ئايبانۇم
(ھېكايە)
ھەبىبە تاھىر دىدار
بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى، مەن مەلۇم تىببىي ئىنىستىتۇتنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان شوخ، تېتىك، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. فاكولتېت ئاخىرقى يىلى بىزنى ئاشۇ ئىنىستىتوت قارمىغىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ تاشقىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە پىراكتىكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئەشۇ چاغدا، ئۆز كەسپىمدە پىراكتىكا قىلغىنىم، داڭلىق مۇتەخەسىس ۋە كەسپىي دوختۇرلارنىڭ داۋالاشتىكى ئەمەلىي تېخنىكىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، بىلىپ تۇرغىنىم ئۈچۈن دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغىنىمغا ئالەمچە خوشال بولاتتىم، ھە دېسىلا زىلۋا قامىتىمگە خوپ ياراشقان ئاق خالىتىمغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ، دوختۇرلۇقنىڭ تۇنجى ھوزۇرىدىن مەست بولۇپ يۈرەتتىم...
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن پىراكتىكا قىلىۋاتقان بۆلۈمگە ئېغىر دەرىجىدە رىماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئايال كەلدى. ئايالنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگىنى چىرايىدىن جەسۇرلۇق، جەڭگىۋارلىق، قەيسەرلىك ھەم ئاق كۆڭۈللۈك ئۇرغۇپ تۇرغان ياش بىر ھەربىي يىگىت ئىدى... ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن تۇرپان ياكى قۇمۇل تەرەپتىن كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئايالنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىر بولۇپ ھاسا تاياقتا ئارانلا ماڭاتتى. ئۇنىڭ كۈتۈنىشىگە مەن مەسئۇل بولغاچقا، نەچچە كۈنگە قالمايلا ئۇنىڭ بىلەن يېقىن تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدىم، ھەربىي يىگىت ئايالنىڭ ئوغلى ئىكەن، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم قىسىمدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. ئۇنىڭ جىددى كىرىپ چىقىپ يۈرۈشلىرىدىنلا خىزمىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالدىراش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. شۇڭىمۇ ئۇ ئانىسىنى دەسلەپتە بالنىستقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، بىمارنىڭ ھەركەت قىلىشىنىڭ قىيىنلىقىغا، ياشىنىپ قالغانلىقىغا قاراپ: «بۇ ئايالمۇ ماڭا قالغۇدەكتە، ھەقاچان جىددى بۇيرۇق ئىچىدە تۇرىدىغان ھەربىي ئادەمنىڭ ئانىسىغا قارايدىغانغا نەدە ۋاقتى؟... دەپ ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم، ئەمما مەن خاتالاشقان ئىكەنمەن.
ھەربىي يىگىت كۈندە دېگۈدەك دوختۇرخانىغا كېلىپ ئاپىسىنى يوقلاپ، ھال ئەھۋال سوراپ، لازىمەتلىكلەرنى تەق قىلىپ بېرىپ تۇراتتى. ئاپىسىنىڭ بەدەنلىرىنى سۈرتۈش، كىر قاتلىرىنى يۇيۇش، دوختۇرغا ماسلىشىپ تامىقىنىڭ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تارتىپ، ئاپىسىنىڭ ھاجەتكە چىقىشىغىچە ھەممىسىنى تولىمۇ جايىدا ئورۇنلاشتۇراتتى. قىلغان ئىشلىرى ھەربىلەرگە خاس ھالدا تولىمۇ ئېدىتلىق، تەرتىپلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە قىسىممۇ ئۇنىڭ ئاپىسىغا قارىشىغا مۇۋاپىق پۇرسەت يارىتىپ بىرىپتۇ. ئەمما قىسىمدا تۈزۈم چىڭ، ھەر ۋاقىت جىددى ۋەزىپە چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇزۇن تۇرالمايدىكەن. ئوغۇل سالماق، ئوچۇق-يورۇق ئىدى. چىرايى ئاق–سېرىق، قاڭشارلىق، بوي بەستى ھەربىيلەرگە خاس ئۆلچەملىك ھەم سۈلكەتلىك ئىدى. كۆزلىرىدىن جۇشقۇنلىقى، زىرەكلىكى چىقىپ تۇراتتى. يېقىشلىق مىجەزى كىشىگە ئىللىقلىق تۇيغۇسى بېرەتتى. بەزى كۈنلىرى ئۇ ئۆزى كېلەلمىسە، باشقا بىرلىرىنى (تولاراق مۇھاپىزەتچى ياكى يېڭى كەلگەن جەڭچىلەر) دوختۇرخانىغا ئېۋەرتىپ ئاپىسىغا لازىملىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ يېتىشىپ بولالماي قېلىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلاتتىم. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش، قايىل بولۇش ھېسسىياتى ئىچىدە شۇنداق دېدىم:
ــ خىزمىتىڭىز ئالدىراشكەن، يېتىشىپ بولالمىغان چاغلاردا كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن كۈندە مۇشۇ بۆلۈمدە بولغاندىكىن ئاپىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويىمەن، ئەنسىرەپ كەتمەڭ.
بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ يىگىت خىجىللىق نەزىرى بىلەن بېشىنى ئىتتىك ماڭا بۇرىدى:
ــ رەھمەت، ھېلىمۇ سىزنى بەك كۆپ جاپاغا سېلىۋەتتۇق، ئاپام ئىككىمىز سىزدىن مىننەتدارمىز. بۇ شەھەردە ئاپامنىڭ مەندىن باشقا يېقىن ئادىمى يوق، شۇڭا كەلمىسەم غېرىپسىنىپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن. مەن يوق چاغلاردا ئىشلىرىغا قارىشىپ قويىۋاتقىنىڭىزنى ئاپام ماڭا دەپ تۇرىۋاتىدۇ. ياخشىلىق يەردە قالمايدۇ، سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!ــ دەپ ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى كۆڭلۈمدە تاتلىققىنە بىر سۆيۈنۈشنى پەيدا قىلدى. كىشى كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇش ئەجەپمۇ كۆڭۈللۈك ئىشكىنا!...
ــ ئايبانۇ قىزىم، تېنچلىق تۇرۇپسىزمۇ؟ ــ ھەر كۈنى ئايالنىڭ يېنىغا كىرگىنىمدە، ئۇ مېنى ئانىلىق مېھرى بىلەن قارشى ئالاتتى. ئايالنىڭ ئاشۇ مۇلايىم كۆزلىرىگە، قورۇق چۈشۈشكە باشلىغان، ئەمما نۇرلىنىپ تۇرغان پاكىزە چىرايىغا، يارىشىملىق كىيىم–كېچەكلىرىگە، تېتىك روھى ھالىتىگە بەكلا ئامراق ئىدىم، ھەممىدىن بەكرەك ئۇنىڭ مېنى: «ئايبانۇ قىزىم!»دەپ چاقىرىشلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم.
ــ ئىسمىم سۈبھىنۇر، ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىغا ئاسان كەلسە مېنى «ئايبانۇم» دەپ چاقىرىۋەرسىلە، تولىمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن.
ئايال بىر قېتىم ئۆز ئىسمىمنى سورىغاندا، ئۇنىڭ «ئايبانۇم»دەپ چاقىرىشلىرىدىن قۇرۇق قالىدىغاندەك دەرھال ئاشۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈپ كەتكەن ئىدىم...
ــ ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن قىزىم! خۇدايىمنىڭ رەھمەتلىرى سىزگە بولسۇن! كۆزۈمگە ئۆز قىزىمدەكلا ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدىڭىز، سىزنى جاپاغا سېلىپ قويدۇم ...ــ بىچارە ئايال شۇنداق دەپ، ئۆزىگە كۆيۈنۈپ قاراۋاتقان ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ تۇراتتى.
كۈنلەر ئۆتكەنچە بۇ مىھرىبان ئانا بىلەن خېلىلا ئىچكىرلەپ مۇڭدىشىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئايالنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، مۇڭداشقاقلىقىنى كۆرۈپ، تۇرۇپلا خۇددى ئۆز ئاپامنى كۆرگەندەك بولۇپ قالاتتىم. ئوقۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئاتا –ئانامدىن، ئۆيدىن ئايرىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېھرىگە تۈزۈككىنە قانماي، تا شۇ كەمگىچە كىشىنىڭ يۇرتىدا مۇساپىرچىلىق تارتىپ يۈرىۋاتقاچقىمۇ، شۇ قەدەر مېھرىبان بۇ ئايالغا بارغانچە ئىچەكىشىپ قېلىۋاتاتتىم. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئىچەكىشىشتە مۇرادىلغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمدىن تاشقىرى يەنە ئۆزۈممۇ ئەينى ۋاقىتتا دەمال چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان، تولىمۇ سىرلىق، نازۇك ھېسسىياتمۇ يوق ئەمەس ئىدى...
ــ مۇرادىل بالىلارنىڭ چوڭى، ئۇنىڭ كەينىدىكى بالامنىڭ ئىسمى دىلمۇراد... بىچارە بالام كىچىكىدە كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قالدى. ھەي قىزىم، نېمىسىنى ئېيتاي! ئىلگىرى بىزنىڭ ئۆينى يوقلاپ ئۆتكەن كېلىشمەسلىكلەرنى دەپ كەلسەم ئىچىم خۇن بولىدۇ، ئىنساننىڭ بېشىغا ئاجايىپ قىسمەتلەر كېلىدىكەن دېسە...
ــ بىز قۇمۇلنىڭ راھەتباغ دېگەن يېرىدىن،ــ دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئايال،ــ بالىلارنىڭ دادىسى ئۆتمۈشتە باي دېھقاننىڭ بالىسى ئىكەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا تەركىپ ئايرىپ، باي دېھقان، پومىشچىكلارنى ئېغىر ئەمگەككە سېلىش باشلانغاندا، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى ئەڭ يىراق، چەت بىر چۆلگە ئاپىرىپ 6-7 يىل ئەترەتنىڭ قويلىرىنى باققىلى سالدى. ئۇ چاغدا بالىلار تېخى كىچىك بولغاچقا، كۆرمىگەن كۈنلەرنى كۆردۇق، مۇشۇ ئوغلۇم مۇرادىل كىچىكلىكىگە قارىماي ئادەمنىڭ دەردىگە يېتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇكىلىرىغا قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ قولىمىزغا قول، پۇتىمىزغا پۇت بولۇپ، بىر ئۆينىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈپ بېرەتتى. ئۇ چاغلاردا دادىسى كۆرەشكە تارتىلغاچقا ئۆيدە بىز بىلەن دەرقەمدە ئولتۇرالمايتتى. ئاشۇ قارغىش تەككۈر يەردە ھېلى ئۇ بالامغا قىزىل چىقسا، ھېلى بۇ بالامنىڭ ئىچى سۈرۈپ، قىزىپ كېتىۋاتقان... يېقىن ئەتراپتا ھازىرقىدەك چاقىرسىلا يۈگۈرۈپ يېتىپ كېلىدىغان دوختۇرلار بولمىغاچقا، كېسەلنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، كۆرمىگەن كۈنىمىز قالمىغان. بىز دادىسى بىلەن ئۆيدە بولمىغان چاغلىرىمىزدا، تېخى ئون ياشقىمۇ توشمىغان مۇشۇ قولى ئەپلىك، كۆڭلى يۇمشاق بالام چوڭ ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ، ئۇكا –سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. ئاشۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىزدە قالدۇرغان ئاچچىق يالدامىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ بولدى، خۇدا ساقلىسۇن ئۇنداق قىسمەتلەردىن. ئاشۇ جاڭگالدا كىچىك قىزىم مىنىڭگىرت كېسىلى بولۇپ قالغان چاغدا، ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرالماي بىر قۇلىقى گاس بولۇپ ساقايدى. مۇرادىلنىڭ كەينىدىكى ئوغلۇم دىلمۇراد ئۇ چاغدا بەش ياشلاردا بولۇپ، توقاچ سويىمەن دەپ نان يېقىپ قويغان قىزىق تونۇرغا كىرىپ كېتىپ، يۈزىنىڭ بىر تەرىپى، قۇلىقى بىلەن قوشۇلۇپ تونۇردا كاۋاپ بولۇپ كەتكەنىكەن. ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ساراڭ بولۇپ قالغىلى تاسلا قالغانىدىم. ئۇ بالامنى دادىسى مۇشۇ دوختۇرخانىدا داۋالىتىپتۇ. نەچچە يىلدا ئاران ساقايدى. بىراق، مېيىپ بولۇپ قالدى–دە. رېسقى تۈگىمىسە ئادەم دېگەنغۇ ياشاۋېرىدىكەن، مانا ھازىر بەش ئەزاسى تولۇق بولمىسىمۇ ئەمما ئەقلى–ھۇشى جايىدا، بىجىرىم ھالدا بىزگە قوشۇلۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. شۈكرى، مۇرادىل 1971-يىلى 9-ئايدا مەكتەپكە بېرىپ ئۈچ ئاي ئوقۇغان بولدى. ئۇكىسى كۆيۈپ قېلىۋىدى، دادىسى نەچچە يىل بالىنى داۋالىتىمەن دەپ ئۆيدە بولالمىغاچقا، ماڭا ياردەملىشىپ ئەترەتنىڭ قوينى بېقىپ مەكتەپتىن قالدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئاندىن، قايتا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇپ مانا ئەمدى بۈگۈنكى بۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتى. بالىلارنىڭ شۇ يىللاردىكى ھالىتى مېنىڭ ئىچىمنى مىتىدەك يەپ تۈگەشتۈردى. ھېلىمۇ مۇشۇ مۇرادىل بالام بولۇپ قاپتىكەن، ئۇ ماڭا تەسەللىي بولۇپ، ئىنى –سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىپ، مېنىڭ غەيرىتىمگە غەيرەت قوشۇپ يۈردى. بۇ پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىمۇ ئاشۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ ماڭا قالدۇرغان يالدامىسى، قىزىم. شۇڭا كونىراپ كەتكەن كېسەل بۇ دەپ مۇشۇ كۈنگىچە كەلگەنىدىم... مۇرادىل كۆيۈمچان بالا! ياراتقان ئىگەم مۇشۇ بالامنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغاي، دەپ كېچە-كۈندۈز تىلەك تىلەيمەن...
ئايال ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ھۆرمەت بىلەن ئاتاپ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئېرىپ، ئېقىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى. مەنمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلىپ، ھەتتا مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلايتىم...
داۋامى بار ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبە.ت.دىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-9 13:54
|