زەيتۇنەم يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 21:35
ئەلقىزىنىڭ گۆھەرنى بايقىغان ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ۋە شىرىن ...
سىزگىمۇ سالام بولسۇن، زەيتۇنەم! بۇ داستان ئەسلىدىمۇ ياخشى يېزىلىپتىكەن. مەن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تۇنجى ئوقىغان چېغىمدىلا ماڭا تەسىر قىلغان. بۇ قېتىمقى كۇرسانتلار ئارىسىدا ئادالەت ئابدۇرېھىممۇ بار ئىكەن، تىزىملىكتىن ئىسمىنى كۆرۈپلا ئەينى ۋاقىتتىكى «قەشقەرلىك ئايال» ئېسىمدىن كەچتى. بۇدا قايتا ئوقىغاندا يەنىلا ئوخشاش تەسىر قىلدى(گەرچە يۇقۇرىدا تورداشلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئىملا خاتالىقى تۈپەيلىدىن، داستاننىڭ ئەسلى مەزمۇنى ۋە مەزمۇنغا ماس ھېسسىياتنى ئاۋاز ئارقىلىق دەل جايىدا ئىپادىلەشكە تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ) ۋە كاللامدا نۇرغۇن خىياللار پەيدا بولدى . مەن «بېيجىڭ: ئەدەبىيات بۆشىكىدە» تېمىسىدا شائىر روزى گۈلباي ئاكىمىزنىڭ رۇبائىلىرىنى قېتىپ ، ئۇ يەردىكى بارلىق دىلكەشلەرگە كىچىككىنە بولسىمۇ ئىلھام بېرىش ۋە ئۇلارغا سالام يوللاش ئىستىكىدە ، مۇنبەرداشلارغا سۇنغان ئىدۇق. بۇ داستاننىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن، ۋۇجۇتقا چىقىشقا ياردەم بەرگەن، تېمىغا قاتناشقان بارلىق دىلكەشلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
ھۆرمەت بىلەن: تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى