يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2554|ئىنكاس: 6

ئورخۇن شەجەرىسى رومانىدىكى يەر يەر ناملىرى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئورخۇن شەجەرىسى رومانىدىكى يەر  يەر ناملىرى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىم2 o8 l- I. `0 B9 v6 l
! T/ ^# J+ D# E6 Z' R, I  ^7 O
ئەمەتجان سەمەت
* B+ ]6 Z, L% A: R% H( q9 v$ w% l
+ h3 g) F" e9 m7 K, Q- f+ b! D« ئورخۇن شەجەرىسى » ناملىق روماندا ئورخۇن ئويغۇر خانلىقىنىڭ قۇرلۇشىدىن تارتىپ تاكى خانلىقنىڭ گۇمران بولىشىغىچە بولغان ئارلىقىتىكى دەۋىرنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىقنى تارىخى پاكىتلار ئاساسىدا ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ ناھايتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . ئورخۇن ئېلىنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى شانلىق مۇۋەپپىقىيەتلىرى ، پارلاق نەتىجىلىرىنى بايان قىلىش ئەسەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى پەلەمپەيسىمان قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ ، پۈتۈن ئەسەر ئۈچ چوڭ تەركىبى قىسىمغا بۈلۈنگەن ئاساستا ۋەقەلىك بايان قىلىغان . 2 P0 H; J6 L7 e5 e$ \! M: y, m
6 C. d. S8 [: S, [/ i0 e% K
باش قىسىمدا : كۆك تۈ*رك خانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بۇ خانلىقنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ھالاكىتى ئاخىردا ئورخۇن ئويغۇر خانلىقىنىڭ قۇرلىشى قاتارلىق تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ۋەقەلەرنى تارىخى نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ئىنەچۈك تاي ، بوتاسۇن بۇقا ، قۇتادمىش قاتارلىق پىرسونازلار ئوبرازىغا سىڭدۈرۈپ ئىپادىلگەن . / Z; J/ K! ^# u3 B2 Q
( }+ G% J) S3 f! l* X
كىينكى قىسىمدا : ئورخۇن ئويغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى خانلىقتا بارلىققا كەلگەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ، ھەربىي ئشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋانلىققا يۈزلىنىشنىڭ سەۋەبي ، ئورخۇن ئېلىنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى قاتارلىق ۋەقەلىكلەرنى تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا ئەسەر ۋەقەلىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلگەن . شۇنداقلا ئوبرازلاردا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تارىخ چىنلىق ئارقىلىق ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن .
3 b" r; @+ s. r9 M, q5 Y, c9 k, f; i; ^4 [# e9 Z
ئاخىرقى قىسىمدا : مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ ( ئورخۇن خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ۋە باشقا ئەللەر ) زور دەرىخىدە يۈكسىلىشى ، ئورخۇن خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ، ئېغىر تەبئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى ، خانلىقنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن ئابىستىراكىت تەپەككۇرنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئەكىس ئەتتۈرگەن . دېمەك ، « ئورخۇن شەجەرىسى » ناملىق بۇ ئەسەردە ۋەقەلىكلەرنى بوتاسۇن بۇقا ، ئىنەچۈك تاي ، قۇتادمىش ، ئادارقىز ، ئايتۇلۇن قاتارلىق بەدئىي چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغان پىرسۇناژلارغا سىڭدۈرۈپ ئىپادىلسە ، يەنە بىر تەرەپتىن بىلگە قاغان ، بايانچۇر قاغان ، بۆگۈ قاغان ، قۇتلۇق بىلگە قاغان ، تۈپەك ئالىپ شۇل ، پان تېكىن ، ئەن لوشەن ، ياڭ گوجۇڭ ، تاڭ شۈەنزۇڭ قاتارلىق تارىخىي چىنىلىق ئاساسىدا يارتىلغان پېرسونازلار ئوبرازىغا سىڭدۈرۈپ ئىپادىلگەن . ئاپتۇر ئەسەردە بەدئىي چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغان ئوبرازلار ئارقىلىق ۋەقەلىكلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ ئەسەرگە قارىتا يۈكسەك دەرىجىدە بەدئىي پىشىقلاش ئېلىپ بارسا ، تارىخى چىنلىق ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبرازلار ئارقىلىق ئابىستىراكىت تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ ئەسەرنىڭ تارىخى چىنلىققا قارىتا پىشىقلاش ئېلىپ بېرىپ ئەسەرنىڭ تارىخى قىممىتىنى ئاشۇرۇغان . ) h3 M2 V/ E9 ~7 A' _: V3 b
  B' ]! w0 t/ u" B3 x
پۈتكۈل ۋەقەلىك بەدئىى چىنلىق بىلەن تارىخىى چىنلىق ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلۇپ گەۋدىلەندۈرۈلگەن . گەرچە بۇ بىر تارىخىي تېمىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر بولسىمۇ ئەمما بۇ ئەسەر مۇئەييەن بىر دەۋىرنىڭ تارىخى كارتىنىسىنى تۇرمۇش دېتالى قىلىپ بەدئىي پىشىقلاش ئېلىپ بارغان .
# _; }6 ~2 F. q2 J, P
2 T+ x8 ?4 I, Y" z7 v4 [/ g8 tئەسەردە تىلغا ئېلىنغان يەر ناملىرى ئارقىلىق ئورخۇن خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا بارلىققا كەلگەن زور يۈكسىلىشلەرنى ، خانلىقنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەسىرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك خارەكتېردىكى ئۆزگۈرۈشىنى ئىپادىلگەن . ئەسەر تىلىدا گەۋدىلگەن تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا روماندىكى يەر ناملىرىنىڭ ئاتىلىشى ، ئۆزگىرىشى ، تۈرى ، جايلاشقان ئورنى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ ياشاپ ئۆتكەن جايلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . / l/ ]" P4 x1 {( {) h
+ z+ \$ Z! B+ r  _, }( U9 Z
ئاپتۇر يەر ناملىرىنى تىلغا ئېلىشتا ئاساسلىقى تارىخى ۋەقەلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ھەمدە ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈردىغان يايلاق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تاغ-دەريالارنىڭ نامىلىرىنى تىلغا ئالسا ، ئىقتىسادى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئارخىئولوگىيلىك يەر ناملىرى ئاساسىدىكى شەھەرلەرنىڭ ناملىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان .
6 G3 @) S& ]# y* H: O, M3 I. k6 F, T: M9 z) C$ I/ {
مەسىلەن : شۇنداق قىلىپ ، فەنياڭ ، پىڭلۇ ، خېدۇڭ ، ھەربىي رايونلىرنىڭ ھىراۋۇلى ئەن لۇشەننىڭ بايرىقى ئاستىغا يىغىلغان خەنزۇ ، تۈر*ۈك ، سوغدى ، ئويغۇر قاتارلىق تائپىلە ردىن تەشكىل تاپقان بىر يۈز ئەللىك مىڭ كىشلىك زور قوشۇن 755-يىلى 1-ئايدا خېبىي ئۆلكىسىدىكى يۈيياڭ دىگەن يەردىن ئاتىلىپ چىقىپ بۈيۈك تاڭ دۆلىتىنىڭ شەر*قى ئاستانىسى لوياڭ شەھرىگە ھۇجۇم قوزغىدى .
( ?/ ?! x1 J, k& H/ I) T3 ~3 f) n1 Z8 ^; ^& Z0 `: ]6 d6 X& U8 I
دېمەك ئاپتۇر ئەن لۇشەن ، شى سىمىڭ توپىلىڭى ئارقىلىق يەر ناملىرىنى تىلغا ئالسا، 756-يىلى يازدا لى گۇاڭبي ، غەربىي يۇرتتىكى قوردانلىق ۋە كۇچالىقلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنغا قۇماندانلىق قىلىپ توپىلاڭچى سانغۇنلاردىن شى سىمىننىڭ قوشۇنىغا قاتتىق زەربە بەردى ۋە خېبىي ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۋالدى . / c: Q4 B9 q# U1 y

7 a  B% n" @3 W$ oشۇنىڭ بىلەن 756-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى توپىلاڭچىلار شەنشى تەۋەسىدىكى جايلارغا بېسىپ كىردى . 4 H7 D1 v! K* v
3 l; M& b3 S' w
ئۇلار بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان كۆك تۈ*ركلەر ئارسىدىن قېچىپ چىقىپ توققۇز ئوغۇز قوشۇنىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كۆيۈمچان ھارۋىكەش ئايالى بىلەن ئوغلىنى ئورخۇن دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرپىدىكى يىراق يەرلەرگە ، يەنى كۆك تۈ*رك ۋە باسمىلارنىڭ ئايىغى يەتمەيدىغان سېلىنگا ۋادىسقا كۆچۈرۈلگەن باشقا ئۇيغۇر ئائىللىرى توپىغا قوشۇپ قويدى .
) O- T1 Z. I$ s) y4 p
! Q7 S& ?7 O( c; P. y  E- u& Sقەدىمكى ئاتا-بوۋىللىرىمىز سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشپ كۆچمەن چارۋۇچى ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ بۇ جەرياندا ئۇلار ئاساسەن دەريا ۋادىسى ، تاغ باغرىللىرىدا چارۋىچىلىق بىلەن ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلىپ ئۆزلىرنىڭ سىياسى ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەڭ بۇرۇن شەھەرلەشكەن تۈ*ركى قەۋملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان . ئەسەردە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شەھەرلەرنىڭ ناملىرى تىلغا ئېلىنغان مەسىلەن : ئوردۇ بالىق ، خاتۇنبالىق ، بايبالىق قاتارلىق ئىقتىسادى ۋە مەدەىنيەت ئامىللىرى نەتىنجىسىدە بارلىققا كەلگەن . ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان يەر ناملىرىنىڭ تارىخىي ئۇزۇن ھەم قاتلاملىققا ئىگە بولۇپ ، ئەسەرنىڭ مەزمۇننى چىنلىققا ئىگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان . , W8 V5 K9 N0 x- Z4 T0 E

' V  j$ g& }$ H) Z% Z9 A: Zمەسىلەن : قۇچۇ ، بەشبالىق ، قوردان ، لوياڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى روشەن ھالدا مىللىيلىققا ، دەۋرىيلىككە ، رايون ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ .
# a" _+ H) B# J3 V7 j* T1 F8 l! k& F1 F: i$ Y9 B
مەسىلەن : ئەسەرگە قارايدىغان بولساق لوياڭ،فەنياڭ، چاڭئەن قاتارلىق خەنزۇ تىلدىكى يەر ناملىرى .
1 n  R$ E" C7 P& N. I; ]2 s2 d# t( h- ^& N6 D  X) A7 }
بەشبالىق ، ئىۋىرغۇل ، ئالتاي ، چۆچەك ، قوردان ، قۇچۇ ، قاتارلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى تىلىمىزدىكى يەر ناملىرى . دىمەك يۇقارقى يەرناملىرى تارىخي جەھەتتىن ياكى رايون ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكلەر  جەھەتتە خاسلىققا ئىگە .
* E% V5 ^" G( u9 q5 _" B. Q/ \' s6 C8 z
يەر ناملىرى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئىكەن ، ئۇنداقتا تارىخى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقتىن ياكى تارىخى تىلشۇناسلىقتىن پايدىلنىپ تۇرۇپ ، يەر ناملىرنىڭ دەۋرىگە ماس ھالدا قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى ، ئۇ يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تۈرى ھەققىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى بىلەلەيمىز .
3 A( ^, o; J5 W( B4 F9 h
( w' p% x4 A( `2 [" C5 }' v( S' Uمەسىلەن :_ بۇياققا كەلگىنە ، ئوغلۇم ، _ دېدى ئۇ ، _ بىز قورداندىن بۇ شەھەرگە كەلگىنىمىزگە ئۈچ-تۈت ئاي بولۇپ قالدى . بۇ يىل قىشنى ئۆتكۈزۋالساق كۆكلەم كېلىشى بىلەن قايتىمىز . سەنمۇ بىز بىلەن قوردانغا كەتكىن . قوردانمۇ چوڭ ، گۈزەل شەھەر ، كۆنۈپ كىتىسەن .
' s% |* h9 O8 j  b' V
6 w. }1 i' \  M( Q% `) x4 m« قوردان » بۇ ھازىرقى  خوتەننىڭ قەدىكى ئاتىلشى بولۇپ كارۇشتى يېزىقى بويىچە ( KORTAN) دەپ ئاتالغان . بۇ نام گەرچە دەۋىرلەرنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ « ئۇدۇن » ، « ئېلچى » ، « يوتقان شەھىرى » دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان بولسىمۇ يەنىلا خوتەننى كۆرسەتكەن .
  {. d" k3 e& D( D; m8 q& C, V/ w$ G! }
ئۇنىڭدىن باشقا شىمالىي ۋېي سۇلالسى دەۋرىدە ئۆتكەن راھىپ فاشىيەن « بۇددىزىم ئەللەر خاتىرسى » ناملىق ئەسىردە خوتەندىكى بىر بۇددا ئىبادەتخانىسنى تىلغا ئالىدۇ . بۇ راھىپ ئىبادەتخاننىڭ نامىنى « ۋاڭشىن » دەپ ئاتايدۇ . تاڭ سۇلالسى دەۋرىگە كەلگەندە « سۇمۇرۇ » دەپ ئاتالغان . بۇ نام سانسىكرىت تىلىدىكى «ساماجنا» سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، قەدىمكى زاڭزۇ تىلدا « سۇمانا » دەپ ئاتالغان بولسىمۇ يەنىلا خوتەننى كۆرسەتكەن . & D1 {- `5 W1 g0 Y+ f8 z/ b) p

% j6 x9 @. o" m5 q9 m; tئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ تارىخى قىممىتىگە باھا بەرگەن ۋاقتىمىزدا ئەسەردىكى يەر ناملىرىنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەت سېستمىسىغا كىردىغانلىقىنى كۈرۋالالايمىز . ئەسەردە ئاساسلىقى تىلغا ئېلىنغان يەر ناملىرى ئاساسەن ئالتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى يەر ناملىرى ۋە تارىم مەدەنىيەت ، تەڭرى تاغ مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى يەر ناملىرى بولۇپ ئاساسەن قەدىمكى تۈ*رك-ئۇيغۇر يەر ناملىرى تىل مەدەنىيەت قاتلىمى ھىساپلىنىدۇ . مەسىلەن : ئالتاي ، قوردان ، قۇچۇ ، بەشبالىق .
- L! |. u) g+ L5 M% Y* T9 i9 x
) r! N1 l& k: }/ `5 j7 k6 G- Tئەسەردە ۋەقەلىككە بىرلەشتۈرۈپ نۇرغۇنلىغان يەر ناملىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ دائىرسى كەڭ ، چۈشەندۈرۈش قىيىن بولۇپ بەزىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلغا خاس يەر ناملىرى تىلغا ئېلىنسا ، بەزىدە خەنزۇ ، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر تىللىرىغا  خاس يەر ناملىرىمۇ ئۇچرايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ساپ بولغان خەنزۇ تىلغا خاس يەر ناملىرىمۇ ئەسەردە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . ! f6 ~7 G3 }9 |8 N# C

! U$ H! k5 X$ I' V1 j8 nئەسەردە تىلغا ئېلىنغان يەر ناملىرنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ شەرھىلەپ چىققتىم .
/ ]9 d: H6 U1 k7 w7 c6 n3 W- i% H+ K) }2 [: \+ W" l' N' ~& `
1. تەبئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنى ئاساس قىلغان تاغ - دەريا ناملىرى
/ U# p  G% y1 j' z! J" k* |
+ U5 \) `+ _5 @( p/ b& Iبۇ ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى بولۇپ ، ئۇرخۇن دەرياسى ، سېلىنگا دەرياسى تۇغلا دەرياسى ، تەز دەرياسى ، ئالتاي تاغلىرى ، تەڭرى تاغلىرى ، ئۆتۈكەن تاغلىرى ، سائۇر تاغلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئېرتىش دەرياسى ،يىنسەي دەرياسى قاتارلىقلار بولۇپ بۇ دەريا ۋادىللىرىدا ۋە تاغ باغرىللىردا سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋۇچى ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ پارلاق يايلاق مەدەنىيتنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرغان . ! ^& V7 d/ g4 Q. o% C5 P; d# [
$ e* n2 q- I* t2 z5 x7 y
2.ئىجتىمائىي جۇغراپىيلىك جايلارنى ئاساس قىلغان يەر ناملىرى
! ?& G+ b. G0 n- g
/ j0 U8 d; V  J3 F9 Fبۇ خىلدىكى يەر ناملىرى ئىنسانلارنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئاساسىدا شەكىللىندىغان بولۇپ بۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى پائالىيەتلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .
* R& ]$ [% X1 |! n
6 e) {/ E2 f3 B! E. ]7 Zئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ماددى ۋە مەنىۋى پائالىيەتلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يەر ناملىرىدىن ئوردۇ بالىق ، بايبالىق ، خاتۇنبالىق، بەشبالىق ، ئۇدۇن ، كۆسەن قاتارلىقلار . ) E* {% v9 H, E( X7 F/ g

% t2 {1 @, h2 ~( M4 jئوتتۇر تۈزلەڭلىك خەلىقلىرنىڭ ماددى ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىردە شەكىللەنگەن، فەنياڭ، چاڭئەن ، لوياڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ناملىرى . / E- m+ p* C8 N  M

# [8 j, i0 o: Y3.تارىخى دەۋىرنى ئاساس قىلغان يەر ناملىرى" }, W& D2 W* C# {5 G% M
9 k2 r, c  J! S4 q. {$ Q& N
بۇ خىل تارىخى دەۋىرنى ئاساس قىلغان يەر ناملىرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ئاساسلىقى قۇجۇ ، بەشبالىق ، ئىۋىرغۇل، فەنياڭ ، لوياڭ ۋە چاڭئەنلەر شۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ .
. j7 Z3 Q1 \8 R. l
# P8 U: x& ]' J7 S' s- gيەرناملىرى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى جەرياندا تۇراقلىشىدۇ،ھەم پەيدىنپەي ئۆزگىرىدۇ.* B3 Y6 \0 D  P' B& z
8 w# Y! K6 w! O3 p  n- e8 c
بۇنىڭغا شۇ يەرناملىرىنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى تىل تەلەپپۇزىدىكى فونتىكىلىق ئۆزگۈرۈش ۋە باشقا ئامىللار سەۋەپ بولىدۇ .
& D% F, @8 B, r0 f
) _- p6 U3 V7 O/ }9 Y3 tئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ، ھەر خىل ئۆرپ- ئادەتلىرى ، دىنىي ئىتقادى ، ئاڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان رايۇنلىردىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت .
/ U9 @' z, {* b$ x
& }: y! z# ~! ]7 A; |چۈنكى مەلۇم بىر جاينىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى شۇ رايوندا ياشىغۇچى مىللەتنىڭ فولكلورى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ھەمدە يەرناملىرىنىڭ ئۆزگىچە بولىشىنى شۇ رايوننىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي ئامىللىرى بەلگىلەيدۇ . 6 X2 d( Z% v5 f3 D2 e2 G# Z# R
3 X3 ~+ m8 X% Q0 V1 s" @3 q+ W2 Y
ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان يەر ناملىرىنى ھازىرقى نام بىلەن سېلىشتۇردىغان بولساق، بۇ يەر ناملىردىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ نامىنىڭ فونتىكىلىق ئۆزگىرىشنىڭ ناھايتى تېز ئىكەنلىكىنى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى جەرياندا جانلىق تىل تەلەپپۇزدا ئاسسىلماتسىيە ۋە دىسسىلماتسىيە ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز ئەلۋەتتە .
9 [/ l' J, ~$ F1 }8 N; j% C* ^* B0 V; |5 L8 [5 i$ R& e; ^0 l
4.قەدىمكى تۈ*رك -ئۇيغۇر يەر ناملىرى تىل مەدەنىيەت قاتلىمى ئاساسىدىكى ئىجتمائىي جۇغراپىيلىك جايلارنى ئاساس قلىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى يەر ناملىرى0 ?6 Q6 j. c, i- J, I' M

1 W: }2 y$ d9 b( Iئوردۇبالىق-بۇ شەھەر ئورخۇن ئويغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولۇپ ، ئورخۇن دەريا بويىغا جايلاشقان . بۇ شەھەر مىلادىيە 760-يىلى بۆگۈ قاغان تەرپىدىن سالدۇرۇلغان .
( S; Z$ G6 z" p8 Y; `: A/ ]4 a  t2 ^$ u; R) y+ [
كۆلىمى 25 كۇۋادىرات كېلىومېتىر ، شەھەر ئاساسەن تاشقى شەھەر ۋە ئىچكى شەھەر ، خان ئوردىسىدىن تەركىپ تاپقان . ئەتراپى ئون مېتىر ئىگىزلىكتىكى سېپىللار بىلەن قورشالغان . شەھەردە يەنە قاراۋۇلخانا تەسىس قىلنىپ مۇداپىئە قىلىنغان بولۇپ، شەھەر تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ ، قۇرۇلمىسى پۇختا ھەم زامانىۋى ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىنىڭ مەركىزى .
; x! {' v7 c, h% i* v9 {: K+ T# L- P5 ]
« ئوردۇبالىق » دىگەن سۆزقەدىمدە قاغان ياكى خانلار شەھىرى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . «ئوردۇ» سۆزى قاغان ياكى خاقانلارنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆرسەتسە ، ئۇنداقتا « بالىق » دىگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدا « شەھەر » دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن : بۇشەھەر تېخى قۇرلۇپ بولماي تۇرۇپلا « ئوردۇبالىق » دىگەن نام بىلەن ئاتالدى . پات ئارىدا قۇرلۇش ئىشلىرى تاماملانغاندىن كېيىن بۇ شەھەرگە بۆگۈ قاغان ۋە ئۇنىڭ توققۇز بۇيرۇقى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشماقچى ئىدى .
) d# C' m( a% C$ f  m0 b- r: L
4 G+ A  B- ^7 v: `بايبالىق _ بۇ شەھەر سېلىنگا دەرياسى بۇيىدا بولۇپ ، ئۆز زامانسىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن .
0 t- t9 r5 T3 |! ~. V  n1 F; z- p5 d2 H3 x, q6 A9 O+ ]0 B
قاغان جەمەتى ، باي سودىگەرلەر ئولتۇرۇاقلاشقان . ئوردۇبالىقتىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . 757-يىلى بايانچۇر قاغان تەرپىدىن بىنا قىلدۇرۇلغان . شەھەر تۆت چاسا شەكىلدە ، ئەتراپى تاش-توپا سېپىلى بىلەن قورشالغان .
7 `1 a* q, k0 V* ~
! m5 X# l: Q' k+ D' bشەھەر شەر*ق ۋە غەرب بىناكارلىقى بىلەن شىمالىي دالانىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى ماسلاشتۇرغان ھالدا بەرپا قىلغان .   R. W$ ^3 }7 p! D6 ^
+ A& g9 V. T) n* V& Z7 U
مەسىلەن : سېلىنگا دەرياسى بويىدىمۇ بىر چوڭ شەھەر بار ئىكەن .- دېدى يەنە بىر مويسىپىت . 3 q+ s! \, R* q. F" w* x

. C' ]6 Q9 c0 u- شۇنداق سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق شەھىرى بار . ئۇ شەھەر ئاساسەن باي سودىگەرلەر ئولتۇراقلاشقان . ئۇ ئاۋات سودا شەھىرى ، سوغدى ۋە تابغاچ سودىگەرلىرى شۇ شەھەرگە قاتناپ تۇرىدۇ . دىمەك . « بايبالىق »دىگەن سۆز باي ، ئىسىلزادە كىشلەر تۇرىدىغان شەھەر دىگەن مەنىدە . « باي » سۆزى ئىسىلىزادە پۇلى بارلارنى كۆرسەتسە « بالىق » سۆزى ئوخشاشلا « شەھەر » دىگەن مەنىدە . 1 @9 D2 o- w7 _# c" H/ Q
! Y# v3 j; R& `) V" v3 Y* h) P
خاتۇنبالىق-بۇ شەھەر خانىش شەھىرى دەپمۇ ئاتىلدۇ . بۇ قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ شىيەنئەن مەلىكىگە ئاتاپ ئىجىنا دەرياسى بويىدا بەرپا قىلغان شەھىرى بولۇپ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدا « خۇتۇن » دىگەن سۆز « خاتۇن » دەپ ئاتىلاتتى . «بالىق» ئوخشاشلا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدا « شەھەر » دىگەن مەنىدە . . d5 _% e6 ]$ L6 T; F: T9 r& @

- S$ u$ y( O2 l$ K% W& l& |- cكېيىن خانىش ۋە بەگلەر مۇشۇ شەھەردە تۇرىدىغان بولغان . مەسىلەن : شۇنداق ،ئۇ يەرگە بىز ناھايتى نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر بىللە بارغان ئىدۇق . نۇرغۇن ئىمارەتلەرنى سالدۇق . ئەتىراپىغا سېپىل سوقتۇق . شۇنداق قىلىپ ئورخۇن دەرياسىعا يېقىن جايدا پۈتۈن بىر شەھەر بىنا بولدى . ئۇيغۇرلار ئۇ شەھەرنى ‹‹خاتۇنبالىق›› دەپ ئاتىۋالدى . 6 H9 x5 }* @+ L# r" ]5 N
6 h! k) {; H# H. F, b5 T* [  Z0 i
بەشبالىق-تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئسىتىراتىگىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان شەھەر بولۇپ ، ئورنى ھازىرقى جىمسار ناھىيسى تەۋەسىدە .
5 ?) l- w0 F  E8 I& q: e  Z
  C+ w, L. [* ^' |2 |0 Jبۇ شەھەر ئەسلىدە ئورخۇن خانلىقىغا تەۋە بولغان . 790-يىلى ئورخۇن خانلىقى بۇيرۇق ئىل ئۈگە باشچىلىقىدا قوشۇن ئەۋەتىپ شەھەرنى قايتۇرۋالغان . شۇنىدىن باشلاپ بۇ شەھەر ئورخۇن خانلىقىنىڭ تارىم ۋادىسى ۋە تەڭرى تاغ ئەتراپلىرىغا تەسىرنى كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم ئورۇنغا ئايلانغان .
# d# _# D: d! F$ T5 ^% k+ [
6 f6 o# ?& }$ j, ~+ a$ yشەھەر غەربي خەن سۇلالسى دەۋرىدە « ئالتۇنبالىق » دىگەن نامىدا يەنى « ئالتۇن شەھەر » دەپ ئاتالغان . كېيىن تاڭ سۇلالسى دەۋرىدە « بەشبالىق » دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بۇ « بەش شەھەر » دىگەن مەنىدە ئۇلار، سۇلمى ، قۇچۇ ، چانبالىق ، ياڭبالىق ، بەشبالىق قاتارلىقلار .
1 _! l0 ?7 {( I  ~
2 S* y/ B* \. Z* x+ s- \! Iچىڭ سۇلالسى دەۋرىدە « جىمسار » دەپ ئاتالغان . كېيىن « فۇيۈەن » گە ئۆزگۈرۈپ ئاخىردا جىمسار دەپ ئاتالغان .
- r) A* P  [# f6 V" Z/ a# x5 j4 {8 C. q, L; o  O" {. R
مەسىلەن : شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر قوشۇنى بىلەن قارلۇق قوشۇنى ئالتاي تاغلىرىنى يانداپ ئۆتۈپ بەشبالىق شەھرىگە ئىككى ياندىن قىستاپ ھۇجۇم قىلدى . بىرىنچى قېتىملىق جەڭدىن كېيىن ئالتايلىق ئۇرۇق قەبىلىلەر كۆك تۈ*ركلەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۆز ئاۋۇللىرىغا قايتىپ كەتتى . ئىككىنچى قېتىملىق جەڭدە كۆك تۈ*ركلەر قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى . بۇلمىش قاغان جەڭدە ئۆلدى . بارلىق كۆك تۈ*ركلەر شەھەرنى تاشلاپ قاچتى . 9 q) v/ b  b: b3 a
( }" r9 ^# |$ Q$ w6 a
ئالتاي-بۇ قەدىمكى ئويغۇر تىلدا «  ئالتۇن » دېگەن سۆز بولۇپ قەدىمكى دەۋرلەردىن يەنى III ئەسىردىن باشلاپلا ئالتاي تاغلىردىكى يايلاقلاردا ئۇيغۇرلار ياشىغان . بەزى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا بۇ يەرنىڭ نامى ئالتاي تېغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيدىغان قاراش بار . قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئالتاينىڭ ئورنى كۆچمەن چارۋۇچى مىللەتلەر مال باقىدىغان يايلاق بولغان . كېيىن بۇ جاي « سارسۇمبە » دىگەن نامدا ئاتالغان . XIX ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى چۆچەكتە پارتىلغان قوزغىلاڭ سەۋەبىدىن بۇ يەردە سارسۇمبە موڭغۇل لاما ئىبادەتخانىسىنى سالغان . ئىباددتخانا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن موڭغۇل لاماسى قۇتۇقتۇغۇنغا زالساننىڭ تۆھپىسىگە سېلىنغان . سۇ ۋە ئوت چۆپى مول بولغانلىقى ئۈچۈن چارۋۇچىلار تەرەپ-تەرەپتىن كۆچۈپ كەلگەن . شۇنىڭ تۈرتكىسىدە « سارسۇمبە  » دەپ ئاتالغان .
# A, \! P5 N+ @4 {2 ~, Q
% w# `1 ^' w/ x* lقوردان-بۇ نام  ھازىرقى خوتەننىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى ئاتىلىشى بولۇپ كارۇشتى يېزىقىدا ( KORTAN ) دەپ ئاتالغان . مېنىڭچە بۇ « قوتان » دىگەن نامدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى بۇ جاي قەدىمدە بىر چارۋىچىلىق رايۇنى ئىدى .
5 k8 o/ D* }8 Q% T+ X$ T
. S( _  m& `% I" |7 @يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندىمۇ ھازىرقى خوتەننىڭ ئورنى قارا قاش ۋە يۇرۇڭقاش دەريالىرنىڭ ئوت - چۆپى بولۇق ئۆسكەن رايونى بولغاچقا ياخشى چارۋۇچىلىق مەيدانى ئىدى .
5 e& B' W3 a3 x5 Q( G- T9 B# H8 T# \" z4 b% j; J8 p1 t9 u
ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ « خوتەن » دىگەن نام تارىختا « ئۇدۇن » ، « يوتقان شەھىرى » ، « ئېلىچى » دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى . خوتەن نامى توغرىسىدا بەزى ماتېرىياللاردا بۇ نام « ئۇدۇن » نامىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلدۇ . % G; X. O, j- T7 _

& Y: a% r* N! h# B: J% a« ئۇدۇن » دىگەن نام VII ئەسىر ۋە VIII ئەسىرنىڭ ئارلىقىدا قوللىنىلغان بولۇشى مۇمكىن . ئەمما « ئۇدۇن » نىڭ ئورنى ھازىرقى كېرىيە ناھىيە تەۋەسىدە بولغان . بۇنىڭ بىلەن « ئۇدۇن » دىگەن نامدا ئاتالغان . بىراق مىلادى 1000-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە يەنە « يوتقان شەھىرى » دىگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان . چۈنكى خوتەن شەھىرنىڭ غەربى قىسىمدىكى باغچا بازىردا « يوتقان » دىگەن جاي نامى بولۇپ كېيىن موڭغۇللار تەرپىدىن شەھەر ۋەيران قىلۋېتىلگەن . 8 `6 e/ h/ k4 [6 |) u

3 G2 y- E0 I0 a- {3 Iئۇنىڭدىن باشقا شەھەر تارىختا « ئىلچى » دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ ، خوتەن شەھىرى ئىككى دەريا ئوتتۇرسىدىكى بىر ئارالچە بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان . يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن فونتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ « ئىلچى » دىگەن نامدا ئاتالغان .
, h1 x" A* t. o$ _& i6 Y
: l6 x2 S8 D4 I6 `, H, z- {, o« ئىلچى » دىگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدا « ئەلچى » دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ . ئەمما ئەلچى بىر خىل ئەمەل نامى بولۇپ ، يەر نامىنى بىلدۈرمەيدۇ. كېيىن تاۋۇشلارنىڭ فونتىكىلىق ئۆزگىرىشى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنىڭ نەتىجىسىدە مۇشۇنداق ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن .
7 E, w2 v( A" d, w1 i% V  v: Z+ |1 g5 c4 E' q, |8 k8 c
بىراق « ئىل » سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا‹‹ئەل،خەلق،يۇرت››دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇردۇ.
/ }. K7 R) D& \; _  l( d3 ]! F) K$ P8 ?( F4 `* C. C
فونتىكىلىق ئۆزگىرىش نەتىنجىسىدە‹‹ئىلئىچى››دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان.ئەمما بۇمۇ ئوخشاشلا « ئەل ئىچى » ، « يۇرت ئىچى » دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن .
( p* k2 M  d+ w( \7 Q
9 B0 e7 C& e- A& f4 d3 kچۈنكى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىللىرمىز سۇ ۋە ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئەلدىن يىراق ياشىغان . شۇڭا ئۇلار ئادەم كۆپ جايلارنى « ئەلئىچى » دەپ ئاتىغان . دەۋرلەرنىڭ ئۆتشى بىلەن « خوتەن » دەپ ئاتالغان . - `( w) K* M% w  F7 c9 q1 G+ u/ Y

# O2 ?/ o0 ?0 T/ Bئىۋېرغۇل-بۇ قۇمۇلنىڭ قەدىمكى نامى . مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى زامانلاردا « يىۋۇ » دەپ خاتىرلىنىپ كەلگەن . 1 b  w( p2 B* g

8 I1 Z6 ^9 P/ G. y4 }+ H. oبىراق بۇ بارىكۆل ، ئارا تۈر*ۈك ۋە قۇمۇلنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . خەنزۇچە ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان « يىۋۇ » ، « يىۋۇلۇ » دىگەن ناملار «ئىۋېرغۇل» دەپ تەرجىمە قىلىغان . « يىۋۇ » ، « يىۋۇلۇ » دىگەن ناملار خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، « ئىۋىرغۇل » دىگەن ئاتالغۇ « ئەگرى-بۈگرى غول ،  ئەگرى-بۈگرى ئىقىن » دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ IX ئەسىر ۋە X ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارلىقتا « ئۇيغۇر » دىگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئاتىلىپ كەلگەن .
' Q6 q6 [% \5 B+ l) Z  Y9 q
' P' H( o/ b9 P/ G" Aقۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە دەسلەپتىكى « يىۋۇلۇ » دىگەن نام « خامىلى » ياكى « خامىيلى » نامىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ « قامىل » دىگەن ئۇيغۇرچە نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر . چىڭ سۇلالسى دەۋرىدە « خامى » دەپ ئاتالغان . بۇ « قۇمۇل » نامىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى .
% J2 V- v. T2 X& J8 [4 `4 ^* `, b7 a* X8 E! e: b7 x8 q1 r+ Z4 S0 t
مەسىلەن : بۆرىلەر بۇ كۆچمەنلەرگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلدى-دە، يىراقلادا كۆزدىن غايىپ بولدى . 0 Q5 n  z6 k0 c( T5 u: U) S

" c( I& `  M+ u5 w1 |! Mشۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى ئۈنلۈك خىتاپ قىلدى :
1 z5 H0 w3 i! ?6 _5 _/ |$ h  s; j
-            قاراڭلار ئالدىمىزدا دەرەخلەر كۆرۈندى ! 5 S, i% D- b2 z9 G) h4 A
6 e) n& |" r8 S6 w
-            بۇ ئىۋىرغۇل بوستانلىقى ، - دىدى باسان قارا ھاياجانلانغا ھالەتتە شۇ ياققا كۆز تىكىپ . & g- i3 z2 k  r
/ G# j. a6 y& m$ z- c" F
قۇچۇ-بۇ ھازىرقى تۇرپان شەھەرنىڭ ئورنىدا بولغان شەھەر . « تارىخى خاتىرلەر » ، «پەرغانە تەزكىرىسى » قاتارلىق ئەسەرلەردە « قۇش » دەپ تىلغا ئېلىنغان . بۇ ئەمەلىيەتتە « قۇتىئۇس  » نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى . قۇچۇ غەربى خەن سۇلالسى دەۋرىدە ھازىرقى تۇرپان شەھىرنىڭ شەر*قىدىكى ئاستانە بىلەن قارا غوجا ئارلىقىدىكى بىر قەدىمىي شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى « قۇچۇ » دەپ ئاتالغان . «قۇچۇ» نىڭ ئەسىلى مەنىسى « قۇتچۇر » دىگەن تۈ*ركى سۆزدىن ئۆزگەرگەن بۇ نام « بەخت - سائادەت ، مەرتىۋە ، دەرىجە » دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .
! E1 c# q. H1 n+ v% x& e) b. ]) o4 I5 m4 h; ^, T9 b( v
مىلادى 866-يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇچۇ « ئويغۇر ئېلى » دەپ ئاتالغان . XVII ئەسىردىن باشلاپ « تۇرپان » نامى بىلەن ئاتالغان . « تۇرپان » دىگەن سۆز « باي-باياشات ، ئاۋات ماكان » دىگەن مەنىدە .
. l: C* |, H" e% @# b7 p" N4 V! }5 ?, o5 N; N
كۈسەن-بۇ ھازىرقى كۇچا ناھىيسىنىڭ ئورنىدا بولغان شەھەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى . مەھمۇد قەشقىرنىڭ «تۈ*ركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىردە كۈسەن ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ( كۈسەن ، كۇچا دەپ ئاتىلدىغان بىر شەھەرنىڭ نامى ) دەپ كۆرسەتكەن . بىز بۇنىڭدىن كۈسەننىڭ 1000 يىل بۇرۇنلا شەھەر ھالىتىگە كىرىپ بولغانلىقىنى كۈرۋالالايمىز .
9 P8 `9 P9 L# s, v( B
  }4 [$ L9 j8 g5 Y7 n  j/ s9 J« كۇچار » دىگەن ئەسلى مەنىدە ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ، « كۈچ » دىگەن تۈپ سۆزدىن « كۇچا » دىگەن نام ۋۇجۇدقا كەلگەن . ! Q3 p& T) n5 {( C2 [3 h" T3 i7 G

/ I9 f) A2 e( l- Y# a+ K: `; iمەنە جەھەتتىن « كۈچ چىقارغۇچى » دىگەنلىك بولىدۇ . ئەمما ئۆز ۋاقتىدىكى مەنىسى بويىچە قارىغاندا « خەلقى تىرشچان ، ئىشچان » دىگەندەك ناملارنى بىلدۈرىدۇ . كۈسەن نامى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلغا خاس بولۇپ « كۈچ-قۇۋەت » دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ ئىككى نام مەنە جەھەتتىن بىر-بىرگە يېقىن. مەسىلەن . بۇ يەردە ئۇلاردىن باشقا قۇچۇ ، بەشبالىق، كۈسەن قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن ئىشلەمچىلەر ۋە يەرلىك پۇقرالاردىن سەپەرۋەر قىلىنىپ كەلگەنلەرمۇ ناھايتى كۆپ ئىدى . ئىش - ئەمگەك راسا قىزىپ كەتكەن ئىدى . بەزىلەر ئۆي سالماقتا ، بەزىلەر ياغاچچىلىق ، تۆمۈرچىلىك قىلىشماقتا . " I! u9 G* b1 t* S0 u2 [  u/ a

. W( z) r! w( l( `سائۇر ۋە تارباغاتاي-بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ‹‹سائۇر››دىگەن نام بولسا جۇڭگۇ-قازاقىستان چىگرىسىدىكى بىرتاغنىڭ نامى بۇلۇپ بۇتاغ ئالتاي ۋە چۆچەك رايونلىرىنى كىسىپ ئۆتىدۇ.4 i. B& f  x7 d, Z
; l+ a& i7 l0 T' t) u
بۇ يەردە دىيىلۋاتقان ‹‹تارباغاتاي››دىگەن سۆزموڭغۇل تىلدىكى نام.‹‹چۆچەك››دىگەن نام بولسا ئۇيغۇر تىلدىكى نامدىن ئىبارەت . چۆچەكنىڭ خەنزۇچە نامى موڭغۇل تىلدىكى نامىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، «غەربىي يۇرتنىڭ دەريا-ئېقىنىلىرى» دىگەن ئەسەردە « تارباغاتاي » دىگەن سۆز موڭغۇلچە بولۇپ «سۆسەر» دىگەن مەنىدە دىيىلگەن . ) e" X6 s3 M3 K1 Q$ D0 B

" n: F; C; X/ ~* I$ Qچۆچەكنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى مەنسىى « ياغاچ ئاپقۇر » ئۇنڭدىن باشقا « چېچەك » دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن . ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بۇ جاي « بىيا » دەپ كۆرسىتىلىپ « ئاقيار » دىگەن مەنىدە كەلگەن . + H( f1 t, d" D. w1 s) X! V

! M( O% y* n1 Q4 Fمىلادىيە 753-يىلى قارلۇقلار باسمىلار بىلەن بىرلىشىپ يەنە بىر قېتىم ئىسيان كۆتۈردى . ئۇيغۇرلار قوشۇنى ئۇلارنى يەنە بىرى قېتىم مەغلۇپ قىلدى . ھەمدە سائۇر ۋە تارباغاتايدىكى قارلۇق يايلاقلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ خانلىقنىڭ چىگرىلىرىنى پەچەنەكلەرنىڭ يەرلىرىگىچە تۇتاشتۇردى . % k) L! r/ i5 S# X% A' e
# o% I" d6 e- A2 h. J' T) d3 d! ~3 R
5.ئىجتىمائىي جۇغرپىيلىك جايلارنى ئاساس قىلغان خەنزۇ تىلدىكى يەر ناملىرى( S% h8 ~; c" D6 F

, Q3 I- j& A1 G; rفەنياڭ-بۇ بېيجىڭ شەھرىنىڭ تاڭ سۇلالسى دەۋرىدىكى ئاتىلشى بولۇپ ، تارىخى ماتېرىياللاردىن ئايان بولىشىچە بۇ جاينىڭ نامى ئەمنىيە ( 476-770 ) يىلىغچە بولغان ئارلىقتا « يەن » دەپ ئاتالغان . يېغىلىق دەۋرىدە ( 221-476 ) دەۋرىدە « جى » دىگەن نامدا ئاتالغان . تاڭ سۇلالسى دەۋرىدە « فەنياڭ » دىيىلگەن . بەش سۇلالە ، ئون پادىشاھلىق دەۋرىدە « يۆجۈ » دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن . جىن سۇلالسى بىلەن جەنۇبي سۇڭ سۇلالسى دەۋرىدە « ئوتتۇرا ئاستانە » نامى قوللۇنىلغان . " y4 q# ~4 z, M7 N
1 b! q1 M; b; y. X1 c* w6 ]
لياۋ ۋە غەربي شىيا سۇلالسى دەۋرىدە « نەنجىڭ » دىگەن نامدا يۈەن سۇلالسى دەۋرىدە « خانبالىق » دەپ ئاتىلىپ مىڭ سۇلالسى دەۋرىدە ھازىرقى نامى بىلەن ئاتالغان . 8 z+ K9 k9 ~0 C8 t- d: o% K3 ]

% [: D* r2 Z* pچاڭئەن-بۇ ھازىرقى شىئەن شەھىرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ تارىخى ماتېرىياللاردا چىن سۇلالسى دەۋرىدە تىلغا ئېلىنىپ « شەنياڭ » دەپ ئاتالغان . ئەمىنىيە ۋە يىغىلىق دەۋرىدە قايسى نامى بىلەن تىلغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ماتېرىيال يوق . غەربي خەن سۇلالسى دەۋرىدە « چاڭئەن » دىگەن نام بويىچە تىلغا ئېلىنىپ بۇ سۇلالىنىڭ پايتەختى بولغان . ئەمما ئورنى ھازىرقى شىئەن شەھىرنىڭ غەربىي شىمالى قىسىمغا توغرا كەلگەن . سۈي سۇلالسى مەزگىلدە ئاندىن ھازىرقى شىئەن شەھىرنىڭ ئورنىغا توغرا كەلگەن . بۇ ھازىرقى شەنشي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان قەدىمي شەھەر شىئەن .
/ E( s9 f) `! P) G4 f3 \! |+ |2 r9 P, B# M+ n' G7 a
لوياڭ-بۇ بىر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان قەدىمي شەھەر . تارىختا غەربي جۇ سۇلالسى ( تەخمىنەن XI ئەسىردىن 771-يىلغىچە ) دەۋىردىن باشلاپ تارىخى ماتېرىياللاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان .
+ t; R) s8 Y" h' e/ n6 t
& q$ l$ D- E0 mجۇ سۇلالسى ئۆز زىمىن دائىرسى ئىچىدە بىر قانچە كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بەگلىك « لۇ بەگلىكى » دەپ ئاتىلىپ ئورنى ھازىرقى لوياڭنى مەركەز قلىغان . مىنىڭچە « لوياڭ » نامىىڭ كېلىپ چىقىشى لۇ بەگلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن . كېيىن شەر*قى جۇ سۇلالسى دەۋرىدە « لويى » دەپ ئاتالغان بولسا ، ئەمىنىيە دەۋرىدە « جۇ » دىگەن نامدا تىلغا ئېلىنغان . يېغىلىق دەۋرىدە ھازىرقى « لوياڭ » دىگەن نامدا ئاتىلپ كەلگەن . بۇ قەدىمى شەھەر ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھىرى لوياڭنى كۆرسىتىدۇ .
' Q! R/ w6 @0 H) x
( O' f0 D: `8 i/ f" p" E  u. b$ L4 \& ?ئومۇمەن ئېيتقاندا يۇقارقى خەنزۇ تىلدىكى يەر ناملىرى تارىختا يۈز بەرگەن تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ۋە ۋەقەلەر بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئاپتۇر بۇ يەر-جاي ناملىرىنى تەسۋىرلەنگەن ئەن لۇشەن ، شى سىمىن ، توپلىڭىغا دائىر ۋەقەلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن . شۇڭا بۇ توغۇرلۇق ئەسەردىن مىسال ئېلىش مېنىڭچە ھاجەتسىز . 6 [) d" ^: I3 O

, J4 z+ p3 q! P: V0 l6. تەبىئي جۇغراپىيلىك جايلارنى ئاساس قىلغان تاغ - دەريا ناملىرى   t* z' y, T4 i8 x' r, ?' O1 K
; [3 ^7 P9 W4 l1 m. e6 k6 I5 g* E" o  W
سېلىنگا دەرياسى-بۇ ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شىمالى قىسىمدا بولۇپ ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى خاڭگۇي تاغ - تىزمىلىرىنىڭ شىمالى يان باغرىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ روسىيە تەۋەلىكىدىكى بايقال كۆلىگە قويۇلىدۇ . ئەسەردىكى دەريا توغۇرلۇق بىرىلگەن مەزمۇنىغا دائىر تەسۋىرلەردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدىكى : دەريا ۋادىسىدا ئوت-چۆپلەر مول ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ماس كېلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنىڭ ئېقىشى تېز ، دەريا سۈيىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭ ، دەرياغا ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن بىر قانچە ئېقىن دەريا سۇلىرى قۇيۇلىدۇ . 2 n8 O5 g5 T- R6 A* a$ ~1 f- }: j( [3 k8 N

2 P, K+ A. x/ J  z& ?. cئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى 992 كېلومېتىر دەريا سۈيى ھەر يىلى 10-ئاي ۋە 11-ئايلاردىن باشلاپ مۇز تۇتۇپ كېلەرنىڭ 4-ۋە 5-ئايلىرىدا ئېرىيدۇ . بۇ دەريا ۋادىسى ھازىرمۇ موڭغۇلىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋۇچىلىق رايونى بولۇپ ، كۆلىمى نەچچە مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىرغا يېتىدۇ . دەريا ئاساسەن سېلىنگائۆلكىسى تەۋەسىدە . دەريانىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات يوق . & z! X6 {! @9 v& r, `
- J# u( ~) B7 g7 k# B' g6 x
ئورخۇن دەرياسى-بۇ دەريامۇ ئوخشاشلا موڭغۇلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىكى خاڭگۇي تاغ تىزمىلىرنىڭ شىمالى يان باغرىدىن باشلىنىپ شەر*قى شىمالغا قاراپ ئېقىپ چىگرىغا يېقىن جايدا بايقال كۆلىگە قويىلىدۇ .
& n. C7 o2 T+ z9 K$ q$ q/ s( S6 i0 e4 E" d# @* t$ P
دەريا سۈيى تېيىز ، سۇنىڭ كۆتۈرلىشى ۋە پەسىيش پەرقى چوڭ ، مۇز توڭلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ ، ياز پەسلىدە قاتناش قىلىشقا بولىدۇ . بۇ دەريا سېلىنگا دەرياسىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى ، ئۇزۇنلىقى 1124 كېلومېتىر . دەريا ۋادىسدا ئوت-چۆپلەر مول بولۇپ چارۋۇچىلىق ئىشلىرى ناھايتى تەرققىي قىلغان . 1 T* A% K0 Z% s
3 E  y9 g# S3 l  h7 q, B0 O
XVII ئەسىردە ئۆتكەن خارەزىملىك تارىخچى ئەبۇلغازى باھادىر خان ( 1603-1665 ) تەرپىدىن يېزىلغان . « شەجەرەئى تۈ*رك » تە بايان قىلىنغان ، رىۋايەتلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭدىن باشقا، پارس تارىخچىسى جۇۋەينى يازغان « تارىخى جاھانكۇشاي » دىگەن ئەسىرى ۋە 1331-يىلى ئورنىتىلغان « قۇچۇ مەڭگۈ  تېشى » قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە مەڭگۇ تاشلاردىكى بايانلاردىن ئورخۇن دەرياسنىڭ قەدىمكى نامى « ئون كۈن دەرياسى » بولۇپ ، بۇ قەدىمكى تۈ*رك- ئۇيغۇر تىلىدا « ئون كۈن ياكى ئون قۇياش » دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . چۈنكى قەدىمدە ئۇيغۇرلار قۇياشنى ئۇلۇغلىغان ، بۇ بىر تەرەپ . يەنە بىر تەرەپتىن ئورخۇن دەرياسىغا قويۇلدىغان نۇرغۇن تارماق ئېقىن دەريالار بولۇپ ، ئۇلار ئاساسەن ئون دەريا ئېقىننى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ يەردىكى « ئورخۇن » دىگەن نام « ئون دەريا » نامى بولۇپ ، ئورخۇن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساس بولغان . 4 b' |6 r) V# U4 X2 b! T% }

6 I' f3 w0 F. ?! T: S( }تۇغلا دەرياسى-بۇ دەريا موڭغۇلىيەنىڭ غەربي-جەنۇبى قىسىمدىن شەر*قى شىمالغا ئېقىپ ئورخۇن دەرياسىغا قويۇلىدۇ . ئۇزۇنلىقى نەچچە يۈز كىلومېتىر بولۇپ ئورخۇن دەرياسىنڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنى . دەريا ساھىلنىڭ ئوت-چۆپلىرى مول .
* ]% u8 s& H% ^1 B; a6 Z$ Y: S  Y; u+ s4 J( n2 o; }# I: {; ^
« تۇغلا دەرياسى » دىگەن سۆز قەدىمكى تۈ*رك  - ئۇيغۇر تىلدا « توققۇز دەريا » دىگەنلىك بولىدۇ .قەدىمدە ، تۈ*ركي خەلقلەردە جۈملىدىن ئۇيغۇرلادا « توققۇز خاسىيەتلىك سان ، قۇد سان » دەپ ھېساپلانغان ھەم چوقۇنغان . توققۇز ئۇيغۇر قەبىللىرى مۇشۇ دەريا ۋادىسدا ياشىغان . 7 f: @3 E8 X; G8 Y, o* {4 l
' }* m& g" h, j1 R# O( w4 z
مەسلەن : - ئانا يەرنى سېغىندىم ، بۈرادەر ئىنەچۈك تاي ،- دىدى . كارۋان بېشى يەنە كۆتىرەڭگۈ ئاۋازدا ، - ئورخۇن ، سېلىنگا ،تۇغلا دەريالىرنىڭ يېقىملىق شاۋقۇنلىرى قۇلاقلىرىمغا ئاڭلانغاندەك بولۋاتىدۇ . ئۆتۈكەن تاغلىرنىڭ ساپ ھاۋاسى دىماغلىرىمغا ئۇرۇلۋاتقاندەك بىلنىۋاتىدۇ . ......6 y* A0 e3 k% V: X  h, g

2 G$ P' }, B+ M8 u# ^1 ]6 {; vسارىغ ئۆگۈز دەرياسى-بۇ خۇاڭخې دەرياسنىڭ قەدىمكى ئويغۇر تىلدىكى ئاتلشى بولۇپ « سارىغ » دىگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى سۆز بولۇپ ، ھازىرقى تىلىمىزدا « سېرىق » ياكى « سېرىق سۇ » دىگەن مەنىنى بىلدۈرسە ، « ئۆگۈز » دىگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى سۆز بولۇپ ھازىرقى تىلىمىزدا « دەريا ، ئېقىن » دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . « سارىغ ئۆگۈز دەرياسى » دىگەن نام ئەمەلىيەتتە « سېرىق ئېقىن دەرياسى » دىگەن مەنىدە . بۇ دەريانىڭ خەنزۇ تىلدىكى ئاھاڭ تەرجىمىسمۇ مەنسىگە ماس ھالدا « خۇاڭخې » دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ . 3 X- X) N- u$ J8 H% S% A! d

' C) \* x+ o5 ^7 g  o6 g3 Q& Eمەسىلەن : مەسلىھەتچى يەن جۇاڭنىڭ كۆرسەتمسى بويىچە ئۇ  قالدۇق قوشۇنى بىلەن سارىغ ئۆگۈز دەرياسىدىن ئۆتۈپ خېنەننىڭ ئەنياڭ ئايمىقىغا قېچىپ كەتتى . گۇزىيى قوشۇنى بىلەن قۇتلۇق بايغۇ قوشۇنى بىرلىكتە بوش قالغان لوياڭ شەھىرگە قاراپ يول ئالدى .
, Y( u: I! ~! i* ^3 b9 w
& n8 d6 A) k6 s* n( Qئالتاي تېغى-بۇ تاغ ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىىكى چوڭ تاغ سېستىمللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، جۇڭگۈ بىلەن موڭغۇلىيە ، جۇڭگۇ بىلەن قازاقىستان ، روسيە چىگرىلىرىغا جايلاشقان . ئۇزۇنلىقى ئىككى مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ ، ناھايتى قەدىمى زامانلار ( III ئەسىر ) دىلا تۈ*ركى قەۋملەر ياشىغان . : t- j  r9 o8 i3 {+ M

8 k/ s  p5 Z" Q! P4 X/ T& ?مەسىلەن : سىر تاردۇشلار ، چىلار ، داچى قاتارلىق قەۋملەر . ئالتاي تېغى قەدىمدە « ئالتۇن تاغ » دەپ ئاتالغان . چۈنكى بۇ تاغ ۋادىللىرنىڭ سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرىمۇ مول ۋە يېتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن ، ۋە ياكى شۇ يەردىكى بايلىقلاردىن پايدىلنىش ئاساسىدا « ئالتۇن تاغ » دىگەن نامدا ئاتىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن .
* p  k- p' R! j' D; Y( }4 J
$ F$ b' v4 j9 }: L; W# f, Gئۆتۈكەن تېغى-بۇ تاغ خاڭگۇي تاغ تىزمىسىنىڭ بىر تارماق تېغى بولۇپ ، ئەڭ ئېگىز جايلىرى دېڭىز يۈزىدىن ئىككى-ئۈچ مىڭ مېتىر ئېگىز . ئورخۇن سېلىنگا دەرياسى ۋە ئۇلارنىڭ تارماق ئېقىنلىرى بۇ تاغ بىلەن گىرەلىشىپ جايلاشقان . شۇڭلاشقا بۇ جايدىكى ئوت-چۆپلەر باشقا دەريا ۋادىلىرىغا قارىغاندا ناھايتى يېتەرلىك .
+ x) P9 Z4 a5 v* ?4 g8 z- k
. q+ t: {3 s3 h8 r% \مەسىلەن : ھەيۋەتلىك ئۆتۈكەن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى رەڭگا-رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بۇلۇق ئوتلاققا يىپەك چېدىرلار ۋە چوڭ-كىچىك كىگىز ئۆيلەر تىكىلدى . 1 }1 X: d/ |7 `9 w

  j& u/ U0 g) c% v+ \/ p4 jتاش ئوچاقلارغا ئوت يېقىلىپ ، چۆيۈن قازان ۋە مىس كورىلاردا قوي ۋە ئات گۆشلىرى قايناشقا باشلىدى . بۇ تاغنىڭ نامى ئەسەردە ناھايتى كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ جاي قەدىمكى تۈ*ركى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرى بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس جاي . بۇ يەردە قايغۇ-ئەلەم، دەرت- مۇڭ بولمايدۇ . تۇرمۇش خۇشال ئۆتىدۇ .
8 [" E8 Y$ L' {
9 c+ E, k" }7 i0 Z& R2 sيۇقرىقى بۇ يايانلار شۇ دەۋىردىكى قاغانلارغا ئاتاپ تىكلەنگەن مەڭگۇ تاشلاردا تىلغا ئېلىنغان . بۇ يەردىكى « ئۆتۈكەن » شۇ يەردىكى بىر دەريانىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ « تەڭرى ئىلاھى » دىگەن مەنىدە .
' f/ X8 O0 _- ^4 z; i* t& m5 H
2 f$ h" r4 `% Tئەسەردە تىلغا ئېلىنغا بۇ يەر ناملىرىنى ھازىرقى نامىغا سېلىشتۇرغاندا مۇرەككەپ بولۇپ قەدىمكى ئورخۇن تىلى سۆز ياساشقا بىرقەدەر باي ۋە ئالاھىدىلىكى خىلمۇ- خىل . شۇ سەۋەپتىن ئەسەردىكى تىلغا ئېلىنغان يەر ناملىرنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئاتىلىش نامىنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ، ئومۇمەن مەدەنىيەت ھادىسسى ۋە تەبئىي ئامىلنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان .
* @* R" I+ p4 K
/ m- f9 o+ {. G" W: c& Kيەر ناملىرى ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇش بىلەن بىرگە ، يەنە مەدەنىيەت ھادىسسى بولۇپ ، جەمئيەت تەرەققياتنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا كەلگەندە ئىنسانىيەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ  ئىېھتىياجى تۈپەيلىدىن بارلىققا كەلگەن . يەر ناملىرى ئاساسەن ئولتۇراقلىشىش ئىېھتىياجىدىن بولغان . شۇڭلاشقا يەر ناملىرى ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . مەلۇم بىر جاينىڭ نامى شۇ جاينىڭ تەبئىي شارائىتى ياكى خىلمۇ-خىل ئىجتىمائىي ھادىسلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزگىرىدۇ . ھەم مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە تۇراقلىشىدۇ . ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا فونتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، يەر ناملىرنىڭ قۇرۇلمىللىرى ئۆزگىرىپ بارىدۇ . 6 Y4 R% D) x+ V# F3 A
, O# f+ M6 g4 O" x( {) R2 }' B1 N
بۇ روماندا تىلغا ئېلىنغان يەر ناملىرى ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى ، ئىدىيىۋى ئاڭ چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايتى قۇيۇق ، ئاپتۇر ئورخۇن ئويغۇر خانلىقنىڭ بىر بۈتۈن تارىخى كارتىنىسنى ئۆز دەۋرىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق ئاساسىدا ياراتقان . يايلاق مەدەنىيتنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەمدە مۇشۇ جايلار قەدىمكى دەۋىردىن باشلاپلا ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ ياشاپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلـتۈرگەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ھەم قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن يەر ناملىرىنى تىلغا ئالغان . ئۇنىڭدىن باشقا ئورخۇن ئويغۇر خانلىقنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى زىمىن دائىرسى شۇنداقلا سىياسى ۋە تاشقى ئالاقە پائالىيەتلىرىنى تارىخى نوقتىدىن چىقىش قىلىپ توغرا ھەم جانلىق ئىپادىلەپ بېرىشتە بۇ يەر ناملىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
0 L/ D$ q) t6 P. U. Z7 t& w: |! r/ }" Y6 C  Y
يەر ناملىرنىڭ دەۋىر قاتلىمى بويىچە قارىغاندىمۇ ، مەدەنىيەت قاتلىمى بويىچە قارىغاندىمۇ ، ئاتىلىش قاتلىمى جەھەتتىن قارىغاندىمۇ بۇ ئەسەردىكى يەر ناملىرى قاتلاملىق دەرىجىسى چوڭقۇر ھەم مۇستەھكەم ، ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى جەرياندا پەيدا بولغان ھەم ئۆزگەرگەن . ئورخۇن خانلىقىنىڭ جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنى ، شۇنىڭدەك كۆرسەتكەن تەسىرى ئارقىسدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئەسەردىكى يەر ناملىرى ئارقىلىق شەرھىلەپ چىقىشقا بولىدۇ .
: `) B( c+ |; w4 R5 B) K
+ ?7 x5 s8 w! R2 F$ L% c" aقەدىمكى ئاتا-بوۋىللىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەتنىڭ يەر ناملىرى ئارقىلىق .ئۆزىنى نامايەن قىلالايدىغانلىقىنى ، يەر ناملىرىنىڭ ھەر خىل تىپتىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن شەكىلدىن قەتئي ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز .
. i4 W/ I8 Y. g2 g
2 ^5 g* X# \5 ~8 T% P1 F4 [1 w* hئۇمۇمەن ئالغاندا بۇ ئەسەردىكى يەر ناملىرى ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇرلار يارتقان مەدەنيەت ھادسسنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئورخۇن خانلىق دەۋرىدىكى مەدەنىي ھاياتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس . بىر مىللەت ياكى قەبىلىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھامان ئۇلار ياشىغان يەر-ناملىرى بىلەن بىرلىگكە ئىگە . شۇڭا بىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان يۇرتنى قەدىرلەپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، يۇرتىمىزنى پۈتكۈل جاھان مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم مەنبە-بۈشۈكىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈننى قەدىرلەپ ئەتە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك . / c& Y- R* }& N1 I% g1 r
+ o) `6 z3 [: [2 d1 H1 ^; w
پايدىلانمىلار( E" f2 B8 f6 c7 i* I7 ~. u- R
$ ]4 U4 A0 K" s; I0 L) G
1. خۇاتاۋ ، ئابلەت نۇردۇن تەرجىمىسى: « غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2002-يىلى 12-ئاي .
8 i7 z$ e; q  B: `% c5 A4 s" G
2. ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن : « قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا »  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى 3-ئاي .
% ]3 H; F1 y) k6 I# \1 O2 V( H
* h, M& E/ T) p% N# \3. غەيرەتجان ئوسمان : « ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزە  » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2003-يىلى 7-ئاي .6 i4 T0 \( ^1 m2 {
) f3 Q5 A& Q0 ]; ^: ?
4. راخمان شاھ تۆمۈر : « دۇنيا يەر ناملىرىنىڭ ئىزھاھلىق لوغىتى »  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1992-يىلى 4-ئاي .' w9 M: g$ `+ C3 I
5 G" [4 X6 E9 }( B8 b' Z
5. نىياز كېرىمى ،زىۋىدە ساتتار : « دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەرجاي ناملىرى ھەققىدە »  بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 6-ئاي
* H6 h& A( M% i5 p- I5 A+ X# }8 n( H, v0 X  D7 t5 S/ u: Q
6. ھەبىبۇللا ئابدۇسالام :«ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تىمىدىكى رومانلىرى توغىرسىدا مۇلاھىزە » شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى ،2001-يىل 3-سان .( t/ ]1 j9 H0 W+ |

. n: U& f& O2 f

ۋاقتى: 2012-3-31 17:39:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئاپتورى ئىزدىنىش ئاساسىدا  «ئورخۇن شەجەرىسى » دىكى ئۇچۇرلارنى يىپ ئۇچى قىلىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ياشىغان زىمىنلار ۋە ئالاقىدار جاي ناملىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرياللاردىن ئىزدەپ ھەم تارىخى،جۇغراپىيلىك ئەمىليەت بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ،كەڭ ھەم چوڭقۇر ئاساستا ئېچىپ بېرىپتۇ. ; F+ _, H0 \6 y# t, |
      ئەدەبى جەھەتتە « ئورخۇن شەجەرىسى»  روماننى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى بەدئى جەھەتتىن يورۇتۇپ بېرىش  جەھەتتىكى  موھىم كىتاپلارنىڭ بىرى بولسا ئەھەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى بولۇپمۇ مەخسۇس ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ھەققىدىكى ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان ئەڭ ياخشى كىتاب دىيىشكە بولىدۇ. ئەھەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ ئەشۇ كىتابىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر زىيالىلىرى جۈملىدىن ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى زىيالىلار بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەن.ئۆزىنىڭ مىللى ئەنئەنىسىنى بىلمىگەن،تونىمىغان ... لار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.ئۇ، كىتاپتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى ئىلمىي ئۇسۇلدا تارىخى چىنلىققا رەسمى ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ يورۇتۇلغان.بىلىم بېرىش ۋە پايدىللىنىش قىممىتى ھەققىقەتەن يۇقۇرى.

ۋاقتى: 2012-5-16 15:32:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەرلەنى  كۆرەلەيدىغان  كۆزلەر ئۇخلاپ قالمىغاندۇ ھە؟!
未命名mnm.jpg

ۋاقتى: 2012-5-16 15:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ، ئۆتكەن يىلى سىنتەبىر دە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجادىيەت بازىسىدا ئېچىلغان «كىتاب ئوقۇش كۇرۇسى»(6)دە ئازاد سۇلتان مۇئەللىم لېكسىيە سۆزلىگەندە، تارىخىي رومانلاردىكى ئورۇن-جاي، تاغ-دەريالار ۋە ئۇلارنىڭ ئورنى توغرىسىدا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەرقىقات قوشۇنىمىز يەنىلا ئاجىز، قارىسا كۆپتەك، نۇرغۇن كىشى ئەدەبىيات تارىخى ۋە تارىخ، مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن بۇ قوشۇن يەنىلا ئاز. بىر ئادەم بىرمۇنچە ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات تارىخى، تارىخ تەتقىقاتى ۋە بۇ جەھەتلەردىكى ئىزدىنىشلەر ماھىيەتلىك، دەلىك-ئىسپات ۋە ھۆكۈم، خۇلسىلەرگە تايىنىدىغان ئىلمىيلىكى يۇقۇرى، تەلىۋى قاتتىق، مەسئۇلىيىتى ئېغىر تەتقىقات، ئىزدىنىشلەر بولغاچقا كۆپلەپ ماتېرىيال كۆرۈشكە، سېلىشتۇرۇشقا، تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەر جاپاغا چىدايدىغان، خالىس، پىداكار كىشىلەرگە مۇھتاج، قوللاشقا، ئىلھام، مەدەت بېرىشكە مۇھتاج.

ۋاقتى: 2012-5-26 02:45:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى  ئىنكاس يېزىپ باھيىمنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم.يۇقۇرقى ماقالە ھەقىقەتەن بۇ مۇنبەردىكى ئەڭ قىممىتى يۇقۇرى ماقالىلەرنىڭ بىرى.شۇڭا ھەمبەھرلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2013-1-20 21:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتىراپلىق ئىزدىنىپسىزغۇ، مەن  روماننى ئوقۇغان بىلەن بۇجەھەتتە ئويلۇنۇپ باقمىغان ئىكەنمەن

ۋاقتى: 2013-4-4 15:28:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قوردان » بۇ ھازىرقى  خوتەننىڭ قەدىكى ئاتىلشى بولۇپ كارۇشتى يېزىقى بويىچە ( KORTAN) دەپ ئاتالغان . بۇ نام گەرچە دەۋىرلەرنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ « ئۇدۇن » ، « ئېلچى » ، « يوتقان شەھىرى » دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان بولسىمۇ يەنىلا خوتەننى كۆرسەتكەن .
0 E5 k5 F3 @: f( t2 Cقوردان-بۇ نام  ھازىرقى خوتەننىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى ئاتىلىشى بولۇپ كارۇشتى يېزىقىدا ( KORTAN ) دەپ ئاتالغان . مېنىڭچە بۇ « قوتان » دىگەن نامدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى بۇ جاي قەدىمدە بىر چارۋىچىلىق رايۇنى ئىدى .- i5 I: Y. D9 x, j7 H8 N
7 J; I' F; W# c8 y% s* ?+ _( h
« ئۇدۇن » دىگەن نام VII ئەسىر ۋە VIII ئەسىرنىڭ ئارلىقىدا قوللىنىلغان بولۇشى مۇمكىن . ئەمما « ئۇدۇن » نىڭ ئورنى ھازىرقى كېرىيە ناھىيە تەۋەسىدە بولغان . بۇنىڭ بىلەن « ئۇدۇن » دىگەن نامدا ئاتالغان . بىراق مىلادى 1000-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە يەنە « يوتقان شەھىرى » دىگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان . چۈنكى خوتەن شەھىرنىڭ غەربى قىسىمدىكى باغچا بازىردا « يوتقان » دىگەن جاي نامى بولۇپ كېيىن موڭغۇللار تەرپىدىن شەھەر ۋەيران قىلۋېتىلگەن . ' R5 ?/ z& E" q! J8 X& B( @2 G* ~
     ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر تارىختا « ئىلچى » دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ ، خوتەن شەھىرى ئىككى دەريا ئوتتۇرسىدىكى بىر ئارالچە بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان . يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن فونتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ « ئىلچى » دىگەن نامدا ئاتالغان .
. B' |- f5 T! U" S' E2 ~! N" r/ x  « ئىلچى » دىگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدا « ئەلچى » دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ . ئەمما ئەلچى بىر خىل ئەمەل نامى بولۇپ ، يەر نامىنى بىلدۈرمەيدۇ. كېيىن تاۋۇشلارنىڭ فونتىكىلىق ئۆزگىرىشى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنىڭ نەتىجىسىدە مۇشۇنداق ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن . بىراق « ئىل » سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا‹‹ئەل،خەلق،يۇرت››دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇردۇ.فونتىكىلىق ئۆزگىرىش نەتىنجىسىدە‹‹ئىلئىچى››دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان.ئەمما بۇمۇ ئوخشاشلا « ئەل ئىچى » ، « يۇرت ئىچى » دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن . 0 f  j- I2 P) f+ o# T$ S6 [
   چۈنكى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىللىرمىز سۇ ۋە ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئەلدىن يىراق ياشىغان . شۇڭا ئۇلار ئادەم كۆپ جايلارنى « ئەلئىچى » دەپ ئاتىغان . دەۋرلەرنىڭ ئۆتشى بىلەن « خوتەن » دەپ ئاتالغان .. \! j) b+ K2 `4 z3 \8 H
  بۇ قۇرلاردا خوتەنىنىڭ شەرھىسى تازا ياخشى يۇرتۇلمىغان ئەھۋال بار.بىر-بىرىگە زىتلىق بار.زادى قايسى راسىت؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش