ئانا تىل بايرىمى
توربەتلەرنى ئارىلاۋېتىپ بىر پارچە رەسىم لاھىيىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . ئۇنىڭدا مەغرۇر ئولتۇرغان بىر شىرنىڭ رەسىمى ئۈستىگە ئانا تىلدا «2013 – يىل 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» دەپ يېزىلىپتۇ . بۇ رەسىمنى ئىشلىگەن دوستىمىز «چىگرا» غا بۇ يەردە شەخسەن سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
بىز نۇرغۇنلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق بايرامنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق ھەم قەلبىمىزدە ئاجايىپ بىر خىل سۈيۈنۈش ۋە چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىپتىخارلىنىش ھېسىياتى ئۇرغۇپ تاشقانىدى .
مەن بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ خىل ھېسىيات يەنە كۈۋەججىدى ۋە قۇلۇمغا قەلەم ئېلىشقا ئالدىرىدىم .
مەن ئۆز ئانا تىلىمنىڭ بولغانلىقى ، ئانا تىلىمدا سۆزلەپ ، ئانا تىلدا يېزىقچىلىق قىلىپ ، ئانا تىلدا پاراڭلىشىپ ، ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىش شەرىپىدە ئۆزەمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېسابلايمەن .
ئۇيغۇر تىلى تىللارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ، ئەڭ يۇمشاق ۋە پاساھەتلىكلىرىنى بىرى . ئۇ ئەجدادىمنىڭ ، ئاتا – بوۋىللىرىمنىڭ ، ئورۇق – تۇققانلىرىمنىڭ ، مېنىڭ ، بالىلىرىمنىڭ ، ئەۋلات بۇغۇنلىرىمىنىڭ تىلى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رۇزى كېرەم يارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-17 21:34