تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 45|ئىنكاس: 2

دوستلۇق مىزانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:26:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     

6632244_011713131152_2.jpg

  

                                دوستلۇق مىزانلىرى

                                    سائادەت ساتتار


كىشلىك تۇرمۇش ،دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ،بىز ھەر خىل دوستلارغا ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا ماھىر ،سەگەك بولمىساق دوستسىز قالىمىز،دوستسىز تۇرمۇشنىڭ قانداقمۇ لەززىتى بولسۇن؟؟خوشال بولسىڭىز تەڭ كۈلگىدەك،خاپا بولسىڭىز كۆڭلىڭىزنى ئاچقۇدەك،ئازاپ چېكىپ ياش تۆكسىڭىز ،تەڭ كۆز يېشى قىلغۇدەك ھەقىقى دوستلارنى كۆپلەپ تېپىڭ! شۇلار بىلەن بەختلىكسىز.

<<بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كېڭىيىدۇ>> دەپتىكەن كونىلار.دوستىڭىزنىڭ كۆپ ياكى ئاز بۇلۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق.تۆۋەندىكىدەك قىلىپ بېقىڭ چۇقۇم ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.

1. دوستىڭىزغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىڭ ، ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى كۆڭۇل قويۇپ تىڭشاڭ،گېپىنى ئورۇنسىز بۆلۈۋەتمەڭ.

2. ئۇ ئازاپلىنىپ دەرت تۆكۈۋاتقاندا تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان (خوشاللىق) لىرىڭىزنى سۆزلەپ كەتمەڭ.

3. دوستىڭىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك ۋەز- نەسىھەتلىرىڭىزنى تەكرارلاۋەرمەڭ.

4. دوستىڭىزنىڭ سىزگە مەنسۇپ مەخپىيەتلىكرىنى باشقىلارغا ھەرگىز دىمەڭ.

5. ئالدىڭىزدىكى دوستىڭىزغا يەنە بىر دوستىڭىزنى ئارتۇق ماختاۋەرمەڭ،چۈنكى ھەرقانداق دوستىڭىز سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىگىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرسۇن.

6. دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپتىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۇزمەي بۇ ئازارلىشىشتىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى قارشى تەرەپكە قىيالمايدىغانلىقىنى يەتكۇزۇپ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ چىگىشنى يېشىپ دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە تىرىشىڭ، كېيىن ئۇلار سىزنىڭ يالغان سۆزلىگىنىڭىزنى بىلگەن تەغدىردىمۇ سىزدىن ئاغرىنماي ئەكسىچە سۆيۈنىدۇ.

7. دوستلىرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى (سىز ئۆچ بولسىڭىزمۇ) ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.

8. خاتىرە كۈنلىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ ، ئاددى بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.

9. دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ.

10.ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە، نىمە دىيىشىڭىزنى بىلەلمىگەندە سۈكۇتتە جىم تۇرۋېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر. خىجىلچىلىق ۋە جىددىيچىلىك ئادەمنى خاتا گەپ قىلدۇرىدۇ.ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر دوستىڭىزدىن خاتالىق كۆرۈنۇپ كۆڭلىڭىز رەنجىسە دەرھاللا يۈزىگە سالماي ئىككىلەڭلارغا ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ،ھەرگىز باشقا دوستلارغا(دەرت) تۆكۇپ يۈرمەڭ .


شىنجاڭ گېزىتى2011-يىلى2-ئاينىڭ11-كۈنى


101269_1111.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 01:29  

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 15:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇنبىرىمىزدە تورداشلار ئۆز ئارا دوستلىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردەبۇ ماقالىڭىز ئۆزىمىزگە ئەينەك قىلىشقا تىگىشلىك ئۆلچەملەر بوپتۇ. ھەممىمىز ئوبدان ئۆزلەشتۈرسەك بولغۇدەك. سائادەت سىڭلىم ، ياخشى يازما يوللاپسىز.تەشەككۈر.
مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 16:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلۇق ھەققىدە يېڭى بىلىمگە ئىگە بولدۇم،رەھمەت!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:29 , Processed in 0.100053 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش