ھەسرەت ئوقار يامغۇر يازغان شېئىرنى
ئادىرىئان پائۇنېسىكۇ (رومىنىيە)
مىڭ يىللىق يامغۇرلار تەڭ چۈشتى گويا،
زەنجىر ئۈزۈك، ئىشىك كۆپۈك ناگاھان.
كىچىك ئېقىن كۈچەپ تەقلىد قىلماقتا،
شۇ قېتىملىق زور كەلكۈننى خىرامان.
ئۈچ مۇزىكا ئەترىتى بار راباتتا،
ئىسكىرىپكا سۇ ھورىدا چىرىغان.
ئىشكاپتىكى كېلىنچەكنىڭ كىيىمى،
گويا يۇمشاق تەلەڭگىدەك تىك تۇرغان.
بىراق بۇ پەيت، ھەرگىز قۇلاق تۈۋىڭدە،
چىقارمايمەن «سۇ»، « ھور» دېگەن سۆزلەرنى.
تۇرمۇش رەزىل كېسەللەردەك ئۆكسۈسەم،
ھەسرەت ئوقار يامغۇر يازغان شېئىرنى.
ئاجىز كۈچنىڭ ئادەتلىرى چىدامچان،
يەردە يېتىپ دەۋرەپ يىغلار شۇ ھامان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-6 00:40