىم سائەتتە بېسىپ بولدى. بىر قاققا بىر قاق، يېرىم سائەتكە يېرىم سائەت. قارشى تەرەپنىڭ چاقچاقچىمىزدىن «ئۆچ ئېلىشى» شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى. بىر مەيدان كومىدىيىلىك تۈس ئالغان ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن، يىگىت تۇداخۇننى دەريا بويىغا ئېلىپ چۈشۈپ، يېتىپ–ئاشقۇچە مېھمان قىلدى.- W' r3 a! g# e' M7 _6 n

, Z+ N+ q- F: r& y7 J- J& D% gشاڭخەيدە بولغان ئىش بۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دېڭىز بويى رايونلىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى خېلى بارئىدى. ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ كۈلكە–چاقچاقلىرىنى سېغىنىپ قالغان چاغلاردا چاقچاقچى، قىزىقچىلارنى پات–پات تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ تۇداخۇنغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىخلاسى باشقىچە بولغاچقىمىكىن، ياتاق، تامىقى، ئايروپىلان بېلەتلىرىگىچە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېلېفون ئارقىلىق بىر كېچىدىلا ئېلىپ كېتەتتى. تۇداخۇن ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلالماي 2003–يىلى 11–ئايدا شاڭخەيگە بېرىپ قالدى. بېرىشنىغۇ باردى، چاقچاقنىمۇ ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قىلدى. بىراق.... بىراق، شائىرلىقتىن ئازراق تامايى بار، ھال–كۈنى باشقىلارنىڭ ئۆرۈمى بىلەن سەدىقىسىگە قاراشلىق قالغان بىر داپيۈز، تاماخور بەندىنىڭ پوقىغا تېيىلىپ كەتكىلى قىللا قالدى. ھېلىقى ئاداش ئۇ بار سورۇندا شەقىقىي ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۇترۇقسىز ھېسسىياتىنى باسالماي شېئىر ئوقۇپ سالغانىدى. ئوقۇغان نېمىسىنىڭ مۈڭگۈز–پۇتىقى بولمىسىمۇ، ئولتۇرغان–قوپقان يېرىدە شېئىر ئوقۇپ، شېئىردىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك سەنئەتنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ، شائىرلىق ئوبرازىغا قەدەمدە بىر نۇقسان يەتكۈزۈپ يۈرگەن بۇ ساقلاندى ئاداشتىن ئادەملارلا ئەمەس، جەمئىيەتمۇ بىزار بولۇپ يۈرەتتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن تۇداخۇننى زاپولۇ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ چاسنىچە كىيىنگەن خادىملىرى ئىزدەپ كەلدى. شېئىرنى باشقىلار ئوقۇپ، سوئال–سوراققا چاقچاقچىمىز قالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ساقچىلار ئالدىدا «مەسىلە تاپشۇرۇش ئوبيېكتى»غا ئايلىنىپ قالغانىدى. كۈندە چاقىرتىپ، تەكرار سورالغان ئەگىتمە سوئاللارنىڭ نېگىزىدىن قارىغاندا تۇداخۇن سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر–بىرلەپ تونۇپ بېرىشى كېرەكتەك قىلاتتى. ئۇ ئۇلار بىلەن «ئايدۆڭدە قېتىق ئىچمىگەن» تۇرسا، تونۇپ بېرىشكە ھۆددە قىلالىشى مۈمكىنمۇ ئاخىر. لېكىن بۇنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بولالمىدى. ساقچىلاردىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن تۇداخۇن بىر تاقلاپلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى.' g3 L* ?% \6 ?1 i2 C! s
— سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، — دېدى ئۇ، — ھەرقايسىڭلار دۆلەت رەئىسىنى تونۇمسىلەر؟
' {" E0 h: y4 P: v1 N& W! N— ياق.! |! s/ d' Y, i: j4 f) p: ]
— شۇ گەپ ئەمەسمۇ، — دەپ كۈلۈپ كەتتى تۇداخۇن، — مەن كۈندە دېگۈدەك تېلېۋىزوردا، پىلاستىنكىلاردا چىقىپ تۇرىمەن شىنجاڭدىكى ھاۋارايىدا چىقىدىغان پۈتۈن يەرلەرنى ئايلىنىپ سورۇن–سورۇندا چاقچاق قىلمەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مېنى تونۇمايدىغان ئادەم يوق. بىراق ماڭا ئۇيغۇر ئاتالغانكى كىشىنى تونۇپ بەر دېسەڭلار بۇ ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ–دە.
: z: F# S4 M1 E  S! qتۇداخۇن شۇ گەپ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. يىغىپ كەلگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسى چاقچاق سەنئىتى ئۈچۈن ئىدى. ئۇ كىشىلەر قەلبىگە كۈلكە، خۇشاللىق بېغىشلايدىغانلا ئىش بولسا ھەرقانداق ئاۋارىچىلىقلاردىن قېچىپ باقمىدى. ئادەتتە ئۇنىڭ تۇرمۇشى كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان شەپەرەڭگە ئوخشاپ قالغان. «تۇر–تۇردىن خەۋەر كەلسە، ئۇيقۇدا لەززەت يوق» دەپ، قاش قارىيىشى بىلەن تەڭ كىملەردۇر ئۇنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولاتتى. نەلەرگىدۇر ئېلىپ كېتەتتى. ھەپتىلەپ، ئايلاپ يوقاپ كېتىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغانىدى. بەزىدە ئۆيىگە، ئائىلىسىگە خەۋەر بېرىپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يىراقلارغا كېتىپ قالاتتى. ئاستىدىن نېرى بولمايدىغان مېيىپلىق موتسىكلىتى بازاردىكى قايسى بىر ئىدارە–ئورگانلار ئالدىدا كۈن ئاتلاپ تۇرۇپ قالغۇدەك بولسا، كۆرگۈچىلەر: «تۇداخۇن ئېھتىمال يىراق بىر يەرگە سەپەر قىلغان گەپ، بولمىسا ئۇنىڭ ھارۋىسى مۇنچىلىك بويۇن قىسىپ قالمايتتى» دېيىشىپ، بىخەتەر يەرگە يۆتكەپ قوياتتى. 3 _! T3 K0 t/ n, Y8 ~3 A/ ~* P
— بىر قورۇدا تۇرۇپ، — دەيدۇ تۇداخۇن، — داداملارنى ئايلاپ كۆرەلمەيدىغان چاغلىرىم بولىدۇ. مەن سىرتقا ماڭغاندا ئۇلار تېخى ئېتىزدىن قايتىپ كەلمىگەن. ئۇلار ئېتىزغا ماڭغاندا مەن «سەھەر»نىڭ شېرىن ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقان، مانا شۇنداق گەپ. ئاپام رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكىلى يەتتە يىل بولدى. دادام شۇ ئارىدا توققۇز قېتىم پارتىزان شەكلىدە ئۆيلىنىپ، توققۇز قېتىم خوتۇن قويۇپ بوپتۇ. مېنىڭ بۇ ئىشلاردىنمۇ تولۇق خەۋىرىم يوقكەن. مەھەللىمىزدە مەخسۇس قېرى بويتاقلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇيدىغان بىرسى بولىدىغان. بىر كۈنى ئۇ: «ئۆيدە لۆڭگە تۈگەپ قاپتۇ خوتۇن، دىككىدە بازارغا بېرىپ كېلەيلى» دېسە، ئايالى قوپۇپ نېمە دەپتۇ دېمەمسەن: «پۇلنى لۆڭگىگە بېزەپ قىلماڭ، ئاڭلىسام تۇداخۇننىڭ دادىسى يېقىندا يەنە ئۆيلىنىدىكەن، نىكاھىدا لۆڭگە قويىدۇ» دەپتۇدەك.....
7 C" K9 T8 j- z8 Z6 T3 s# T
% n% G& }* g/ t0 k# l; \گەپ شۇ يەرگە يەتكەندە ئېغىزىمغا ئېلىپ بولغان چاينى پۇرقىۋەتتىم. چاي ئۆپكەمگىلا كەتتى. كەيپىيات دېگەن ئاجايىپ نەرسىكەن. مەن بۇ تەرەپكە كېلىشتىن ئاۋۋال قانداقتۇر بىر ئىشلار سەۋەبىدىن ئازار يەپ، لەيلىمە تۇمان ئىچىدە دىمىقىپ تۇرغان كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. قورسىقىمنىڭ كۆپۈشى، بېشىمنىڭ ئاغرىقىمۇ قويۇپ بەردى. ئىلگىرى مەن ئىشەنچىلىك ماتېرىياللاردىن كۈلكە–چاقچاقنىڭ بىرقىسىم مۇرەككەپ ئىچكى كېسەللەر، شۇنداقلا كەيىپات خاراكتېرلىك يىغىندا كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا غەرب ئەللىرى كۈلكە ئارقىلىق ئاغرىق داۋالاشنى خېلى بۇرۇنلا سىناق قىلغان ھەم ئۈنۈمىنى كۆرگەن بولۇپ، ئامېرىكا مەخسۇس «قىزىقچىلار داۋالاش ئۆمىكى»نى قۇرغان. فرانسىيىمۇ ئامېرىكىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۈلگە ئېلىپ، كۈلكە چولپانلىرىنى پارىژدىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار بۆلۈملىرىگىچە ئېلىپ كىرگەن. ستاتىستىكىغا قارىغاندا 2–دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى فرانسىيىلىكلەر كۈنىگە تەخمىنەن 19مىنۇت كۈلىدىغان بولۇپ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى، قايتا قۇرۇش غېمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلىشىپ كېتىشىگە ئوخشاش ئامىللار سەۋەبىدىن ھازىر پەقەت ئالتە مىنۇت ئۆپچۈرىسىدىلا كۈلەلەيدىغان، %24 ئادەم كۈنىگە ئاران بىر مىنۇت چاقچاق قىلىشىدىغان، %7 ئادەم مۇتلەق كۈلمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئامېرىكىدىكى داۋالاش مەركەزلىرى كېسەللەرنى ئازمىقداردا نىتروگېن مونوكسىدى دەپ ئاتىلىدىغان كۈلدۈرگۈچ گاز سۈمۈرۈپ بېرىشنى، فرانسىيە دوختۇرلىرى ھەركۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەت كۈلۈپ بېرىشنى داۋالاش كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزگەن. ھىندىستانلىقلارنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا كىشىلەرنى مەخسۇس «كۈلۈش كۇرسى»غا ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى «كۈلكە رادىئو ئىستانسىسى»، بىرازىلىيىدىكى «كۈلكە تېلېفونى»....مانا مۇشۇلارنىڭ ھەننىۋاسى كۈلكە–چاقچاقنىڭ مېدىتسىنا ۋە سالامەتلىكتىكى ئىلمىي قىممىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مەن شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ چاقچاقچى، قىزىقچىلىرىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم.* q1 a' t9 y$ B6 v. E: ?2 `

0 h+ l* U, [) ^" a4 K' {7 Lقايىل بولۇش كېرەك، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۈلكە ئىچىدە تۆلەپ كېلىۋاتقان مىننەتسىز، تاماسىز بەدەللىرىگىمۇ قايىل بولۇش كېرەك. تاماكا بىلەن ھاراقنىڭ دۇت كەيپى، دەرىجىدىن تاشقىرى شاۋقۇن، ئېغىر دەرىجىدىكى چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق....مۇشۇنداق مۇھىتتا قېنى كىم ئۇلار بىلەن كۈنلەپ، سوتكىلاپ ئولتۇرۇپ چىدىيالايدۇ؟ ئۇلار بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن، شۇڭا ۋايسىمايدۇ. ئۆلۈپ بەرسىمۇ تىك ئولتۇرۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلۈپ بېرىدۇ. بەدەل تۆلەش ھېسابىغا ئېرىشىدىغىنى نېمە؟ پۇلمۇ؟ پۇلنىڭ گېپىنى قىلساق خاتالاشقان بولىمىز. ئادەم بېشىغا چېچىپ كەلسە، ئۈچ يۈەن، بەش يۈەندىن توغرا كەلمەيدىغان تۆت توك–توك ئۆرۈمە پۇلنىڭ مىننىتىنى قىلساق زادىلا خاتالاشقان بولىمىز. توغرا، ئۇلارغىمۇ پۇل كېرەك، پۇل بولمىسا، تۇرمۇشى مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولمىسا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ چاقچاق قىلالمايدۇ. گەپ دېگەنمۇ كۆڭۈلنىڭ توقلۇقى، تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكىدىن كېلىدۇ ئەمەسمۇ. لېكىن بۇ يەردە پۇلدىنمۇ مۇھىمراق بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت. ئۇلار پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا ھەرقانچە بەدەل تۆلەشتىن، قۇربان بېرىشتىن يانمايدۇ. سۈيدۈڭ لەڭگەرلىك ئاغزىدا قىلىچى بار مەرھۇم چاقچاقچى دىلمۇرات سابىرنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئالتە سائەت بۇرۇن چاقچاق قىلغانلىقى، ئۈرۈمچىلىك بۇرادەرلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايون دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دېرىزىسىدىن ئېلىپ قاچقاندا كۈلۈپ تۇرۇپ دوست تارتىشىپ بەرگەنلىكىنى بىز دەۋاتقان ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن دېمەي نېمە دەيمىز. نۆۋىتىدە يەنە شۇ كۈچ ئوپراتسىيە ئۈستىلىدىن يېڭى قوپقان بىزنىڭ تۇداخۇننىمۇ «ياماق» سېلىنغان يەرنىڭ يىپىنى ئېلىۋېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا سورۇنغا ئېلىپ چىقتى( تۇداخۇن 1998–يىلى بۆرەككە تاش چۈشۈش سەۋەب بىلەن ئوپراتسىيە قىلىنغان). ئۇ ناھىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى بۇرادىرىنىڭ «ئۆي چېيى»نى قىرلاپ قويۇپ بەرگەن ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، چاقچاق بىلەن بىرئاخشام قىزىتىپ بەردى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتمەي 700يۈەنگە مەخسۇس ماشىنا بولۇپ يېتىپ كەلگەن يىگىتلەر بىلەن (ئاپىرىپ–ئەكىلىشى) قورغاس ئېغىزىغا يۈرۈپ كەتتى. 6 N- t( X# h4 D+ e# r; s
— ئاڭلىسام، — دەپ چاقچاق قىلدىم تۇداخۇنغا، — پۇلدارلار بىلەن ئەمەلدارلار سورۇنىغا بەكرەك چاپىدىغان بولۇپ قاپسەن. بىز سېنى چوڭ بىلىپ يۈرسەك «ئوردا قىزىقچىلىرى»دىن بولۇپ قالمىغىن يەنە.- s, c8 s! c* s6 z
— ھا...ھا.... كەكرىدەك گەپ بولدى بۇ، — دەپ كۈلۈپ كەتتى ئۇ، — ئىشقىلىپ ئادەم ئېتىپ چاقىرغان يەردىن قېپباقمىدۇق. ساڭا دېسەم چاقچاقنىڭ مۈڭگۈز–پۇتىقى بار كىشىلەردىن تەپ تارتقان، ئېھتىيات قىلغان كۈنى ئۇنىڭ «ئۆلگەن»كۈنى. مەن ھازىرغىچە ئۆلۈپ باقمىدىم، ياشاپ كېلىۋاتىمەن. يەنە تېخى ياشايمەن. سەن بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنسەن يا ياخشىلىق بىلەن نام چىقار، ياكى يامانلىق بىلەن. يامان بولساڭ كېلەچەكتە ئەۋلادلار سەندىن ئىبرەت ئېلىپ ياخشى يولغا ماڭىدۇ. ياخشى بولساڭ سەندىن سۆيۈنىدۇ. ھەرئىككىلىسى بولالمىساڭ، نېمە قىلىسەن بىرنوپۇسنى ئارتۇق ئىگىلەپ. مەن بىر چاقچاقچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «ئوردا