يىتىپ كەلدى يىڭى بىر دەۋىر
يىتىپ كەلدى يىڭى بىر دەۋىر،
ئىلىپ كەلدى پۈرسەت رىقابەت،
دەس تۇر دوستۇم، ئويغان ئۇيقۇدىن،
ئۆمۈر قىسقا ۋاقىت غەنىمەت.
خار قىلىدۇ بىزنى غاپىللىق،
نەپسانىيەت ۋە ساختا شۆھرەت.
مەنمەنلىككە بولمايلى مەھكۇم،
ئىللەت تۈزەلمەي، تۈزەلمەس مىللەت!
ئارىمىزدىن چىقسا بىر چولپان،
ئارقىدىنلا ئىزدەيمىز نۇخسان.
ھەسەتخورلۇق ۋە مەنمەنچىلىك،
قايسى ئەلنى روناق تاپقۇزغان؟!
ئۇيۇل تاشتەك بولۇپ بىر گەۋدە،
ئىناقلىقنى قوغدايلى بۈگۈن.
بىر قېرىنغا پاتقانغۇ ئادەم،
كەڭ دۇنياغا پاتمايمىز نىچۈن؟!
ئەل ۋەتەن دەپ سوقسۇن ھەر يۈرەك،
يۈكسىلىشتۇر بىزدىكى تىلەك.
ئىلىم پەننى قىلايلى قانات،
بۇ دەۋىرگە قابىللار كىرەك.
دىلغا پۈكۈپ گۈزەل ئارمانلار،
جەسۇرانە ئاشساق داۋانلار.
گۈللەنمەسمۇ بۇ ئېزىز ماكان،
نۇر زىياغا تولماسمۇ جاھان؟!
يىڭىچە ئاڭ تىكلەيلى دوستۇم،
يىتىپ كەلدى يىڭى بىر دەۋىر.
ئىناقلىق ھەم بىلىم ھىكمەتتىن.
قۇرايلى بىز بىر ئالتۇن قەسىر!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىنۇردىلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-17 22:55