يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 5236|ئىنكاس: 10

ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1– باب ئومۇمىي پرىنسىپ

     1– ماددا بۇ قانۇن ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئىلىم – پەن ئەسەرلىرى ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى ھەم ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشىغا ئىلھام بېرىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ۋە ئىلىم – پەن ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ھەم گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى.

      2 – ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەسىرى ئېلان قىلىنغان – قىلىنمىغان بولسۇن، مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى ياكى دائىم تۇرۇشلۇق دۆلىتى جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە بىنائەن بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەر ھوقۇقى مۇشۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەردىن ئەسىرى ئاۋۋال جوڭگو تەۋەسىدە نەشر قىلىنغانلىرى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.جۇڭگو بىلەن كېلىشىم تۈزمىگەن ياكى خەلقئارا شەرتنامىگە بىرلىكتە قاتناشمىغان دۆلەتتىكى ئاپتورلارنىڭ شۇنىڭدەك دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسىرى جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتتە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان ياكى ئەزا دۆلەت بىلەن ئەزا ئەمەس دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان بولسا، مۇشۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

      3 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەسەر تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ1) يازما ئەسەرلەر؛(2) ئاغزاكى ئەسەرلەر؛(3) مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، سېرىك سەنئىتى ئەسەرلىرى؛(4) گۈزەل – سەنئەت، بىناكارلىق ئەسەرلىرى؛(5) فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى؛(6) كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر؛(7) قۇرۇلۇش چېرتيۇژى، مەھسۇلات چېرتيۇژى، خەرىتە، شەرتلىك سخېما قاتارلىق گرافىكلىق ئەسەرلەر ۋە مودىل ئەسەرلەر؛(8) كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرى؛(9) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەسەرلەر.

        4 – ماددا نەشر قىلىش، تارقىتىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان ئەسەرلەر بۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. ئەسەر ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ، جامائەت مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا بولمايدۇ.

        5– ماددا بۇ قانۇن تۆۋەندىكىلەرگە تەتبىقلانمايدۇ1) قانۇن – نىزاملار، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قارار، بېكىتمە، بۇيرۇلىرى، قانۇن، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە خاراكتېرىدىكى ھۆججەتلەر ۋە ئلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ رەسمىي تەرجىمە نۇسخىلىرى؛(2) ئېقىم مەسىلىلىرىگە دائىر خەۋەرلەر؛(3) يىلنامە، ھەممىباب سانلىق جەدۋەللەر، ھەممىباب جەدۋەللەر ۋە فورمۇلىلار.

      6 – ماددا خەلق ئەدەبىيات – سەنئىتى ئەسەرلىرىگە دائىر ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

       7– ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئەسەر ھوقۇقىنى مەملىكەتلىك بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

        8 – ماددا ئاپتور ۋە ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بەرسە بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات ھوقۇق ئالغاندىن كېيىن، ئۆز نامىدا ئەسەر ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئۈچۈن ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا ھەم ئالاقىدار كىشى سۈپىتىدە ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان دەۋا، كېسىم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات، ئۇنىڭ تەسىس قىلىنىش ئۇسۇلى، ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى، ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش، ھەق ئېلىش ۋە تەقسىملەش ھەم ئۇنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

2 – باب ئەسەر ھوقۇقى

1 – پاراگراف ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقى

         9 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى1) ئاپتور؛(2) ئەسەر ھوقۇقىدىن مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار.

       10 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكى جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ1) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئېلان قىلىش – قىلماسلىقنى بەلگىلەش ھوقۇقى؛(2) ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەرگە ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى؛(3) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى تۈزىتىش ياكى باشقا ئادەمنىڭ تۈزىتىشىگە ھوقۇق بېرىش ھوقۇقى؛(4) ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاش ھوقۇقى؛(5) كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى مەتبەئەدە بېسىش، نۇسخا ئېلىپ بېسىش، چاپلاپ بېسىش، ئۈن ئېلىش، سىن ئېلىش، قايتا كۆچۈرۈش، قايتا سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەرنى بىر نۇسخا ياكى كۆپ نۇسخا تەييارلاش ھوقۇقى؛(6) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېرىش ھوقۇقى؛(7) ئىجارە بېرىش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، كومپىيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى باشقىلارنىڭ ھەقلىق ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئاساسلىق ئىجارە نىشانى بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛(8) كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى؛(9) ئورۇنداش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئاشكارا ئورۇنداش ھەم ئەسەرنىڭ ئورۇندىلىشىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئاشكارا تارقىتىش ھوقۇقى؛(10) قويۇش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئاپپاراتى، پرويېكسىيە ئاپپاراتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق گۈزەل – سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاشكارا قايتا كۆرسىتىش ھوقۇقى؛(11) ئاڭلىتىش – كۆرسىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىمسىز ئاشكارا ئاڭلىتىش ياكى تارقىتىش، ئەسەرنى سىملىق تارقىتىش ياكى ئۇلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھەم ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ياكى شەرتلىك بەلگە، ئاۋاز، سۈرەت تارقىتىدىغان، شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا قوراللار ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھوقۇقى؛(12) ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ، جامائەتكە ئۆزى تاللىۋالغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەسەرگە ئېرىشتۈرۈش ھوقۇقى؛(13) فىلىم ئىشلەش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلەش ياكى كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ۋاسىتىگە مۇقىملاشتۇرۇش ھوقۇقى؛(14)  ئۆزگەرتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزگىچە يېڭى ئەسەر يارىتىش ھوقۇقى؛(15) تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بىر خىل تىل – يېزىقتىن يەنە بىر خىل تىل – يېزىققا ئۇرۇش ھوقۇقى.(16) توپلاپ تۈزۈش ھوقۇقى، يەنى ئەسەر ياكى ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى تاللاش ياكى رەتلەش ئارقىلىق يېڭى ئەسەر تۈزۈش ھوقۇقى؛(17) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار.ئەسەر  ھوقۇقى ئىگىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ (5) – (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت بەرسە ھەم پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئااسەن ھەق ئالسا بولىدۇ.ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بۇ ماددىنىڭ 1 – تارماق (5) – (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ھەم پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق ئالسا بولىدۇ.

2 – پاراگراف ئەسەر ھوقۇقى تەۋەلىكى

      11 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئاپتورغا تەۋە، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.ئەسەرنى ئىجاد قىلغان پۇقرا ئاپتور ھېسابلىنىدۇ.قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىجاد قىلىنغان ھەم قانۇنىي ئىگە ھەم ياكى باشقا تەشكىلاتلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەسەرلەردە قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور دەپ قارىلىدۇ.قارشى ئىسپات بولمىسا، ئەسەرگە ئىسمى يېزىلغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور ھېسابلىنىدۇ.

      12 – ماددا ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش بىلەن ھاسىل بولغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن شۇ ئۆزگەرتىپ تۈزگۈچى، تەرجىمە قىلغۇچى، شەرھلىگۈچى، رەتلىگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن، ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.

      13 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم  ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرنىڭ ھەمكارلاشما ھوقۇقىدىن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئاپتورلار ھېسابلانمايدۇ.ھەمكارلاشما ئەسەرنى پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولسا، ئاپتورلار ئۆزى ئىجاد قىلغان قىسمىدا ئەسەر ھوقۇقىدىن ئۆز ئالدىغا بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. بىراق، ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، پۈتۈن ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.

       14 – ماددا بىرقانچە ئەسەر، ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى، ئەسەر ھېسابلانمايدىغان سانلىق مەلۇمات ياكى باشقا ماتېرىياللارنى توپلاش ئارقىلىق تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ تاللىنىشى ۋە رەتكە تۇرغۇزۇلۇشىدا ئۆزگىچە ئىجادىيلىق ئەكس ئەتكەن ئەسەر توپلاپ تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن توپلاپ تۈزگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ. لېىن، ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.

       15 – ماددا كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھوقۇقى فىلىم ئىشلىگۈچىدە ولىدۇ، لېكىن سىنارىيە يازغان، رېژىسسورلۇق قىلغان، لېنتىغا ئالغان، ناخشا تېكىستى يازغان، مۇزىكا ئىشلىگەن ئاپتور ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدا فىلىم ئىشلىگۈچى بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردىكى سىنارىيە، مۇزىكا قاتارلىق ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئۆزىگە تەئەللۇق ئەسەر ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.

        16 – ماددا پۇقرالار قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ئىجاد قىلغان ئەسەر ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ئەسەرلەردە مۇشۇ ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،ئەسەر ھوقۇقىدىن ئاپتور بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ۋەزىپە ئەسەرلىرىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ كەسپىي دائىرىسىدە پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق، ئەسەر پۈتۈپ ئىككى يىل ئىچىدە، ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرنى شۇ ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ 3 – كىشىنىڭ شۇ ئورۇن پايدىلانغان ئۇسۇلدا پايدىلىنىشىغا ئىجازەت بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.ۋەزىپە ئەسىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئاپتور ئىسىم يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىغا كىرىدىغان باشقا ھوقۇقلاردىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئاپتورنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ1) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ماددىي، تېخنىكىلىق شەرت – شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان ھەم قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان قۇرۇلۇش لايىھىسى، مەھسلات لايىھىسى، خەرىتە، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق ۋەزىپە ئەسەرلەر؛(2) ئەسەر ھوقۇقىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەر.

       17 – ماددا ھاۋالە بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرنىڭ ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى توختامدا پۈتۈشىدۇ. توختامدا ئېنىق پۈتۈشمىگەن ياكى توختام تۈزۈلمىگەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا تەۋە بلىدۇ.

       18 – ماددا گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ئەسەر ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ھېسابلانمايدۇ، بىراق گۈزەل – سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقىدىن ئۇنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى بەھرىمەن بولىدۇ.

        19 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى پۇقراغا تەۋە بولسا، شۇ پۇقرا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددا 1 – تارمىقىنىڭ (5) – (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرى مەزكۇر قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۆتكىلىدۇ.ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتقا تەۋە بولسا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزگەرگەن، ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددا 1 – تارمىقىنىڭ (5) – (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە، ئۇنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولمىسا، دۆلەت بەھرىمەن بولىدۇ.

3 – پاراگراف ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى

        20 – ماددا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

      21 – ماددا پۇقرالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى، مۇشۇ قانۇننىڭ 10  - ماددا 1 – تارمىقىنىڭ (5) – (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەم ئاپتور ئۆلۈپ 50 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ مۇددەت ئاپتور ئۆلۈپ 50 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ھەمكارلاشما ئەسەر بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا قېپقالغان ئاپتور ئۆلۈپ 50 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئەسەرلىرى ئەسەر ھوقۇقى (ئىسىم يېزىش ھوقۇقى بۇنىڭ سىرتىدا)دىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بەھرىمەن بولىدىغان ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى، مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددا 1 – تارمىقىنىڭ (5) – (17) تارماقىچلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى قوغداش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بىراق، ئىجاد قىلىنىپ 50 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ.كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، فوت سۈرەت ئەسەرلىرىدە ئېلان قىلىش ھوقۇقى، مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددا 1 – تارمىقىنىڭ (5) – (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنىڭ قوغداش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئىجاد قىلىنىپ 50 – يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ.

4 – پاراگراف ھوقۇقىنىڭ چەكلىنىشى

      22 – ماددا ئەسەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلسە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق، ئاپتورنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ئەسەرنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ قويۇش، شۇنىڭدەك ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلماسلىق كېرەك.(1) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرى شەخسىي ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ياكى بەھىرلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە؛(2) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بىر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا باھا يېزىش ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق نەقىل كەلتۈرۈلسە؛(3) ئېقىم مەسىلىلىرىدىن خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيىلەردە ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلسە ياكى نەقىل كەلتۈرۈلسە؛(4) گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيىلەردە باشقا گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيىدە ئېلان قىلىنغان سىياسىيغا ئىقتىسادقا، دىنغا ئائىت ئېقىم مەسىلىلىرى ماقالىلىرىنى باسسا ياكى ئاڭلاتسا، لېكىن ئاپتور بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛(5) گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيىدە يىغىلىشلاردا قىلىنغان سۆزلەرنى باسسا ياكى ئاڭلاتسا، بىراق ئاپتور بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.(6) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىدا ئوقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ ياكى ئاز ساندا كۆپەيتىپ، ئوقۇتۇش خادىملىرىنى ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى تەمىنلىسە، ئەمما نەشر قىلىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ؛ (7) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى دۆلەت ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دائىرىدە ئىشلەتسە؛(8) كۇتۇپخانا، ئارخپخانا، خاتىرە سارىيى، مۇزېي، گۈزەل – سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ياكى نۇسخىسىنى ساقلاش زۆرۈرىيىتى بىلەن كۆپەيتىپ ئىشلەتسە؛ (9) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ھەقسىز ئورۇندىسا، بۇنداق ئورۇنداشتا ئاممىدىن ھەق ئېلىنمىغان، ئورۇندىغۇچىلارغىمۇ ھەق بېرىلمىگەن بولسا؛ (10) تالادىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئورنىتىلغان ياكى قويۇلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئەندىزىگە ئالسا، سىزسا، سۈرەتكە تارتسا، سىن ئالسا؛(11) جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان، خەنزۇچە تىل – يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە نەشر قىلىپ تارقاتسا؛(12) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئەمالار يېزىقىدا نەشر قىلىنسا.ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە نەشر قىلغۇچىلر، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن – سىن بۇيۇمىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ، رادىئو – تېلېىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

      23 – ماددا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ نەشر قىلىشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ  ئىجازىتىنى ئالماي، ئېلان قىلىنغان ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى ياكى يەككە گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا توپلاپ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. لېكىن، بەلگىلىمە بويىچە ئاپتورغا ھەق بېرىش، ئاپتورنىڭ ئىسمىنى، ئەسەر نامىنى ئەسكەرتىش ھەم ئەسەر ئىگىسى ھوقۇقىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلماسلىق كېرەك، ئاپتور ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ ئالدىن ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچىلەر، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

3 – باب ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى

        24 – ماددا باشقىلارنى ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىشتە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزۈش كېرەك. مۇشۇ قانۇندا ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ1) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تۈرى؛(2) ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى؛(3) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش رايون دائىرىسى ۋە ۋاقتى؛(4) ھەق بېرىش ئۆلچىمى ۋە چارىسى؛(5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛(6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.

       25 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – مادد 1 – تارمىقىنىڭ (5) – (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يازما توختام تۈزۈش كېرەك.ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ1) نامى؛(2) ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ تۈرى، رايون دائىرىسى؛(3) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى؛(4) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنى تاپشۇرش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى؛(5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛(6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.

       26 – ماددا ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئېنىق ئىجازەت بەرمىگەن، ئۆتۈنۈپ بەرمىگەن ھوقۇقلارنى يەنە بىر تەرەپنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىسىز يۈرگۈزۈشىگە بولمايدۇ.

       27 – ماددا ئىشلىتىلگەن ئەسەرنىڭ ھەق ئۆلچىمىنى ئالاقىدارلار كېلىشىپ بېكىتسىمۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ھەق ئۆلچىمى بويىچە ھەق بېرىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگە ھەق ئۆلچىمى بويىچە ھەق بېرىلىدۇ.

       28 – ماددا نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن – سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار مۇشۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى ۋە ھەق ئېلىش ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.

4 – باب نەشر قىلىش، ئورۇنداش، ئۈن – سىن ئېلىش، ئاڭلىتىش - كۆرسىتىش

1 – پاراگراف كىتاب، گېزىت – ژۇرنال نەشر قىلىش

        29 – ماددا كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتاب نەشر قىلىشتا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن نەشر قىلىش توختامى تۈزۈشى ۋە ھەق بېرىشى لازىم.

     30 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى نەشرگە تاپشۇرغاندا، كىتاب نەشر قىلغۇچىنىڭ توختامدىكى پۈتۈم بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. شۇ ئەسەرنى باشقىلار نەشر قىلسا بولمايدۇ.

       31 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى توختامدىكى پۈتۈشكەن مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرۇشى لازىم. كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى توختامدا پۈتۈشكەن سۈپەت ۋە مۇددەت بويىچە نەشر قىلىشى لازىم.كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى توختامدا پۈتۈشكەن مۆھلەت بويىچە نەشر قىلمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 53 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى قايتا بېسىش، قايتا نەشر قىلىشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم ھەق بېرىشى لازىم. كىتاب ئۆكسۈپ قالغاندا، كىتاب نەشر قىلغۇچى قايتا بېسىشنى، قايتا نەشر قىلىشنى رەت قىلسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

      32 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى گېزىت – ژۇرناللارغا ماقالە ئەۋەتىپ، 15 كۈنگىچە گېزىتنىڭ باسىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىسا ياكى 30 كۈنگىچە ژۇرنالنىڭ باسىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىسا، شۇ ئەسەرنى باشقا گېزىت – ژۇرناللارغا ئەۋەتسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئايرىم كېلىشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى كۆچۈرۈپ بېسىشقا، قىسقارتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەسەر بېسىلغاندىن كېيىن باشقا گېزىت – ژۇرناللار ئۇنى كۆچۈرۈپ باسسا ياكى تەرمە، ماتېرىيال سۈپىتىدە باسسا  بولىدۇ، بىراق بەلگىلىمە بويىچە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ھەق بېرىشى لازىم.

      33 – ماددا كىتاب نەشر قىلغۇچى ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ئەسەرنى تۈزەتسە، قىسقارتسا بولىدۇ.گېزىت – ژۇرناللار ئەسەرنى يېزىق جەھەتتىن تۈزەتسە، قىسقارتسا بولىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن تۈزىتىش توغرا كەلسە، ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش لازىم.

       34 – ماددا ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش، توپلاپ تۈزۈش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلغاندا، ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان، شەرھلىگەن، رەتلىگەن، توپلاپ تۈزگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى ۋە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ۋە ئۇلارغا ھەق بېرىش لازىم.

      35 – ماددا نەشر قىلغۇچى ئۆزى نەشر قىلغان كىتاب، ژۇرنال بەت لايىھىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە ياكى مەنئى قىلشقا ھوقۇقلۇق.ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، شۇ بەت لايىھىسى ئىشلىتىلگەن كىتاب، ژۇرنال تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ 10 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

2 – پاراگراف ئورۇنداش

      36 – ماددا ئورۇندىغۇچىلار (ئارتىس، ئويۇن قويغۇچى ئورۇن) باشقىلارىڭ ئەسەرلىرىنى ئورۇندىماقچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىشى لازىم. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئويۇن ئۇيۇشتۇرۇشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئېلىشى ھەم ئۇنىڭ ھەق بېرىشى لازىم.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-5 13:04:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قانۇننىڭ سەل كەم قالغان جايلىرىمۇ بارمۇ، نېمە؟
مەسىلەن: مەن بايقىدىمكى، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا، ئەسەر كۆچۈرمىچىلىكىگە ئائىت ماددىلاردا سەل يۈزەكى شەرھلىنىپ قاپتۇ، مانچە قۇر ياكى مانچە بەت كۆچۈرسە، ياكى مۇنداق ئۆزگەرتىپ كۆچۈرسە، مۇنداق جەرىمانە ياكى تۆلەم بېرىلىدۇ، دەپ ئېنىق بولغان بولسا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەسەر كۆچۈرمىچىلىكى قىلمىشىنى سەل تىزگىنلىگىلى بولاتتى، ئەمەسمۇ؟!

ۋاقتى: 2012-4-5 13:51:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تەڭرى تاغ تورىدىكى تەڭرىتاغدا نەۋرۇز بەزمىسى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائاليىتىغا ئەۋەتكەن ‹‹نەۋرۇز››دىگەن شېرىم


‹‹ھاياتنىڭ ئەلچىسى نەۋرۇز››
نۇربىيە ئابدۇۋايىت
دەپ يوللىنىپ قاپتو ..ئۆچىرىۋىتىشكە ئىمكان بولارمو.بولسا ئۆچىرىۋەتكەن بولساڭلار.

ۋاقتى: 2015-12-17 17:35:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېقىندىن بۇيان، «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»غا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسىم  بىشارەتلىرى مۇنبىرىمىزدىكى بەزى تېما-ئىنكاسلار ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، مۇنبىرىمىزگە بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن يوللانغان بۇ تېمىنى ئىنكاس شەكلىدە ۋاقىتلىق يورۇتۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ۋاقتى: 2015-12-19 02:02:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ تېمىسىنى قانداق قىلىپ،ئۈزىنىڭ قىلىۋالىدىغاندۇ؟مەن ھەيران قالدىم.

ۋاقتى: 2015-12-29 18:45:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ قانۇننىڭ 32-ماددىسىنى تەتبىقلىغاندا نۇرغۇنلىغان مەتبۇئاتلار15-30 كۈنىگىچە ئارلىقتا ئەسەرنىڭ ئىشلىتىلىدىغان ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى توغىرىسىدا ئۇچۇر قايتۇرۇپ بولالمايدۇ. 30كۈندىن ئاشقان ھامان باشقا بۇ ئەسەر باشقامەتبۇئاتقا سونۇلسا، كېيىن  بىر ئەسەر ئىككى مەتبۇئاتتا تەڭ ئېلان قىلىنىپ قالسا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەشىر ھوقۇقى توغىرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا قايسى تەرەپ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدىغاندۇ؟ ئىجادىي ئەسەرلەردە ئاپتور تاقەت قىلىپ ساقلاپ تۇرۇپ كېيىنچە باشقا مەتبۇئاتقا بەرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن تەرجىمە ئەسەرلەردە دەل ۋاقتىدا جاۋابقا ئېرشىپ شۇ بويىچە ئىش تۇتمىغاندا بىر ئەسەرنى ئىككى ئادەم تەڭ تەرجىمە قىلىپ قالىدىغان، ئوخشاش بولمىغان مەتبۇئاتتا تەڭ ئېلان قىلىنىپ قالىدىغان، ۋاقتىدا جاۋابقا ئېرشىلىپ باشقا مەتبۇئاتقا سۇنالماسلىق بىلەن ئەجىرى بىھۇدە زايە بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدىغان ئىش بولىدىكەن. تەھىرىر بۆلۈملەر ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىدىن جاۋاپ قايتۇرۇشقا سەل قارىمىسا بولىدىكەن. بولۇپمۇ تەرجىمە ئەسەرلەرگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرماق زۆرۈركەن دەپ قارىدىم.

ۋاقتى: 2016-6-22 20:45:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا كۆپراق ئىجادىيەتچىلەر ئۇقۇپ بىلىۋالسا بپلغۇدەك...

ۋاقتى: 2016-6-23 11:06:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ھۇقۇقىغا نىسبەتەن قانۇنىي ئېڭىمىزنى ئاشۇرساق بەك ياخشى.

ۋاقتى: 2016-6-23 11:06:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ھۇقۇقىغا نىسبەتەن قانۇنىي ئېڭىمىزنى ئاشۇرساق بەك ياخشى.

ۋاقتى: 2016-6-23 11:06:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ھۇقۇقىغا نىسبەتەن قانۇنىي ئېڭىمىزنى ئاشۇرساق بەك ياخشى.

ۋاقتى: 2016-6-23 13:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن قورال.تەرتىپنى سەن تاپمىساڭ ،تەرتىپ سېنى تاپىدۇ،چىرىغىڭ قانچە بولسا سايەڭ شۇنچە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش