ھېلىھەم
ھېلىھەم سېنى كۈتىۋاتىمەن
ھېلىھەم سۆيۈشنىڭ توزانلىرىدا توزىماقتىمەن
ئىچىمدىكى گۈللەر تېخى قۇرۇپ قالغىنى يوق
ھېلىھەم ئۇنى نەمدىمەكتە سېغىنىشنىڭ يامغۇرلىرى
ھەم تېخىمۇ ئېچىلدۇرماقتا غەمكىن،قايغۇلۇق...
ئېسىمدە،نۇرغۇن كېچىلىرىمىزگە ئوخشاشلا ئۇ كەچ
يامغۇرلۇق باغچىلاردىن ياندىشىپ ئۆتكەچ
سېنى سۆيگىنىم.
تېنىڭ شەبنەم قونغان قىزغۇچ ياپراقلاردەك تىترىگىنىدە
تېنىڭگە يامغۇردەك ياغقىنىم،تېخى ئىسىمدە.
بىلىمەن،ئۇ كۈنلەر كەلمەيدۇ ئەمدى
قالىدۇ ئەمما،يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان شېرىنلىكى
شۇنداق،سېنى قايتا كۆرەلمەيمەن
قوللىرىم چاچلىرىڭنىڭ ئارىسىدا كېپىنەكلەردەك ئۇچۇپ يۈرەلمەيدۇ
لېۋىم ئۇسسۇغان بېلىقتەك لېۋىڭنىڭ بۇلاقلىرىدا ئۈزەلمەيدۇ
تېنىم تېنىڭنىڭ دېڭىزىغا تەلپۈنۈپ يەلكەنلىرىنى يايغان كونا كېمىلەردەك
ئازابلىق ئەسلىمىلەرگە جىمجىت چۆكۈپ كېتىدۇ...
بىلىمەن،ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس
بۇ ئۇنتۇش چېچەكلىرى توزۇيدۇيۇ،ھېدى قالىدۇ...
شۇنداقلا،
ھېلىھەم،ھېدىڭنى پۇرىماقتىمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يورۇڭغۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 18:02