كۆرۈش: 1069|ئىنكاس: 0

شۆھرەت مەسۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

IMG_0145.JPG

شۆھرەت مەسۈم،1962-يىلى 12-ئاينىڭ 26- كۈنى تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھرىدە ئوقۇغان. 1980-يىلى شىنجاڭ تېببى ئېنىستېتۇتىنىڭ داۋالاش فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان.1986-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ سۈڭەك كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنغان. ھازىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى سۈڭەك كېسەللىكلەر 1-بۆلۈمىدە مۇدېر ۋېراچ ،مۇئاۋېن بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
شۆھرەت مەسۈم 1992-يىلى «ئىلى كەچلىك گېزىتى»دە ‹‹جېددى قۇتقۇزۇش›› ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قېلىش بىلەن تەڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۈغۇللانغان. 1999-يىلى «مېنىڭ ئېشىكىم'ناملىق ھېكايىسى 2-نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى .خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹ئەقىدەمگە يېغلايمەن››دېگەن ھېكايە پوۋېستلار توپلىمى، 2010-يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹سەرسان يۈرەك››ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىندى. ئۇندىن باشقا ‹‹چاڭقىغان دەريا›› ‹‹شەيتان بولغان پەرشتە››ناملىق ئىككى پارچە رومانى نەشرىياتىغا سۇنۈلدى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو   يازغۇچىلىرى ئازسانلىق مىللەتلەر  ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى.                                                                                                     


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-17 20:51  


image.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش