شېرىن قۇربان(تاجىك) 1952 – يىل 12 – ئايدا تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم نا ھىيىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاشقورغاندا ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شە ھىرىدە ئوقۇغان . 1978 – يىلىدىن 1982 – يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان . 1982 – يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىشتىتۇتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ .
پروفېسسور شېرىن قۇرباننىڭ تەتقىقاتتىكى تۆ ھپىسى كۆپرەك تاجىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا كۆرۈلىدۇ . ئۇ تاجىكلارنىڭ گېئوگرافىيىسى ،ئىجتىمائىي تارىخى ، تىل – يېزىقى ، ئەدەبىيات – سەنئىتى ، دىنىي ئېتىقادى ، ئېتنوگرافىيىسى ۋە باشقا مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ ، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلارنى تولدۇردى ھەمدە مۇشۇ سا ھەنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسىغا ئايلاندى . تاجىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بويىچە « تاجىك مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات »(ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى،ئۇيغۇرچە) ، « جۇڭگو تاجىكلىرى »(خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە) ، «تاجىك فولكلور مەدەنىيىتى » (خەنزۇچە) ، «تاجىكىستاننىڭ ئومۇمىي ئە ھۋالى»(ئۇيغۇرچە) ، « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپەۋىي ئىدىيە تارىخىدىن ئوچېرىكلار»(ئۇيغۇرچە) قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇردى .«تاجىك ئەدەبىياتى تارىخى»(ئۇيغۇرچە)، « تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توپلىمى»( خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە)، «تاجىك تارىخىغا ئائەت ماتېرىياللار مەجمۇئەسى»(خەنزۇچە)،«تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»(خەنزۇچە) قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى . ئۇ يەنە دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرى بولغان «خۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىن ۋە ئەپسانە قامۇسى » ، « جۇڭگو ئەدەبىياتىدىن ئومۇمىي ئۆرنەكلەر لۇغىتى »،« جۇڭگو ئىسلام دىنى ئېنىسكلوپىدىيىسى » ، «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ھىكايەت - چۆچەك قامۇسى » . « جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قامۇسى » ، « غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت لۇغىتى » ، « شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى . تىل – يېزىق تەزكىرىسى » ،«شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى • مىللەتلەر تەزكىرىسى» قاتارلىق قورال ۋە قوللانما خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنىڭ تاجىك قىسمىنى ئىشلەپ چىقتى . ئۇ يەنە كۆپ قېتىم خەلقئارا ، دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئىلمىي مۇ ھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ، ئىلمىي ماقالىلارنى ئوقۇپ ، ياخشى با ھاغا ئېرىشتى .
پروفېسسور شېرىن قۇرباننىڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ تىللىرىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى 149 پارچىگە ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرى 162 پارچىگە ، ئەدەبىي ئەسەرلىرى 38 پارچىگە ، تەرجىمە ئەسەرلىرى 76 پارچىگە يەتتى . 13 پارچە كىتاب ۋە ماقالىلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئۇ ئۈچ قېتىم ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ،ئالتە قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى بولۇپ تەقدىرلەندى . 1992 – يىلى دوتسېنت ئۇنۋانىغا ، 1998 – يىلى 6 – ئايدا پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشتى . 1999 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ ماگىستىر ئاسپرانت يېتەكچىسى بولۇپ كەلمەكتە .
|