مەمبەت تۇردى(قىرغىز) شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدىن، 1988-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن.ئۇ ئىلگىرى،شىنجاڭ ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى فېلۇلۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراففىسورى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.ئۇ مەملىكەتلىك 8-9-10-نۆۋەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ، ئاپتۇنۇم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ھەيئىتى،«ماناس» تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئۆتەپ كەلمەكتە.
مەمبەت تۇردى 1983-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، 2003-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئازا بولۇپ كىرگەن.ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن،«قەلب» شىئېرلار توپلىمى، «ئۆزىمىزنى ئۇنتۇمايلى»ماقالىلەر توپلىمى، «قىرغىز ئەدەبىياتى تارىخى»(قىرغىزچە، خەنزۇچە)، «ماناسنىڭ كۆپ خىل شەكلى ۋە ئورۇنداش سەنئىتى»قاتارلىقلار بار.
ئۇ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىجادىيىتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجدىمائى پەن نەتىنجىلىرى ۋە «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇپاپاتى» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.