قىزىقچىسى» دېگەن سەت ئاتاقنى ئېلىپ قېلىشنى مۇتلەق خالىمايمەن. چاقچاق ئەزەلدىن ئۇنداقلارنىڭ قازىنىدا سۇ قايناتقان ئەمەس. ئۇلارغا يۈز–خاتىرە قىلىپ ئولتۇرغانمۇ ئەمەس. شۇڭا ئۇلارغا ھېيىقماي چاقچاق قىلىۋېرىمەن. ئەمەلدارلارنى ئالايلى: ئۇلارنىڭمۇ خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى بولىدۇ. ناۋادا كىبىردىن خالىي ياشاپ، ئەھلى پۇقرانىڭ دولىسغا تۇز تېمىتقان يەرلىرى كۆپرەك بولسا، ئۇنداقلارنى بىزمۇ چوڭ بىلىمىز. ئۇنداق بولماي تۆۋەننى بېسىش، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ قولتۇقىغا سۇ پۈركۈش بىلەن ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىغان بولسا، چاقچاققا يۆلەپ ئىچىدىن ئۆپكىسىنى قېقىۋېتەلەيمىز. بەزى كاتتا ئىمارەتلەر بار، سىرتىدىن قارىساڭ بەھەيۋەت. ئەمەلىيەتتە ئىچىگە كىرسەڭ ئوبۇرنىسىغا تاختاي قويۇقلۇق. كۆپنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن ئەمەلدارلارمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. سۆلەتۋاز بايۋەتچىلەرمۇ ھەم شۇ.) d! x( v6 H" ~) J; m& I7 u8 C$ C7 B( t
توققۇزتارا ئەدىبلىرىدىن ئەنۋەر ناسىرى، ئابدۇخېلىل مىرخېلىللار سۆزلەيدۇ:" j7 t! {7 V6 T  C2 @% e+ M; a$ v
— تۇداخۇن چاقچاق ئۈچۈنلا يارىلىپ قالغان ئادەم. ئۇنىڭ تىلى سۈيى قانغان شەمشەرگە، ئىنكاسى كىرىچىدىن ئايرىلغان يا ئوقىغا، تەپەككۈرى ۋە پىكىرى ئالماس زېمىنغا دۈملەنگەن تارىخىي چوڭقۇرلۇققا ئوخشايدۇ. ھېسام قۇربان تارىخنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان كاتتا ئىنئامى بولسا، تۇداخۇن ئىلىنىڭ چاقچاقچىلىق سەنئىتىدە ھېسام قۇرباندىن كېيىن يېتىشپ چىققان يەنە بىر نامايەندە. بىز ئۆچكىلىك باغرىدىكى خاسىيەتلىك زېمىن تۇغۇپ بەرگەن بۇ يىگىتىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.
6 @, _! L$ ]$ R
, H! J! O: l8 v- Hھۆرمەتلىك كىتابخان، تۇداخۇن بىر يىل 365 كۈننىڭ تەڭ يېرىمىدا دەرۋىشلەردەك بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەردە يۈرسە ئائىلىسى، بالىلىرىنى قانداقمۇ بېقىپ كېتىۋاتقاندۇ دېگەندەك ئوشۇقچە خىياللاردا بولۇپ يۈرمەڭ. ئۇ ئۆتكەن زامانلارنىڭ تەركىي جاھان دەرۋىشلىرىگە، زامانىمىزنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان «سايىم نوچى»لىرىغا ئوخشىمايدۇ. تۇرمۇشقا كەلگەندە سىز بىلەن بىزدىن چىڭ. ئۇنىڭدا تاپقان–تەرگىنىنى ئۇۋىسىدىن باشقا يەرگە توشىمايدىغان ھەسەل ھەرىسى ۋە چۈمۈلىنىڭ روھى بار. ئائىلىسىگە قەۋەتلا سادىق سۆيۈملۈك «قاراخوتۇن» ئۇنىڭ ئەكەلگەنلىرىنى دەسسەپ–چىڭداپ، پوكۇنىغا بېسىپ تۇرىدۇ. بىرسىن تىنىم تاپماي تاپىدۇ، يەنە بىرسى يىغىپ ساقلايدۇ، قالايمىقان بۇزۇپ–چاچمايدۇ. يىغىش بىلەن ساقلاش بۇ ئائىلىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەلسەپىسى. يىغىشنىڭ گېپىنى قىلساق «چۆيۈن مەخسۇم»غا ئوخشىتىپ يۈرمەڭ يەنە. مۆرىتى كەلسە تاپقانلىرىنىڭ سەدىقىسىنى، ئۆشرە–زاكىتىنى كەم قىلمايدۇ. يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ. ئاجىزلارنىڭ ھالىنى سورايدۇ.1 `' o& h( m+ ?' `
— ھاجىكا، يېتىم بالىدىن جىق ئەمەس ئوننى بېقىۋالاي دەۋاتىمەن؟2 Q1 `" r3 _  K* B6 l
— قانداق بولۇپ بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالدىڭ؟3 X- o; w- }0 A5 u/ \0 K' O* F
— ئۆزىمىزنىڭ مۇڭى، ئۆزىمىزنىڭ ناخشىسى بىلەن ئۆتۈپ كەتسەك بۇ جاھاندا ياشىغاننىڭ تازا مەنىسى بولمايدىكەن. ئاز–تولا بولسىمۇ كەچكەن ساي، ئاشقان داۋانلىرىمىزدا ئىزىمىز قالسا، جەمئىيەتكە چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەسسە قوشۇپ قويساق دەيمىزغۇ.9 k2 Y( Q# D* m' ]9 u( c
— تۇداخۇن ئىنىم، ئىرادەڭگە بارىكاللا. يېتىملارنىڭ ئىشىنى مەن قىلاي، ئىككى بالاڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىنىڭمۇ جەمئىيەت ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقىنىڭ. ھازىرچە بۇنىڭدىن باشقىسىنى ئويلىما.! p- H1 L) v5 s. R5 v. T2 c
+ T7 F7 n0 [" r" D' @4 Z
مانا بۇ يېتىملارنىڭ ئاتىسى نۇرتاي ھاجىم ئىسكەندەر بىلەن چاقچاقچىمىز ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان پاراڭنىڭ ئەينى خاتىرىسى. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلغىنى يوق. ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى، كۆڭلىگە پۈككەنلىرى بار. ئاز قالدى، «قاراخوتۇن» پوكۇنىغا بېسىپ يىغىپ كېلىۋاتقان «دۇنيا»نىڭ سانى مەلۇم چەككە يەتسە، ئۇ بۇنى چوقۇم بىلىدۇ، قىلالايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چاقچاقلىرى بىلەن كۈلدۈرۈپ كەلگەن بولسا، يېتىملارنىڭ كۆڭلىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۈلدۈرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىگە نۇر–ئاپتاپ سېپەلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھەق ئىگىسى ئۇنىڭ تاپقانلىرىنىڭ بەرىكىتىنى ھەسسىلەپ بەرگەن. ھازىر ئۇ 140مىڭ يۈەن خەجلەپ خېلى–خېلى ئەركەكلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان كاتتا ئىمارەت سېلىۋالدى. 457مىڭ يۈەنگە پېچىتى بۇزۇلمىغان 36كىشىلىك يولۇچىلار ئاپتوبوسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، توققۇزتارا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىغا سېلىپ قويدى. يۈز مو يەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، 13مىڭ تۈپكە يېقىن كۆچەت تىكىپ قويدى (ئاپتوبوس بىلەن يەرنى شېرىك سېتىۋالغان).# Q! J. `; \4 s7 C* W, ?) [$ d- |

7 Y1 H0 E! G; U  t2 `ئاستىدا يەنە 40مىڭ يۈەنلىك تۇرمۇش ماشىنىسىدىن بىرى بار بولۇپ، «قاققان قوزۇق، تۈگكەن تۈگۈچلىرى» ھېچكىمنىڭكىدىن كەم ئەمەس. ئۇ يەنە زامانغا لايىق ياشاش ئىستىكىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ قانۇنچىلىق كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكۇم دېپلومىنى ئېلىۋالدى. بىرمەزگىل ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللاندى. جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، نىكاھ ماجرالىرىغا چېتىلىدىغان تۆت پارچە دېلونىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىنى ئىشلىدى. ئۇ ئادۋوكاتلىق قىلغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ: «بىر جىنايەتچى ئەسلى ھۆكۈمدە مۇددەتسىز كېسىلەتتىكەن، مەن ئاقلاپ ئېتىلىدىغانلا قىلىپ قويدۇم» دەپ، چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ يۈرىدۇ تېخى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۇداخۇننى مېيىپ، ئاجىز دەپ كەمسىتكۈچىلەر مۇنداق كېيىن كاللىسىنى سىلكىۋەتسۇن. ئۇ ماڭا:
/ l: f- ~$ D! O2 P— تېنى بېجىرىم، يەتتە ئەزاسى ساق، ئۆيگە كىرسە قاچا بوشىتىش، تالا چىقسا كوچا چىڭداشتىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان تەپمە ھالال كىشىلەرگە بەكلا ئېچىنىمەن. ئۇنداقلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقىكىن، كۆزۈمگە مېيىپتەكلا كۆرۈنىدۇ، — دەيدۇ., C  T$ v# D5 w) y! X3 }
ساماۋى كىتابلاردا تەپەككۈرنىڭ رولى بەكرەك تەكىتلەنگەن. ھەممىدىن قورقۇنچلۇق، ھەممىدىن خەتەرلىكى تەپەككۈر مېيىپلىقى. ئۇ بىزنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟ كەمكۇتىسىز دوزاخقا. ئەسلىدە دوزاق سەن بىلەن بىزنىڭ چۈشىدىغان جايىمىز ئەمەس ئىدى...تۇداخۇن ئېغىر تىندى. مەنمۇ ھەم شۇ. تۈن يېرىمىغىچە داۋاملاشقان سۆھبىتىمىزنىڭ كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرگە ئۇلىنىپ كېتىشىنى خالىماي، سىرتقا ھاۋا يىگىلى چىقتۇق. توققۇزتارانىڭ ئايدىڭ ئاخشىمى — نەقەدەر گۈزەل، سېھىرلىك كېچە كېچە بۇ! ئاي نۇرىغا بۆلەنگەن زېمىن. سۆيۈملۈك، يېقىملىق، چىرايلىق زېمىن، بۇ يەرنىڭ كېچىلىرىمۇ كۈندۈزگە ئوخشاش مۇھەببەتكە تولغان، گويا ئاشىقلار ئۈچۈن يارىلىپ قالغاندەك. ئەسلى بۇ يەر ئاشىقلار زېمىنى ئىدى. ناخشا–سۆيگۈگە باغرى قانمايدىغان، ھېلىمۇ ھەم شۇ. ئەنە يىراقلاردىن، ئويغاق، مۇھەببەتلىك زېمىننىڭ قايسى بىر بۇلۇڭلىرىدىن سۆيگۈگە تەشنا ئاشىقلارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى كەلمەكتە.
! ~3 L& A: P/ k0 ]# F; C; p: `0 S7 I; }
$ @6 I2 o. o3 U" _/ ^) Hتاغقا چىقتىم بىركۈنى،5 _0 G" F0 Q- k% K  e! `* Z
ئېتىپ چۈشتۈم تۈلكىنى.# C# K# `2 L3 |( l" T9 }
خەپ، خۇدايىم بۇيرۇسا،. G% S% y. k5 r! {7 N) z
كۆرۈشەرمىز بىركۈنى.....
& [6 T& ^+ w& |7 ?' p. q1 E
8 i6 U2 u. I  P3 G! N–––––––––––––––––––3 X5 F+ ]9 q( G9 b8 K! \% h4 c, g
مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2007–يىللىق 1–سان، ماقالە ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل سېيىت
( i  c0 j/ Y8 Q$ l9 [) |( v% @1 lتور كۆچۈرۈلمە مەنبىئى: www.iliho.com/blog ئىلىخو تەزكىرىسى (ئىلىخو پۈتۈكلىرى تورىدىن ئېلىندى), f! f/ t  L* n

* W  e# p4 M$ @- d6 d& i- ?* x6 e7 ^) H0 p

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 09:20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن تېخى يولدا كېلىۋېتىپ بۇ خەۋەر بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك كۆلۈم يېرىم بولغان ئىدى.ياخشى كۈنلەردە بىز بىلەن ۋىدالاشقانلارنىڭ ياتقان يېرى جەنىتى بولسۇن، ئامىن!

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 457
تۆھپە : 12
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 11:16:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھىي راجىئۇن! ئامىن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش