تاش ھەيكەل
- ھەممە ئادەمنىڭ سارغايغان خاتىرلىرى بولىدۇ . ئۇنىڭ بەتلىرىگە مەيلى نىمىلەر يېزىلمىغان بولسۇن ؛ ئۇ بەك ئادەتتىكىچە ياكى بەك ئەھمىيەتلىك بولسۇن ئۇ بەرىبىر شۇ ئادەمنىڭ قەلب سىرلىرىغا تەۋە نەرسە .
- رۇزى كېرەم يارى
مەن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ – جىسمىمىز ، قەلبىمىز ، ئىزگۈ ھېسلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇشۇ تاش ھەيكەلنى خاتىرە ئۈچۈن ياساپ چىقتىم . سەن ئۇنىڭ يەرگە قاراپ تۇرغان ، ھېچقانداق مەنە ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ، ھەركەتسىز ئەشۇ كۆزلىرىدىن ئۆزەڭنىڭ يۈرەك – باغرىغا يۇشۇرۇنغان سىرلىرىڭنىڭ كۆلەڭگۈسىنى كۆرگەندەك بۇلۇۋاتقانسەن !
* * *
سەن ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك بىلىنگەن ئەشۇ ئاددىي كۈرۈشۈش ۋە يۈزەكى ھېس – تۇيغۇلار ئەمدى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە سېنىڭ قەلبىڭنى ئازاپلاۋاتقاندۇ ؟
سەن دەريا بۇيىدا يۈرەك باغرىمدىن چىققان ھەقىقىي ، لېكىن سەن ئۈچۈن ھېچقانداق بىر قىممىتى بولمىغان ئەشۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ، مېنى تەنھا قالدۇرۇپ ، دەريا ياقىلاپ پۇتۇڭنىڭ ئۇچىغا قارىغىنىڭچە مەندىن ئاستا – ئاستا ئۇزاپ كەتتىڭ . مەن ئارقىڭدىن ئاستىغىنا ئەگەشكەنىدىم ، سەندىن ھېچقانداق بىرەر گەپ – سۆز بولمىغاندىن كىيىن جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم . شۇنداق ، سەن دەريانىڭ ئېقىنىغا ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا يىراقلاپ كەتتىڭ . سەن بىلمىدىڭ . شۇ چاغدا مەن نېمىلەرنى ئويلىدىم ، سېنىڭدىن نېمىلەرنى كۈتتۈم ؟
مەن شۇ چاغدا پەقەت مېنى چۈشۈنۈشىڭنى ئويلىدىم . مەن پەقەت سېنىڭدىن ماڭا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بىرىپ قۇيۇشىڭنىلا كۈتتۈم .بىراق سەن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتىڭ . شۇ چاغدا كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى . ئاستا پېتىۋاتقان قۇياشقا نەپرەت بىلەن تىكىلدىم . لېكىن ، مەن سېنى ئەشۇ جايغا كېلىپ قالار دىگەن ئۈمىتتە ئۇزۇن ساقلىدىم . دەريادا ئەيتاۋۇر ياۋا غازمۇ ياكى چۈمگەكمۇ ئىككى جۈپ قۇش دەمدىن – دەمگە سۇ ئاستىغا شۇڭغۇيتى . سۇ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئۈزەتتى . قار ياققىلى بىر نەچچە كۈنلا بولغانىدى . ئۇلار توڭلىمىدىمىكىنە !
* * *
مەن سېنى يامان دېمەيمەن . چۈنكى «ھەركىمنىڭ تاللاش ھوقۇقى بار» دەپ سېنىڭ ئالدىڭدا كۆپ قېتىم گەپدانلىق قىلغان ئىدىم . بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ساڭا تېلىفۇن قىلدىم . سېنىڭ مۇئامىلەڭ قار شامىلى ئەكەلگەن سوغۇقتەك يۈرۈكىمنى باشقىچىلا مۇزلىتىۋەتتى . سورىغان سۇئاللىرىمغا «ھەئە . ياق . شۇنداقمىكىن » دىگەندەك قىسقىلا جاۋابنى بېرەتتىڭ . ئەشۇنداق مۇئامىلە ئالدىدا مەن يەنە قانداقمۇ قىزغىنلىق كۆرسىتىپ كۆپ گەپ قىلالايمەن . «خوش»دېدىڭسەن ناھايىتى سۈرۈن تەلەپپۇزدا . مەنمۇ «خوش» دېدىم ئاستا . بۇ خوشلىشىش يۈرىكىمگە مەڭگۈلۈك خوشلىشىش سۆزىدەك بىلىندى ۋە شۇنداق بولىدىغانلىقىغا كۈزۈم يىتىپ قالدى . نېمىشقىكىن سېنى قايتا ئىزدىگۈم كەلمىدى . بۇ تۇنجى مۇھەببەتتىنلا يىگەن زەربە مېنى تېخىمۇ تەرسا قىلىۋېتىپتۇ . ساڭا تەلەپ قويغان شۇ كۈنى مەن ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدىم . لېكىن سېنىڭ قۇشۇلغان بولساڭمۇ ، قەلبىڭنىڭ ئاللىقانداق بىر جايلىرىدا يۇشۇرۇن بىر ئوينىڭ ئەلەڭلەپ تۇرغانلىقىنى چىرايىڭدىن ، كۆزلىرىڭدىن بايقىغان ئىدىم .
- ئىچىڭىزدە دىيەلمىگەن بىر گىپىڭىز باردەك قىلىدۇ ؟ دەۋېتىڭە ، دېدىم مەن .
- نەدىكىنى !؟ دېدىڭسەن غۇۋا قىلىپ .
مەن بۇ سىرنى بىلىش ئۈچۈن ھەر قېتىم كۈرۈشكىنىمىزدە سوراپ تۇردۇم . لېكىن ، سەن بىرەر ئېغىز ئېنىق جاۋاب بىرىپ باقمىدىڭ .
* * *
سېنىڭدىكى ھېچبىر سەۋەبسىزلا بولغان نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر مېنىڭ ئىشەنچىم ۋە سەمىمىيىتىمنى بىراقلا پارە – پارە قىلىپ تاشلىدى . مۇشۇنداق بىر پاسسىپ ئەھۋال ئاستىدا مەن يەنە يېقىن بىر دوستۇمدىن سېنىڭ باشقىلارغا تېلفۇن قىلىپ ، ئوينىتىپ كىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىڭ يىتىپ قالدى . مەن قانداقلا ئويلىسام كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيتتى . مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەم بولغاچقا ، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ شۇ كىتاپلاردىكىدەك بۇلۇشىنى توغرا ھەم ھەقىقەت دەپ ئويلايتىم . شۇڭا سېنىڭ مەندىن يىراقلىشىشىڭنى 3 نوقتىغا يىغىنچاقلاپ چىقتىم .
مەن ئەشۇ كۈنى دەريا بۇيىدا ساڭا ئېيىتقان ئەشۇ گەپلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن .
- توغرا ، دىدىممەن ئۈن - تىنسىز كېتىۋاتقان ساڭا جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ، - مەن باشقىلاردەك باي ئەمەس ، مېنىڭ ئاتا – ئاناممۇ باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىدەك باي ئەمەس . لېكىن بۇ سەۋەبلىك ئۇلاردىن ھەرگىزمۇ ئاغرىنمايمەن .
- مېنىڭمۇ باشقىلاردەك ئوينۇغۇم ، ھاراق ئىچىپ كوچىلارنى ، تاڭسىخانىلارنى بېشىمغا كەيگۈم يوقمۇ ؟ بار . لېكىن ، مەن ئۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن . مەن ھەرۋاقىت ئۆيدىكىلەرنى – ئاتا – ئانامنى ، ئۇكىلىرىمنى ئويلىشىم كېرەك . دادام ئەشۇنداق قۇلىدىن چوڭ ئىشلار كەلمەيدىغان ئادەم ئىكەن . بۇ ئۇنى يامان دىگىنىم ئەمەس . ئۇ بالىلىرىغا كۈيۈنىدۇ . لېكىن بالىلىرىغا كۈيۈنۈشنىڭ بولسىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئىنىم تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتىدۇ . مەن ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان . شۇڭا مەن ئۇكامنى ئالىي مەكتەپكىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئوزۇن ئۇقۇتماقچى . شۇڭا مەن كېچە – كۈندۈز ئىشلەيمەن ھەم ئىشلىشىمنى ھەقلىق دەپ قارايمەن . مەنمۇ باشقا بالىلاردەك ئويناپ – كۈلۈپلا يۈرسەم ، ئۇكام مەكتەپتە ئوقۇيالماسلىقى ، ھەتتا ئۆيدىكىلەر ئاچ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ...
مەن يەنە ئالاھىزەل خېلى ئۇزاق ئائىلىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ، ئۆزەمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ساڭا نۇرغۇنلىغان چۈشەنچىلەرنى بەردىم . لېكىن سەن دەريا ياقىلاپ ئۈن – تېنسىز كېتىپ قالدىڭ . مەن شۇ چاغدا سېنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ ، بىر ئېغىز تەسەللىي بىرىپ قۇيۇشىڭنى نەقەدەر ئۈمىد قىلغانتىم ، ھە !
* * *
مەن ساڭا يەنە تېلىفۇن قىلىشنى ئويلىدىم . بىراق ، بوتكىغا بېرىپ بۇلۇپ ، ساڭا تېلفۇن قىلىشتىن يالتىيىپ قالاتتىم . سەن مېنىڭ سۆيگۈ ھارارىتىمگە كۈنلۈك ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ ، كۈنلۈك ئاستىدا باشقا بىرىنى كۈتىۋاتاتتىڭ ! مەن يەنە بىر نەچچە قېتىم سەن تېلفۇن قىلغان ئادەمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن سېنىڭ قايتا – قايتا تېلفۇن قىلىپ ئىزدىگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم . ئۇ سېنىڭ نېمىلەرنى دىگەنلىكىڭنى زوق - شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى .
بەلكىم ، ھەركىم ھېس قىلالار ، ئۆز سۆيگىنىنىڭ ئۆزىنى ئىزدىمەي ، باشقىلارنى ئىزدەپ ئوينىتىپ كىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى ، ئۇ كىشىنىڭ يەنە كىلىپ ئۆزىنىڭ يېقىن بىر ئادىمى بۇلۇپ چىقىشى مەيلى راسىت ياكى يالغان بولسۇن ھەرقانداق بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەي قويمايدۇ .
مەن بۇ روھىي زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيتىم . مېنىڭ تۇرمۇشنىڭ ياڭزىمۇ ياڭزا زەربىللىرىگە ئۇچراپ زېدە بولغان يۈرىكىم يەنە بىر ئىشەنچىلىك ئادىمىمدىن كەلگەن ئەجەللىك زەربىنى ئەسلا كۆتۈرۈپ بولالمايتى ھەم ئەپۇمۇ قىلالمايتتى . شۇڭا سېنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ بۇ ئىشلارنىڭ راسىت – يالغانلىقىنى بىلىپ باققۇم كەلدى . لېكىن بۇنداق قىلسام ھەر ئىككەيلەنگە ياخشى بولمايتتى . شۇڭا ساڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلفۇن قىلغاندا خوشلاشقىنىمىزنىڭ بىزنىڭ ئايرىلغانلىقىمىزنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۆز – ئۈزەمگە ئەسكەرتىپ تۇردۇم .
سېنىڭ تاللىشىڭ توغرا ! سەن ئۆز بەختىڭنى ئىزدەشكە ھوقۇقلۇق . لېكىن ، ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سېنىڭ مېنىڭ مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە باشقىلاردىن مۇھەببەت تاما قىلىپ يۈرگىنىڭنىڭ تىگىگە يېتەلمەيتتىم .
* * *
«تۇرمۇش كىتاپ ئەمەس» دىگەنىدىڭسەن بىر قېتىم كۈرۈشكىنىمىزدە . توغرا تۇرمۇش كىتاپ ئەمەس . لېكىن ئۇ كىتاپقا ئوخشايدۇ . شۇڭا ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ، ئوقۇغاندىمۇ ھەر بىرىمىزنىڭ سۆزمۇ سۆز ، جۈملىمۇ جۈملە ئەستايىدىل ئۇقۇشىمىزغا ، چوڭقۇر چۈشۈنىشىمىزگە مۇھتاج . سەن بۇ جۈملە بىلەن ماڭا ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى تۇنۇتقان بولساڭمۇ لېكىن ، سەن مېنىڭ كىتاپتىن يول تاپقانلىقىمنى ، كىتاپتىن تۇرمۇشنى ، ھەتتا كەلگۈسۈمنى ياراتقانلىقىمنى بىلمەيتىڭمۇ ؟ سەن بىلىشىڭ كېرەك ئىدىكى سەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىڭدىلا مەن ئاللىبۇرۇن تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈ پۈتتۈرگىلى بولمايدىغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتى ئىدىم . شۇڭا بۇ نوقتىنى سېنىڭدىنمۇ ئوبدان چۈشىنىدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتەتتى .
* * *
بىزنىڭ مۇھەببىتمىز پەقەت ئىككىمىزلا بىلىدىغان دائىرىدە مەخپىي تۇتۇلغانلىقتىن ، مەن باشقىلاردىن سېنىڭ مەن بىلىشكە تىگىشلىك بولمىغان نۇرغۇن سىرلىرىڭنى ئاڭلىدىم ...
سەن ئېرىشمەكچى بولغان ئادىمىڭگە ئېرىشەلمىدىڭ . چۈنكى ئۇ سېنى چۈشەنمەيتتى ھەم چۈشۈنۈشنىمۇ خالىمايتتى . ئۇ سېنى بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ بىرسى دەپلا ھېساپلايتتى . مەن سېنىڭ چۈشۈنۈشۈڭگە ئېرىشەلمىدىم . بۇنداق بولغاندىكىن سۆيگۈڭدىنمۇ مەھرۇم بولدۇم . سەن مېنىڭ ئىشەنچىمنى پارە – پارە قىلدىڭ . قەلبىمگە يېقىلغان مۇھەببەت شامى يەڭگىل بىر تىنىق بىلەن ئۈچۈپ قالدى .
* * *
بەلكىم سەن ئەشۇ ئاددىي كۈرۈشۈشلەر ھەم يۈزەكى بولغان ھېس تۇيغۇلۇق دەقىقىلەرنى ، ساڭا ئۆز ۋاقتىدا تىكىلىپ تۇرغان شۇ بىر جۈپ كۆزنى ئويلىغىنىڭدا ئىزتىراپ ئىچىدە پۇشايمان قىلارسەن . لېكىن بۇنىڭ ساڭا يۈرەكنى ئازاپلاشتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىنىڭدە ھەقىقەتەن خاتا قىلغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ مېنى ئىزدەشنىمۇ ئويلاپ قالارسەن . شۇڭا بۇ تاش ھەيكەلنى ياساپ مەڭگۈلۈك چىگرا ئورنىدا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېكىتىپ قويدۇم . ئۇنىڭ ھېچ نەرسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان گەۋدىسى پاك ۋە مەسۈم بىر سۆيگۈنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە سۈكۈت ئىچىدە مەڭگۈ مۇشۇ پېتى تۇرار ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-10 21:06
|