يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1982|ئىنكاس: 6

ئانامنىڭ قولى(تەرجىمە ئەسەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانامنىڭ قولى
(ھېكايە)
مەن گەرچە چوڭ بولغان بولساممۇ ، ئانام كېچە كېچىلەپ دائىم يوتقىنىمنى ياپاتتى.ئانامنىڭ بەللىرىنى ئېگىپ تۇرۇپ چاچلىرىمنى قايرىپ پىشاينەمگە سۆيۈشلىرى ئادىتىگە ئايلانغانىدى.
قاچانلاردىن باشلانغانلىقىنى بىلمەيمەن.ئانامنىڭ چاچلىرىمنى قايرىپ پىشاينەمگە سۆيۈشلىرى مېنى بەكمۇ بىزار قىلاتتى،راستىمنى دېسەم،مېنى بىزار قىلىدىغىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېغىر ئەمگەك دەستىدىن قاپىرىپ كەتكەن يىرىك،قوپال قوللىرى ئىدى.
ئاشۇ ئاخىرقى كۈنى مەن ئانامغادوق قىلىپ:«بولدى ،ئەمدى مۇنداق قىلىۋەرمىگىن،قوللىرىڭ بەك يىرىككەن!»دېگىنىمدە ئانام ئۈن چىقارمىدى،ئەپسۇس، ئانام ئىككىنچى بېشىمنى سيىلاپ يۈزلىرىمگە سۆيمەس بولدى.خېلى بىرچاغلارغىچە ئانامغا دېگەن گەپلىرىمنى ئەسلەپ يۈردۈم،چۈنكى بالىلىقتىكى ساددا غورۇرۇم ئۈستۈن كېلىپ ئانامغا خاتا قىلغانلىقىمنى دېمىگەنىدىم.
ۋاقىت سۇدەك ئۆتىۋاتاتتى،مەن ئاشۇ ئاخشامنى ،ئاشۇ ئاخشامدىكى ئانامنىڭ قولىنى ئويلاپ قالدىم.چاچلىرىمنى قايرىپ تۇرۇپ پىشاينەمگە سۆيگىننى ئويلاپ قالدىم.،بىرئويلىسام يىراقتىكى ئىشتەك، بىرئويلىسام يېقىندىكىدەكلا دائىم كۆزئالدىمدا،ئېڭىمدا پەيدا بولىدۇبولاتتى.
يىللار شۇنداق قىلىپ ئۆتىۋاتاتتى،مەنمۇ چوڭ بولدۇم،ئانام بولسا 70ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغانىدى.ماڭا نىسبەتەن يىرىك بىلىنگەن ئەشۇ بىرجۈپ قول مەن ئۈچۈن،ئائىلىمىز ئۈچۈن تىنىم تاپمايتتى.ئانام بولسا قىزىمنىڭ ئاشقازان دورىسىنى تېپىپ بېرىدىغان،ئوغلۇمنىڭ پۇتىدىكى يارىغا مەلھەم سۈركەپ قويىدىغان ئائىلىمىزنىڭ دوختۇرى ئىدى،جاھاندىكى ئەڭ مەززىلىك توخۇ قورۇمىسىنى ئانام ئاشۇ قوللىرى بىلەن قورۇيتتى،يەنە شۇ قوللىرى بىلەن  پادىچىلار ئىشتىنمدىكى مەن دائىم تۆكۈۋېتىدىغان ماروژنىنىڭ قالدۇقىنى پاك-پاكىز يۇيۇپ چىقىراتتى،ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئانام ئۆي ئىشىنى قانچىلىك قىلىپ كەلدى ھە!ئاپتوماتىك كىرئالغۇ پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۇنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى كىريۇيۇشقا كەتكەنىدى.
مېنىڭ بالاممۇ چوڭ بولۇپ ئۆي ئايرىدى،داداممۇ بۇئالەمدىن خوشلاشتى،بەزىدە مەن ئانام ياتقان ئۆيگە خوشنا ئۆيدە ئۇخلايىتتىم.بىر قېتىملىق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمىنىڭ ئالدىنقى ھارپىسى كەچقۇرۇن مەن ئىلگىرىكى ھۇجرامدا ئۇخلاۋاتاتتىم،تونۇش بىرجۈپ قول تىتىرىگەن ھالدا ئاستا يۈزۈمنى سىيپىدى- دە، چاچلىرىمنى قايرىپ يىنىككىنە قېشىمغا سۆيدى.خىيالىمدىن نېرى كەتمىگەن،تەنتەكلىك بىلەن دېگەن ھېلىقى سۆزۈمنى قانچىلىك ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن،ئانامنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاشۇ كۈندىن كېيىنكى پۇشايمانلاردىن خالاس بولماقچى بولدۇم.ئانام بولسا ئۇچاغدا نېمە دېگەنلىكىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەنىكەن.،ھەتتا مېنى ئەپۇمۇ قىلىۋەتكەنىكەن.ئاشۇ كۈنى كەچتە مەن ئانامنىڭ ئىللىق مېھرى ۋە پەپىلىشى بىلەن ئۇخلىدىم،دېمەك،ئۇزۇن يىللىق گۇناھ تۇيغۇسىدىن ئاخىرى خالاس بولغانىدىم.


Mother`s Hands
     Louisa Godissart McQuillen
Night after night,she came to tuck me in,even long after my childhood years.Following her longstanding custom,she`d lean down and push my long hair out of the way,then kiss my forehead.
I don`t remember when it first started annoying me her hands pushing my hair that way.But it did annoy me,for they felt work-worn and rough against my young skin.Finally, one night,i lashed out at her:”Don`t do that anymore ---your hands are too rough!”she didn`t say anything in reply.But never again did mu mother chose out my day with that familiar expression of her love.Lying awake long afterward,my words haunted me .But pride stifled mu conscience,and i didn`t tell her was sorry.
Time after time,with the passing years,my thoughts returned to that night.By then i missed my mother`s hands.missed her goodnight kiss upon my forhead.sometimes the incident seemed very chose,sometimes far away.But always it lurked,hauntingly,in the back of my mind.
Well,the years have passed,and i`m not a little girl anymore.Mom is in her mid-sevebties,and those hands i once thought to be so rough are still doing things for me and my family.She`s been our doctor,reaching into a medicine cabinet for the remedy to calm a young girl`s stomach or soothe a boy`s scraped knee.She cooks the best fried chicken in the world..gets stains out of blue jeans like i never could....and still insists on dishing out ice cream at any hour of the day or night.
Through the years ,my mother`s hands have put in countless hours of toil,and most of hers were before automatic washers!
Now,my own children are grown and gone,Mom no longer has Dad,and on special occasions,i find myself drawn next door to spend the night with her.So it was that late on Thanksgiving Eve ,as i drifted into sleep in the bedroom of my youth,a familiar hand hesitantly stole across my face to brush the hair from my forehead.Then a kiss,ever so gently ,touched my brow.
In my memory,for the thousandth time,i recalled the night my surly young voice complained:”Don`t do that anymore-your hands are too rough!”Catching Mom`s hand in my hand.i blurted out how sorry i was for that night.I thought she`d remember,as i did.But Mom didn`t know what i was talking about.She had forgotten-and forgiven-long ago.
Thar night,i fell asleep with a new appreciation for my gentle mother and her caring hands.And the guilt i had carried around for so long was nowhere to be found.

ئەسكەرتىش:ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئائىشە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-15 01:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-2-15 01:50:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ ئەجىرلىك بولۇڭ !

ۋاقتى: 2013-2-15 05:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ...ئاللا ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.  تېخىمۇياخشى  ئەسەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن.

ۋاقتى: 2013-2-15 18:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ ئىنگىلىزچە ئۇقمايمەن . لېكىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قاراپ «راۋان تەرجىمە قىلىنىپتۇ» ، دەپ قارىدىم. ئەجرىڭىزگە بارىكاللا !

ۋاقتى: 2015-3-9 17:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-5-31 16:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەرجىمە بوپتۇ.  ياخشى نەتىجىلەر سىزگە يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-6-1 14:13:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
I don`t remember when it first started annoying me her hands pushing my hair that way.
But it did annoy me,for they felt work-worn and rough against my young skin
قاچانلاردىن باشلانغانلىقىنى بىلمەيمەن.ئانامنىڭ چاچلىرىمنى قايرىپ پىشاينەمگە سۆيۈشلىرى مېنى بەكمۇ بىزار قىلاتتى،راستىمنى دېسەم،مېنى بىزار قىلىدىغىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېغىر ئەمگەك دەستىدىن قاپىرىپ كەتكەن يىرىك،قوپال قوللىرى ئىدى.
---------------------
    قايسى ۋاقتتىن باشلاپ ئانامنىڭ ئەشۇ خىل ئۇسۇلدا مىنى سۆيۈشىدىن بىزار بولغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. مەن ئانامنىڭ ئۇ ئىشىدىن بىزار ئىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ قوللىرى يۇمران تىرىمگە شۈنچىلىك قوپال ۋە يىرىك بىلىنەتتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش