ئىغىرچىلىق
يەنە شۇ پايانسىز يوقلۇق، يەنە شۇ چەكسىز خىياللار... بىلىم مۈكچەيگەن، قەددىم ئىگىلگەن. كۆزلىرىمنىڭ خۇنى قالمىغان، خۇددى بارلىق ئازابلىق كەچمىشلەر ھەممە نەرسىنى بارا-بارا يىرتىپ تاشلاۋاتقاندەك...
دۇنيانىڭ سانسىز غەۋغالىرىدا ۋۇجۇدۇمنىڭ نالىدار تىتىرشى، ئاۋازىمنىڭ ئۈنسىزلىككە چۈكۈپ كېتىشى مېنى مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇققا باشلاپ كەتتى...
بەدەنلىرىم بۇشىشىپ، تەنلىرىمدە ماغدۇر قالمىدى. ھاياتىمنىڭ گۈزەل دەملىرى ئاستا-ئاستا ياپراق تۆكمەكتە. كۈزنىڭ يارقىن ياپراقلىرىنى دەسسەپ، يوللارنى بىسىپ كېتىپ بارغان چېغىمدا ئاخىرقى نەپسىم بىلەن زېمىنغا خىتاب قىلدىم:
-بارلىق ھەسرەتنى يۈكلىگۈچە جىنىمنى قوينىڭغا ئالساڭچۇ؟ ھەممە ئۈمۈدسىزلىك قوينىڭغا سېڭىپ كەتسۇن!!!...
|