يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 702|ئىنكاس: 2

دەردى تاز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەردى باش
ئېتۇت
ئەدىھەم ئىبراھىم
-ۋاي موشۇ باشنىڭ دەردىنى دەيمەن،مەنمۇ ماۋۇ ياغاق بۆكۈمنى ئېلىۋىتىپ،ئاۋۇلاردەك باشنى ئاپتاپقا سېلىپ،شامالدىتىپ يۈرسەم بولماسمىدى.موشۇ بۆكنىڭ ئىچىدە سېسىپ پۇراپمۇ قالىدۇ ئادەم،تۈكنىڭ قەدىرى موشۇنچىۋالامۇ ئۆتەمدۇ دەيمەن،ئاۋۇ قۇرۇق كاللا‹ھېبۇل پاڭقاي›نىڭ بېشىدا بىر باغ تۇك،چىگىشلىشىپ ئۆچكىنىڭ چۈپىرىدەك بوپكەتكەن.توۋۋا دەيمەن،ماڭا ئوخشاش قەدىرىنى قىلىدىغانغا بەرمەيدىكەنغۇ ئۇ تۈكنى،مانا يوقنىڭ قەدىرى يامان ئىكەن،ئاچ قورساق نانغا زار،بويتاق جانانغا دىگەندەك،توۋۋا قىلدىم خۇدايىم،مېنى تۈككە زار قىلىپ يارىتىپ قويغىنىڭنى دەيمەن.بولمىسا خەجلەي دىسەم پۇلۇم بار مانا،يامان يېرى شۇ تۈك يوق.ھەي تۈكنىڭ دەردى،ماڭقارا،كۈندە خۇدۇكسۈرەپلا يۈرگەن، نىمىگە دەمسەن؟بېشىمغا يېلىمدەك چاپلىشىپ كەتكەن مونۇ رودىپاينى بىرىسى ئېلىۋىتىپ ئادەمنى شەرمەندە قىلمىسۇن دەيمەن شۇ،موشۇ كۈنلەردە قاتتىقراق شامالدىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم دەيمەن.ماڭقارا،ئۆتكەندە بىر قۇيۇنتاز چىقىپ قالدى،ئادەم تېپىلمىغاندەك ئۇدۇل مېنى پىقىرىتىپ يۈرىدۇ،شۇنىڭغا قارىغاندا تاز-تازغا ئامراق ئوخشىمامدۇ،قانداق بوپقالدى،بىر چاغدا قارىسام بۆكەم يوق،بېشىمنى چاتىرقىمغا تىقىۋالغىدەك بولۇپ كەتتىم.قارىسام ھەممىسى كۈلىۋاتمامدۇ،ئۆيگە بېشىم بىلەن مېڭىپ كەتتىممىكىن دەيمەن.
-مېنىڭ ئىسىمىم قاقىراخۇن،ئاكامنىڭ ئىسىمى توختاخۇن،موشۇ ئاكاممۇ-زە،ئىقلىملا بىرنىمە.كېچىكىمدە چېچىمنى لېجۇ(تەپكۈچ) قىلىپ تېپىپ ئويناپ مېنى موشۇ كۈنگە قويدى ئۇ گۇي.سېنىڭ چېچىڭدا لېجۇ ياسىسا يامان چۈشىدۇ دەپ كېتىشلىرىچۇ تېخى،ئۈزەمنىڭ چېچىنى ئۈزەمگە تەپكۈزگەنلىرىنى ئويلىسام يىغلىغىم كېلىپ كېتىدۇ (ئۇ كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش ئالىدۇ).ئۇ مېنى ئەجەپ يۈرەكئالدى قىلىۋىتىپتىكەن دەيمەن،مەھەلىدە بالىلارنىڭ قۇۋامغا تېپىپ ئويناشلىرىچۇ تېخى،شۇڭا كەينىمنى ئاۋايلاپ ئادەم توپلاشقان يەرلەرگىمۇ يۈرەكلىك بارالمايتىم.كىمنىلا كۆرسەم ئىتتىك بۇرۇلۇپ ئىككى قولۇم بىلەن كەينىمنى توراپ،قۇۋامنى قاچۇرۇپ كېتەتتىم،شۇڭا مەن موشۇنداق دوڭغاق بولۇپ قالغان.مېنى موشۇنداق قېلىپ قويغان زادى شۇ ئاكام! بۈگۈنمۇ كۆڭلۈم ئۇ كېلىپ قالىدىغاندەكلا بىر شۇملۇقنى سېزىپ تۇرىدۇ ،دىمىدىممۇ ئەنە ئۇ كىلىۋاتىدۇ،-قاقىراخۇن ئاكىسىنى كۆرمىگەن بولۇپ تەتۈر قاراپ تۇرىۋالىدۇ.
-ھوي قاقىراخۇن،بۇياققا كەسىلە-،ئاكىسى ئۇنى چاقىرىدۇ
ئۇ چۆچىگەندەك بولۇپ قارايدۇ ھەم ئالدىغا يۈگىرەپ
-ئاسالاملەكۈم،ھە،نىمە ئىش ئاكا؟-دەيدۇ.
-شۇ بازارغا،ئانچە-مۇنچە ھېيتلىق-پېيتلىق دىگەندەك نەرسىلەرنى ئاچىقاي دەپ.قانداق،دىككىدە كىرىپ چىقمامدۇق؟-قاقىراخۇن ئىچىدە غۇدۇرايدۇ.
‹خەپ،موشۇ ئاكام دىگەننىڭ گېپىنى ژىرامايدىغىنىم،كېچىكىمدە تۇر دىسە تۇرۇپ،ماڭ دىسەم مېڭىپ ئۈزۈم يامان ئۆگۈتىۋەتكەن بولغاندىكىن بارماي ئامال يوق،بارسامغۇ بارىۋىرەتتىم بىراق موشۇ دەردى باش..›
-ھە،كۈرۈك توخودەك نىمىگە روكۈلدايسەن.ماڭمامسەن!
-ماڭدىمغۇ مانا...
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ بىرسى ئالدىدا،بىرسى كەينىدە سوڭدىشىپ مېڭىپ بازار ئارىلايدۇ،ساتارمەنلەر ئالدىنى توساپ، ماللىرىنى داڭلاپ ئۇلارغا تەڭلەيدۇ.
-مانا،مانا مالنىڭ سەرخىلى بۇ يەردە،ھە سىلىگە قاندىقى كېرەك؟
-بىزنىڭ تىلەشكە كەگىدەك چاپىنىڭ بارمۇ!،-بۇ چاغدا ساتارمەن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ توختاخۇنغا بىر پەس قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-بەك قىزىقچى ئادەم ئوخشايلا،تىلەش دىگىنىڭىز كىم،ھە بويى قانچېلىك،مانچىلىك،ياق؟ھە مانچىلىك،ياق؟ئۇ قولىنى بالداقمۇ-بالداق كۆتۈرۈپ تىلەشنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى پەرەز قىلىدۇ،
-قاراڭ چوڭدا،ئاۋۇ بالىدەك بارمۇ،ياق؟،ھە ئەمسە مانىڭدەك؟،-ئۇ بازاردىكى بالىلارنى كۆرسۈتۈپ سورايدۇ،توختاخۇن سېتىقچى بالىغا بىر پەس قارىۋەتكەندىن كېيىن ھاياجانلانغانچە :
-ۋوي،بىزنىڭ تىلەش سېنىڭدەك قىلامدۇ نىمە،ھە بولدى ئۈزەڭلا كىيىپ باققىن،(سېتىقچى چاپاننى كىيىدۇ)مانا –مانا تىلەشنىڭ ئۆزىلا بولدۇڭ،ھە بۇ نىمەڭنىڭ مانچىسى نەچچە؟
-300سۇم .
-300سۇم!نىمە دەيسىنۇي بالا!300سۇم پۇلۇم بولسا تىلەشنى ئۆيلەپ قويمامدىم،موشۇ سودىگە دىگەن خەق زادى ئاغزىغا كەلگەننىلا دەيدۇ جۇمۇ.ھەي قاقىراخۇن تاڭگا چىشلىۋالغاندەك پاقىراپ تۇرماي بىرنىمە دىگىنە بۇنىڭغا...
ئۇلار چاپان سودىسىنى قىلىۋاتقاندا بىرەيلەن ۋاقىرىغىنىچە دوپپا سېتىپ كېلىپ قالىدۇ.
-مانا-مانا،دەل ئۆزى.سىزگە قۇيۇپ قويغاندەك كىلىدۇ،-ئۇ كەلگىنىچە قاقىراخۇننىڭ بېشىغا قول سۇنىدۇ،قاقىراخۇنۇ ئۇنىڭدىن ئىتتىكلا ئۆزىنى ئېلىپ قاچدۇ،ئاڭغىچە توختاخۇن دوپپىچىنىڭ ئالدىنى توسۇپ،‹ئۇكام،دوپپاڭنى مەن كىيىپ باقاي›دەيدۇ.دوپپىچى بولسا توختاخۇنغا بوي بەرمەي‹‹ياق،بۇ سىزگە كەلمەيدۇ،ئاۋۇ ئاكام كىيىپ باقسۇن››دىگىنىچە قاقىراخۇننىڭ شاپاق بۆكىنى قولىغا ئىلىۋالىدۇ-دە، ياغاق بېشىغا قاراپ ئوڭايسىزلانغىنىچە داڭ قېيىپ تۇرۇپ قالىدۇ.قاقىراخۇن بولسا خىجىل بولغىنىدىن بۆكىگە ئېسىلىدۇ.بۇ چاغدا توختاخۇن ئىتتىكلا ئۆزىنىڭ مانچىستىر دوپپىسىنى قاقىراخۇنغا كىيگۈزۈپ قويۇپ،دوپپىچىنىڭ دوپپىسىدىن بىرنى ئېلىپ ئۆزى كىيىۋالىدۇ.
-ئىسىت!سىلىگە ئەمەس،بۇياققا بەك يارىشاتتى،بىراق باش ئاقتام قاپتۇ ئەمەسمۇ،خاپا بولمىسىلا،ئەمسە مەن كەتتىم...-دوپپىچى كېتىپ قالىدۇ.
قاقىراخۇن ئىچىدە غۇدۇرايدۇ‹‹كەلمەيمەن دىسەم زولاپ،مانا ئاخىر باشقا چىقتى،ئەمدى ئىكىنچىلەپ...›
ئۇلار بازاردىن چىقىپ يانمۇ-يان بولۇپ مېڭىشىدۇ،ھەر كاللىدا بىر خىيال دىگەندەك ھەر ئىككىلىسى ‹باش›مەسىلىسىنى ئويلاپ ماڭىدۇ،ئاخىر توختاخۇن ئېغىز ئاچىدۇ:
-ئۇكام،ئالدى بىلەن موشۇ تۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلايلى،ئاڭلىسام تەييار تۈك چاچ چىقىپتۇ دەيدۇ،شۇنىڭدىن بىرنى ئالامدۇق،
-نىمە دىدىڭ!-قاقىراخۇننىڭ چىرايى نۇرلۇنۇپ كېتىدۇ،-ھە،نەدىكەن!
-بازاردا
-ھە!...يەنە بازار!...
توختاخۇن ئالدىراپ ئالدىدا ماڭىدۇ،قاقىراخۇن كەينىدىن غۇدۇرغىنىچە‹‹مەن بازارغا بارمايمەن دىدىمغۇ››دىگىنىچە سەھنىدىن ئايرىلىدۇ.
2012-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى
چاپچال ناھيە قاينۇق يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پۇنكىتى ئەدىھەم ئىبراھىم
察布查尔县海努克乡农经站艾迪合木江。依布拉依木
电话13899386874
13319746094

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-14 16:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-1-24 18:43:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقرالىق چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش